大数跨境

بىر مېكىيان ئارقىلىق پۇل مۇئامىلە ئالدامچىلىقىنى پەرقلەندۈرۈش!

بىر مېكىيان ئارقىلىق پۇل مۇئامىلە ئالدامچىلىقىنى پەرقلەندۈرۈش! NepKan
2022-03-05
1
导读:پۇل مۇئامىلە كەسپى ئالدامچىلارنىڭ زىچلىقى ئەڭ يۇقىرى كەسىپ ھېسابلىنىدۇ.

كۆپچىلىك ياخشىمۇسىلەر، يازما باشلىنىشتىن بۇرۇن كۆپچىلىككە بىر ئىشتا ئەسكەرتىش بەرمەكچىمەن: سالوننىڭ يوللاش قائىدىسى ئۆزگەرتىلگەن بولغاچقا، ئەگەر『在看』نى چېكىۋەتمىسىڭىز ياكى『星标』بەلگىسى قويۇلمىسا، يوللانغان سەرخىل يازمىلارنى كۆرەلمەسلىكىڭىز مۇمكىن! ئەگەر مەزكۇر سالوننىڭ سەرخىل مەزمۇنلىرىنى قولدىن بېرىپ قويۇشنى خالىمىسىڭىز، ئۈستى تەرەپتىكى «Nepkan» دېگەن كۆك خەتنى چېكىپ، ئاندىن ئوڭ تەرەپ ئۈستى بۇرجىكىدىكى «...» نى چەككەندىن كېيىن『设为星标』قىلىپ تاللاڭ. كۆپچىلىكنىڭ كۆڭۈل بۆلگىنىگە يەنە بىر قېتىم رەھمەت ئېيتىمەن!
---
كەسپىي پۇل مۇئامىلە ساھەسىنىڭ يۈرۈشۈش ئەندىزىسى ئەمەلىيەتتە دەسلەپكى چاغلاردىكى كوچا سەنئەتكارلىرى بىلەن كۆپ ئوخشاشلىققا ئىگە بولۇپ، گەپدانلىقىغا، تېخنىكىغا، لايىھەگە تايىنىپ، تۈزلەڭلىكتىن دېڭىز ئادەمگىياسى كولاپ چىقالايدۇ. 
ئۇنداقتا، پۇل مۇئامىلە زادى قانداق پايدا پەيدا قىلىدۇ؟ 
بانكا باشلىقىنىڭ بىر ئوغلى قىزىقىپ دادىسىدىن سوراپتۇ: «دادا، كىشىلەر پۇلنى سىلەرگە ئامانەت قويۇپ، بىر مەزگىلدىن كېيىن يەنە ئېلىپ كېتىدىكەن، ئۇنداقتا سىلەر قانداق پۇل تاپىسىلەر؟» 
بانكا باشلىقى سەل ئويلىنىۋالغاندىن كېيىن، ئوغلىغا توڭلاتقۇدىن بىر پارچە گۆش ئەكەلدۈرۈپ، ئاندىن ئۇنى توڭلاتقۇغا سېلىپ قويۇشنى ئېيتىپتۇ. 
ئوغلى چۈشىنەلمەي ھەيران قاپتۇ، بانكا باشلىقى قاقاھلاپ كۈلۈپ تۇرۇپ: «قارىغىنا، ئالقىنىڭنىڭ ھەممىسى ماي ئىكەن!» دەپتۇ. 
مانا بۇ پۇل مۇئامىلە كەسپىنىڭ پايدا ئېلىش ئەندىزىسىنىڭ ئەڭ ئاممىباب چۈشەندۈرۈلۈشى. 

قانداق قىلغاندا بىر مېكىيان ئارقىلىق پۇل مۇئامىلە ئالدامچىلىقىنى پەرقلەندۈرگىلى بولىدۇ؟ 

ئوچۇقىنى ئېيتقاندا، پۇل مۇئامىلە مۇئامىلىدارلارنىڭ پۇل مۇئامىلە مۈلكى ئۈچۈن قىممىتىنى ساقلايدىغان ۋە ئاشۇرىدىغان مۇلازىمەت بىلەن تەمىنلەيدىغان ھەمدە مەلۇم ھەق ئالىدىغان كەسىپ. بۇ بەلگىلىك خىراجەتنىڭ ئۆلچىمى بولىدۇ، خېرىدارلار مۇلازىمەت بىلەن خىراجەتنى ئۆز ئارا ماسلاشتۇرۇشى كېرەك. ئەگەر سىز بانكىغا بىر مېكىيان ئامانەت قويسىڭىز، بىر يىلدىن كېيىن ئىككى توخۇ پاچىقىنىڭ مۇلازىمەت ھەققىگە تۇتۇپ قېلىنغانلىقىنى بايقىسىڭىز، تۈگىشىپ كەتمەمسىز؟ ئەگەر بۇ مىكيان بىر يىلدا 10 تۇخۇم تۇغسا، بانكا بىر تۇخۇمنى مۇلازىمەت ھەققىگە تۇتۇپ قالسا، سىز ئەكسىچە ناھايىتى مۇۋاپىق ھېس قىلىسىز. 
بۇ مېكىيان كۆپچىلىككە پۇل مۇئامىلە ئالدامچىلىقىنى قانداق پەرقلەندۈرۈشنى ئۆگىتىدۇ. 
بىرىنچى، قولىڭىزدا بىر مىكيان بار، كۈندە يەم بېرىپ، توخۇ كاتىكىنى تازىلاپ، كۈندە بىر تۇخۇم يىغىسىز. بۇ چاغدا بىرسى كېلىپ: «توخۇنى ماڭا ئامانەت قويسىڭىز، ھېچقانداق ھەق ئالماي، ھەر كۈنى سىزگە تۇخۇم بېرىپ، بىر يىلدىن كېيىن توخۇنى قايتۇرۇپ بېرىمەن.» دەپ نەسىھەت قىلسا بۇ ئالدامچىدۇر! 
ھېچقانداق ھەق ئېلىنمايدىغان پۇل مۇئامىلە مۇلازىمىتى بولسا، سىزنىڭ مال-مۈلۈكىڭىزنىڭ ئايلىنىشى بىلەن نورمىدىن ئارتۇق پايدىغا ئېرىشكىلى بولىدۇ، لېكىن مېكىيان بىر كۈندە بىر تۇخۇم تۇغىدۇ، بۇ تۇخۇمنى يەنە سىزگە قايتۇرۇپ بېرىدۇ، بۇ ئادەم سىزنىڭچە ئەخمەقمۇ؟ شۇڭا ئالدامچىلار سىزنىڭ مېكىيانلىرىڭىزنىڭ پېيىغا چۈشكەن بولىدۇ. 
ئىككىنچى، سىزدە بىر مېكىيان بار، كۈندە بىر تۇخۇم تۇغىدۇ. بۇ چاغدا بىرەيلەن كېلىپ سىزگە: «توخۇنى ماڭا ئامانەت قويسىڭىز، بىر يىلدىن كېيىن يەنە مىڭ تۇخۇم بىلەن ھېلىقى مېكىياننى قايتۇرۇپ بېرىمەن.» دېسە، بۇ ئېنىقلا ئالدامچى! 
بارلىق پۇل مۇئامىلە كارخانىلىرىنىڭ مەبلەغ سېلىشى بازار قانۇنىيىتىگە ئۇيغۇن كېلىدۇ، ئاتالمىش يۇقىرى ئۆسۈم، يۇقىرى پايدا، بولۇپمۇ ھەددىدىن زىيادە يۇقىرى پۇل مۇئامىلە مەھسۇلاتلىرىدىن ئېھتىياي قىلىش كېرەك، ئۇ چوقۇم ئالدامچىلىق. 

ئۈچىنچى، سىزدە بىر مىكيان بار، تولىمۇ ئەپسۇس، ئۇ تۇخۇم تۇغمىسا، ھامان بىر كۈنى ئۆزىنىڭ ھاياتىنى بەدەل قىلىدۇ. ئەگەر بىرى كېلىپ سىزگە: «توخۇنى ماڭا ئامانەت قويسىڭىز، ئاتا-بوۋامدىن قالغان مەخپىي رېتسىپى بۇ توخۇنىڭ تۇخۇم تۇغۇشىغا كاپالەتلىك قىلىدۇ، بۇنىڭ ئالدىنقى شەرتى سىز كاپالەت پۇلى، زاكالەت پۇلى، مۇددىئا پۇلى قاتارلىقلارنى تاپشۇرۇشىڭىز كېرەك.» دېسە بۇ ئېنىقلا ئالدامچى! 
ھەر خىل چىقىملارنى مۇددەتتىن بۇرۇن تۆلەيدىغان ئاتالمىش مەبلەغ سېلىشتا چوقۇم ئېھتىياتچان بولۇش كېرەك. توردا شۇنچىلىك كۆپ مىساللار بار، سىزنى پاي چېكى ئوينىتىدىغان، بايلىق ئەركىنلىكىنى ئىشقا ئاشۇرىدىغان، ئەمما ئالدى بىلەن ھەرخىل ھەقلەرنى تۆلەشنى تەلەپ قىلىدىغان. ئەمما سىز شۇنداق پۇل تېپىش خىيالىغا غەرق بولغان ۋاقتىڭىزدا، ئۇلار سەزدۈرمەي سىزنىڭ يانچۇقىڭىزنى قۇرۇقداپ قويىدىغان.
تۆتىنچى، سىزدە بىر مېكىيان بار، كۈندە بىر تۇخۇم تۇغىدۇ. بۇ چاغدا بىرەيلەن كېلىپ سىزگە: «بىر قاتار لايىھەنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، ئالدى بىلەن مېكىياننىڭ مەشغۇلات ۋاقتىنى ئۆزگەرتىپ، ئۈچ ۋاق تاماقنى تەڭشەپ، ئاندىن ھەر خىل قۇۋۋەت بۇيۇملىرىنى بېرىپ، ئاخىرىدا راكېتا ئارقىلىق مېكىياننى ئالەم بوشلۇقى پونكىتىغا قويۇپ بېرىپ، ئالەم رادىياتسىيەسى ئارقىلىق ئۇنىڭ گېنىنى ياخشىلايمىز، بىر يىلدىن كېيىن مېكىيان كۈندە ئىككى قېتىم تۇخۇم تۇغىدۇ.» دېسە بۇ ئالدامچى! 
پۇل مۇئامىلە لوگىكىسى ئەمەلىيەتتە ناھايىتى ئاددىي، ئەگەر بىر پۇل مۇئامىلە مەھسۇلاتى ناھايىتى مۇرەككەپلەشتۈرۈلسە، ئۇنىڭغا نۇرغۇن ئالدامچىلىق ھېيلە-مېكىرلىرى يوشۇرۇنغان بولىدۇ. ئۇنىڭ ئۈستىگە ئادەمنى ھەيران قالدۇرغىدەك پۇل تاپماق تەس، چۈشەنمىگەندىكىن قارىغۇلارچە مەبلەغ سالماسلىق كېرەك. 
پۇل مۇئامىلە كەسپى ئالدامچىلارنىڭ زىچلىقى ئەڭ يۇقىرى كەسىپ ھېسابلىنىدۇ. شۇڭا بىر يېڭى بېيىش يولى تۇيۇقسىز سىزنىڭ ئالدىڭىزدا پەيدا بولغاندا، ئەڭ ياخشىسى ھېلىقى مېكىياننىڭ بىخەتەرلىكىنى كۆپرەك ئويلىشىپ، ئاندىن بىر قارارغا كېلىڭ. 
بۇ يەرنى بېسىپ «دەۋر تەرەققىياتى، ئىقتىساد يۈزلىنىشى ۋە كەلگۈسىدىكى بىز!» دېگەن يازمىنى كۆرۈڭ!
بۇ يەرنى بېسىپ «خېڭدانىڭ كىرىزىس ۋەقەسى ۋە بۇنىڭدىن كېيىنكى ئىقتىساد يۈزلىنىشى!» دېگەن يازمىنى كۆرۈڭ!
-----
تەۋسىيە كىتاب: شۆ جاۋفېڭ «ئىقتىساد تەپەككۇرى»
ئەگەر مەزكۇر كىتابنىڭ تولۇق مەزمۇنىغا قىزىقسىڭىز تۆۋەندىكى ئىككىلىك كودنى سىكاننېرلاپ مەزكۇر كىتابنىڭ ئۇيغۇرچە ئېلېكىتىرونلۇق نۇسخىسىنى ئوقۇڭ!


【声明】内容源于网络
0
0
NepKan
竭尽为您解忧,关注我们,解您的忧!
内容 0
粉丝 0
NepKan 竭尽为您解忧,关注我们,解您的忧!
总阅读0
粉丝0
内容0