大数跨境

سۈنئىي ئەقلىي ئىقتىدار (AI) ئارقىلىق يالىڭاچلىۋېتىش مەسىلىسى

سۈنئىي ئەقلىي ئىقتىدار (AI) ئارقىلىق يالىڭاچلىۋېتىش مەسىلىسى NepKan
2022-01-28
2
导读:بۈگۈن بىز ئىنتايىن يۇقىرى تېخنىكىلىق بىر مەسىلىنى سۆزلەيمىز، ھېچ بولمىغاندا بۇ مەن ئۈچۈن يۇقىرى تېخن

كۆپچىلىك ياخشىمۇسىلەر، يازما باشلىنىشتىن بۇرۇن كۆپچىلىككە بىر ئىشتا ئەسكەرتىش بەرمەكچىمەن: سالوننىڭ يوللاش قائىدىسى ئۆزگەرتىلگەن بولغاچقا، ئەگەر『在看』نى چېكىۋەتمىسىڭىز ياكى『星标』بەلگىسى قويۇلمىسا، يوللانغان سەرخىل يازمىلارنى كۆرەلمەسلىكىڭىز مۇمكىن! ئەگەر مەزكۇر سالوننىڭ سەرخىل مەزمۇنلىرىنى قولدىن بېرىپ قويۇشنى خالىمىسىڭىز، ئۈستى تەرەپتىكى «Napkan» دېگەن كۆك خەتنى چېكىپ، ئاندىن ئوڭ تەرەپ ئۈستى بۇرجىكىدىكى «...» نى چەككەندىن كېيىن『设为星标』قىلىپ تاللاڭ. كۆپچىلىكنىڭ كۆڭۈل بۆلگىنىگە يەنە بىر قېتىم رەھمەت ئېيتىمەن!
---
كۆپچىلىك ياخشىمۇسىلەر، بۈگۈن بىز ئىنتايىن يۇقىرى تېخنىكىلىق بىر مەسىلىنى سۆزلەيمىز، ھېچ بولمىغاندا بۇ مەن ئۈچۈن يۇقىرى تېخنىكىلىق مەسىلە. 
يېقىندا بىرەيلەن توردا كۈچلۈك بىر تېخنىكىنى ئېلان قىلغان بولۇپ، بۇ تور بېكىتىدە، ھەر قانداق ئىشلەتكۈچى رەقەم قاتلىمىدىن ئاسانلا باشقىلارنىڭ كىيىمىنى سالدۇرۇپ، يالىڭاچلىۋېتەلەيدىكەن. كىيىمى سېلىنىۋېتىدىغىنى ئادەتتە ئاياللار بولۇپ، مەزكۇر تور بېكەتنىڭ تونۇشتۇرۇشىغا ئاساسلانغاندا، ئۇلارنىڭ كۆڭۈل بۆلىدىغىنى تېخنىكا ئارقىلىق ئىنسانلارنىڭ ئارزۇسىنى رېئاللىققا ئايلاندۇرۇش ئىكەن. 
بۇ تور بېكەتنى ئىشلىتىلىش ناھايىتى ئاددىي بولۇپ، پەقەت ئىشلەتكۈچىلەر ئۆزى تاللىغان، رەتلىك كىيىنگەن ئاياللارنىڭ سۈرىتىنى شۇ تور بېكەتكە يوللىسىلا، بىر نەچچە سېكۇنت ئىچىدە تور بېكەت ئۇلارغا ھەقسىز شۇ ئايالنى يالىڭاچلاپ بېرىدۇ. 
ئەمما كۆپچىلىكچىلىكنىڭ ئېتىراز بىلدۈرۈشى بىلەن، بۇ تور بېكەت تاقالدى. لېكىن بىر كۈنگە يەتمىگەن ۋاقىت ئىچىدە، بۇ تور بېكىتى ھەق ئېلىش ئەندىزىسى بىلەن قايتىدىن نورماللاشتى. ھەق ئېلىش ئەندىزىسى ئاستىدا، چوڭقۇر ئويدۇرۇپ چىقىرىلغان، يۇقىرى سۈزۈكلۈكتىكى يالىڭاچ سۈرەتكە ئېرىشىش ئۈچۈن پەقەت 0.3 ئامېرىكا دوللىرى كېتىدۇ، بۇ يىلنىڭ بېشىدىن ھازىرغىچە، بۇ تور بېكەتنىڭ چېكىلىش مىقدارى 38 مىليوندىن ئاشتى. 
شۇڭا كۆپچىلىك بۇ تېخنىكىدا نۇرغۇن يامان غەرەزلەرنىڭ بارلىقىنى، خىزمەتداشلار، قوشنىلار، ئىلگىرىكى ئايالى (ئاجرىشىپ كەتكەن)، ھەتتا خالىغانچە سۈرەتكە ئېلىۋالغان يولۇچىلارنىڭ ھەممىسىنى ۋەيران قىلىۋېتىشى مۇمكىنلىكىنى كۆرۈۋالالايدۇ. ئەگەر بۇ تور بېكەتنى خالىغانچە ئىشلەتكىلى بولسا، كۆپچىلىك قەلبىڭىزنى تىڭشاپ بېقىڭ، سىز ئىشلىتەلەمسىز؟ 
بىر قانچە تاللاش تۈرى بار: A، ئەزەلدىن ئىشلەتمەيمەن؛ B، ئانچە-مۇنچە ئىشلىتىپ قويىمەن؛ C، دائىم ئىشلىتىمەن.
كۆپچىلىك قايسىسىنى تاللايسىلەر؟ 
بۇ خىل تور بېكەتلىرىگە ئىشلىتىلگەن تېخنىكا ئەمەلىيەتتە ئاتالمىش چوڭقۇر ئويدۇرۇش (深度伪造)تىن ئىبارەت. مەن بۇ مەسىلىگە تۇنجى قېتىم كۆڭۈل بۆلگەن ۋاقتىم 2017-يىلى 8-ئاي بولۇپ، شۇ ۋاقىتتا ZAO دەپ ئاتىلىدىغان بىر سىرلىق چىراي ئالماشتۇرۇش يۇمشاق دېتالى ئېلان قىلىنىپ، تېز سۈرئەتتە پۈتۈن مەملىكەتنىڭ تورىنى قاپلىدى. كېيىن تېخنىكىدىن پايدىلىنىپ چىرايى ئالماشتۇرۇلغان چولپانلارنىڭ نۇرغۇن شەھۋانىي فىلىملىرى ئامېرىكىنىڭ قىزىل تەگلىك تورىدا تارقىلىپ، ھەر ساھەنىڭ دىققىتىنى قوزغىدى. 
2018-يىلى 1-ئايغا كەلگەندە، بۇنداق چوڭقۇر ساختا تېخنىكا قوللىنىش پروگراممىسىمۇ رەسمىي يولغا قويۇلدى، ئادەتتىكى كىشىلەرمۇ چىراي ئالماشتۇرۇشنى سىناپ باقسا بولىدىدىغان بولدى، چىراي ئالماشتۇرۇش ئوبيېكتىمۇ تېز سۈرئەتتە چولپان، سىياسەتۋازلاردىن كىشىلەرنىڭ دوستلىرى، ساۋاقداشلىرى ۋە خىزمەتداشلىرىغا كېڭەيدى. ئادەتتىكى كىشىلەرنىڭ بۇنى پەرقلەندۈرۈشى ۋە بايقىشى بەك تەس. 
ئېيتىشلارغا قارىغاندا، شىۋېيتسارىيەدىكى بەزى ئالىملار ئەڭ كۈچلۈك چىراي پەرقلەندۈرۈش سىستېمىسى ئارقىلىق چىراي ئالماشتۇرۇش ۋىدېئوسىنى پەرقلەندۈرۈشنى سىناق قىلغان، نەتىجىدە توغرىلىق نىسبىتىنىڭ %95 كە يېتىدىغانلىقى بايقالغان بولۇپ، راست-يالغانلىقىنى پەرقلەندۈرۈش ناھايىتى تەس ئىكەن. 
2019-يىلى، ئامېرىكا ھەتتا بەزى شىركەتلەر چوڭقۇر ئويدۇرۇش تېخنىكىسىنى قوللىنىپ، چىقىمدان ۋە ئۈندىدارنىڭ چىقىم قىلىش تەرتىپىنى قالايمىقانلاشتۇرۇپ، ئايرودرومدىكى ئاپتوماتىك تېرمىناللارنىڭ تەكشۈرۈشىدىن ئوڭۇشلۇق ئۆتكەن. لېكىن بۇ چىراي ئالماشتۇرۇش سىنىنىڭ يالغاننى راست قىلىش مەقسىتىگە يېتىشى ئۈچۈن، يەنە ئاۋاز بىر تەرەپ قىلىش تېخنىكىسىنىڭ قوللىشىغا مۇھتاج. 

ھازىر سۈنئىي ئەقلىي ئىقتىدار تېخنىكىسىنىڭ تەرەققىي قىلىشىغا ئەگىشىپ، نۇرغۇن يۇمشاق دېتاللار تەقلىدىي تاۋۇش ھاسىل قىلىش ئىقتىدارىنى ھازىرلىدى، بۇ ئاۋازدىمۇ ساختا بىلەن راستنى ئايرىغىلى بولمايدۇ، شۇڭا 2018-يىلى 4-ئايدا بەزىلەر ئوبامانىڭ چىراي ئۆزگەرتكەن سىنىنى ئىشلىگەن، سىن كۆرۈنۈشىدە ئوباما ئامېرىكىنىڭ شۇ چاغدىكى زۇڭتۇڭى تىرامپنى سېپى ئۆزىدىن دۆت دەپ ئاتىغان.
شۇ يىلى 5-ئايدا، يەنە بەزىلەر بۇ تېخنىكىدىن پايدىلىنىپ تىرامپنىڭ سىن كۆرۈنۈشىنى ئىشلەپ، بېلگىيەنىڭ مۇھىت ئاسراش سىياسىتىنى تەنقىد قىلغان، بېلگىيەدىكى ئامما بۇنىڭغا ئىشىنى كېتىپ، دىپلوماتىيە كىرىزىسىنى كەلتۈرۈپ چىقارغىلى تاس قالغان. 
شۇڭا، چوڭقۇر ئويدۇرۇپ چىقىرىشقا قارىتا قانۇن ئەلۋەتتە بەزى ئىشلارنى قىلىشى كېرەك، مەسىلەن، ئامېرىكىدا «چوڭقۇر ئويدۇرۇپ چىقىرىش مەسئۇلىيەت قانۇن لايىھەسى» دەپ ئاتىلىدىغان قانۇن بولۇپ، كۆپ خىل قانۇن بىر تەرەپ قىلىش ۋاسىتىلىرىنى بەلگىلىگەن. مەسىلەن، قانۇن لايىھەسىدە چوڭقۇر ئويدۇرۇپ چىقىرىلغان سىنغا چوقۇم « چوڭقۇر ئويدۇرۇپ چىقىرىلغان» دېگەن سۇ باسما تامغىسى بېسىشى، كۆپچىلىككە بۇنىڭ ئويدۇرۇپ چىقىرىلغان ئىكەنلىكىنى ئېيتىپ بېرىش كېرەكلىكى بەلگىلەنگەن.
قانۇن لايىھەسىدە يەنە ئويدۇرغۇچىلار ئۈستىگە ئېلىش مۇمكىنچىلىكى بولغان جىنايى ئىشلار ۋە ھەق تەلەپ جاۋابكارلىقى، جىنايى ئىشلار جاۋابكارلىقى، ھەتتا ئەڭ يۇقىرى بولغاندا بەلگىلەنگەن بەش يىللىق مۇددەتلىك قاماق جازاسى تەپسىلىي بەلگىلەنگەن، مەسىلەن، ئەسەرگە سۇ باسما بەلگىسى بېرىلمىگەن بولسا، بۇ سىننى تارقىتىشتىكى مەقسىتى باشقىلارنى  ھاقارەتلەش، باشقىلارنى ساختا شەھۋانىي يالىڭاچ سىن كۆرۈنۈشى بىلەن تەمىنلەش ياكى دىپلوماتىيە توقۇنۇشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىش، سىياسىي ھەرىكەتكە كاشىلا قىلىش ياكى سايلامغا تەسىر كۆرسىتىش قاتارلىقلارغا ئەڭ يۇقىرى بولغاندا بەش يىللىق قاماق جازاسى بېرىش بېكىتىلگەن.
دۆلىتىمىز ئەمەلىيەتتە مۇشۇنىڭغا ئوخشاش قانۇن چىقارغان، ئۇنداقتا ئالدى بىلەن «ھەق تەلەپ قانۇن دەستۇرى»نىڭ 1019-ماددىسىدا: « ھەرقانداق تەشكىلات ياكى شەخسنىڭ خۇنۈكلەشتۈرۈش، بۇلغاش ياكى ئۇچۇر تېخنىكىسى ۋاسىتىسىدىن پايدىلىنىپ ئويدۇرۇپ چىقىرىش قاتارلىق ئۇسۇللار ئارقىلىق باشقىلارنىڭ سۈرەت ھوقۇقىغا زىيان سېلىشىغا يول قويۇلمايدۇ. سۈرەت ھوقۇقدارىنىڭ سۈرىتىنى ئۇنىڭ ماقۇللۇقىنى ئالماي تۇرۇپ ياساش، ئىشلىتىش ۋە ئاشكارىلاشقا يول قويۇلمايدۇ، لېكىن قانۇندا ئايرىم بەلگىلەنگەنلىرى بۇنىڭ سىرتىدا. 
سۈرەت ئەسىرىنىڭ ھوقۇقدارى سۈرەت ھوقۇقدارىنىڭ ماقۇللۇقىنى ئالماي تۇرۇپ، ئۇنىڭ سۈرىتىنى ئېلان قىلىش، كۆپەيتىش، تارقىتىش، ئىجارە بېرىش، كۆرگەزمە قىلىش قاتارلىق ئۇسۇللار بىلەن ئىشلەتسە ياكى ئاشكارىلىسا بولمايدۇ.» دەپ بەلگىلەنگەن. 
ئىككىنچىدىن، مەمۇرىي قانۇن-نىزاملاردىكى بەلگىلىمىلەر بويىچە، 2019-يىلى تور ئۇچۇرى ئىشخانىسى، رادىيو-كىنو-تېلېۋىزىيە باش ئىدارىسى تور ئۈن-سىن ئۇچۇر مۇلازىمىتى بەلگىلىمىسىنى ئوتتۇرىغا قويدى. بۇ بەلگىلىمىدە چوڭقۇر ئويدۇرۇش تېخنىكىسى توغرىسىدا بەلگىلىك بەلگىلىمىلەر چىقىرىلغان بولۇپ، سۇ باسما بەلگە سېلىش مەجبۇرىيىتى، تېخنىكا كاپالىتى مەجبۇرىيىتى، يوللاشنى توختىتىش مەجبۇرىيىتى ۋە زۆرۈر مېخانىزم قاتارلىق كۆپ تەرەپلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. 
جىنايى ئىشلار قانۇنىدا، بىزنىڭمۇ بىر قاتار جىنايەت ناملىرىمىز بار، ئاساسلىقى سىزنىڭ دەخلى-تەرۇز قىلغان ئوبيېكتىڭىزغا قارايدۇ، ئەگەر ئۇنىڭ نام-شۆھرەت ھوقۇقىغا دەخلى-تەرۇز قىلىنسا، ھاقارەتلەش جىنايىتى، تۆھمەت قىلىش جىنايىتى بولىدۇ. ئەگەر جەمئىيەت تەرتىپىنى قالايمىقانلاشتۇرسا، ساختا ئۇچۇر تارقىتىش جىنايىتى ياكى ساختا تېررورلۇق ئۇچۇرى تارقىتىش جىنايىتى بار. يەنە مەسىلەن، ئەگەر بەزى شەھۋانىي ئۇچۇرلار بولسا، خۇددى بىز بايا ئېيتىپ ئۆتكەن كىيىم سالدۇرۇش تور بېكىتىگە ئوخشاش، ئۇ تىپىك شەھۋانىي بۇيۇملارنى تارقىتىش جىنايىتى ياكى شەھۋانىي بۇيۇملارنى تارقىتىپ پايدا ئېلىش جىنايىتى بولىدۇ، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا يەنە باشقىلارنى ھاقارەتلەش جىنايىتىنى شەكىللەندۈرىدۇ. 
تېخنىكا ئەزەلدىن بىتەرەپ ئەمەس، ئۇ قىممەتكە ئىگە. شۇڭا، گەندى مۇنداق دېگەن: «ئىنسانلارنى ۋەيران قىلىدىغان يەتتە خىل شەيئىنىڭ ئىچىدە ئادىمىيلىك ئىلمى بارمۇ يوق؟ يەنە بىر خىلى ھەق-ناھەقنى ئايرىمايدىغان بىلىم بارمۇ يوق؟ دېگەنگە قاراش كېرەك.» 
نۇرغۇن كىشىلەر دائىم قانۇنغا نىسبەتەن بىر خىل خاتا تۇيغۇ پەيدا قىلىپ، قانۇننى ئەركىنلىكتىن مەھرۇم قىلغۇچى، دەپ قارايدۇ. لېكىن كۆپچىلىك ئويلاپ بېقىڭلار، ماشىنىنى قانداق ھەيدىگۈسى كەلسە شۇنداق ھەيدىگىلى بولامدۇ ياكى قاتناش قائىدىسىگە رىئايە قىلىپ ھەيدىسە ماشىنا ھەيدەش ئەركىنلىكىدىن تېخىمۇ بەھرىمەن بولغىلى بولامدۇ؟ 
مانا بۇ نېمە ئۈچۈن مونتېسكيۇ «ئەركىنلىك ھەرگىزمۇ چەكلىمىسىز بولمايدۇ، ئەركىنلىك بىر خىل قانۇن يول قويغان ھەر قانداق ئىشنى قىلىش ھوقۇقىدۇر.» دېگەن.
شۇڭا، قانۇن ئەزەلدىن ئەركىنلىكتىن ئۈزۈل-كېسىل مەھرۇم قىلىش ئەمەس، بەلكى قائىدە تەسىس قىلىش ئارقىلىق بىزنىڭ ئەركىنلىكىمىزگە كاپالەتلىك قىلىدۇ.
ئەركىنلىك ئەمەلىيەتتە ئىككى خىل بولىدۇ، بىر خىلى ئۆز مەيلىگە قويۇۋېتىش ئەركىنلىكى بولۇپ، نېمە قىلغۇسى كەلسە شۇنى قىلىش؛ ئىككىنچى خىلى، ئۆزىنى تىزگىنلەش ئەركىنلىكى بولۇپ، قىلغۇسى كەلمىسە قىلمىسىمۇ بولىدۇ. 

نۇرغۇن كىشىلەر مېنىڭ «ئەپلاتوننىڭ غايىۋى دۆلىتى»دە ئۈزۈكنىڭ ھېكايىسى دەپ ئاتىلىدىغان بىر مەشھۇر ھېكايە تىلغا ئالغىنىمنى ئاڭلىغان. ئۇ ھېكايىدە بىر سىرلىق ئۈزۈككە ئىگىدارلىق قىلغۇچى يوشۇرۇنالايدۇ، بىر پادىچى بۇ ئۈزۈككە ئېرىشكەندىن كېيىن، ئۈزۈكنىڭ مەخپىيىتىنى بايقاپ قالىدۇ، شۇڭا ئۇ ئۈزۈكنى ئېلىپ خىيالىغا كەلگەننى قىلىدۇ، ئۇ خانىشنى ئازدۇرۇپ، ئەڭ ئاخىرىدا پادىشاھنى ئۆلتۈرۈپ، پادىشاھلىق ھوقۇقىنى تارتىۋالىدۇ. كۆپچىلىكنىڭ بۇ خىل ئۈزۈككە ئېرىشكۈسى بارمۇ؟ 
سىز ئۆزىڭىزنىڭ قايسى تىپقا تەۋە ئىكەنلىكىنى سىناپ باقسىڭىز بولىدۇ.
ئابلەت (ئۆزلەشتۈرگەن ئىسىم) سايلام رىقابىتىدە سىنىپ باشلىقى بولماقچى، ئەلقەم (ئۆزلەشتۈرگەن ئىسىم) ئۇنىڭ ئەڭ چوڭ رىقابەتچىسى، ئابلەت مائۇسنى چېكىپ قويسىلا، ئەلقەمنىڭ يالىڭاچ رەسىمى ھاسىل بولىدۇ. ئابلەت ئۇنى ماقالىگە ماسلاشتۇرۇپ تورغا يوللاپ، ئەلقەمنى ئىجتىمائىي خاراكتېرلىق ۋەيران قىلسا، ھېچ بولمىغاندا قىسقا ۋاقىتلىق ئىجتىمائىي شوك قىلىپ قويۇپ، سايلام رىقابىتىگە قاتنىشىشقا ئامالسىز قالدۇرالايدۇ. 
شۇڭا، بۈگۈنكى تور دۇنياسىدا نۇرغۇن كىشىلەر بۇ خىل ۋاسىتىگە ئىگە بولغان. تورنىڭ نامسىزلىق خاراكتېرى كىشىلەرنىڭ قەلبىدىكى قاراڭغۇلۇقنى زور دەرىجىدە چوڭايتىۋېتىدۇ. نۇرغۇن كىشىلەر توردا ھەر خىل تېخنىكىلاردىن پايدىلىنىپ ھەر خىل قانۇنسىز قىلمىشلارنى يولغا قويىدۇ. 
شۇڭا، بۇ تور تېخنىكىلىرى ئۈزۈككە ئوخشايدۇ، بۇ خىل ئۈزۈكمۇ ئازدۇر-كۆپتۇر خەلققە پايدىلىق بولۇپ، ئۆزىنى يوشۇرالايدۇ، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا باشقىلارغا چوڭ ياكى كىچىك بۇزغۇنچىلىق ئېلىپ كېلىدۇ. بەزىدە سىز توردىن پايدىلىنىپ قەلبىڭىزدىكى قاراڭغۇلۇقتىن پايدىلانسىڭىز، سىزنىڭچە سىز ئەركىنمۇ ياكى قۇل قىلىنغانمۇ؟ 
بەلكىم سىز قەلبىڭىزدىكى ئىستەكنىڭ قۇللۇقىغا ئۇچرىغان بولۇشىڭىز مۇمكىن، سىز ئۆزىڭىزنى ئەركىن ھېس قىلىسىز، ئەمەلىيەتتە كۆپ ھاللاردا كىشەنلەنگەن بولىسىز. 
بىر زەھەر چەككۈچىگە نىسبەتەن ئېيتقاندا، قانچىلىك زەھەر چەكمەكچى بولسا شۇنچىلىك زەھەر چېكىش، ئەركىن بولۇش ئەمەس، بەلكى زەھەر ئۇنىڭ ئالدىغا قويۇلغان بولسا، ئۇ ئۆزىنىڭ زەھەر چەكمەسلىكىنى كونترول قىلالىسا، تېخىمۇ ئەركىن بولۇشى مۇمكىن. 
ئۆزىنى ئىدارە قىلىش ئەركىنلىكى بىلەن ئۆز مەيلىگە قويۇۋېتىش ئەركىنلىكىنىڭ قايسىسى كىشىنى تېخىمۇ تەلپۈندۈرىدۇ؟ قانۇن ئەلۋەتتە ئۆز مەيلىگە قويۇۋېتىش ئەركىنلىكىگە قارىتا بەلگىلىك چەكلىمە قويىدۇ، مەسىلەن، بۇنداق كىيىم سېلىش يۇمشاق دېتالىنى ئىشلىتىشنى چەكلەش ئارقىلىق، قەلبىڭىزدىكى قاراڭغۇلۇقنىڭ ئاپەتكە ئايلىنىپ كەتمەسلىكىگە كاپالەتلىك قىلىپ، شۇ ئارقىلىق قەلبىڭىزدىكى تەلەپچانلىقنى يېتىلدۈرۈشىڭىزگە ياردەم بېرىدۇ. 
ئۆزۈڭگە راۋا كۆرمىگەننى باشقىلارغىمۇ راۋا كۆرمە! 
ئەگەر بىرەرسى بۇ يۇمشاق دېتالنى ئىشلىتىپ سىزنى ياكى سىز ياخشى كۆرىدىغان ئادەمنى يالىڭاچلىۋەتسە، سىز خالامسىز؟ باشقىلارنى ھۆرمەتلىگەندىلا ئاندىن ئۆزىنى ھۆرمەتلىگىلى بولىدۇ. 
كونىلار دائىم «مىڭ ئاڭلىغاندىن بىر كۆرگەن ئەلا!» دەيدۇ. لېكىن، بۇ چوڭقۇر ئويدۇرۇش يۇمشاق دېتاللىرى ئەۋج ئالغان ئەھۋال ئاستىدا، كۆرەلەيدىغىنىمىزنىڭ راست بولۇشى ناتايىن، كۆرەلمەيدىغىنىمىزنىڭمۇ ھەم ساختا بولۇشى ناتايىن، ئادىللىق ۋە ھەققانىيەتنى كۆرگىلى بولمايدۇ، لېكىن ئۇ بەلكىم بىز كۆرەلەيدىغانلىرىمىزدىن تېخىمۇ ھەقىقىي، تېخىمۇ ئىنتىلىشكە ئەرزىيدىغان بولۇشى مۇمكىن. 
قىسقىسى، پەقەت قانۇن ئىدارە قىلىش ئارقا كۆرۈنۈشىدىلا ئاندىن ئەركىنلىككە ئىگە بولغىلى بولىدۇ، ھەمدە بىزنى ئۈزلۈكسىز ھالدا باشقۇرۇلۇش ئارقىلىق ئەركىنلىكتىن ئۆزىمىزنى ئىدارە قىلىشقا يۈزلەندۈرەلەيدۇ.
مەنبە: جۇڭگو سىياسىي قانۇن داشۆسى جىنايى ئىشلار ئەدلىيە شۆيۈەنىنىڭ پىروفېسسورى، جىنايى ئىشلار قانۇنشۇناسلىقى تەتقىقات ئورنىنىڭ باشلىقى لو شياڭنىڭ سىن دەرسلىكىگە ئاساسەن تەرجىمە قىلىندى.

بۇ يەرنى بېسىپ «دەۋر تەرەققىياتى، ئىقتىساد يۈزلىنىشى ۋە كەلگۈسىدىكى بىز!» دېگەن يازمىنى كۆرۈڭ!
بۇ يەرنى بېسىپ «خېڭدانىڭ كىرىزىس ۋەقەسى ۋە بۇنىڭدىن كېيىنكى ئىقتىساد يۈزلىنىشى!» دېگەن يازمىنى كۆرۈڭ!
-----
تەۋسىيە كىتاب: شۆ جاۋفېڭ «ئىقتىساد تەپەككۇرى»
ئەگەر مەزكۇر كىتابنىڭ تولۇق مەزمۇنىغا قىزىقسىڭىز تۆۋەندىكى ئىككىلىك كودنى سىكاننېرلاپ مەزكۇر كىتابنىڭ ئۇيغۇرچە ئېلېكىتىرونلۇق نۇسخىسىنى ئوقۇڭ!


【声明】内容源于网络
0
0
NepKan
竭尽为您解忧,关注我们,解您的忧!
内容 0
粉丝 0
NepKan 竭尽为您解忧,关注我们,解您的忧!
总阅读0
粉丝0
内容0