大数跨境

تور زوراۋانلىقىغا تاقابىل تۇرۇش تەدبىرلىرى ئېلان قىلىندى!

تور زوراۋانلىقىغا تاقابىل تۇرۇش تەدبىرلىرى ئېلان قىلىندى! NepKan
2022-04-25
2
导读:تور ئەھلىنىڭ تور زوراۋانلىقىنىڭ زىيانكەشلىكىگە ئۇچرىشىنىڭ قەتئىي ئالدىنى ئېلىشى كېرەك....

تور زوراۋانلىقى مەسىلىسىنىڭ ئۈنۈملۈك ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تۈگىتىش، تور ئەھلىنىڭ قانۇنلۇق ھوقۇق-مەنپەئەتىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن، يېقىندا، مەركەز تور بىخەتەرلىكى ۋە ئۇچۇرلاشتۇرۇش ئىشخانىسى تور زوراۋانلىقىنى تۈزەشنى كۈچەيتىش توغرىسىدا مەخسۇس ئورۇنلاشتۇرۇش ئېلىپ بېرىپ، تور بېكەت-سۇپىلاردىن مەركەزلىك تۈزەشنى ئەستايىدىل چىڭ تۇتۇپ، ئۇزاق ئۈنۈملۈك مېخانىزم ئورنىتىپ ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈپ، تۈزەش خىزمىتىدە پۇختا ئۈنۈم ھاسىل قىلىشقا كاپالەتلىك قىلىشنى تەلەپ قىلدى. 

مەركەز تور بىخەتەرلىكى ۋە ئۇچۇرلاشتۇرۇش ئىشخانىسىنىڭ ئالاقىدار مەسئۇلى مۇنۇلارنى بىلدۈردى: بۇ قېتىمقى «پاكىز تور ─ تور زوراۋانلىقىنى مەخسۇس تۈزەش ھەرىكىتى» ئاساسلىقى تور زوراۋانلىقى ئاسان، كۆپ يۈز بېرىدىغان، ئىجتىمائىي تەسىر كۈچى زور 18 تور بېكەت-سۇپىغا مەركەزلەشكەن بولۇپ، شىنلاڭ مىكرو بىلوگى، دوۋيىن، بەيدۇ يازما سالونى، جىخۇ قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. تەكشۈرۈپ پەرقلەندۈرۈش، ھەر ۋاقىت قوغداش، ئارىلىشىپ بىر تەرەپ قىلىش، مەنبەدىن سۈرۈشتۈرۈش، ئېلان قىلىپ ئاشكارىلاش قاتارلىق تەدبىرلەرنى ئورنىتىش ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈش ئارقىلىق، تولۇق زەنجىرسىمان تۈزەش ئېلىپ بېرىلىدۇ. 

بىرىنچى، پەرقلەندۈرۈپ ئالدىن سىگنال بېرىش مېخانىزمىنى ئورنىتىپ ۋە ئۇنى تاكامۇللاشتۇرۇپ، تور زوراۋانلىقى ئۇچۇرلىرىنى تۈرگە ئايرىش ئۆلچىمىنى يەنىمۇ ئىنچىكىلەپ، ھەرىكەتنى پەرقلەندۈرۈش ۋە ئاممىۋى پىكىرنى بايقاشنى كۈچەيتىپ، تور زوراۋانلىقىغا دائىر بىخ ھالىتىدىكى، خاھىش خاراكتېرلىك مەسىلىلەردىن ۋاقتىدا ئالدىن سىگنال بېرىش كېرەك. 

ئىككىنچى، تور زوراۋانلىقىغا ئۇچرىغۇچىلارنى ھەر ۋاقىت قوغداش مېخانىزمىنى ئورنىتىپ ۋە تاكامۇللاشتۇرۇپ، شەخسىي ئىناۋەت فۇنكسىيەسى قائىدىسىنى تەڭشەپ، «تور زوراۋانلىقى»نىڭ مەزمۇنىنى ۋاقتىدا سۈزۈپ، «بىر كۇنۇپكا بىلەن قوغداش» قاتارلىق جىددىي تاقابىل تۇرۇش-قوغداش تەدبىرلىرىنى كۈچەيتىپ، تېز سۈرئەتتە ئىسپات ئېلىش ۋە پاش قىلىش يولى بەرپا قىلىپ، كۆزنەكتە ئەسكەرتىش-ئاگاھلاندۇرۇش سالمىقىنى ئاشۇرۇپ، نۇقتىلىق كىشىلەر توپىنى قۇتقۇزۇش-قوغداشنى كۈچەيتىش كېرەك. 

ئۈچىنچى، تور زوراۋانلىقى ئۇچۇرلىرىنىڭ تارقىلىشى ۋە كېڭىيىشىنىڭ قاتتىق ئالدىنى ئېلىپ، ئىجتىمائىي ئالاقە، بىۋاسىتە تارقىتىش، قىسقا سىن، ئىزدەش موتورى، ئاخبارات ئۇچۇرلىرى ۋە تىزىملىك، تېما، گۇرۇپپا، تەۋسىيە، كۆزنەك قاتارلىق ھالقىلارنى مۇھىم نۇقتا قىلىپ، تور زوراۋانلىقىغا چېتىلىدىغان ئوبزور، ئېكران ئۇچۇرى قاتارلىق مەزمۇنلارنى ۋاقتىدا ئېنىقلاپ بىر تەرەپ قىلىش كېرەك. 

تۆتىنچى، قانۇن-بەلگىلىمىگە خىلاپ ھېسابات نومۇرى، ئاپپارات ۋە تور بېكەت سۇپىلىرىنى بىر تەرەپ قىلىش، جازالاش سالمىقىنى ئاشۇرۇش، زوراۋانلىق ئۇچۇرىنى بىرىنچى بولۇپ تارقىتىش، كۆپ تارقىتىش، قۇتراتقۇلۇق قىلىش ۋە شامالغا ئەگىشىپ ئۇچۇر ئېلان قىلىش قاتارلىق ئوخشاش بولمىغان ئەھۋاللارغا قارىتا، تور زوراۋانلىقىغا ئالاقىدار ھېسابات نومۇرىنى تۈرگە ئايرىپ بىر تەرەپ قىلىش، بەلگىلىمىگە خىلاپ ھېسابات نومۇرىنىڭ ئارقىسىدىكى MCN ئاپپاراتىنىمۇ چېتىپ بىر تەرەپ قىلىش، جاۋابكارلىقنى قاتتىق سۈرۈشتۈرۈش، ۋەزىپىسىنى ئادا قىلمىغان، مەسئۇلىيەتسىزلىك قىلغان تور بېكەت-سۇپىنى قاتتىق جازالاش، ئالاقىدار تارماقلار بىلەن بىرلىكتە ئالاقىدار كىشىلەرنىڭ قانۇنىي جاۋابكارلىقىنى قانۇن بويىچە سۈرۈشتۈرۈش كېرەك. 

بەشىنچى، ئاگاھلاندۇرۇش، ئاشكارىلاش ۋە توغرا يۆنىلىشكە يېتەكلەشنى كۈچەيتىپ، تىپىك دېلولارنى بىر تەرەپ قىلىش ئەھۋالىنى ۋاقتىدا ئېلان قىلىپ، نوپۇزلۇق ئاپپارات ۋە كەسپىي زاتلارنىڭ دوستانە باھا بېرىشى، ئەقلىي پىكىر بايان قىلىشىغا تۈرتكە بولۇش كېرەك. 

مەركەز تور بىخەتەرلىكى ۋە ئۇچۇرلاشتۇرۇش ئىشخانىسىنىڭ ئالاقىدار مەسئۇلى مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: نۇقتىلىق تور بېكەت-سۇپىلار بىرتۇتاش ئورۇنلاشتۇرۇش بويىچە، سۇپا ئالاھىدىلىكىگە بىرلەشتۈرۈپ، نىشان-تەلەپ، خىزمەت تەدبىرلىرى ۋە تاماملاش ۋاقىت چېكىنى يەنىمۇ ئىنچىكىلەپ ۋە ئايدىڭلاشتۇرۇپ، ۋەزىپىلەرنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى ياخشى تۇتۇشى كېرەك. مەركەز تور بىخەتەرلىكى ۋە ئۇچۇرلاشتۇرۇش ئىشخانىسى ھەيدەكچىلىك قىلىش، تەكشۈرۈشكە تەشكىللەپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈشى كۈچلۈك بولمىغان، مەسىلىسى گەۋدىلىك بولغان تور بېكەتلىرىنى قاتتىق بىر تەرەپ قىلىپ، جازالاش تەدبىرلىرىنى قوللىنىدۇ. ئالاقە تورى قانۇندىن مۇستەسنا جاي ئەمەس، ھەرقايسى تور بېكەت-سۇپىلار تەشۋىقاتنى كۈچەيتىپ، كەڭ تور ئەھلىنى قانۇن-نىزاملارغا قاتتىق رىئايە قىلىشقا، ئىجتىمائىي ئەخلاق ۋە ئەدەپ-ئەخلاققا ھۆرمەت قىلىشقا، تور زوراۋانلىقى ھەرىكەتلىرىگە ئورتاق قارشى تۇرۇشقا يېتەكلەپ، تور ئەھلىنىڭ تور زوراۋانلىقىنىڭ زىيانكەشلىكىگە ئۇچرىشىنىڭ قەتئىي ئالدىنى ئېلىشى كېرەك.

مەنبە: جۇڭگو رادىيو تورى ئۇيغۇرچە سالونىدىن ئېلىندى.

بۇ يەرنى بېسىپ «دەۋر تەرەققىياتى، ئىقتىساد يۈزلىنىشى ۋە كەلگۈسىدىكى بىز!» دېگەن يازمىنى كۆرۈڭ!
بۇ يەرنى بېسىپ «خېڭدانىڭ كىرىزىس ۋەقەسى ۋە بۇنىڭدىن كېيىنكى ئىقتىساد يۈزلىنىشى!» دېگەن يازمىنى كۆرۈڭ!
-----
تەۋسىيە كىتاب: شۆ جاۋفېڭ «ئىقتىساد تەپەككۇرى»
ئەگەر مەزكۇر كىتابنىڭ تولۇق مەزمۇنىغا قىزىقسىڭىز تۆۋەندىكى ئىككىلىك كودنى سىكاننېرلاپ مەزكۇر كىتابنىڭ ئۇيغۇرچە ئېلېكىتىرونلۇق نۇسخىسىنى ئوقۇڭ!


【声明】内容源于网络
0
0
NepKan
竭尽为您解忧,关注我们,解您的忧!
内容 296
粉丝 0
NepKan 竭尽为您解忧,关注我们,解您的忧!
总阅读206
粉丝0
内容296