大数跨境

يۇقۇمغا چېتىشلىق مېۋىلىكىنى بىلىپ تۇرۇپ، مەكتەپكە ساتقان...

يۇقۇمغا چېتىشلىق مېۋىلىكىنى بىلىپ تۇرۇپ، مەكتەپكە ساتقان... NepKan
2022-04-26
1
导读:ئىلگىرى-كېيىن بولۇپ يەتتە ساندۇق خولوڭگونى دۇكانغا ئاپىرىپ سېتىشقا ئورۇنلاشتۇرغان...



يېقىندا ئەنخۇي ئۆلكىلىك تەپتىش مەھكىمىسى يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش تەرتىپىگە دەخلى يەتكۈزۈش جىنايىتىگە چېتىشلىق بىر قانچە تىپىك دېلونى ئېلان قىلدى. بۇنىڭ ئىچىدە يۇقۇمغا چېتىشلىق ئىمپورت قىلىنغان خولۇڭگونى بىلىپ تۇرۇپ بەلگىلىمىگە خىلاپ ھالدا سېتىش دېلوسىمۇ بار بولۇپ، بۇ دېلونىڭ جەمئىيەتتىكى تەسىرى بىر قەدەر چوڭ بولدى.

دېلونىڭ قىسقىچە جەريانى

جىنايەت گۇماندارى ۋۇ X ۋە ئۇنىڭ ئائىلە ئەزالىرى ئەنخۇي ئۆلكىسى شيۇنىڭ ناھىيەسىدە مېۋە دۇكىنى ئاچىدۇ. 2022-يىل 1-ئاينىڭ 1-كۈنى، ۋۇ X باشقا ئۆلكىدىكى مەلۇم بىر يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى ئەشيا ئوبوروت مەركىزىدىن ۋېيېتنامدىن ئىمپورت قىلىنغان 30 يەشىك قىزىل ئەتلىك خولۇڭگونى سېتىۋېلىپ، شۇ كۈنى شيۇنىڭ ناھىيەسىگە بارغان. شۇ كۈنى كەچتە، باشقا ئۆلكىدىكى مەلۇم شەھەرنىڭ مەلۇم رايونىدىكى يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش قوماندانلىق ئىشتابى بۇ ئەشيا ئوبوروت مەركىزىدىكى ئىمپورت قىلىنغان مېۋىلەردىن ئەۋرىشكە ئېلىپ تەكشۈرگەندە، بۇ تۈركۈم ئىمپورت قىلىنغان خولۇڭگونىڭ تەكشۈرۈش نەتىجىسى مۇسبەت چىققان، نەتىجىدە مۇناسىۋەتلىك ئورۇنلار تىجارەتچىلەرنى مەركەزلىك ئايرىپ كۆزەتكەن ھەمدە بۇ ئەشيا ئوبوروت مەركىزىدىكى ئىمپورت مېۋىلەر رايونىنى پېچەتلەپ كونترول قىلغان.

1-ئاينىڭ 2-كۈنى ئەتىگەن سائەت 7 دە، باشقا ئۆلكىدىكى مەلۇم شەھەرنىڭ مەلۇم رايونىدىكى ج خ ئورگىنى رايونلۇق يۇقۇملۇق كېسەللىكلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش مەخسۇس بەنىنىڭ بۇيرۇقىنى قوبۇل قىلىپ، شۇ تۈركۈمدىكى ئىمپورت قىلىنغان خولۇڭگۇنىڭ قەيەرگە كەتكەنلىكىنى تەكشۈرگەن، مەزكۇر ئىدارىنىڭ خەلق ساقچىسى ۋۇ X بىلەن تېلېفوندا ئالاقىلىشىپ، ئۇ سېتىۋالغان شۇ تۈركۈمدىكى خولۇڭگودىن ئەۋرىشكە ئېلىپ تەكشۈرگەندە نەتىجىسى مۇسبەت بولغانلىقىنى، ئايرىم ساقلاش كېرەكلىكىنى، سېتىشقا بولمايدىغانلىقىنى، شۇ جايدىكى يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش تارماقلىرىنىڭ بىر تەرەپ قىلىشىنى كۈتۈشى لازىملىقىنى ئۇقتۇرغان. ۋۇ x نىڭ شۇ كۈنى سېتىلىش ئالدىدا تۇرغان خولوڭگوسى شيۇنىڭدىكى مەلۇم ئولتۇراق رايونغا جايلاشقان توڭلىتىش ئىسكىلاتىدا ساقلانغان، لېكىن ئۇ شۇ جايدىكى يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش تارماقلىرىغا بۇ ئەھۋاللارنى دوكلات قىلمىغان.

ۋۇ فامىلىلىك 1-ئاينىڭ 9-كۈنىدىن 10-كۈنىگىچە ئىشچىلارنى ئىلگىرى-كېيىن بولۇپ يەتتە ساندۇق خولوڭگونى دۇكانغا ئاپىرىپ سېتىشقا ئورۇنلاشتۇرغان، لېكىن دېزىنفېكسىيەلەپ بىر تەرەپ قىلمىغان. 1-ئاينىڭ 11-كۈنى، شيۇنىڭ ناھىيەلىك بازارنى نازارەت قىلىش-باشقۇرۇش ئىدارىسى خىزمەت بۇيرۇقىنى تاپشۇرۇپ ئېلىپ، شۇ ناھىيە تەۋەسىدىكى ئىمپورت قىلىنغان خولوڭگونى سېتىش ئەھۋالىنى تەكشۈرگەن، ۋۇ X ئۆزىنىڭ سېتىۋېلىش ۋە سېتىش ئەھۋالىنى ئەينەن دوكلات قىلمىغان. 1-ئاينىڭ 12-كۈنى سائەت 11 ئەتراپىدا، شيۇنىڭ ناھىيەلىك يېڭى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش قوماندانلىق ئىشتابى ئىشخانىسى شەھەرلىك يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئىشخانىسىنىڭ مەزكۇر ناھىيەدىكى مەلۇم مېۋە دۇكىنىدا باشقا ئۆلكىنىڭ مەلۇم شەھىرىدىكى مېۋە سودىگەرلىرى ۋېيېتنامدىن ئىمپورت قىلغان خولوڭگو بارلىقى ھەققىدىكى ئۇقتۇرۇشىنى تاپشۇرۇپ ئېلىپ، جىددىي ئەھۋالغا تاقابىل تۇرۇش لايىھەسىنى يولغا قويغان، شۇ كۈنى سائەت 20 دىن 56 مىنۇت ئۆتكەندە ۋۇ x نىڭ خولۇڭگوسى ساقلانغان توڭلىتىش ئىسكىلاتىدا مۇھىت ئەۋرىشكىسى ئالغان، ئەۋرىشكىنىڭ تەكشۈرۈش نەتىجىسى ئاجىز مۇسبەت چىققان، شۇ كۈنى  بۇ خولۇڭگولار بىلەن ئۇچراشقان ئالاقىدار كىشىلەرنى رەتكە تۇرغۇزۇپ تەكشۈرگەن ھەمدە باشقۇرۇش - تىزگىنلەش تەدبىرلىرىنى ئەمەلىيلەشتۈرگەن.

تەكشۈرۈش ئارقىلىق، ۋۇ xنىڭ دۇكىنىغا ئېلىپ بېرىلغان يۇقۇمغا چېتىشلىق خولۇڭگونىڭ بىر قىسمى سېتىلىپ بولغانلىقى، ئۇنىڭ بىر قىسمى شيۇنىڭ ناھىيەسىدىكى مەلۇم مەكتەپكە سېتىلغانلىقى مەلۇم بولغان. 1-ئاينىڭ 12-كۈنى، شيۇنىڭ ناھىيەسى ۋۇ xنىڭ يۇقۇمغا چېتىشلىق خولۇڭگوسى ساقلانغان توڭلىتىش ئىسكىلاتى تۇرۇشلۇق ئولتۇراق رايون ۋە شيۇنىڭ ناھىيەسىدىكى مەلۇم مەكتەپنى پېچەتلەپ كونترول قىلغان، بۇ مەكتەپكە ئۇدا بەش كۈن كونترول قىلىش تەدبىرى قوللىنىپ، 2300 دىن ئارتۇق ئادەمنىڭ نۇكلېئىك كىسلاتاسى تەكشۈرگەن، مېۋە بىلەن ئۇچراشقان 22 ئادەمنى مەركەزلىك ئايرىپ كۆزەتكەن، بۇ جەرياندا زور مىقداردا ئادەم كۈچى، ماددىي كۈچ ۋە مالىيە كۈچى سەرپ بولغان.

2022-يىل 1-ئاينىڭ 13-كۈنى، شيۇنىڭ ناھىيەلىك تەپتىش مەھكىمىسى تەكشۈرۈش ئارقىلىق بۇ دېلونىڭ يىپ ئۇچىنى ئېنىقلاپ، بۇ دېلو يۇقۇمغا چېتىشلىق بىر قەدەر زور ئىجتىمائىي تەسىر پەيدا قىلغان دېلو دەپ قاراپ، دەرھال تەپتىش ئەمەلدارىنى ئەۋەتىپ، مۇددەتتىن بۇرۇن دېلونى تەكشۈرۈشنى باشلاپ، جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنىنىڭ دېلو تۇرغۇزۇشىنى نازارەت قىلغان ھەمدە تەھقىقلەش، دەلىل-ئىسپات ئېلىشقا ئومۇميۈزلۈك يېتەكچىلىك قىلغان. شۇ كۈنى جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنى ۋۇ x نى يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى داۋالاشقا دەخلى يەتكۈزۈش جىنايىتى بىلەن دېلو تۇرغۇزۇپ تەكشۈرگەن، ۋۇ x كە تۇرار جايىنى نازارەت ئاستىغا ئېلىش تەدبىرى قوللانغان. نۆۋەتتە، دېلو يەنىمۇ ئىچكىرىلەپ تەكشۈرۈلمەكتە.

مەنبە: جۇڭگو رادىيو تورى ئۇيغۇچە سالونىدىن ئېلىندى.


بۇ يەرنى بېسىپ «دەۋر تەرەققىياتى، ئىقتىساد يۈزلىنىشى ۋە كەلگۈسىدىكى بىز!» دېگەن يازمىنى كۆرۈڭ!
بۇ يەرنى بېسىپ «خېڭدانىڭ كىرىزىس ۋەقەسى ۋە بۇنىڭدىن كېيىنكى ئىقتىساد يۈزلىنىشى!» دېگەن يازمىنى كۆرۈڭ!
-----
تەۋسىيە كىتاب: شۆ جاۋفېڭ «ئىقتىساد تەپەككۇرى»
ئەگەر مەزكۇر كىتابنىڭ تولۇق مەزمۇنىغا قىزىقسىڭىز تۆۋەندىكى ئىككىلىك كودنى سىكاننېرلاپ مەزكۇر كىتابنىڭ ئۇيغۇرچە ئېلېكىتىرونلۇق نۇسخىسىنى ئوقۇڭ!


【声明】内容源于网络
0
0
NepKan
竭尽为您解忧,关注我们,解您的忧!
内容 0
粉丝 0
NepKan 竭尽为您解忧,关注我们,解您的忧!
总阅读0
粉丝0
内容0