大数跨境

بىز نېمە ئۈچۈن ياخشى كۆرىدىغان ئادەمدىن ئايرىلىپ كېتىمىز؟

بىز نېمە ئۈچۈن ياخشى كۆرىدىغان ئادەمدىن ئايرىلىپ كېتىمىز؟ NepKan
2022-05-25
1
导读:ھەقىقىي مۇھەببەت كونكرېت ئادەمگە قارىتىلغانمۇ ياكى ئابستراكىت ئادەمگە قارىتىلغانمۇ؟

ئالاھىدە تەۋسىيە: 

بۇ يەرنى بېسىپ ھادىسە تۈسىنى ئالغان نادىر كىتاب «ئىقتىساد تەپەككۇرى»نى ئوقۇڭ!
بۇ يەرنى بېسىپ ئىگىلىك تىكلەش دەستۇرى دەپ ئاتالغان نادىر كىتاب «0 دىن 1 گە» نى ئوقۇڭ!
بۇ يەرنى بېسىپ «ئۆزۈڭ ياخشى كۆرگەنگە ئۆزۈڭنى قەدىرلەت! (ئەڭ يېڭى كىتاب)» دېگەن كىتابنى كۆرۈڭ!
بۇ يەرنى بېسىپ «بىر يىلىڭىزدىن 8760 سائەت» ناملىق كىتابنى ئوقۇڭ!
بۇ يەرنى بېسىپ «ھاياتلىقتىكى 84000 خىل ئېھتىماللىق» دېگەن كىتابنى ئوقۇڭ!
بۇ يەرنى بېسىپ «كەلگۈسى ئۈچۈن يېزىلغان خەتلەر» ناملىق كىتابنى ئوقۇڭ!
بۇ يەرنى بېسىپ «باي دادام: مالىيە ئىدراكىڭىزنى ئۆستۈرۈڭ!» ناملىق كىتابنى ئوقۇڭ!
---

كۆپ قىسىم كىشىلەر كونكېرىت ئادەملەرنى ياخشى كۆرەمدۇ ياكى ئابىستىراكىت ئادەملەرنى ياخشى كۆرەمدۇ؟
كۆپ قىسىم ئادەملىرىمىز پەقەت بىرلا كونكېرىت ئادەمنى ياخشى كۆرىدۇ، ئۇ بولسىمۇ ئۆزى.
ئەتراپىمىزدىكى كونكرېت ئادەملەرگە نىسبەتەن، بىز دائىم بەك بىزار بولىمىز. بىز ھەمىشە ئابستراكىت ئادەمنى ياخشى كۆرىمىز، ئابستراكىت ئادەمنى قانچە ياخشى كۆرگەنسېرىڭىز، ئەتراپىڭىزدىكى كىشىلەردىن شۇنچە بىزار بولىدىغانلىقىڭىزنى بايقايسىز.
مانا بۇ نېمە ئۈچۈن بۇ دۇنيادا نۇرغۇن كىشىلەرنىڭ ئىنسانىيەتكە بولغان مۇھەببىتىنىڭ تولۇپ تاشقانلىقى، لېكىن ئەتراپىدىكى كىشىلەرگە ئىنتايىن پەرۋاسىز قارايدىغانلىقىنىڭ سەۋەبىدۇر.
سىز ئىنسانلارنى قانچە ياخشى كۆرسىڭىز، ئەتراپىڭىزدىكى كىشىلەرنى ئىنسانلارنىڭ غايە ئۆلچىمىدىن شۇنچە يىراق دەپ قارايسىز. مەسىلەن، ھېلى خورەك تارتقان، ھېلى بۇرنىنى كوچىلاۋاتقان، ھېلى پۇتىنى تاتىلاۋتقان، يەنە كېلىپ ئۆزىڭىز شۇنداق ئادەم بىلەن بىر ياتاقتا تۇرىۋاتقان، شۇنداقمۇ؟
ھەقىقىي مۇھەببەت كونكرېت ئادەمگە قارىتىلغانمۇ ياكى ئابستراكىت ئادەمگە قارىتىلغانمۇ؟
ئېنىقكى، چوقۇم كونكرېت ئادەمگە قارىتىلغان.
بۇ دۇنيادا نۇرغۇن پەيلاسوپلار ئابستراكىت ئادەملەرنى بەك ياخشى كۆرىدۇ. لېكىن كونكرېت شەخسلەرنىڭ ھەممىسىگە بەك ئۆچ.
ئەڭ تىپىك ئادەم پەيلاسوپ رۇسسو. رۇسسو «ئىنسانلار ئارىسىدىكى باراۋەرسىزلىكنىڭ كېلىپ چىقىشى توغرىسىدا» دېگەن بىر كىتابنى يازغان بولۇپ، ئۇ بۇ دۇنيادا ئازاب چەككەن كىشىلەرنىڭ بارلىقىنى ئويلىسىلا كۆز يېشى قىلاتتى. ئۇ يەنە «يېڭى ئاللوئىس ئەمىر» دېگەن كىتابنى يېزىپ، ھازىرقى زامان پېداگوگىكىسىنىڭ پىرىنسىپىنى بەرپا قىلغان، ئۇ ھازىرقى زامان پېداگوگىكىسىنىڭ باشلامچىسىدۇر.
ئەمما رۇسسونىڭ بەش بالىسى بولۇپ، ھەممىسى ئاشنىسىدىن تۇغۇلغان. ئۇ بەش بالىنىڭ ھەممىسىنى دارىلئېتامغا ئاپىرىپ بەرگەن، ئۇ ئۆمرىنىڭ ئاخىرىدا «پۇشايمان خاتىرىسى» دېگەن كىتابنى يازغان، راستىنى ئېيتقاندا، بۇ كىتابنى ئوقۇش ئادەمنىڭ كۆڭلىنى ئېلىشتۇرىدۇ، چۈنكى بۇ ھەرگىزمۇ پۇشايمان خاتىرىسى ئەمەس، بۇ ئۆزىنى ئاقلاش خاتىرىسىدۇر.
رۇسسو مۇنداق دېگەن: «مەن نېمىشقا بالامنى دارىلئېتامغا ئاپىرىپ بېرىمەن؟ ئامال يوق، مەن ئىنسانلارنى سۆيۈش بىلەن ئالدىراش، بالىنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئېلىشقا نەدىمۇ ۋاقتىم بولسۇن؟ مەن ئۇلار (ئىنسانلار)نى سۆيۈشۈم كېرەك.»
كۆپچىلىك بۇ كىتابنى ئوقۇسا ھەقىقەتەن رۇسسونىڭ تولىمۇ ساختىپەز، ساختا ئالىيجاناپ ئىكەنلىكىنى ھېس قىلىشىدۇ.
گەپ شۇ يەردىكى، نۇرغۇن كىشىلەر، نۇرغۇن زىيالىلار ئەنە شۇنداق ساختا ئالىيجاناپلىق خۇسۇسىيەتلەرگە ئىگە.
ھەقىقىي مۇھەببەت ئابستراكت كىشىلەرگە ئەمەس، بەلكى كونكرېت كىشىلەرگە قارىتىلىدۇ.
كونكرېت ئادەملەرنىڭ ھەممىسىدە پۇراق بار. سىز يۇيۇنمىسىڭىز، بەدىنىڭىزدە پۇراق بولىدۇ، يۇيۇنسىڭىزمۇ سىزدە پۇراق بولىدۇ. سىزنىڭ چېچىڭىز قارىماققا چىرايلىق ئەمەس ئىكەن. سىزنىڭ P رەسىمىڭىز (كىرىشتۈرۈلگەن رەسىم) بىلەن ھەقىقىي رەسىمىڭىزنىڭ قايسىسى چىرايلىق؟ چوقۇم P رەسىم كىشىنى زوقلاندۇرىدۇ، توغرىمۇ؟ سىز سىنچىلاپ قارىسىڭىز ئۇنىڭ بىر پارچە P نىڭ رەسىمى ئىكەنلىكىنى بايقايسىز. شۇڭا كىشىلەردە بۇنداق يېنىدىكى ئادەمدىن بىزار بولۇش تۇيغۇسى مەۋجۇت بولغاچقا، كىشىلەر ئۆزى ياخشى كۆرگەن ئادەمدىن ئايرىلىپ كېتىدۇ.

---

تۆۋەندىكى يازمىلار سىزگە زور نەپ بېرىشى مۇمكىن:

1. 2022-يىللىق ئەڭ قاتتىق نازارەتلىك باشقۇرۇش: 2022-يىلى باج تۈزۈلمىسىدە قانداق ئۆزگىرىش بولىدۇ؟

2. 1997-يىللىق ئاسىيا پۇل-مۇئامىلە كىرىزىسى ئېسىڭىزدىمۇ؟ بۇ قېتىملىق كىرىزىس قانداق كېلىپ چىققان؟

3. دوللارغا ئۆسۈم قوشۇلسا قانداق ئاقىۋەت كېلىپ چىقىدۇ؟ دۆلىتىمىز قانداق تاقابىل تۇرىدۇ؟ شەخسكە قانداق تەسىرى بار؟

4. «مەملىكەت بويىچە بىرلىككە كەلگەن چوڭ بازار» سىياسىتىنى قانداق چۈشىنىمىز؟

5. «مەملىكەت بويىچە بىرلىككە كەلگەن چوڭ بازار» ۋە شەخسنىڭ پۇرسىتى

6. «ئورتاق بېيىش» زادى قانداق گەپ؟ «ئورتاق بېيىش»نىڭ ئادەتتىكى خەلققە قانداق تەسىرى بار؟

7. سىياسىي بىيرونىڭ ئىقتىساد خىزمىتى يىغىنى ۋە 2022-يىللىق ئىقتىساد يۈزلىنىشى

8. دۇنياغا تەسىر كۆرسەتكەن داڭلىق شەخسلەرنىڭ نادىر نوتۇقلىرى

9. ئۆتكەن 5000 كۈندىكى ئۆزگىرىشلەر ۋە كەلگۈسى 5000 كۈندىكى ئۆزگىرىش قىياسى

10. ياپونىيە نېمىشقا ئۆزىنىڭ ئىقتىسادىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشقا جۈرئەت قىلالمايدۇ؟

11. ھەر قانداق ئادەم بىلىشكە تېگىشلىك ئىنتېرنېت تارىخى: ياخۇنىڭ 100 مىليارد دوللارلىق قىممىتىدىن ۋەيران بولغۇچە!

12. تىليونېر: ئېلون ماسكنىڭ شۇنچە زور ئۇتۇق قازىنىشىدىكى سىرى نېمە؟

13. سۈنئىي ھەمراھ زەنجىرى پىلانى ۋە يەر شارىغا يېقىن ئوربېتا بايلىقىنى تالىشىش جېڭى

14. ئىقتىساد ۋە بىز: سىياسىي بىيرونىڭ 2022-يىللىق ئىقتىساد يىغىنى تەھلىلى

15. ئىقتىساد ۋە بىز: مەركەزنىڭ 2022-يىللىق ئىقتىساد يىغىنى--يۈزلىنىش ۋە پۇرسەتلەر

【声明】内容源于网络
0
0
NepKan
竭尽为您解忧,关注我们,解您的忧!
内容 296
粉丝 0
NepKan 竭尽为您解忧,关注我们,解您的忧!
总阅读206
粉丝0
内容296