
كىرېدىت كارتىسى ئاۋۋال چىقىم قىلىپ، كېيىن قەرز قايتۇرسا بولىدىغان، نۇرغۇن كىشىلەر ياخشى كۆرىدىغان چىقىم قىلىش قورالى بولۇپ، نۆۋەتتە دۆلىتىمىزدە كىرېدىت كارتىسى ۋە دېبېت-كىرېدىت بىرلەشمە كارتىسىنىڭ تارقىتىلىش مىقدارى 800 مىليوندىن ئېشىپ كەتتى. لېكىن، بانكىنىڭ كىرېدىت كارتىسى مەبلىغىنىڭ ئىشلىتىلىش ئورنىغا قارىتا ئېنىق تەلىپى بار، يېقىندا نۇرغۇن بانكىلار ئارقا-ئارقىدىن ئېلان چىقىرىپ، كىرېدىت كارتىسى مەبلىغىنى باشقۇرۇش ۋە تىزگىنلەشنى كۈچەيتتى.

يېزا ئىگىلىك بانكىسى يېقىندا ئۇقتۇرۇش چىقىرىپ، مۇشۇ ئايدىن باشلاپ كىرېدىت كارتىسىدىكى تاماكا پۇلىنى ۋاكالىتەن تۇتۇپ قېلىش سودىسىنى تەدرىجىي تاقايدىغانلىقىنى ئېلان قىلدى. بۇنىڭدىن ئىلگىرى پوچتا ئامانەت بانكىسى، قۇرۇلۇش بانكىسى قاتارلىق نۇرغۇن بانكىلارمۇ ئارقا-ئارقىدىن ئېلان چىقىرىپ، كىرېدىت كارتىسى مەبلىغىنىڭ ئىستېمالنى قوللايدىغانلىقى، ئەمما ئۆي-مۈلۈك سودىسى ۋە مەبلەغ سېلىشنى قوللىمايدىغانلىقىنى ئايدىڭلاشتۇرغان ئىدى.


قاتناش بانكىسى كىرېدىت كارتىسى مەركىزى بېيجىڭ شۆبە مەركىزىنىڭ مۇئاۋىن باش دىرېكتورى رۇڭ خېجۈن مۇنداق دېدى: كىرېدىت كارتىسى بىلەن ئۆي مۈلۈك بېجى، ئالدىن تاپشۇرىدىغان پۇل، مەبلەغ سېلىش، مالىيە باشقۇرۇش، فوند، سۇغۇرتا قاتارلىقلارغا دائىر پۇللارنى تاپشۇرۇشقا بولمايدۇ. توپ سېتىلىدىغان تاۋارلار سودىسى، جۈملىدىن تاماكا پۇلىنى ۋاكالىتەن تۇتۇپ قېلىش دېگەندەك سودىلارغىمۇ ئىشلىتىشكە بولمايدۇ، لېكىن شەخسلەر كىرېدىت كارتىسىدا تاماكا پارچە سېتىش سودىسى قىلسا بولىدۇ.
بۇنىڭدىن ئىلگىرى، بانكا-سۇغۇرتا نازارەتچىلىكى كومىتېتى بانكا كەسپىدىكى پۇل مۇئامىلە ئاپپاراتلىرى كىرېدىت كارتىسى مەبلىغىنىڭ ئەمەلىي ئىشلىتىلىش ئورنىنى دەل جايىدا تەكشۈرۈشى ۋە تىزگىنلىشى كېرەك، كىرېدىت كارتىسى مەبلىغىنى قەرز قايتۇرۇش، مەبلەغ سېلىش قاتارلىق ساھەلەرگە ئىشلىتىشكە بولمايدۇ، دەپ ئېنىق ئوتتۇرىغا قويغان.

مۇتەخەسسىسلەر مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: ھەرقايسى بانكىلارنىڭ مەبلەغ باشقۇرۇشنى كۈچەيتىشى كىرېدىت كارتىسىنى قالايمىقان ئىشلىتىش، ئوغرىلىقچە ئىشلىتىش قاتارلىق قىلمىشلارنىڭ ئالدىنى ئېلىشقا پايدىلىق. تىجارەتچى ئەگەر قائىدىگە خىلاپ ھالدا كارتا ئىشلەتسە، بانكا ئۇنى قارا تىزىملىككە كىرگۈزىدۇ ھەمدە كىرېدىت كارتا سودىسىنى ۋاقتىنچە توختىتىدۇ. كارتا ئىگىسى ئەگەر بەلگىلىمىگە خىلاپ ھالدا سودا قىلسا، مۇناسىپ ئاقىۋەتنى ئۈستىگە ئېلىشى كېرەك.
مەنبە: جۇڭگو رادىيو تورى سالونىدىن ئېلىندى.



