搜索
首页
大数快讯
大数活动
服务超市
文章专题
出海平台
流量密码
出海蓝图
产业赛道
物流仓储
跨境支付
选品策略
实操手册
报告
跨企查
百科
导航
知识体系
工具箱
产业园
更多
找货源
跨境招聘
DeepSeek
首页
>
بۇ يىلدىن باشلاپ، «بۇ بەش خىل قەرز»نى قايتۇرۇشنىڭ ھاجىتى يوقمۇ؟
>
بۇ يىلدىن باشلاپ، «بۇ بەش خىل قەرز»نى قايتۇرۇشنىڭ ھاجىتى يوقمۇ؟
NepKan
2022-03-11
0
导读:كۆپچىلىك ياخشىمۇسىلەر، يازما باشلىنىشتىن بۇرۇن كۆپچىلى
كۆپچىلىك ياخشىمۇسىلەر، يازما باشلىنىشتىن بۇرۇن كۆپچىلىككە بىر ئىشتا ئەسكەرتىش بەرمەكچىمەن: سالوننىڭ يوللاش قائىدىسى ئۆزگەرتىلگەن بولغاچقا، ئەگەر
『在看』
نى چېكىۋەتمىسىڭىز ياكى
『星标』
بەلگىسى قويۇلمىسا، يوللانغان سەرخىل يازمىلارنى كۆرەلمەسلىكىڭىز مۇمكىن! ئەگەر مەزكۇر سالوننىڭ سەرخىل مەزمۇنلىرىنى قولدىن بېرىپ قويۇشنى خالىمىسىڭىز، ئۈستى تەرەپتىكى «
Nepkan
» دېگەن كۆك خەتنى چېكىپ، ئاندىن ئوڭ تەرەپ ئۈستى بۇرجىكىدىكى «
...
» نى چەككەندىن كېيىن『
设为星标
』قىلىپ تاللاڭ. كۆپچىلىكنىڭ كۆڭۈل بۆلگىنىگە يەنە بىر قېتىم رەھمەت ئېيتىمەن!
---
كونىلاردا «قەرز پۇلنى قايتۇرۇش ھەقلىق» دېگەن گەپ بار، قەدىمدىن تارتىپ مۇشۇ قائىدىنىڭ رامكىسىدا ياشاپ كېلىۋاتىمىز. دائىم كۆرۈلىدىغان ئەلئارا ئېلىم-بېرىمدىن باشقا، مەسىلەن، ئۇرۇق-تۇغقان، دوست-بۇرادەرلىرىدىن، خىزمەتداشلىرىدىن قەرز ئېلىشتەك ھەق تەلەپ ھەرىكىتى، يەنە قەرز ئالغۇچىلارنىڭ ئاپپاراتلاردىن قەرز ئېلىش ھادىسىسىمۇ بار.
بىراق، 2022-يىلىدىن باشلاپ، قەرز ئالغۇچى ئىلگىرى يۈز بەرگەن بەزى «قەرز»لەرنى قايتۇرمىسىمۇ بولىدىغان بولدى. مەزكۇر يازمىنى كۆرگەن دوستلار قايسى تۈردىكى قەرزلەرنىڭ بارلىقىنى بىلسەڭلار، قايتۇرمىساڭلارمۇ بولامدۇ؟
1. قەرزنى قايتۇرمىسىمۇ قانۇنغا ئۇيغۇنمۇ؟
ئادەتتىكى كىشىلەرنىڭ كۆز قارىشى بويىچە، قەرزنى قايتۇرۇش ھەقلىق. نۇرغۇن كىشىلەر 2022-يىلى يېڭى بەلگىلىمىنى ئىجرا قىلغاندىن كېيىن، بەزى پۇللارنى قايتۇرمىسىمۇ بولىدىغانلىقىنى بىلمەيدۇ. شۇنداق بولۇپلا قالماي، قەرزدار يەنە قەر ئىگىسىنى قانۇنلۇق رەت قىلالايدۇ. بۇ بەش خىل قەرز توغرىسىدا، سىز ئويلاپ يېتەلەمسىز؟
بۇ بەش خىل قەرز قانۇن تەرىپىدىن قوغدالمايدۇ، مەسىلەن، جازانىخورلۇق، ئەر-خوتۇنلۇق مۇناسىۋەت قەرز پۇلى، يۇقىرى ئۆسۈملۈك قەرز، يۈرۈشلۈك قەرز ۋە ئوغرىلىقچە كارتا سۈركەش قاتارلىقلار.
دەۋالاشقۇچىلار يۇقىرىدا ئېيتىلغان بەش خىل قەرز بولۇپ قالسا، قانۇنلۇق ھالدا قايتۇرۇشنى رەت قىلسا بولىدۇ.
مەسىلەن، ئەگەر ئىككى تەرەپ پۈتۈشكەن ئۆسۈم نىسبىتى توختام تۈزۈلگەن چاغدىكى بىر يىللىق قەرز پۇل بازىرىدا مەلۇم قىلىنغان ئۆسۈم نىسبىتىنىڭ تۆت ھەسسىسىدىن ئېشىپ كەتسە، سوت مەھكىمىسى قوللىمايدۇ. يەنى، قەرز ئالغۇچى بىلەن قەرز بەرگۈچى ئۆسۈمنى تۆلەشنى پۈتۈشسە بولىدۇ. لېكىن، ئۆسۈم قانۇندىكى بەلگىلىمىدىن ئېشىپ كەتسە بولمايدۇ.
باشقىچە قىلىپ ئېيتقاندا، قەرز ئالغۇچى قانۇن قورالىدىن مۇۋاپىق پايدىلىنىپ، ئۆزىنىڭ ھوقۇقىنى قوغدىسا بولىدۇ. بىراق، بەزى قەرزنى يەنىلا قايتۇرۇشقا توغرا كېلىدۇ. مەسىلەن، قەرز ئالغۇچى بانكىدىن قەرز ئالغان پۇلنى ئۆز قەرەلىدە قايتۇرۇشى كېرەك. ئەگەر ۋاقىت چەكلىمىسىدىن ئېشىپ كەتسە، يەنە لەۋزىدە تۇرمىغانلار تىزىملىكىگە كىرگۈزۈلىدۇ.
ئەگەر قەرز ئالغۇچى بىلەن قەرز بەرگۈچى ئىككى تەرەپ پۈتۈشكەن ئۆسۈم بەك يۇقىرى بولۇپ كەتسە، سوت مەھكىمىسى قوللىمايدۇ. شۇڭا، قەرز ئالغۇچى قانۇندا بەلگىلەنگەن ئۆسۈم نىسبىتىدىن يۇقىرى قەرز ئالغان بولسا، قايتۇرۇش ھاجەتسىز، بۇنداق قەرز يۇقىرى ئۆسۈملۈك قەرز بولىدۇ.
بۇنىڭدىن كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇكى، يۇقىرى ئۆسۈملۈك قەرزنىڭ قانۇن تەرىپىدىن قوغدالماسلىقىدىكى سەۋەب، پۈتۈشكەن قايتۇرۇش ئۆسۈم نىسبىتى قانۇندىكى بەلگىلىمىدىن خېلىلا يۇقىرى. قەرز بەرگۈچى بىلەن قەرز ئالغۇچى ئىككىلا تەرەپ قوشۇلغان تەقدىردىمۇ، بۇ قەرز ئېلىش توختامى قانۇن تەرىپىدىن قوغدالمايدۇ.
بۇنىڭدىن باشقا، ئەر-خوتۇن مۇناسىۋىتىدە شەخسىي نام بىلەن پەيدا بولغان ئېلىم-بېرىم، قانۇندا بەلگىلەنگەن ياكى باشقا بىر ئادەمگە چېتىلمايدىغان قەرز. يەنە بىر تۈرلۈك قەرز بولسا كىشىلەر دائىم دەيدىغان يۇقىرى ئۆسۈملۈك قەرز بولۇپ، نۇرغۇن يۇقىرى ئۆسۈملۈك قەرز ئاپپاراتلىرى ۋە يەر ئاستى سەرراپخانىلار بۇ خىل ئۆسۈم ھېسابلاش ئۇسۇلىنى تاللايدۇ. ئەڭ ئاخىرىدا، يۈرۈشلۈك قەرز ۋە ئوغرىلىقچە كارتا سۈركەش قاتارلىقلاردا قەرز ئالغۇچى قانۇن بويىچە پۇلنى قايتۇرمىسىمۇ بولىدۇ.
2. قانۇن بويىچە پۇل قايتۇرمىسىمۇ بولىدىغان ئەھۋاللار
ئالدىنقى مەزگىلدە، خەلقئارا پۇل فوندى تەشكىلاتى تەكشۈرۈش دوكلاتىنى ئېلان قىلدى. يۇقۇمنىڭ تەسىرىدە، قەرز سەۋىيەسى ۋە ئېشىشى مىسلى كۆرۈلمىگەن دەرىجىگە يەتتى. جامائەت قەرزى ئىزچىل ئېشىپلا قالماي، شەخسىي قەرزمۇ ئوخشاشلا يېڭى پەللىگە كۆتۈرۈلدى.
2020-يىلى، دۇنيا قەرز سوممىسى 226 تىرىليون ئامېرىكا دوللىرىغا يەتتى. بۇلتۇرقىغا سېلىشتۇرغاندا %14 ئاشتى. 2021-يىلى، ئومۇمىي ھۆكۈمەت قەرزىنىڭ GDP دا ئىگەللىگەن نىسبىتى %97.8 كە يەتتى. مۆلچەرلىنىشىچە، 2026-يىلىغا بارغاندا بۇ نىسبەت %118.6 كە يېتىدىكەن.
بۇنىڭدىن باشقا، يېڭىدىن گۈللەنگەن دۆلەتلەرنىڭ قەرز نىسبىتىمۇ داۋاملىق ناچارلاشتى. يۇقۇمنىڭ تەسىرىدە، ئىقتىسادنىڭ ئەسلىگە كېلىشى تەرەققىي تاپقان دۆلەتلەرگە قارىغاندا ئاستا بولدى. نۇرغۇن دۆلەتلەر ئۆزىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشقا توسقۇنلۇق قىلىپ، باج يىغىش ئارقىلىق ئىقتىسادنى گۈللەندۈرۈشكە ئامالسىز قالدى. ھەتتا بىر قىسىم تۆۋەن كىرىملىك دۆلەتلەرمۇ خەلقئارادىن ياردەم تەلەپ قىلدى.
دۆلەت مۇشۇنداق تۇرسا، شەخس قانداقمۇ بەرداشلىق بېرەلىسۇن. 2020-يىلى، يۇقۇم ئەھۋالى پۈتۈن دۇنيانى قاپلىدى. نۇرغۇن ئائىلىلەر ئارقا-ئارقىدىن كېسەل ۋە ئىشسىزلىقنىڭ زەربىسىگە ئۇچراپ، مالىيە خەۋپ ئىچىدە قالدى. لېكىن، شۇنداق بولغان تەقدىردىمۇ، شەخسنىڭ مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈش يولى بەك كۆپ ئەمەس، بانكىغا قەرز بولۇپ قالغان پۇلنى ھامان قايتۇرۇپ بېرىشى كېرەك.
ھەر ئايدا قەرەلى توشقان ئاپتوموبىل قەرزى، ئۆي قەرزىنى قايتۇرۇش ئۈچۈن، نۇرغۇن كىشىلەر ئامالسىز تەرەپ-تەرەپتىن قەرز ئالىدۇ. دەل مۇشۇ چاغدا، بەزى يامان نىيەتلىك قەرز بەرگۈچىلەر «ياردەم قولىنى سۇنىدۇ». بەلكىم ئادەتتە، بىزنىڭ پەرق ئېتىش ئىقتىدارىمىز يېتەرلىك بولماسلىقى مۇمكىن.
جىددىي كېسەل بولۇپ دوختۇرخانىغا كىرىپ قالغاندا، ئۇنچە كۆپ ئىشلارنى ئويلاپ كەتكىلى بولمايدۇ. مەسىلەن، بەزى كىشىلەر يۇقىرى ئۆسۈملۈك قەرز بېرىش ۋە يۈرۈشلۈك قەرز بېرىشكە دۇچ كېلىدۇ. ئىسمىدىنلا مەلۇمكى، نۇرغۇن يەر ئاستى سەرراپخانىلار ۋە يۇقىرى ئۆسۈملۈك قەرز ئاپپاراتلىرى ئۆسۈمنى «يۇقىرى ئۆسۈم» ئۇسۇلى ئارقىلىق ھېسابلايدۇ.
يۇقىرى ئۆسۈملۈك قەرز دېگەن نېمە؟ بۇ قەرز بەرگۈچىنىڭ دىرىدىن قەرز پۇل ئۆسۈمىنى ئېلىۋېتىشنىڭ بىر خىل ئۇسۇلى. يۇقىرى ئۆسۈملۈك قەرز ئاپپاراتلىرىنى مىسالغا ئالساق، ئەسلىدىكى قەرز بېرىش سوممىسى 100 مىڭ يۈەن بولسا، دەسلەپكى ئۆسۈمى ئەسلىدىكى قايتۇرىدىغان ئۆسۈمنى ئاۋۋال ئېلىۋېتىدۇ، ئۆسۈمى 20 مىڭ يۈەن بولغان ئەھۋالنى مىسالغا ئالساق، ئۇنداقتا قەرز ئالغۇچىنىڭ قولىغا تېگىدىغىنى 80 مىڭ يۈەن بولىدۇ. لېكىن، قەرز ھۆججىتىگە يېزىلغان سومما 100 مىڭ يۈەن بولىدۇ.
يەنە بىر قايتۇرمىسىمۇ بولىدىغان قەرز بولسا يۈرۈشلۈك قەرز (套路贷). خەۋەرلەردە كۆپ ئۇچرايدىغان مەكتەپ قەرزى دەل مۇشۇ خىلدىكى ئۇسۇللارنىڭ بىرى، قارىماققا، ئۆسۈم ئۆلچىمى ئانچە يۇقىرى ئەمەس. لېكىن، ئۇنىڭ ئارقىسىدا قاتمۇقات ماددىلار بولۇپ، جەمئىيەتكە بولغان تونۇشى تېخى چوڭقۇر بولمىغان ئوقۇغۇچىلارنى قەرز پاتقىقىغا پاتۇرۇپ قويىدۇ. ئەگەر قەرز ئالغۇچى بۇ خىل قەرزگە يولۇقۇپ قالسا، قايتۇرمىسىمۇ بولىدۇ. قانۇنمۇ بۇ خىل قەرز پۇلغا زەربە بېرىدۇ.
3. پۇل مۇئامىلە جىنايى قىلمىشى
دۆلىتىمىزنىڭ پۇل مۇئامىلە ساھەسىنىڭ بارغانسېرى كېڭىيىشىگە ئەگىشىپ، پۇل مۇئامىلە جىنايەتلىرىمۇ ئارقا-ئارقىدىن يۈز بېرىۋاتىدۇ. ئىلگىرىكىگە سېلىشتۇرغاندا، يېڭىچە پۇل مۇئامىلە جىنايىتى تېخىمۇ پەن-تېخنىكىلاشتى، ئەقلىي ئىقتىدارلاشتى. جىنايەت بىلەن ئالاقە تورى بىرلەشكەندىن كېيىن، نۇرغۇن كىشىلەر ساقلىنالمىدى.
بۈگۈنكى كۈندە، تۈرلۈك پۇل مۇئامىلە جىنايەتلىرى ئارقا-ئارقىدىن يۈز بېرىپ، بىزنىڭ مەنپەئەتىمىزگە ئېغىر زىيان يەتكۈزۈۋاتىدۇ. مەسىلەن، پۇل مۇئامىلە ئالدامچىلىقى جىنايىتى، ئالدامچىلىق قىلغۇچىلار دائىم قانۇنسىز ئىگىلىۋېلىش مەقسىتىدە، ھەقىقىي ئەھۋالنى ئويدۇرۇپ چىقىش ياكى يوشۇرۇش ئۇسۇلىنى قوللىنىپ، ئومۇمنىڭ ۋە شەخسنىڭ مال-مۈلكىنى ئالداپ ئېلىۋالىدۇ.
پۇل مۇئامىلە ئالدامچىلىقى جىنايەتچىلىرىنىڭ ۋاستىسى كۆپ خىل بولۇپ، نۇرغۇن كىشىلەر سەللا دىققەت قىلمىسا ئالدىنىپ قالىدۇ. بۇنىڭدىن باشقا، نۇرغۇن كىشىلەرنىڭ شەخسىي ئۇچۇرنى قوغداش سالمىقى يېتەرلىك بولمىغاچقا، نۇرغۇن پۇل مۇئامىلە جىنايەتچىلىرى پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ كېتىدۇ. ئەڭ كۆپ ئۇچرايدىغان جىنايەت ۋاسىتىسى بولسا ئوغرىلىقچە كارتا سۈركەش (盗刷).
يەنە بىر قىسىم پۇل مۇئامىلە كەسپى بىلەن شۇغۇللانغۇچىلار قاتتىق تەربىيەلەنمىگەن ۋە تەكشۈرۈلمىگەن. ئەگەر يۇقىرى دەرىجىلىك رەھبەرلەر كەسپىي نەتىجىگە ھەددىدىن زىيادە ئەھمىيەت بېرىپ، كەسىپكارلارنىڭ كەسپىي ئەخلاقىنى يېتىلدۈرۈشكە سەل قارىسا، پۇل مۇئامىلىدە ناھايىتى زور يوچۇق پەيدا بولىدۇ.
بۇ ۋاقىتتا، ئەگەر كەسىپكارلارنىڭ ئىدىيەسى چىرىپ، سىرتقى دۇنيانىڭ ئېزىقتۇرۇشىغا بەرداشلىق بېرەلمىسە، جىنايەت يولىغا ماڭىدۇ. تېخىمۇ ئېغىر ئەھۋال شۇكى، ئۇلارنىڭ قولىدا نۇرغۇن پۇقرالارنىڭ شەخسىي ئۇچۇرى بار بولۇپ، ناۋادا مەنپەئەتنىڭ مەجبۇرلىشىغا ئۇچراپ قالسا، ئاقىۋىتىنى تەسەۋۋۇر قىلغىلى بولمايدۇ.
ئىلگىرىكىگە سېلىشتۇرغاندا، ئېلىمىزنىڭ پۇل مۇئامىلە ساھەسىدىكى قانۇن چىقىرىش خىزمىتىمۇ تەدرىجىي مۇكەممەللەشتى. لېكىن، يەنىلا بەزى بوش يەرلەر جىنايەتچى ئۇنسۇرلارغا پۇرسەت يارىتىپ بېرىدۇ. مەسىلەن، جىنايەتچىلەر ئىنتېرنېت تورى، ئىناۋەتلىك كارتا ئالدامچىلىقىدىن پايدىلىنىدۇ. ئەگەر قەرز ئالغۇچى راستتىنلا بۇ خىل ئەھۋالغا دۇچ كەلسە، قەرزنى قايتۇرۇش كېرەكمۇ؟
مەسىلەن، ئوغرىلىقچە كارتا سۈركەش جىنايەتچى ئۇنسۇرلار يۇقىرى تېخنىكىلىق ۋاسىتىلەردىن پايدىلىنىپ، باشقىلارنىڭ بانكا كارتىسى، ئىناۋەتلىك كارتىسىنى كۆچۈرۈپ ياكى باشقىلارنىڭ مەخپىي نومۇرىنى ئوغرىلاپ، باشقىلارنىڭ نەق پۇلىنى ئۆزىنىڭ قىلىۋېلىش قىلمىشىنى كۆرسىتىدۇ. 2021-يىلى 5-ئاينىڭ 25-كۈنى، ئالىي خەلق سوت مەھكىمىسى بانكا كارتىسى ھەق تەلەپ ماجىراسى دېلوسىغا ئالاقىدار بەلگىلىمىلەرنى ئېلان قىلدى. ئەگەر ئىشلەتكۈچىنىڭ بانكا كارتىسى ئوغرىلانسا، پەقەت ئۆزىنىڭ مەسئۇلىيىتى يوقلۇقىنى ئىسپاتلىسىلا، بانكىدىن تۆلەم تەلەپ قىلسا بولىدۇ.
خۇلاسە:
گەرچە ھەممە ئادەمنىڭ ئىقتىسادتىن قىينىلىپ قالىدىغان ۋاقتى بولسىمۇ، مەيلى قانچىلىك جىددىيلەشسۇن، قەرز ئالغۇچى كۆزىنى يوغان ئېچىپ، مۇنتىزىم يوللار بىلەن قەرز ئېلىشى كېرەك. شۇنداق قىلغاندا، يامان نىيەتلىك كىشىلەر بەرگەن «ياردەم قول»دىن ناھايىتى زور دەرىجىدە ئۆزىنى قاچۇرغىلى بولىدۇ. ئادالەت بىر گەز ئۆرلىسە جاھالەت مىڭ گەز ئۆرلەيدۇ، بىز ئۆزىمىزنى تېخىمۇ تاۋلىشىمىز كېرەك.
ماقالىدە تونۇشتۇرۇلغان بەش تۈرلۈك قەرزنى قەرز ئالغۇچى قانۇن بويىچە قايتۇرمىسىمۇ بولىدۇ. ئەگەر قەرز ئالغۇچى يۇقىرىدا ئېيتىلغان بىر خىل قەرزگە پېتىپ قالغان بولسا، چوقۇم پەرقلەندۈرۈشنى ئۆگىنىۋېلىشى كېرەك. 2021-يىلى 3-ئاينىڭ 1-كۈنى «جىنايى ئىشلار قانۇنى»غا تۈزىتىش كىرگۈزۈش لايىھەسىنىڭ يولغا قويۇلۇشىغا ئەگىشىپ، ئېلىمىزنىڭ پۇل مۇئامىلە جىنايىتىگە زەربە بېرىش سالمىقى تېخىمۇ كۈچەيدى. بىراق، پەن-تېخنىكىنىڭ تەرەققىي قىلىشىغا ئەگىشىپ، پۇل مۇئامىلە جىنايىتىدىمۇ ئۆزگىرىش بولدى. ئۆز مال-مۈلكىنى ياخشى قوغداشتا دوستلارنىڭ يەنە باشقا ئۇسۇلى بارمۇ؟
بۇ يەرنى بېسىپ «
دەۋر تەرەققىياتى، ئىقتىساد يۈزلىنىشى ۋە كەلگۈسىدىكى بىز!
» دېگەن يازمىنى كۆرۈڭ!
بۇ يەرنى بېسىپ «
خېڭدانىڭ كىرىزىس ۋەقەسى ۋە بۇنىڭدىن كېيىنكى ئىقتىساد يۈزلىنىشى!
» دېگەن يازمىنى كۆرۈڭ!
-----
تەۋسىيە كىتاب: شۆ جاۋفېڭ «ئىقتىساد تەپەككۇرى»
ئەگەر مەزكۇر كىتابنىڭ تولۇق مەزمۇنىغا قىزىقسىڭىز تۆۋەندىكى ئىككىلىك كودنى سىكاننېرلاپ مەزكۇر كىتابنىڭ ئۇيغۇرچە ئېلېكىتىرونلۇق نۇسخىسىنى ئوقۇڭ!
【声明】内容源于网络
0
0
NepKan
竭尽为您解忧,关注我们,解您的忧!
内容
296
粉丝
0
关注
在线咨询
NepKan
竭尽为您解忧,关注我们,解您的忧!
总阅读
206
粉丝
0
内容
296