搜索
首页
大数快讯
大数活动
服务超市
文章专题
出海平台
流量密码
出海蓝图
产业赛道
物流仓储
跨境支付
选品策略
实操手册
报告
跨企查
百科
导航
知识体系
工具箱
产业园
更多
找货源
跨境招聘
DeepSeek
首页
>
«تەڭ چېچىش كۆلىمىنى ئەمەلدىن قالدۇرۇش» قىزىق نۇقتىغا ئايلاندى!
>
«تەڭ چېچىش كۆلىمىنى ئەمەلدىن قالدۇرۇش» قىزىق نۇقتىغا ئايلاندى!
NepKan
2022-03-25
0
导读:ئەمەلىيەتتە، تاۋار ئۆيلەرنىڭ ئۆيلەرگە كىرىش زالى، لىفىت، پەلەمپەي قاتارلىقلار بەلگىلىك بوشلۇقنى ئىگى
كۆپچىلىك ياخشىمۇسىلەر، يازما باشلىنىشتىن بۇرۇن كۆپچىلىككە بىر ئىشتا ئەسكەرتىش بەرمەكچىمەن: سالوننىڭ يوللاش قائىدىسى ئۆزگەرتىلگەن بولغاچقا، ئەگەر
『在看』
نى چېكىۋەتمىسىڭىز ياكى
『星标』
بەلگىسى قويۇلمىسا، يوللانغان سەرخىل يازمىلارنى كۆرەلمەسلىكىڭىز مۇمكىن! ئەگەر مەزكۇر سالوننىڭ سەرخىل مەزمۇنلىرىنى قولدىن بېرىپ قويۇشنى خالىمىسىڭىز، ئۈستى تەرەپتىكى «
Nepkan
» دېگەن كۆك خەتنى چېكىپ، ئاندىن ئوڭ تەرەپ ئۈستى بۇرجىكىدىكى «
...
» نى چەككەندىن كېيىن『
设为星标
』قىلىپ تاللاڭ. كۆپچىلىكنىڭ كۆڭۈل بۆلگىنىگە يەنە بىر قېتىم رەھمەت ئېيتىمەن!
---
يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، ھەر قېتىم مەملىكەتلىك ئىككى يىغىن ئېچىلغاندا، نۇرغۇن ۋەكىل ۋە ئەزالار تاۋار ئۆي سېتىۋالغاندا «تەڭ چېچىش كۆلىمى»نى بىكار قىلىش كېرەك، دەپ مۇراجىئەت قىلىشتى. بۇ يىللىق «ئىككى يىغىن» مەزگىلىدە، «تەڭ چېچىش كۆلىمىنى ئەمەلدىن قالدۇرۇش» قىزىق نۇقتىغا ئايلاندى.
نۆۋەتتە، دۆلىتىمىزدە تۇرالغۇ ئۆي كۆلىمىنى ھېسابلاشتا ئاساسلىقى قۇرۇلۇش كۆلىمى ياكى ئۆي ئىچى قۇرۇلۇش كۆلىمى قوللىنىلىدۇ، ئادەتتىكىچە قىلىپ ئېيتقاندا، قۇرۇلۇش كۆلىمى بىلەن ئەمەلىي ئىشلىتىش كۆلىمىنىڭ پەرقى «تەڭ چېچىش كۆلىمى»دىن ئىبارەت. ئەمەلىي ئەھۋالدا، «تەڭ چېچىش كۆلىمى بەك چوڭ بولۇپ كەتسە، ئۆينىڭ پايدىلىنىش نىسبىتى تۆۋەن بولىدۇ، تەڭ چېچىش كۆلىمىنىڭ شەكىللىنىشىنى ئېنىق بىلگىلى بولمايدۇ.» دېگەن گەپ ئۆي سېتىۋالغۇچىنى گاڭگىرىتىپ قويىدۇ؛ تەڭ چېچىش كۆلىمىگە بولغان ئۆلچەم كەمچىل، باشقۇرۇش قالايمىقان بولسا، ئۆي سېتىۋالغۇچىنىڭ مەنپەئەتى زىيانغا ئۇچرىشى مۇمكىن. تەڭ چېچىش كۆلىمىنى تېخىمۇ ئېنىق قىلىش، ئۆي ئىچى ئىشلىتىش كۆلىمى بويىچە سودا قىلىش قاتارلىق سادالار كۈنسېرى كۈچىيىۋاتىدۇ.
ئەمەلىيەتتە، تاۋار ئۆيلەرنىڭ ئۆيلەرگە كىرىش زالى، لىفىت، پەلەمپەي قاتارلىقلار بەلگىلىك بوشلۇقنى ئىگىلەپ، تەڭ چېچىلىدىغان ھالەتنى شەكىللەندۈرىدۇ، بىر قىسىم ئېگىز قەۋەتلىك لىفىت بار ئۆيلەرنىڭ تەڭ چېچىش كۆلىمى %20 تىن %30 كىچە بولۇش ئادەتكە ئايلىنىپ قالدى. تەڭ چېچىش كۆلىمى قانچە كىچىك بولسا شۇنچە ياخشى بولىدۇ، دېگىلى بولمايدۇ، ئەگەر بۇ ئاممىۋى بوشلۇق تارىيىپ كەتسە، تۇرالغۇ سۈپىتىمۇ تۆۋەنلەپ كېتىشى مۇمكىن. تەڭ چېچىش كۆلىمىنىڭ چوڭ-كىچىكلىكىنى تەرەققىيات سودىگىرى مۇناسىۋەتلىك قانۇن-نىزاملارغا ئاساسەن، كەڭ ئاھالىلەرنىڭ ئەمەلىي ئولتۇراقلىشىش ئېھتىياجى ۋە نىشانلىق خېرىدارلار توپىنىڭ ئورنىغا ئاساسەن بېكىتىشى كېرەك.
ئۆي سېتىۋالغۇچىنىڭ «تەڭ چېچىش كۆلىمى»گە ئۇزۇندىن بۇيان ئاداۋەت ساقلاپ كېلىۋاتقانلىقى ئاساسلىقى تەڭ چېچىش كۆلىمىنىڭ چوڭ-كىچىكلىكىدە ئەمەس، بەلكى تەڭ چېچىش كۆلىمىنىڭ ئېنىق بولمىغانلىقىدا. گەرچە تەرەققىيات سودىگىرى ئۆي ساتقاندا، مۇناسىۋەتلىك تەلەپلەر بويىچە قۇرۇلۇش كۆلىمى بىلەن ئەمەلىي ئىشلىتىش كۆلىمىنى ئايرىم-ئايرىم ئىزاھلاش كېرەكلىكى تەلەپ قىلىنسىمۇ، لېكىن ئۆي سېتىۋالغۇچى قۇرۇلۇش كۆلىمى بويىچە ئۆي سېتىۋالسا، تەڭ چېچىش كۆلىمى بويىچە ھەق تۆلەيدۇ، كەسپىي بىلىم ۋە تەڭ چېچىش كۆلىمىنى ھېسابلاشنىڭ مۇرەككەپلىكىگە بولغان تونۇش كەمچىل بولغانلىقتىن، تەرەققىيات سودىگىرى ئۇقتۇرغان تەڭ چېچىش كۆلىمىنىڭ توغرا بولغان-بولمىغانلىقىنى ئېنىق ھېسابلىيالايدىغانلار ناھايىتى ئاز، پەقەت تەرەققىيات سودىگىرى قانچىلىك دېسە شۇنچىلىك بولىدۇ. ئايرىم تەرەققىيات سودىگەرلىرى ئەسلىدە تەڭ چېچىش كۆلىمىگە كىرگۈزۈشكە تېگىشلىك بولمىغان ھاۋا مۇداپىئە قۇرۇلۇشىنىڭ يەر ئاستى ئۆيى، ئامانلىق ساقلاش ئۆيى، باشقۇرۇش ئۆيى قاتارلىقلارنىڭ كۆلىمىنىمۇ تەڭ چېچىش كۆلىمىگە كىرگۈزۈۋېتىدۇ. شۇنىڭ بىلەن تەڭ چېچىلغان بۇ بىر قىسىم ئۆي سېتىۋېلىش پۇلى قالايمىقان ھېساباتقا ئايلىنىپ قالغان. ئەگەر چېچىلغان كۆلەم ئەمەلىي بولمىسا، ئۆي سېتىۋېلىش پۇلىنى ئارتۇق تۆلەپلا قالماي، كېيىنكى خوجىلىق ھەققى ۋە ئىسسىنىش پۇلىنىمۇ ئارتۇق تۆلەيدىغان گەپ. شۇنداق دېيىشكە بولىدۇكى، نۆۋەتتە تەڭ چېچىش كۆلىمىنى ھېسابلاش ئاشكارا بولمىغاچقا، ئۇچۇرنىڭ ماس بولماسلىقى ئىستېمالچىلارنىڭ ھوقۇق-مەنپەئەتىنى زىيانغا ئۇچرىتىشى مۇمكىن.
بۇنىڭدىن باشقا، تەڭ چېچىش كۆلىمىگە مۇناسىۋەتلىك بىر قىسىم ھەق ئېلىش ۋە پايدا ئېلىش مەسىلىسىدىمۇ تالاش-تارتىش مەۋجۇت. مەسىلەن، بىر قىسىم تەڭ چېچىلغان كۆلەمگە ئىسسىقلىق بىلەن تەمىنلەنمەيدۇ، لېكىن ئىسسىنىش پۇلى تەڭ چېچىلغان قىسمىنىڭ قۇرۇلۇش كۆلىمى بويىچە ئېلىنىدۇ؛ يەنە مەسىلەن، خوجىلىق شىركىتىنىڭ مۇلازىمەت قىلىدىغىنى ئاممىۋى كۆلەم بولۇپ، ئاساسەن ئائىلىلەرگە كىرىپ مۇلازىمەت قىلمايدۇ، خوجىلىق ھەققى يەنىلا قۇرۇلۇش كۆلىمى بويىچە ئېلىنىدۇ. نۇرغۇن ئۆي سېتىۋالغۇچىلار بۇلارنىڭ ھەممىسىنىڭ مۇۋاپىق بولمىغان تەركىبى بار، دەپ قارايدۇ. بۇنىڭدىن باشقا، تەڭ چېچىلغان كۆلەمدىكى ئۆي سېتىۋېلىش پۇلى ۋە ئالاقىدار خىراجەتلەر ئۆي ئىگىلىرىگە «چېچىلغان» بولسىمۇ، لېكىن نۇرغۇن ئولتۇراق رايونلاردا، تەڭ چېچىلغان كۆلەمدىن ھاسىل بولغان پايدا، مەسىلەن، ئېلان ھەققى قاتارلىقلار تەرەققىيات سودىگىرى ياكى خوجىلىق شىركىتىنىڭ ئىگىدارلىقىدا بولۇپ، كۆپىنچىسى ئولتۇراق رايوندىكى كەڭ ئاھالىلەرگە ئىشلىتىلمىگەن.
قانداق قىلغاندا كىشىلەرنىڭ تەڭ چېچىش كۆلىمى بويىچە ھېسابلاشقا بولغان ئىشەنچسىزلىكىنى يوقىتىپ، كۆپچىلىكنى ھەق تۆلەش، خاتىرجەم ئۆي سېتىۋېلىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلغىلى بولىدۇ؟ ئۆي ئىچىنىڭ ئىشلىتىش كۆلىمى بويىچە سودىلىشىش، يەنى تەڭ چېچىلغان كۆلەمگە ئۆي سېتىۋېلىش پۇلى ۋە ئىسسىنىش پۇلى تۆلىمەسلىكنى بىر ياخشى تەدبىر دېيىشكە بولىدۇ. ئۆي ئىچىنىڭ ئىشلىتىش كۆلىمى بويىچە ھېسابلاش خەلقئارادا ئومۇميۈزلۈك قوللىنىۋاتقان ئۇسۇل، لېكىن دۆلىتىمىز تۇرالغۇ ئۆي كۆلىمىنى ھېسابلاشتا ئاساسلىقى قۇرۇلۇش كۆلىمى ياكى ئۆي ئىچىدىكى قۇرۇلۇش كۆلىمىنى قوللىنىدۇ. ئەگەر ئۆي ئىچىنىڭ ئىشلىتىش كۆلىمى بويىچە ھېسابلاشقا ئۆزگەرتىلسە، ئېلىمىزنىڭ قۇرۇلۇش ئۆلچىمى بىلەن خەلقئارادا ئومۇميۈزلۈك قوللىنىلىۋاتقان ئۇسۇلنىڭ بىردەكلىك دەرىجىسى يۇقىرى كۆتۈرۈلىدۇ.
تېخىمۇ مۇھىمى، ئۆي ئىچىنىڭ ئىشلىتىش كۆلىمى بويىچە سودا قىلغاندا، بىرىنچىدىن، ئۆي ئىچىدىكى قۇرۇلۇش كۆلىمى ئوخشاش بولۇش، ئەمما ئۆي ئىچىنىڭ ئىشلىتىش كۆلىمى ئوخشاش بولماسلىق مەسىلىسىنى ھەل قىلغىلى بولىدۇ. دۆلىتىمىزدە رايون پەرقى چوڭ، تۇرالغۇ قۇرۇلما تۈرى كۆپ بولۇش قاتارلىق ئامىللار تۈپەيلىدىن، تۇرالغۇ تام قېلىنلىقىنىڭ ئوخشاش بولماسلىقى، ئۆي ئىچى قۇرۇلۇش كۆلىمىنىڭ ئوخشاش بولۇشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان ئەھۋال ئاستىدا، ئۆي ئىچىدىكى ئەمەلىي ئىشلىتىشكە بولىدىغان كۆلەمنىڭ ئوخشاش بولماسلىقىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.
ئىككىنچى، ئائىلە ئىشلىتىش كۆلىمى سۈزۈك بولماسلىق مەسىلىسىنى ھەل قىلىش كېرەك. ئۆي ئىچىنىڭ ئىشلىتىش كۆلىمى بويىچە ھېسابلىغاندا، ئائىلە ئۆز ئالدىغا ئۆلچەشكە قولايلىق بولىدۇ، «كۆرگىنىگە ئېرىشىش»نى ئىشقا ئاشۇرغىلى بولىدۇ. قۇرۇلۇش كۆلىمى بويىچە ھېسابلاشنى كەسپىي تىرەك بولمىغان ئەھۋالدا ئىشقا ئاشۇرۇش تەس. تېخنىكا نۇقتىسىدىن ئۆي ئىچىنىڭ ئىشلىتىش كۆلىمى بويىچە سودىلىشىشنىڭ ئىستېمالچىلارنىڭ ھوقۇق-مەنپەئەتىنى قوغداشقا پايدىلىق ئىكەنلىكىنى ئايدىڭلاشتۇرۇش كېرەك.
تۇرالغۇ ئۆي ئىچىنىڭ ئىشلىتىش كۆلىمى بويىچە سودىلاشقاندا تېخىمۇ ئوچۇق-ئاشكارا بولۇپ، قېلىپلاشمىغان ئەھۋاللارنى تۈگىتىپ، يوچۇقلارنى ئەتكىلى بولىدۇ. 2019-يىلى 2-ئايدا، تۇرالغۇ ۋە شەھەر-يېزا قۇرۇلۇشى مىنىستىرلىقى «تۇرالغۇ تۈرىنى قېلىپلاشتۇرۇش (پىكىر ئېلىش نۇسخىسى)» توغرىسىدا جەمئىيەتتىن ئاشكارا پىكىر ئالغاندا، «تۇرالغۇ ئۆي قۇرۇلۇشىدا ئۆي ئىچىنىڭ ئىشلىتىش كۆلىمى بويىچە سودا قىلىش»نى پىكىر ئېلىش نۇسخىسىغا كىرگۈزگەنىدى، بۇ ئەينى ۋاقىتتا جەمئىيەتنىڭ دىققىتىنى قوزغىغان. بۇ، نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش قاتلىمىدىكىلەرنىڭ قۇرۇلۇش كۆلىمىنى ھېسابلاش ۋە سودىدا دۇچ كەلگەن نۇقسانلارغا يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىدىغانلىقىنى ھەمدە «ئۆي ئىچىنىڭ ئىشلىتىش كۆلىمى بويىچە سودىلىشىش»نى ھەل قىلىش يولى قىلىدىغانلىقىنى چۈشەندۈرۈپ بېرىدۇ.
شۇنى كۆرۈپ يېتىش كېرەككى، قۇرۇلۇش كۆلىمى سودىسى كۆپ يىللاردىن بۇيان شەكىللەنگەن ئادەت، ئۆي ئىچىنىڭ ئىشلىتىش كۆلىمى سودىسىغا ئۆزگەرتىش ئاسان ئىش ئەمەس، قەدەم-باسقۇچقا بۆلۈپ تەدرىجىي تەڭشەشكە بولىدۇ. نۆۋەتتىكى جىددىي ئىش شۇكى، نۆۋەتتىكى تەڭ چېچىش كۆلىمى ئېلىپ كەلگەن يوچۇقلارنى ئېتىپ، نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش ۋە تەكشۈرۈش سالمىقىنى ئاشۇرۇپ، تەڭ چېچىش كۆلىمىنى لايىھەلەش ۋە ئۆلچەش ئۆلچىمىنى بىرلىككە كەلتۈرۈپ، قېلىپلاشتۇرۇپ، ئىنچىكىلەشتۈرۈپ، كەڭ ئۆي سېتىۋالغۇچىلارنىڭ مەنپەئىتىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك.
مەنبە: جۇڭگو ئىقتىساد تورى سالونىدىن تەرجىمە قىلىندى.
بۇ يەرنى بېسىپ «
دەۋر تەرەققىياتى، ئىقتىساد يۈزلىنىشى ۋە كەلگۈسىدىكى بىز!
» دېگەن يازمىنى كۆرۈڭ!
بۇ يەرنى بېسىپ «
خېڭدانىڭ كىرىزىس ۋەقەسى ۋە بۇنىڭدىن كېيىنكى ئىقتىساد يۈزلىنىشى!
» دېگەن يازمىنى كۆرۈڭ!
-----
تەۋسىيە كىتاب: شۆ جاۋفېڭ «ئىقتىساد تەپەككۇرى»
ئەگەر مەزكۇر كىتابنىڭ تولۇق مەزمۇنىغا قىزىقسىڭىز تۆۋەندىكى ئىككىلىك كودنى سىكاننېرلاپ مەزكۇر كىتابنىڭ ئۇيغۇرچە ئېلېكىتىرونلۇق نۇسخىسىنى ئوقۇڭ!
【声明】内容源于网络
0
0
NepKan
竭尽为您解忧,关注我们,解您的忧!
内容
296
粉丝
0
关注
在线咨询
NepKan
竭尽为您解忧,关注我们,解您的忧!
总阅读
206
粉丝
0
内容
296