搜索
首页
大数快讯
大数活动
服务超市
文章专题
出海平台
流量密码
出海蓝图
产业赛道
物流仓储
跨境支付
选品策略
实操手册
报告
跨企查
百科
导航
知识体系
工具箱
产业园
更多
找货源
跨境招聘
DeepSeek
首页
>
ئالاھىدە: باج قايتۇرۇشنى ئىلتىماس قىلىش قەدەم باسقۇچلىرى!
>
ئالاھىدە: باج قايتۇرۇشنى ئىلتىماس قىلىش قەدەم باسقۇچلىرى!
NepKan
2022-03-07
0
导读:2021-يىلى شەخسىيلەر تاپاۋەت بېجىدىن باج قايتۇرۇش باشلاندى، تېز كۆرۈپ بېقىڭ سىزگە قانچىلىك قايتىدىكەن
كۆپچىلىك ياخشىمۇسىلەر، يازما باشلىنىشتىن بۇرۇن كۆپچىلىككە بىر ئىشتا ئەسكەرتىش بەرمەكچىمەن: سالوننىڭ يوللاش قائىدىسى ئۆزگەرتىلگەن بولغاچقا، ئەگەر
『在看』
نى چېكىۋەتمىسىڭىز ياكى
『星标』
بەلگىسى قويۇلمىسا، يوللانغان سەرخىل يازمىلارنى كۆرەلمەسلىكىڭىز مۇمكىن! ئەگەر مەزكۇر سالوننىڭ سەرخىل مەزمۇنلىرىنى قولدىن بېرىپ قويۇشنى خالىمىسىڭىز، ئۈستى تەرەپتىكى «
Nepkan
» دېگەن كۆك خەتنى چېكىپ، ئاندىن ئوڭ تەرەپ ئۈستى بۇرجىكىدىكى «
...
» نى چەككەندىن كېيىن『
设为星标
』قىلىپ تاللاڭ. كۆپچىلىكنىڭ كۆڭۈل بۆلگىنىگە يەنە بىر قېتىم رەھمەت ئېيتىمەن!
---
شەخسىي تاپاۋەت بېجىدا يېڭى ئۆزگىرىش بولىدۇ
گوۋۇيۈەن زۇڭلىسى لى كېچياڭ 5-مارت گوۋۇيۈەنگە ۋاكالىتەن 13-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ 5-يىغىنىغا ھۆكۈمەت خىزمىتىدىن دوكلات بەردى. ھۆكۈمەت خىزمىتىدىن دوكلاتتا مۇنۇلار ئوتتۇرىغا قويۇلدى: ئۈچ پەرزەنتلىك بولۇش تۇغۇت سىياسىتىنىڭ يانداش تەدبىرلىرىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئۈچ ياشتىن تۆۋەن بوۋاقلار، بالىلارنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئېلىش خىراجىتىنى شەخسىي تاپاۋەت بېجىدىن مەخسۇس قوشۇمچە تۇتۇپ قېلىش دائىرىسىگە كىرگۈزۈپ، ئومۇمىي مەنپەئەتدارلىق پەرۋىش مۇلازىمىتىنى راۋاجلاندۇرۇپ، ئائىلىنىڭ بېقىش يۈكىنى يېنىكلىتىش كېرەك.
ئىلگىرىكى مۇناسىۋەتلىك خەۋەرگە نەزەر:
جۇڭگو ھۆكۈمەت تورىنىڭ ئىلگىرىكى خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، يېڭىدىن تۈزىتىش كىرگۈزۈلگەن «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ شەخسلەر تاپاۋەت بېجى قانۇنى» ۋە «گوۋۇيۈەننىڭ شەخسلەر تاپاۋەت بېجىنى مەخسۇس قوشۇمچە تۇتۇپ قېلىش ۋاقىتلىق چارىسىنى تارقىتىش توغرىسىدىكى ئۇقتۇرۇشى» (گ [2018] 41-نومۇرلۇق)نى ئىزچىللاشتۇرۇش ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈش ئۈچۈن، دۆلەت باج باش ئىدارىسى «شەخسلەر تاپاۋەت بېجىنى مەخسۇس قوشۇمچە تۇتۇپ قېلىش مەشغۇلات چارىسى (سىناق نۇسخىسى)»نى تۈزۈپ چىققان. ھازىر ئېلان قىلىندى، 2019-يىلى 1- ئاينىڭ 1-كۈنىدىن باشلاپ يولغا قويۇلىدۇ. باج تاپشۇرغۇچىلاردىن پەرزەنتلىرىنى ئوقۇتۇش، داۋاملىق تەربىيە ئېلىپ بېرىش، ئېغىر كېسەللەرنى داۋالاش، تۇرالغۇ ئۆي قەرز پۇلى ئۆسۈمى ياكى تۇرالغۇ ئىجارە ھەققى، ياشانغانلارنى بېقىش مەخسۇس قوشۇمچە چىقىمىدىن بەھرىمەن بولغانلىرى مۇشۇ چارىدىكى بەلگىلىمە بويىچە بېجىرىلىدۇ.
بۇنىڭ ئىچىدە، پەرزەنت تەربىيەسى بىر تۈرلۈك بولۇپ، باج تاپشۇرغۇچىلار بەلگىلىمىگە ئۇيغۇن كېلىدىغان مەخسۇس قوشۇمچە چىقىرىۋېتىلىدىغان تۈردىن بەھرىمەن بولىدىغان ھېسابلاش ۋاقتى مۇنداق بولىدۇ:
ئوقۇش يېشىغا توشمىغانلار مائارىپى باسقۇچىدا، پەرزەنتلىرى ئۈچ ياشقا توشقان شۇ ئايدىن باشلانغۇچ مەكتەپكە كىرىشتىن بىر ئاي ئىلگىرىگىچە بولىدۇ. ئوقۇش تارىخى مائارىپى، پەرزەنتلىرى پۈتۈن كۈنلۈك ئوقۇش تارىخى مائارىپىنى قوبۇل قىلىپ مەكتەپكە كىرگەن ئايدىن پۈتۈن كۈنلۈك ئوقۇش تارىخى مائارىپى ئاخىرلاشقان ئايغىچە بولىدۇ.
مەنبە: شىنخۇا تورى سالونىدىن تەرجىمە قىلىندى.
باج قايتۇرۇشنى ئىلتىماس قىلىش قەدەم باسقۇچلىرى
2021-يىلى شەخسىيلەر تاپاۋەت بېجىدىن باج قايتۇرۇش باشلاندى، تېز كۆرۈپ بېقىڭ سىزگە قانچىلىك قايتىدىكەن؟
ئىلگىرى باج قايتۇرۇشنى ئىلتىماس قىلىپ باقمىغانلارمۇ ئەنسىرىمەڭ، نورمىدىن ئارتۇق باج قايتۇرۇشنى ئىلتىماس قىلىش قەدەم-باسقۇچلىرى كەلدى.
1. مەلۇم قىلىش تەييارلىقى
ئالدى بىلەن، «شەخسلەر تاپاۋەت بېجى (个人所得税)» ئەپ دېتالىنى چۈشۈرۈش ۋە تىزىملىتىش كېرەك. تۇنجى قېتىم ئىشلىتىش ئۈچۈن ھېسابات نومۇرىنى تىزىملىتىمىز ھەمدە بانكا كارتىسىنى باغلايمىز، سىزگە «چىراي پەرقلەندۈرۈش گۇۋاھلىقى ئارقىلىق تىزىملىتىش» ئۇسۇلىنى ئىشلىتىش تەكلىپىنى بېرىمىز.
2. باج تاپشۇرۇش خاتىرىسىنى سۈرۈشتۈرۈش
«باشبەت (首页)»تىن «سۈرۈشتە قىلىمەن (我要查询)»نى چېكىپ، ئاندىن «كىرىم باج تاپشۇرۇش تەپسىلىي سۈرۈشتۈرۈش (收入纳税明细查询)»گە كىرىپ، 2021-يىلىنى تاللاپ، «تەكشۈرۈش (查询)» كۇنۇپكىسىنى باسساقلا، 2021-يىلىدىكى باج تاپشۇرۇش تەپسىلىي ئەھۋالىنى سۈرۈشتۈرگىلى بولىدۇ.
3. باج قايتۇرۇشنى ئالدىن كېلىشىش
بۇ يىل ئىلگىرىكى يىللاردىكىگە ئوخشىمايدۇ، باج تاپشۇرغۇچىلارغا تېخىمۇ ياخشى مۇلازىمەت قىلىش ئۈچۈن، بۇ يىل 3-ئاينىڭ 15-كۈنىدىن بۇرۇن باج قايتۇرۇشنى ئىلتىماس ئۈچۈن ئالدىن كېلىشىش كېرەك ياكى سىز 3.16~6.30 مەزگىلىگىچە ئالدىن كېلىشىپ بېجىرمىسىڭىزمۇ بولىدۇ.
«باشبەت (首页)» چېكىلگەن قىسمىدىكى «ئالدىن كېلىشىش (去预约)»نى چېكىپ، ئاندىن «ئالدىن كېلىشىش (去预约)»نى چېكىپ، ئاندىن «ئالدىن كېلىشىشنى باشلاش (开始预约)»نى چەككەندىن كېيىن، ئالدىن كېلىشىش ۋاقتىنى تاللىسىڭىزلا بولىدۇ، كېيىن شۇ كۈنگە كەلگەندە، باج قايتۇرۇش ئىلتىماسىنى بېجىرسىڭىز بولىدۇ.
4. باج قايتۇرۇشنى ئىلتىماس قىلىش
ئالدىن كېلىشىپ بولغاندىن كېيىن، «شەخسلەر تاپاۋەت بېجى (个人所得税)» ئەپ دېتالىنى ئېچىپ، تىزىملىتىپ كىرگەندىن كېيىن، باش بەتتىكى 2021-يىللىق ئۇنىۋېرسال تاپاۋەت بېجىنى جەملەپ ھېسابلايدىغان «مەلۇم قىلىشنى باشلاش (开始申报)»نى چېكىمىز، ئارقىدىنلا كۆرسەتمىگە ئاساسەن «مەن ئوقۇپ بولدۇم ھەم بىلدىم (我已阅读并知晓)» كۇنۇپكىسىنى باسىمىز.
ئادەتتە بۇ ئۇچۇرلارنىڭ ھەممىسى ئاپتوماتىك تولدۇرۇلىدۇ، سىز پەقەت جەزىملەشتۈرسىڭىزلا بولىدۇ، ئەگەر ئۆزلىكىدىن تولدۇرۇلمىغان بولۇپ سىز قول بىلەن تولدۇرۇدۇشقا توغرا كەلسە، چوقۇم ھەقىقىي ئۇچۇرنى تولدۇرۇشىڭىز كېرەك، بولمىسا باج قايتۇرۇشقا تەسىر يېتىدۇ.
ئىلتىماس ئۇچۇرىنى تولدۇرۇپ، تاپشۇرۇپ بولغاندىن كېيىن، «باج قايتۇرۇشنى ئىلتىماس قىلىش (申请退税)»نى چەكسەكلا بولىدۇ. ئاندىن كۆپچىلىك باج ئىشلىرىنى تەكشۈرۈش ۋە دۆلەت خەزىنىسىنى بىر تەرەپ قىلىشنى سەۋرچانلىق بىلەن ساقلىسىلا باج قايتۇرۇشنى تاماملىيالايدۇ. (رەسىم توردىن كەلگەن، بۇ كىشىگە 4000 يۈەندىن ئارتۇق قايتۇرۇلغان.)
ئاخىرىدا، باج قايتۇرۇش سۈرئىتىنى كۆرمەكچى بولغانلارغا قارىتا، باج قايتۇرۇشنى ئىلتىماس قىلىشنى تاماملاپ، باش بەتتىكى «بېجىرىلىش ئەھۋالىنى تەكشۈرۈش (查看进度)»نى چېكىپ، «باج قايتۇرۇش خاتىرىسى (退税记录)»دە، مۇناسىۋەتلىك ئەھۋاللارنى تەكشۈرگىلى بولىدۇ.
بۇ يەرنى بېسىپ «
دەۋر تەرەققىياتى، ئىقتىساد يۈزلىنىشى ۋە كەلگۈسىدىكى بىز!
» دېگەن يازمىنى كۆرۈڭ!
بۇ يەرنى بېسىپ «
خېڭدانىڭ كىرىزىس ۋەقەسى ۋە بۇنىڭدىن كېيىنكى ئىقتىساد يۈزلىنىشى!
» دېگەن يازمىنى كۆرۈڭ!
-----
تەۋسىيە كىتاب: شۆ جاۋفېڭ «ئىقتىساد تەپەككۇرى»
ئەگەر مەزكۇر كىتابنىڭ تولۇق مەزمۇنىغا قىزىقسىڭىز تۆۋەندىكى ئىككىلىك كودنى سىكاننېرلاپ مەزكۇر كىتابنىڭ ئۇيغۇرچە ئېلېكىتىرونلۇق نۇسخىسىنى ئوقۇڭ!
【声明】内容源于网络
0
0
NepKan
竭尽为您解忧,关注我们,解您的忧!
内容
0
粉丝
0
关注
在线咨询
NepKan
竭尽为您解忧,关注我们,解您的忧!
总阅读
0
粉丝
0
内容
0