搜索
首页
大数快讯
大数活动
服务超市
文章专题
出海平台
流量密码
出海蓝图
产业赛道
物流仓储
跨境支付
选品策略
实操手册
报告
跨企查
百科
导航
知识体系
工具箱
产业园
更多
找货源
跨境招聘
DeepSeek
首页
>
توردا قىمار ئويناش مەسىلىسى
>
توردا قىمار ئويناش مەسىلىسى
NepKan
2022-01-25
1
导读:نۇرغۇن ساۋاقداشلار مېنىڭ قىمار ئويناش بىلەن مۇناسىۋەتلىك جىنايەتلەرنى سۆزلەپ بېرىشىمنى ئۈمىد قىلىدىغ
كۆپچىلىك ياخشىمۇسىلەر، بىز بۈگۈن توردا قىم
ار ئويناش مەسىلىسىنى سۆزلىمەكچى.
يېقىندا بىر توردا قىمار ئويناش چوڭ دېلوسى ئاشكارىلاندى. نۇرغۇن ساۋاقداشلار مېنىڭ قىمار ئويناش بىلەن مۇناسىۋەتلىك جىنايەتلەرنى سۆزلەپ بېرىشىمنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى ئېيتىشتى. توردا قىمار ئويناش چېگرا ھالقىش خاراكتېرىگە ئىگە، ئەگەر ئېلىمىزنىڭ ئىچكى ئۆلكىلىرىدىكى پۇقرالارنى قىمار ئويناشقا جەلپ قىلسا، چوقۇم ئېلىمىزنىڭ ئىچكى ئۆلكىلىرىنىڭ جىنايى ئىشلار قانۇنىغا خىلاپلىق قىلغان بولىدۇ.
جىنايى ئىشلار قانۇنىدىكى بەلگىلىمىگە ئاساسلانغاندا، ئەگەر قىلمىش ياكى ئاقىۋەتنىڭ بىرى دۆلىتىمىزدە يۈز بەرسە، ئۇ ھالدا دۆلىتىمىزنىڭ جىنايى ئىشلار قانۇنىنىڭ باشقۇرۇشىغا ئۇچرايدۇ. مەسىلەن، ئامېرىكىلىق جاڭ xx لاسۋېگاستا تور قىمارخانىسى ئېچىپ، جۇڭگو چوڭ قۇرۇقلۇقىدىكى نۇرغۇن كىشىلەرنى قىمار ئويناشقا جەلپ قىلسا، تەۋەلىك پىرىنسىپى بويىچە، دۆلىتىمىزنىڭ جىنايى ئىشلار قانۇنىنىڭ جاڭ xx كە قارىتا باشقۇرۇش ھوقۇقى بار.
دۆلىتىمىزنىڭ جىنايى ئىشلار قانۇنىدا قىمار ئويناش بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئۈچ جىنايەت بار. بۇ ئۈچ جىنايەتتىن شۇنى كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇكى، جىنايى ئىشلار قانۇنىنىڭ قىمار ئويناش جىنايىتىگە زەربە بېرىش ۋەزىيىتى بارغانسېرى كەسكىنلەشكەن. 1997-يىلىدىكى جىنايى ئىشلار قانۇنىنىڭ 303-ماددىسىدا «قىمار ئويناش جىنايىتى پايدا ئېلىش مەقسىتىدە توپلىشىپ قىمار ئوينىغان ياكى قىمارنى كەسىپ قىلىۋالغانلارغا ئۈچ يىلدىن تۆۋەن مۇددەتلىك قاماق جازاسى، تۇتۇپ تۇرۇپ ئەمگەككە سېلىش جازاسى ياكى رېجىم جازاسى بېرىلىدۇ، قوشۇمچە جەرىمانە قويۇلىدۇ.» دەپ بەلگىلەنگەن. بۇ زەربە ئاساسلىقى قىمارۋازلارغا، قىمارنى كەسىپ قىلىپ، نۇرغۇن ئادەم توپلاپ قىمار ئوينىغانلارغا قارىتىلغان.
بەزىلەر قىمار ئويناشتا زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچى بولمايدۇ، ئۇ شەخسنىڭ ئەركىنلىكىگە تەۋە، شۇڭا قانۇننىڭ ئارىلىشىشىنىڭ ھاجىتى يوق، دەپ قارايدۇ.
لېكىن بۇنداق چېكىدىن ئاشقان لىبېرالىزملىق قاراش مۇۋاپىق ئەمەس، قىمار ئويناش كۆرۈنۈشتە ئادەم ئۆلتۈرۈش، ئوت قويۇش، ئوغرىلىق قىلىشقا ئوخشاش جىسمانىي ھوقۇق، مال-مۈلۈك ھوقۇقىغا بىۋاسىتە دەخلى-تەرۇز قىلماسلىقى مۇمكىن. بىراق ۋاستىلىك ھالدا قىمار دەسمايىسىگە ئېرىشىش ئۈچۈن، قىمارۋازلار خىيانەت قىلىش، يۆتكەپ ئىشلىتىش، ئوغرىلىق قىلىش، ئالدامچىلىق قىلىش قاتارلىق جىنايى قىلمىشلارنى سادىر قىلىشى مۇمكىن. شۇڭا ئېھتىماللىق قانۇنىدا قىمار ئويناش جىنايەت پەيدا قىلىدۇ، ئۇ جەمئىيەتكە زىيان يەتكۈزىدىغان يۈكسەك كاشىلا قىلىش ئامىلىغا ئىگە.
بۇمۇ دۆلىتىمىزنىڭ جىنايى ئىشلار قانۇنىدىكى قىمار ئويناش جىنايىتىنىڭ مۇھىم سەۋەبلىرىنىڭ بىرى. لېكىن قىمار ئويناشنى ئويلاشقاندا، بۇ بىر خىل ئۆزىنى ئۆزى زىيانغا ئۇچرىتىش قىلمىشى بولۇپ، ئۆزىنى ئۆزى زىيانغا ئۇچرىتىش ھەرىكىتى دەپ ئاتىلىدۇ. شۇڭا ئۇنىڭ ئەڭ يۇقىرى جازاسى پەقەت ئۈچ يىل. لېكىن ئەگەر ئۇنىڭ ئۆز زىيىنىدىن پايدىلىنىپ ئېكسپىلاتاتسىيە قىلسا، روشەنكى، قانخور ئالۋاستىغا ئوخشاش، تېخىمۇ ئېغىر ئىجتىمائىي خەۋپكە ئىگە.
شۇڭا، 2006-يىلى جىنايى ئىشلار قانۇنىغا تۈزىتىش كىرگۈزۈش لايىھەسىگە يېڭىدىن بىر جىنايەت، يەنى قىمارخانا ئېچىش جىنايىتى قوشۇلدى.
قىمارخانا ئاچقانلارغا ئۈچ يىلدىن تۆۋەن مۇددەتلىك قاماق جازاسى، تۇتۇپ تۇرۇپ ئەمگەككە سېلىش جازاسى ياكى رېجىم جازاسى بېرىلىدۇ، قوشۇمچە جەرىمانە قويۇلىدۇ. قىلمىشى ئېغىر بولسا، ئۈچ يىلدىن ئون يىلغىچە بولىدۇ. شۇڭا، قىمار ئويناش جىنايىتى بىلەن سېلىشتۇرغاندا، بۇ جىنايەتكە ئەڭ يۇقىرى جازا 10 يىل قىلىپ بېكىتىلگەن. قىمار ئويناشنىڭ ئەڭ يۇقىرى جازاسى ئۈچ يىل بولۇپ، قىمارخانا ئېچىش جىنايىتى بىلەن ئىپپەت-نومۇسىنى سېتىشقا ئۇيۇشتۇرۇش جىنايىتىگە دائىر قانۇن چىقىرىش ئوخشىشىپ كېتىدۇ، ئىپپەت-نومۇسىنى سېتىشمۇ بىر خىل ئۆزىگە ئۆزى زىيان سېلىش قىلمىشى ھېسابلىنىدۇ. ئەگەر سىز باشقىلارنىڭ زىيىنىدىن پايدىلىنىپ باشقىلارنى ئېكسپىلاتاتسىيە قىلىپ، باشقىلارنى قورال قىلىۋالسىڭىز، تەبىئىي ھالدا قانۇننىڭ قاتتىق جازاسىغا ئۇچرايسىز.
بىر تەرەپتىن، ئىپپەت-نومۇسىنى سېتىشقا تەشكىللىگۈچىلەر ئىپپەت-نومۇسىنى ساتقۇچىلارنىڭ تېنىنى ئۆتكۈزۈۋالغان بولسا، يەنە بىر تەرەپتىن پاھىشىۋازلارنىڭ ئەخلاق يامان خۇمارلىرىنى ئېكسپىلاتاتسىيە قىلىپ، بۇ خىل قوش ئېكسپىلاتاتسىيەدىن پايدىلىنىپ پايدا ئالىدۇ. ئۇ ئېنىقلا خاتالىق ئۈستىگە خاتالىق ئۆتكۈزۈشتۇر.
مانا بۇ نېمە ئۈچۈن دۆلىتىمىزدە ئىپپەت-نومۇسىنى سېتىش پەقەت مەمۇرىي جازا ھېسابلىنىپ، ئەكسىچە ئىپپەت-نومۇسىنى سېتىشقا تەشكىللەش ئەڭ يۇقىرى بولغاندا مۇددەتسىز قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنىشىدىكى سەۋەب.
قىمارخانا ئېچىشمۇ ئوخشاش، ئۇ ھەم قىمارۋازلارنىڭ مال-مۈلكىگە ئۆزى زىيان سېلىشقا قارىتا ئېكسپلاتاتسىيە قىلىش، ھەم قىمارۋازلارنىڭ ئەخلاق جەھەتتىكى نۇقسانىدىن پايدىلىنىپ، قىمارۋازلارنى قىمار ئويناش گىردابىغا چوڭقۇر پاتۇرۇپ، ئۆزىنى قاچۇرۇشقا ئامالسىز قالدۇرىدۇ. شۇڭا جىنايى ئىشلار قانۇنى قاتتىق زەربە بېرىدۇ.
ئۇنداقتا، تور سىرتىدىكى قىمارغا سېلىشتۇرغاندا، توردىكى بۇ خىل توردا قىمار ئويناشنىڭ ئىجتىمائىي زىيىنى تېخىمۇ چوڭ بولىدۇ. چۈنكى توردا قىمار ئويناشقا چېتىلىدىغان ئادەم تېخىمۇ كەڭ، چىرىتىشچانلىقى تېخىمۇ كۈچلۈك. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، نۇرغۇن كىشىلەردە توردا پۇلغا نىسبەتەن ھېچقانداق ئۇقۇم يوق، تور سىرتىدىكى قىمار سورۇنىدا نەچچە يۈز يۈەن ئۇتتۇرۇپ قويسا، يۈرەك سوقۇشى تېزلىشىپ، يالتىيىپ قېلىشى مۇمكىن. لېكىن توردا پۇل پەقەت بىر سان بولغاچقا، تېخىمۇ كۆپ يېڭىلىشى مۇمكىن، قول ئۈزمەك تېخىمۇ تەس.
بۇ خۇددى توردا تارتۇقلىغانغا ئوخشايدۇ، رېئال دۇنيادا سىز باشقىلارغا نەرسە سوۋغا قىلسىڭىز ئۇنداق مۇبالىغە بولۇپ كەتمەسلىگى مۇمكىن. ئەلۋەتتە توردا باشقىلارغا مۇكاپات بەرسە مۇبالىغە بولىدۇ، بەلكىم سىز تارتۇقلىغاندا چىقىپ كېتىۋاتقىنىنىڭ ھەقىقىي پۇل ئىكەنلىكىگە دىققەت قىلمىغان بولۇشىڭىز مۇمكىن، چۈنكى توردا قىمار ئويناش ھەقىقەتەن ئادەمگە زىيان يەتكۈزىدۇ.
خەۋەر قىلىنىشىچە، لياۋنىڭ فۇشۈندىكى بىر باشلانغۇچ مەكتەپنىڭ ئايال ئوقۇتقۇچىسى توردا قىمار ئويناپ ئۇتتۇرۇپ قويغاچقا، يەنە نۇرغۇن ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئاتا-ئانىسىدىن پۇل قەرز ئېلىپ، ئاخىرى پاتقاقتىن ئۆزىنى قۇتۇلدۇرالماي، نەتىجىدە بىنادىن سەكرىۋالغان. مانا بۇ نېمە ئۈچۈن بىر قاتار ئەدلىيەلىك ئىزاھاتلارنىڭ توردا قىمار ئويناشنى قاتتىق جازالايدىغانلىقىنىڭ سەۋەبى.
ئەدلىيەلىك ئىزاھاتقا ئاساسلانغاندا، قىمار ئويناش تور بېكىتى قۇرغان ھەمدە دو تىكىشنى قوبۇل قىلغان ياكى قىمار ئويناش تور بېكىتى قۇرغان ھەمدە باشقىلارنى قىمار ئويناشقا تەشكىللەش ياكى قىمار ئويناش تور بېكىتىگە ئادەم جەلپ قىلغان بولسا، بىردەك جىنايەت شەكىللىنىدۇ، پۇل سوممىسى ئويلىشىلمايدۇ. ئەگەر 300 مىڭ يۈەن پايدا ئالسا، بۇ قىلمىشى ئېغىرلىتىش تىپىدىكى جىنايەت ھېسابلىنىدۇ.
بۇ يىل 3-ئاينىڭ 1-كۈنى كۈچكە ئىگە بولغان جىنايى ئىشلار قانۇنىغا تۈزىتىش كىرگۈزۈش لايىھەسىدە، قىمارخانا ئېچىش جىنايىتىگە قارىتا يەنە يېڭى مەزمۇن بار. بىرىنچى ئۆزگىرىش، قانۇندا بەلگىلەنگەن جازا ئىلگىرى بۇ جىنايەتنى سادىر قىلغانلارغا ئۈچ يىلدىن تۆۋەن تۇتۇپ تۇرۇپ ئەمگەككە سېلىش جازاسى ياكى رېجىم جازاسى بېرىلەتتى، لېكىن ھازىر بەش يىلدىن تۆۋەن جازا بېرىلىدۇ. ئەھۋال ئېغىر بولسا، 3 يىلدىن 10 يىلغىچە بولماستىن، بەلكى 5 يىلدىن 10 يىلغىچە جازا بېرىلىدۇ.
شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، يەنە دۆلەت چېگراسىدا قىمار ئويناشقا تەشكىللەش جىنايىتى دەپ ئاتىلىدىغان بىر يېڭى جىنايەت بېكىتىلدى. دۆلىتىمىز پۇقرالىرىنى چېگرا سىرتىدا قىمار ئويناشقا قاتنىشىشقا تەشكىللىسە، سوممىسى ناھايىتى كۆپ ياكى باشقا ئېغىر قىلمىشى بولسا، ئۇ قىمارخانا ئېچىش جازاسى بىلەن ئوخشاش بولىدۇ.
ئالىي خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ 11-ئاينىڭ 29-كۈنى بەرگەن ئۇقتۇرۇشىغا ئاساسلانغاندا، يېقىندىن بۇيان بەزى تىپىك دېلو مىساللىرىدا كۆرسىتىلىشىچە، بىر قىسىم پۇقراۋى كارخانىچىلار چېگرا سىرتىدىكى قىمار ئويناش جىنايەت شايكىلىرىنىڭ مۇھىم ئوۋ نىشانى بولۇپ قالغان. جىنايەتچىلەر سودا شىركەتلىرى بىلەن ھەمكارلىشىپ چەت ئەلگە چىقىش نامىدىن پايدىلىنىپ، پۇقراۋى كارخانا ئىگىلىرىنى قىمارغا قاتنىشىشقا تەشكىللىگەن. بەزىلىرى يەنە قىمارخانا ئېچىش جىنايىتىنى ۋاكالىتەن يولغا قويۇشقا ئازدۇرۇلغان. بۇ شۈبھىسىزكى دۆلىتىمىزنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىقى ۋە پۇقراۋى ئىگىلىكىنىڭ تەرەققىياتىغا ئېغىر تەسىر كۆرسىتىدۇ.
مانا بۇ جىنايى ئىشلار قانۇنىنىڭ بۇ يېڭى جىنايەتنى كۆپەيتىشىنىڭ مۇھىم سەۋەبى. ئىلگىرىكى قانۇندىكى بەلگىلىمە بويىچە، دۆلىتىمىز پۇقرالىرىنى چېگرا سىرتىدا قىمار ئويناشقا تەشكىللىگەنلەرمۇ قىمارخانا ئېچىش جىنايىتى بويىچە بىر تەرەپ قىلىناتتى. لېكىن ئۇ ئەمەلىيەتتە ياردەم قىلغۇچىغا تەۋە، چۈنكى ئۇ قىمار ئېچىشقا ياردەم قىلغان. جىنايى ئىشلار قانۇنى نەزەرىيەسىدە، ئۇنىڭ ياردەم بېرىشى ئەگەشكۈچى جىنايەتچى بولۇپ، كەڭچىلىك بىلەن بىر تەرەپ قىلىناتتى، لېكىن ھازىر بىر يېڭى جىنايەت دەپ بېكىتىلدى.
ئۇ ئەمدى ياردەم قىلىپ جىنايەت ئۆتكۈزگەنلىك ئەمەس، كەڭچىلىك قىلىشقا ئېرىشەلمەيدۇ. كۆپچىلىك دىققەت قىلدىڭلارمۇ؟ جىنايى ئىشلار قانۇنىنىڭ زەربىسى بارغانسېرى قاتتىق بولىۋاتىدۇ.
لېكىن قىمارنى تىلغا ئالغاندا، ئەمەلىيەتتە مەن ئەڭ كۆپ ئويلىغىنىم كىم؟ مەن دائىم تىلغا ئالىدىغان يازغۇچى دەل توستويېۋىسكىي. ئۇ بىر ئۇلۇغ يازغۇچى بولۇپ، ماڭا چوڭقۇر تەسىر كۆرسەتكەن.
لېكىن ئۇ بىر مۇكەممەل ئادەم ئەمەس، چۈنكى ئۇ بىر قىمارۋاز. ئۇنىڭ نۇرغۇن ئەسەرلىرى قەرىزنى قايتۇرۇش ئۈچۈن، چالا-بۇلا يېزىلغان. مەسىلەن، «جىنايەت ۋە جازا» مۇنداقلا يېزىپ قويغان بۇ ئەسەر بىر كىلاسسىك ئەسەردۇر. بىز پەقەت ئۇنى بىر تالانت ئىگىسى دېيەلەيمىز.
توستويېۋىسكىي ئۆمۈر بويى زەھەر خۇمارىنى تاشلاشنى ئۈمىد قىلغان، لېكىن ئۇ ئارقا-ئارقىدىن مەغلۇپ بولغان، ئۇ سەمىمىيلىك بىلەن قىمار ئويناشنىڭ ئۆزىگە ناھايىتى قايمۇقتۇرۇشچانلىققا ئىگە ئىكەنلىكىنى، ئۆزىنىڭ تاقابىل تۇرالمىغانلىقىنى ئېيتقان. مانا بۇ مېنىڭ نېمە ئۈچۈن دائىم ئۆزۈمگە بىلىش بىلەن قىلىش ئوتتۇرىسىدا غايەت زور بىر ھاڭنىڭ مەۋجۇتلۇقىنى ئەسكەرتىشىمنىڭ سەۋەبى.
توستويېۋسكىينىڭ «قىمارۋاز» دەيدىغان بىر كىتابى بار. بۇ كىتابتا ئۇنىڭ ئۆزىنى كۆرگىلى بولىدۇ. ئەلۋەتتە ھازىر توستويېۋسكىينىڭ ۋۇجۇدىدا، مەنمۇ ئۆزۈمنى كۆردۈم.
ئېيتىشلارغا قارىغاندا، ئۇنىڭ ھاياتىنىڭ ئاخىرقى ئون يىلىدا زەھەر خۇمارى تۇتۇپ زىيادە تۇتۇپ كەتكەن، دەل مۇشۇ مەزگىلدە، ئۇ يېزىقچىلىق ھاياتىنىڭ يۈكسەك پەللىسىگە يەتكەن ئەسىرىنى يازغان، يەنى «ئاكا-ئۇكا كارامازوفلار» دېگەن ئەسەر.
ئەپسۇسلىنارلىقى شۇكى، بۇ ئەسەرنىڭ پەقەت بىرىنچى قىسمى بار، ئىككىنچى قىسمى يوق. ئالدىنقى كىتابنى يېزىپ بولۇپ، بىر قەلەمدان يەرگە چۈشۈپ كەتكەندىن كېيىن، ئۇ ئىشكاپنى يۆتكەش ئۈچۈن زىيادە كۈچەپ كەتكەنلىكتىن قان تومۇرنىڭ يېرىلىپ كېتىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىپ، ۋاقىتسىز ئايرىلغان.
بىز ھەممىمىز ئاجىز. شۇڭا ئېزىقتۇرۇشلاردىن يىراق تۇرغاندىلا، ئاندىن تىنچ بەختكە ئېرىشكىلى بولىدۇ.
ئەلۋەتتە، قانۇن پەقەت ئەڭ تۆۋەن چەكتە بۇ تىنچلىقنى قوغدىيالايدۇ، قالغىنى ئۆزىمىزنىڭ ئاڭلىقلىقىغا باغلىقتۇر.
مەنبە: جۇڭگو سىياسىي قانۇن داشۆسى جىنايى ئىشلار ئەدلىيە شۆيۈەنىنىڭ پىروفېسسورى، جىنايى ئىشلار قانۇنشۇناسلىقى تەتقىقات ئورنىنىڭ باشلىقى لو شياڭنىڭ سىن دەرسلىكىگە ئاساسەن تەرجىمە قىلىندى.
بۇ يەرنى بېسىپ «
دەۋر تەرەققىياتى، ئىقتىساد يۈزلىنىشى ۋە كەلگۈسىدىكى بىز!
» دېگەن يازمىنى كۆرۈڭ!
بۇ يەرنى بېسىپ «
خېڭدانىڭ كىرىزىس ۋەقەسى ۋە بۇنىڭدىن كېيىنكى ئىقتىساد يۈزلىنىشى!
» دېگەن يازمىنى كۆرۈڭ!
-----
تەۋسىيە كىتاب: شۆ جاۋفېڭ «ئىقتىساد تەپەككۇرى»
ئەگەر مەزكۇر كىتابنىڭ تولۇق مەزمۇنىغا قىزىقسىڭىز تۆۋەندىكى ئىككىلىك كودنى سىكاننېرلاپ مەزكۇر كىتابنىڭ ئۇيغۇرچە ئېلېكىتىرونلۇق نۇسخىسىنى ئوقۇڭ!
【声明】内容源于网络
0
0
NepKan
竭尽为您解忧,关注我们,解您的忧!
内容
0
粉丝
0
关注
在线咨询
NepKan
竭尽为您解忧,关注我们,解您的忧!
总阅读
0
粉丝
0
内容
0