搜索
首页
大数快讯
大数活动
服务超市
文章专题
出海平台
流量密码
出海蓝图
产业赛道
物流仓储
跨境支付
选品策略
实操手册
报告
跨企查
百科
导航
知识体系
工具箱
产业园
更多
找货源
跨境招聘
DeepSeek
首页
>
بۇ ئايدىن باشلاپ پۇل قايتۇرۇلىدۇ، سىز شەرتكە ئۇيغۇن كېلەمسىز؟
>
بۇ ئايدىن باشلاپ پۇل قايتۇرۇلىدۇ، سىز شەرتكە ئۇيغۇن كېلەمسىز؟
NepKan
2022-03-06
1
导读:ئاكتىپ باج تاپشۇرۇش ھەربىر پۇقرانىڭ ئۆتەشكە تېگىشلىك مەجبۇرىيىتى، بۇمۇ ۋەتەن ئۈچۈن تۆھپە قوشىدىغان ت
كۆپچىلىك ياخشىمۇسىلەر، يازما باشلىنىشتىن بۇرۇن كۆپچىلىككە بىر ئىشتا ئەسكەرتىش بەرمەكچىمەن: سالوننىڭ يوللاش قائىدىسى ئۆزگەرتىلگەن بولغاچقا، ئەگەر
『在看』
نى چېكىۋەتمىسىڭىز ياكى
『星标』
بەلگىسى قويۇلمىسا، يوللانغان سەرخىل يازمىلارنى كۆرەلمەسلىكىڭىز مۇمكىن! ئەگەر مەزكۇر سالوننىڭ سەرخىل مەزمۇنلىرىنى قولدىن بېرىپ قويۇشنى خالىمىسىڭىز، ئۈستى تەرەپتىكى «
Nepkan
» دېگەن كۆك خەتنى چېكىپ، ئاندىن ئوڭ تەرەپ ئۈستى بۇرجىكىدىكى «
...
» نى چەككەندىن كېيىن『
设为星标
』قىلىپ تاللاڭ. كۆپچىلىكنىڭ كۆڭۈل بۆلگىنىگە يەنە بىر قېتىم رەھمەت ئېيتىمەن!
---
كۆپچىلىكنىڭ ھەممىسى بۇرۇنقى بىۋاسىتە كۆرسىتىش شاھى ۋېي يانى ئۇنتۇپ قالغان بولۇشى مۇمكىن. ئۇنىڭ ئۈن-تىنسىز يوقاپ كېتىشىدىكى سەۋەب، ئۇ باج ئوغۇرلىغان، باج تاپشۇرۇشقا تېگىشلىك بىر مىليارد نەچچە يۈز مىليون جۇڭگو پۇقراسى ئۈچۈن ئېيتقاندا، ئېنىقكى، جۇڭگونىڭ بەلگىلىمىسىگە خىلاپ قىلمىش، باج تاپشۇرۇش ھەر بىر جۇڭگو پۇقراسىنىڭ ئۆتەشكە تېگىشلىك مەجبۇرىيىتى ۋە مەسئولىيىتى.
لېكىن سىلەر بىلەمسىلەر؟ 2022-يىلى 3-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن باشلاپ، دۆلىتىمىز شەخسلەر تاپاۋەت بېجىنى قايتۇرۇش خىزمىتىنى قانات يايدۇرىدۇ. بۇ باج پۇلىنى ۋاقتىدا تاپشۇرغان ھەر بىر پۇقرانىڭ ھېساباتىغا پۇل كىرگۈزىدىغانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ، ئەگەر باج ئوغرىلاش، باج تاپشۇرماسلىق ئەھۋاللىرى كۆرۈلسە، بۇ پۇلنى تولۇقلاشقا توغرا كېلىدۇ، ئەلۋەتتە.
ئۇنداقتا، باج قايتۇرۇشنىڭ قانداق شەرتلىرى بار؟ ھەممە ئادەمگە باج قايتۇرۇلامدۇ؟
1. قايتۇرۇلىدىغىنى قانداق باج؟
دۆلىتىمىزدە تاپشۇرۇشقا تېگىشلىك باج پۇلى يەنىلا ئاز ئەمەس، مەسىلەن ماركا بېجى، يەر قوشۇلما قىممەت بېجى قاتارلىقلار. بىراق بۇ باجلارنىڭ ئادەتتىكى پۇقرالار بىلەن ئانچە چوڭ مۇناسىۋىتى يوق، پەقەت يەر سېتىۋالغان ياكى ساتقان سودىگەرلەرلا يەر قوشۇلما قىممەت بېجى تاپشۇرىدۇ. تۇرمۇشتا بىز بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك بولغان پەقەت بىر خىل باج بار، ئۇ بولسىمۇ شەخسىي تاپاۋەت بېجى.
نۇرغۇن كىشىلەر خىزمەت ۋاقتىدا ئىش ھەققىنىڭ باجدىن بۇرۇن قانچىلىك، باجدىن كېيىن قانچىلىك ئىكەنلىكىنى ئاڭلايدۇ. بۇ يەردىكى باج شەخسىي تاپاۋەت بېجىدۇر، يەنى ھەر بىر ئادەم مائاش پىرسەنتى بويىچە تاپشۇرىدىغان باج شەخسىي تاپاۋەت بېجى دەپ ئاتىلىدۇ، بۇنىڭ ئىچىدە نۇرغۇن ئەھۋاللار بار. مەسىلەن، بىز خىزمەت قىلغاندا مائاش ئۈچۈن شەخسىي تاپاۋەت بېجى تاپشۇرۇشقا توغرا كېلىدۇ، ئەگەر شىركەتتە پاي چېكى بولسا، يىل ئاخىرىدا پايدا تەقسىم قىلغاندا، شەخسىي تاپاۋەت بېجى تاپشۇرۇشقا توغرا كېلىدۇ.
بۇمۇ نېمە ئۈچۈن باج ئوغرىلاش، باج تاپشۇرماسلىق سوممىسىنىڭ شۇنچە زور بولۇشىنىڭ سەۋەبى، چۈنكى دۆلىتىمىزنىڭ باج قانۇنىدا باج كىرىمىنىڭ پىرسەنتى بويىچە تاپشۇرۇلىدۇ، دەپ بەلگىلەنگەن. نۇرغۇن كىشىلەر شەخسىي تاپاۋەت بېجى نېمە ئۈچۈن قايتۇرۇلىدۇ؟ دەپ سورىشى مۇمكىن.
ئەمەلىيەتتە 2020-يىلىدىن باشلاپ، ئېلىمىزنىڭ شەخسلەر تاپاۋەت بېجىنى قايتۇرۇش پىلانى تۈزۈپ چىقىلغان. ئەمما يۇقۇم ئەھۋالىنىڭ تەسىرىدە بۇ سىياسەتلەر تولۇق ئەمەلىيلەشمىگەن بولغاچقا، باج قايتۇرۇش ئىشىمۇ كىشىلەرنىڭ ئېسىدىن كۆتۈرۈلۈپ كەتكەن. لېكىن دۆلەت بۇنى ئۇنتۇپ قالمايدۇ، بۇ يىل يۇقۇم ئەھۋالى نەچچە يىلدىكىدەك ئېغىر ئەمەس، شۇڭا بۇ يىل 3-ئايدىن باشلاپ ئېلىمىزنىڭ باج قايتۇرۇش، باج تولۇقلاش پىلانى يولغا قويۇلىدۇ.
2. قايسى كىشىلەرگە باج قايتۇرۇلىدۇ؟
بۇ يىل دۆلىتىمىزنىڭ شەخسىي تاپاۋەت بېجى قايتۇرۇش لايىھەسى يولغا قويۇلۇۋاتىدۇ، بۇ 2022-يىلى 3-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن باشلاپ، سىزنىڭ ھېساباتىڭىزدا پۇل پەيدا بولىدىغانلىقىنى بىلدۈرىدۇ. مانا بۇ دۆلەتنىڭ باج قايتۇرۇش پۇلى، لېكىن بۇ ھەممىلا ئادەم بەھرىمەن بولىدىغان ئىش ئەمەس، پەقەت تۆۋەندىكى ئەھۋالدىلا دۆلەتنىڭ باج قايتۇرۇشىدىن بەھرىمان بولغىلى بولىدۇ.
1) مائاش داۋالغۇشى چوڭ بولغان كەسىپكارلار
شەخسىي تاپاۋەت بېجى سىزنىڭ ھەر ئايلىق كىرىم ئەھۋالىڭىزغا قاراپ، پىرسەنت بويىچە ئېلىنىدۇ. بۇنداق ئەھۋالدا، بىر خىل كىشىلەرنىڭ باج تاپشۇرۇشى ناھايىتى قىيىن بولىدۇ، ئۇ بولسىمۇ سېتىش ئورنىنىڭ ئەزالىرى، بولۇپمۇ ئۆي، ئاپتوموبىل سېتىش قاتارلىق سېتىش كەسپى بىلەن شۇغۇللانغۇچىلارنىڭ باج پۇلى مۇقىم بولمايدۇ.
ئالدى بىلەن ئىش ھەققىنىڭ ئاساسىي قۇرۇلمىسىدىن باشلاپ قول سېلىش كېرەك. سېتىش كەسپى بىلەن شۇغۇللانغانلار ھەر بىر يېڭى سېتىش خادىمىنىڭ ئىككى ئايلىق قوغداش مۇددىتى بارلىقىنى بىلىدۇ. بۇ ئىككى ئايلىق قوغداش مۇددىتى بولسا كىشىلەرنىڭ تېزدىن سېتىش ئەندىزىسىگە كىرىشىگە كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈندۇر. شۇڭا بۇ ئىككى ئايلىق قوغداش مۇددىتى ئىچىدە سېتىش خىزمەتچىلىرىنىڭ تۆۋەن مائاشى بار، ئۇنىڭ مائاش كىرىمى تۆۋەن مائاش + پىرسەنت ئەندىزىسى بويىچە ھېسابلىنىدۇ.
ئىككى ئاي ئۆتكەندىن كېيىن، نۇرغۇن سېتىش خادىملىرى مائاش ئالماي، پىرسەنت ئايرىپ جان باقىدىغان بولىدۇ. بۇنداق بولغاندا، ئۇنىڭ مائاش قۇرۇلمىسى پەقەت پىرسەنت ئايرىش ئەندىزىسىگىلا تايىنىدۇ، بەزى سېتىش خادىملىرى ھەتتا بىر ئايدا 5000 يۈەنلىك مائاشقا كاپالەتلىك قىلالمايدۇ، ئەمما دۆلىتىمىزنىڭ دۆلەت بېجى قانۇنىدا، ھەر ئايلىق كىرىمى 5000 يۈەندىن ئاشمىسا، شەخسىي تاپاۋەت بېجى تاپشۇرمىسىمۇ بولىدۇ، دەپ بەلگىلەنگەن. ئىش ھەققى 5000 يۈەندىن يۇقىرى بولغانلار بولسا ئىش ھەققىنىڭ %10 ى بويىچە باج تاپشۇرىدۇ.
سېتىش كەسپىنىڭ مائاشى ھەر ئايدا ئوخشاش ئەمەس، ئايلىق نەتىجىسى ياخشى بولسا ئالىدىغان پايدىسى يۇقىرى بولىدۇ، مائاشى 5000 يۈەندىن ئاشسا، باج تاپشۇرۇشقا توغرا كېلىدۇ. ئەگەر ئايلىق نەتىجىڭىز ياخشى بولماي، 5000 يۈەندىن ئېشىپ كەتمىسە، ئۇنداقتا باج تاپشۇرمىسىڭىزمۇ بولىدۇ. لېكىن مۇشۇ بويىچە ھېسابلىغاندا، خىزمەت مىقدارى بەك كۆپ بولۇپ كېتىدۇ، شۇنىڭ ئۈچۈن دۆلىتىمىز ئومۇمىي يىللىق باج پۇلىنى ھېسابلاشتىن ئىبارەت بىر ياخشى ئامالنى ئويلاپ تاپتى.
ئەگەر بىر يىل ئىچىدىكى كىرىمىڭىز 60 مىڭ يۈەندىن ئاشسا، باج تاپشۇرۇشىڭىز كېرەك. ئەگەر 60 مىڭ يۈەنگە يەتمىسە، ئۇنداقتا ئىلگىرى تاپشۇرغان باجنى سىزگە قايتۇرۇپ بېرىدۇ، بۇنداق بولغاندا قولايلىق بولۇپلا قالماي، بەلكى ئادىل بولىدۇ.
2) ئەركىن كەسىپتىكىلەرگە باج قايتۇرۇش
ھازىر ئىقتىساد ئۇچقاندەك تەرەققى قىلىۋاتقان دەۋر، نۇرغۇن ياشلار خىزمەت ئورنىغا بېرىشنى خالىماي خۇسۇسىي تاراتقۇ خادىمىغا ئايلاندى. بۇ كىشىلەر ئەركىن كەسىپتىكىلەر دەپ ئاتىلىدۇ، ئۇلار غوجايىننىڭ ئازابى ۋە ئىشقا بېرىپ-كېلىش غېمىدىن قۇتۇلىدۇ، لېكىن شۇنداق بولغان تەقدىردىمۇ، ئۇلار يەنىلا باج تاپشۇرىدۇ، ئۇنىڭ ئۈستىگە ئەركىن كەسىپتىكىلەر تاپشۇرغان باج سوممىسى نورمال ئىشلەمچىلەر تاپشۇرغان باج پۇلىدىن خېلىلا كۆپ.
دوۋيىن، كۈەيشو قاتارلىق قىسقا فىلىم سۇپىلىرىدىن قارىغاندا، تاراتقۇلار يۇقىرىقى سۇپىلاردا ئەسەر ئېلان قىلغاندىن كېيىن مۇكاپات بىلەن نومۇر ئايرىيدۇ. ئۇنىڭ ئۈستىگە يەنە ئېلان ھەققى قاتارلىق ھەقلەر بار، بۇ ھەقلەرنىڭ باج سوممىسى ئەمەلىيەتتە سۇپىدىن بىۋاسىتە تۇتۇپ قېلىنىدۇ، مەسىلەن، دوۋيىندىكى تاراتقۇلار ئېلان ھەققى قاتارلىق خىراجەتلەرنى قوبۇل قىلغاندىن كېيىن، كىرىمىنىڭ %10 نى سۇپىدىن تۇتۇپ قالىدۇ، بۇ تۇتۇپ قېلىنغىنى شەخسىي تاپاۋەت بېجىدۇر.
بىراق كۆپلىگەن خۇسۇسىي تاراتقۇ خادىمى ئەنسىرىمىسىمۇ بولىدۇ، ئەگەر سىزنىڭ بىر يىللىق كىرىمىڭىز دۆلەت بەلگىلىگەن ئەڭ تۆۋەن باج تاپشۇرۇش ئۆلچىمىگە يەتمىسە، ئۇنداقتا، بىر يىل ئاخىرلاشقاندا، سۇپا سىزنىڭ ئارتۇق تاپشۇرغان باج پۇلىڭىزنى قايتۇرۇپ بېرىدۇ.
3) شەخسىيلەر تاپاۋەت بېجىنى مەخسۇس تۇتۇپ قېلىش
ھازىر دۆلىتىمىز ياشلىرىنىڭ تۇرمۇش بېسىمى بارغانسېرى زورىيىۋاتىدۇ، ياشلارنىڭ يۈكىنى يېنىكلىتىش ئۈچۈن، 2022-يىلىدىن باشلاپ، دۆلىتىمىزنىڭ شەخسىي تاپاۋەت بېجىنى مەخسۇس تۇتۇپ قېلىش پىلانى يولغا قويۇلدى. بەلكىم نۇرغۇن كىشىلەر چۈشەنمەسلىكى مۇمكىن، شەخسىي تاپاۋەت بېجىنى مەخسۇس تۇتۇپ قېلىش دېگەن نېمە؟ ئەمەلىيەتتە داۋالاش، مائارىپ، ياشانغاندا كۈتۈنۈش قاتارلىق مەبلەغلەرنى چىقىم قىلىشنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ، ناھايىتى كۆپ قىسمى ئۇنىڭ تاپشۇرغان باج پۇلى بىلەن ئۆزلىشىپ كېتىدۇ. بۇمۇ كىشىلەرنىڭ ئىش ھەققىنى كۆپرەك ئېلىشىغا، باج پۇلىنى ئازراق تاپشۇرۇشىغا ئىمكانىيەت يارىتىپ بېرىش ئۈچۈندۇر.
2022-يىلى 3-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن باشلاپ، شەخسلەر تاپاۋەت بېجىدىن مەخسۇس چىقىرىۋېتىلىدىغان تۈر مائارىپ، داۋاملىق تەربىيەلىنىش، كۈتۈنۈش، كېسەل كۆرسىتىش قاتارلىق ئالتە خىل مەخسۇس تۈر تولۇقلىمىسىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. ئەگەر ئىدارە بۇ تۈرلەرنى تۇتۇپ قالمىسا، بىز ماتېرىيال تەييارلاپ باج ئىدارىسىگە بېرىپ سۆزلەشسەك بولىدۇ. ئۇنداقتا، سىز كۆپ تاپشۇرغان باج پۇلى شۇ پېتى بانكا كارتىڭىزغا قايتىپ كېلىدۇ.
خاتىمە:
ئاكتىپ باج تاپشۇرۇش ھەربىر پۇقرانىڭ ئۆتەشكە تېگىشلىك مەجبۇرىيىتى، بۇمۇ ۋەتەن ئۈچۈن تۆھپە قوشىدىغان تېگىشلىك كۈچتۇر. ئەمەلىيەتتە بۇ باجلار ئەڭ ئاخىرىدا يەنە تۈرلۈك شەكىللەر بىلەن يېڭىباشتىن قايتىپ كېلىدۇ، يەنى خەلقتىن ئېلىپ، خەلققە ئىشلىتىش ئەنە شۇ داۋلىدۇر.
مەسىلەن، ھەر يىلى ئۆستۈرۈلگەن كۈتۈنۈش پۇلى، مەسىلەن، شەھەرلەردىكى قۇرۇلۇش قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسى باجغا تايىنىدۇ، شۇڭا باج تاپشۇرۇش بىزنىڭ پۇقرا بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن ئادا قىلىشقا تېگىشلىك مەسئۇلىيىتىمىز ۋە مەجبۇرىيىتىمىز. بىراق، ئويلاپ باقتىڭىزمۇ، سىز باج قايتۇرۇش شەرتىگە ئۇيغۇن كېلىدىغان ياكى كەلمەيدىغانلىقىڭىزنى بىلمەمسىز؟ ئىنكاس رايونىدا سۆز قالدۇرۇپ مۇزاكىرە قىلىشىڭىزنى قارشى ئالىمىز.
بۇ يەرنى بېسىپ «
دەۋر تەرەققىياتى، ئىقتىساد يۈزلىنىشى ۋە كەلگۈسىدىكى بىز!
» دېگەن يازمىنى كۆرۈڭ!
بۇ يەرنى بېسىپ «
خېڭدانىڭ كىرىزىس ۋەقەسى ۋە بۇنىڭدىن كېيىنكى ئىقتىساد يۈزلىنىشى!
» دېگەن يازمىنى كۆرۈڭ!
-----
تەۋسىيە كىتاب: شۆ جاۋفېڭ «ئىقتىساد تەپەككۇرى»
ئەگەر مەزكۇر كىتابنىڭ تولۇق مەزمۇنىغا قىزىقسىڭىز تۆۋەندىكى ئىككىلىك كودنى سىكاننېرلاپ مەزكۇر كىتابنىڭ ئۇيغۇرچە ئېلېكىتىرونلۇق نۇسخىسىنى ئوقۇڭ!
【声明】内容源于网络
0
0
NepKan
竭尽为您解忧,关注我们,解您的忧!
内容
296
粉丝
0
关注
在线咨询
NepKan
竭尽为您解忧,关注我们,解您的忧!
总阅读
206
粉丝
0
内容
296