搜索
首页
大数快讯
大数活动
服务超市
文章专题
出海平台
流量密码
出海蓝图
产业赛道
物流仓储
跨境支付
选品策略
实操手册
报告
跨企查
百科
导航
知识体系
工具箱
产业园
更多
找货源
跨境招聘
DeepSeek
首页
>
ئالاھىدە دىققەت: ئۈندىدارىڭىز تاقالدىمۇ؟
>
ئالاھىدە دىققەت: ئۈندىدارىڭىز تاقالدىمۇ؟
NepKan
2022-03-15
2
导读:ئالدامچىلىق خەۋپ-خەتىرىنى تەشەببۇسكارلىق بىلەن تۆۋەنلىتىپ، ئۆزىنىڭ مەبلەغ بىخەتەرلىكىنى قوغدىشى كېرە
تور ئالدامچىلىق ئۇسۇلى كۆپ خىل بولۇپ، زاكاز ساختىپەزلىكى، قەرز تارقىتىش، كىرېدىت كارتىسىنى ۋاكالىتەن بېجىرىش قاتارلىق يۈرۈشلۈك ھەرىكەتلەر باشلامچى قىلىنغان ئالدامچىلىق جىنايى قىلمىشى ئۈندىدار ئابونتلىرىنىڭ قانۇنلۇق ھوقۇق-مەنپەئىتىگە ئېغىر تەسىر كۆرسىتىپ، سۇپىنىڭ ئېكولوگىيەلىك مۇھىتىغا بۇزغۇنچىلىق قىلدى.
ئۈندىدار سۇپا ئىچىدە يۈز بەرگەن تۈرلۈك ئالدامچىلىق قىلمىشلىرىغا داۋاملىق نۇقتىلىق كۆڭۈل بۆلىدۇ، قەتئىي بىر تەرەپ قىلىدۇ، قاتتىق زەربە بېرىدۇ.
1. 100 مىڭدىن ئارتۇق بەلگىلىمىگە خىلاپ ھېسابات نومۇرى بىر تەرەپ قىلىندى. 30 مىڭدىن ئارتۇق ئۈندىدار توپى پېچەتلەندى!
ئالدامچىلىق قىلمىشىنى يولغا قويۇشقا قاتناشقان ئالاقىدار ھېسابات نومۇرىغا قارىتا، ئۈندىدار سۇپىسى دۆلەتنىڭ ئالاقىدار قانۇن-نىزاملىرى ۋە «تېڭشۈن ئۈندىدار يۇمشاق دېتالى ئىجازىتى ھەم مۇلازىمەت كېلىشىمى»، «ئۈندىدار شەخسىي ھېسابات نومۇرىنى ئىشلىتىش قائىدىسى» قاتارلىق ئۆلچەملەرگە ئاساسەن، بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلىش دەرىجىسىگە قاراپ پەلەمپەيسىمان جازا بېرىدۇ، بۇ تۆۋەندىكىلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ:
ئالدامچىلىق ھېسابات نومۇرىنى بېكىتىش، ئالدامچىلىق توپلىرىنى تەشكىللەش ۋە يامان غەرەزدە پۇل كىرىم قىلىش نومۇرلىرىنىڭ ئىقتىدارىغا چەك قويۇش، ھېسابات نومۇرىنى توسۇش قاتارلىق ئۇسۇللار بىلەن بىر تەرەپ قىلىنىدۇ، بەلگىلىمىگە كۆپ قېتىم خىلاپلىق قىلغانلارغا ئېغىرلىتىپ جازا بېرىلىدۇ؛
ئالدامچىلىق بىلەن چىقىم قىلغان ئىسچوتنى توڭلىتىپ بىر تەرەپ قىلىش؛
جىنايەت شايكىسىنىڭ قانۇنغا خىلاپ جىنايەتكە چېتىشلىق دەلىل-ئىسپات يىپ ئۇچىنى ج خ ئورگىنىنىڭ بىر تەرەپ قىلىشىغا تاپشۇرۇش؛
ۋاسىتىلىك قاتنىشىش، ئالدامچىلىق جىنايىتىگە ياردەم بېرىش ھەمدە ئالدامچىلىق شايكىسىنى مۇناسىۋەتلىك جىنايەت بايلىقى بىلەن تەمىنلەش قاتارلىق سۇپا مۇھىتىغا بۇزغۇنچىلىق قىلىش قىلمىشلىرىغا قارىتا، ئۈندىدار قانۇنىي جاۋابكارلىقىنى سۈرۈشتۈرۈش ھوقۇقىنى ساقلاپ قالىدۇ.
2022-يىلى 1-ئايدىن ھازىرغىچە، ئابۇنىچىلارنىڭ ئەرز قىلىشى ۋە سۇپىنىڭ ئېنىقلىشى بىلەن، ئۈندىدار سۇپىسى ئالدامچىلىق قىلمىشى بار دەپ مۇئەييەنلەشتۈرۈلگەن جەمئىي 100 مىڭدىن ئارتۇق ھېسابات نومۇرىنى پەلەمپەيسىمان بىر تەرەپ قىلدى، ئالدامچىلىق قىلمىشى بار دەپ مۇئەييەنلەشتۈرۈلگەن 30 مىڭدىن ئارتۇق ئۈندىدار توپىنى پېچەتلەپ بىر تەرەپ قىلدى، كېيىن يەنە داۋاملىق زەربە بېرىش سالمىقىنى كۈچەيتىدۇ.
2. بىر قىسىم بىر تەرەپ قىلىنغان «ئۈندىدار نومۇر»لىرى
3. بىر قىسىم ئالدامچىلىققا قارشى تۇرۇش بىخەتەرلىك ئەسكەرتمىسى
4. قىسمەن سودا خەۋپ-خەتىرى ئەسكەرتمىسى ياكى توسۇش
ئۈندىدار ئورگان تەرەپ ئابونىچىلارنى يېشىل، ساغلام تور ئېكولوگىيەلىك مۇھىتىنى ئورتاق قوغداپ، تور ئالدامچىلىقى قىلمىشىنى پائال پاش قىلىشقا مۇراجىئەت قىلىدۇ، ئەگەر سىز ئۈندىدار سۇپىسىدا تور ئالدامچىلىقى قىلمىشىنى بايقىسىڭىز، ئابونىچىلار تېرمىنالى ئارقىلىق پاش قىلسىڭىز، دەلىل-ئىسپاتلارنى تەكشۈرۈپ ئەمەلىيلەشتۈرگەندىن كېيىن ئۈندىدار ئورگان تەرەپ ۋاقتىدا بىر تەرەپ قىلىدۇ.
5. ئۈندىدار بىخەتەرلىك مەركىزىنىڭ ئەسكەرتىشى:
تور ئالدامچىلىقى كىشىنى قاتتىق يىرگەندۈرىدۇ، ئۇنىڭ ئۈستىگە ھىيلە-مىكىر كۆپ، ئازدۇرۇشقا دۇچ كەلگەن ئابۇنىچىلار ھەر ۋاقىت ئۆزىگە «ئاسماندىن پۆرە چۈشمەيدۇ» دەپ ئەسكەرتىپ، ئۆزىنىڭ مال-مۈلۈك بىخەتەرلىكىنى ياخشى قوغدىشى كېرەك.
ئابۇنىچىلار ئۈندىدار ئابۇنىچىلىرى تېرمىنالىدىكى ئالدامچىلىققا قارشى تۇرۇش بىخەتەرلىك ئەسكەرتمىسى، سودا خەۋپ-خەتىرى ئەسكەرتمىسى ياكى سودا توسۇقىنى تاپشۇرۇۋالغاندا، چوقۇم بىخەتەرلىك ئەسكەرتىشىنى تەپسىلىي كۆرۈپ چىقىپ، ئالدىنى ئېلىش ئېڭىنى ئۆستۈرۈشى ھەمدە قارشى تەرەپنىڭ سالاھىيىتىنى ۋاقتىدا سېلىشتۇرۇپ، ئالدامچىلىق خەۋپ-خەتىرىنى تەشەببۇسكارلىق بىلەن تۆۋەنلىتىپ، ئۆزىنىڭ مەبلەغ بىخەتەرلىكىنى قوغدىشى كېرەك.
مەنبە: شىنخۇا تورى سالونىدىن تەرجىمە قىلىندى.
بۇ يەرنى بېسىپ «
دەۋر تەرەققىياتى، ئىقتىساد يۈزلىنىشى ۋە كەلگۈسىدىكى بىز!
» دېگەن يازمىنى كۆرۈڭ!
بۇ يەرنى بېسىپ «
خېڭدانىڭ كىرىزىس ۋەقەسى ۋە بۇنىڭدىن كېيىنكى ئىقتىساد يۈزلىنىشى!
» دېگەن يازمىنى كۆرۈڭ!
-----
تەۋسىيە كىتاب: شۆ جاۋفېڭ «ئىقتىساد تەپەككۇرى»
ئەگەر مەزكۇر كىتابنىڭ تولۇق مەزمۇنىغا قىزىقسىڭىز تۆۋەندىكى ئىككىلىك كودنى سىكاننېرلاپ مەزكۇر كىتابنىڭ ئۇيغۇرچە ئېلېكىتىرونلۇق نۇسخىسىنى ئوقۇڭ!
【声明】内容源于网络
0
0
NepKan
竭尽为您解忧,关注我们,解您的忧!
内容
0
粉丝
0
关注
在线咨询
NepKan
竭尽为您解忧,关注我们,解您的忧!
总阅读
0
粉丝
0
内容
0