搜索
首页
大数快讯
大数活动
服务超市
文章专题
出海平台
流量密码
出海蓝图
产业赛道
物流仓储
跨境支付
选品策略
实操手册
报告
跨企查
百科
导航
知识体系
工具箱
产业园
更多
找货源
跨境招聘
DeepSeek
首页
>
ئۆي-مۈلۈك خوجىلىقى ئومۇميۈزلۈك ئەمەلدىن قالدۇرۇلامدۇ؟
>
ئۆي-مۈلۈك خوجىلىقى ئومۇميۈزلۈك ئەمەلدىن قالدۇرۇلامدۇ؟
NepKan
2022-03-08
2
导读:مەركەز تاراتقۇلىرى ئىنكاس قايتۇردى: يېڭى بەلگىلىمىدىكى ئۈچ خىل خىراجەتنى كۆپچىلىك ئەمدى تاپشۇرمىسىمۇ
كۆپچىلىك ياخشىمۇسىلەر، يازما باشلىنىشتىن بۇرۇن كۆپچىلىككە بىر ئىشتا ئەسكەرتىش بەرمەكچىمەن: سالوننىڭ يوللاش قائىدىسى ئۆزگەرتىلگەن بولغاچقا، ئەگەر
『在看』
نى چېكىۋەتمىسىڭىز ياكى
『星标』
بەلگىسى قويۇلمىسا، يوللانغان سەرخىل يازمىلارنى كۆرەلمەسلىكىڭىز مۇمكىن! ئەگەر مەزكۇر سالوننىڭ سەرخىل مەزمۇنلىرىنى قولدىن بېرىپ قويۇشنى خالىمىسىڭىز، ئۈستى تەرەپتىكى «
Nepkan
» دېگەن كۆك خەتنى چېكىپ، ئاندىن ئوڭ تەرەپ ئۈستى بۇرجىكىدىكى «
...
» نى چەككەندىن كېيىن『
设为星标
』قىلىپ تاللاڭ. كۆپچىلىكنىڭ كۆڭۈل بۆلگىنىگە يەنە بىر قېتىم رەھمەت ئېيتىمەن!
---
مەركەز تاراتقۇلىرى ئىنكاس قايتۇردى: يېڭى بەلگىلىمىدىكى ئۈچ خىل خىراجەتنى كۆپچىلىك ئەمدى تاپشۇرمىسىمۇ بولىدۇ
جۇڭگولۇقلار ئەزەلدىن ئۆزىنىڭ مۇقىم تۇرالغۇسىنىڭ بار-يوقلۇقىغا كۆڭۈل بۆلۈپ، ئۆزىنىڭ كىيىم-كېچەك، يېمەك-ئىچمەك، تۇرالغۇ ۋە يۈرۈش-تۇرۇشىغا كاپالەتلىك قىلىشنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويىدۇ. بولۇپمۇ بۈگۈنكىدەك ئۆي باھاسى ئىنتايىن يۇقىرى يىللاردا، نۇرغۇن كىشىلەر شەھەردىن بىر يۈرۈش ئۆي سېتىۋېلىش ئۈچۈن ھەتتا ئىككى، ئۈچ ئەۋلاد كىشىلەرنىڭ تىرىشچانلىقىغا تايىنىشقا مەجبۇرى بولدى. بىراق، ئۆي سېتىۋېلىش تۇرالغۇغا قايتا پۇل خەجلەشنىڭ ھاجىتى يوقلىقىدىن دېرەك بەرمەيدۇ، بۇنىڭ ئىچىدە خوجىلىق ھەققى ئۆي سېتىۋالغاندىن كېيىنكى زور چىقىم ھېسابلىنىدۇ.
خوجىلىق ھەققى بولسا ئالاقىدار ئورۇنلار ھەر قايسى ئولتۇراق رايونلارنى باشقۇرۇش ئۈچۈن ئالىدىغان بەلگىلىك ھەقتۇر. لېكىن يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، دۆلىتىمىزدە ھەر قايسى خوجىلىق شىركەتلىرىدە قالايمىقان ھەق ئېلىش ئەھۋاللىرى كۆپ كۆرۈلدى، بۇمۇ نۇرغۇن ئىگىدارلارنىڭ: «خوجىلىق شىركەتلىرى ئادا قىلىشقا تېگىشلىك مەجبۇرىيىتىنى ئادا قىلمىدى، ئىگىدارلارنىڭ ھوقۇق-مەنپەئىتىنى قوغدىمىغان ئەھۋالدا يەنە بۇنداق يۇقىرى خوجىلىق ھەققى ئېلىش پۈتۈنلەي مۇۋاپىق ئەمەس.» دېگەن قارىشىنى پەيدا قىلدى.
ھەتتا نۇرغۇن كىشىلەر: «خوجىلىق كەسپى بۇ ھەقلەرنى تولۇق بىكار قىلىۋېتىش ئارقىلىق يۇقىرى بولغان خوجىلىق ھەققىنىڭ كىشىلەرگە غايەت زور تۇرمۇش تەننەرخى ئېلىپ كېلىشىدىن تامامەن ساقلانغىلى بولىدۇ.» دەپ قارايدۇ.
ئۇنداقتا، خوجىلىق شىركىتىنىڭ مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇشىنىڭ زادى زۆرۈرىيىتى بارمۇ-يوق؟ خوجىلىق ھەققى يەنە بىر قىسىم كىشىلەر ئېيتقاندەك پۈتۈنلەي ئەمەلدىن قالدۇرۇلامدۇ-يوق؟
بىرىنچى، ئۆي زېمىن خوجىلىقىنىڭ يەنىلا زۆرۈرىيىتى بار
ئالدى بىلەن شۇنى ئايدىڭلاشتۇرۇش كېرەككى، گەرچە ھازىر ئايرىم خوجىلىق شىركەتلىرىدە ھەقىقەتەن قالايمىقان ھەق ئېلىش ھەمدە ئىگىدارلارنىڭ ھوقۇقىنى قوغدىمايدىغان ئەھۋاللار مەۋجۇت بولسىمۇ، لېكىن «خوجىلىق ئىشلىرىنى ئومۇميۈزلۈك ئەمەلدىن قالدۇرۇش.» دېگەن گەپ پۈتۈنلەي خاتا. مەركەز تاراتقۇلىرىمۇ ھازىرقى ئۆي-مۈلۈك خوجىلىقىنىڭ مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇشىنىڭ زۆرۈرىيىتى بارلىقىنى ئېنىق بىلدۈردى، بۇنىڭدا تۆۋەندىكى بىرقانچە سەۋەب بار.
بۇنىڭدىكى ئەڭ ئاساسلىق سەۋەب يەنىلا خوجىلىق شىركىتىنىڭ ئۆي ئىگىلىرىنىڭ ھاياتى ۋە مال-مۈلۈك بىخەتەرلىكىگە مەلۇم دەرىجىدە كاپالەتلىك قىلالايدىغانلىقىدا. ھازىر قانۇن ئىدارە قىلىدىغان جەمئىيەت بولسىمۇ، قانۇنسىز ئۇنسۇرلار يەنىلا مەۋجۇت، ئەمما كەسپىي خوجىلىق شىركەتلىرى كەسپىي ئامانلىق ساقلاش قوشۇنىغا ئىگە بولۇپ، بىزنىڭ ھاياتىمىز ۋە مال-مۈلۈك بىخەتەرلىكىمىزدە بەلگىلىك قوغداش رولىنى ئوينايدۇ.
بىر قەدەر روشەن بولغىنى سىرتتىن كەلگەنلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىشتا خوجىلىق خادىملىرىنىڭ رولى بىر قەدەر چوڭ، بۇنداق بولغاندا سىرتقى كىشىلەرنىڭ مەھەللىگە قالايمىقان كىرىشىدىن بەلگىلىك دەرىجىدە ساقلانغىلى بولىدۇ. شۇڭا ئولتۇراق رايوندىكى كىشىلەرنىڭ بىخەتەرلىك مەسىلىسىنى چىقىش قىلغاندا، ھازىرقى خوجىلىق شىركىتىنىڭ يەنىلا بىر قەدەر مۇھىم رولى بار، ئۆي-مۈلۈك خوجىلىقىنى ئومۇميۈزلۈك ئەمەلدىن قالدۇرۇش مۇمكىن ئەمەس.
2. ئۆي-مۈلۈك خوجىلىقىدا قالايمىقان ھادىسىلەر مەۋجۇت
گەرچە ئىلگىرى ھازىرقى ئۆي-مۈلۈك خوجىلىقىنىڭ مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇشىنىڭ زۆرۈرلۈكى تىلغا ئېلىنغان بولسىمۇ، لېكىن قىسمەن ئۆي ئىگىلىرىنىڭ پوزىتسىيەسىدىن قارىغاندا، نۆۋەتتىكى بىر قىسىم ئۆي-مۈلۈك خوجىلىق شىركەتلىرىدە يەنىلا ئۆي ئىگىلىرىنىڭ نارازىلىقىنى قوزغايدىغان قالايمىقان ئەھۋاللار مەۋجۇت. بۇنىڭ ئىچىدە ئەڭ روشەن بولغىنى شۇكى، بەزى خوجىلىق شىركەتلىرى قالايمىقان ھەم كۆپ ھەق ئېلىپلا قالماستىن، بەلكى يەنە قىلىشقا تېگىشلىك مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلمىغان، مۈلۈك ئىگىلىرىنى «ھەق ئېلىشتىن باشقا ۋاقىتلاردا ئادەمنى ئۇچراتقىلى بولمايدۇ.» دېگەن ئاڭغا كەلتۈرۈپ قويغان.
نۇرغۇن ئىگىدارلار خوجىلىق شىركىتى يىغقان ھەقنىڭ بەك يۇقىرى بولۇپ كەتكەنلىكىنى ھەمدە ئۆي ئىگىلىرىنىڭ تېگىشلىك ھوقۇقىغا ھۆرمەت قىلمىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. مەسىلەن، ئەسلىدە كۆپچىلىككە تەۋە بولغان ئاممىۋى رايوندىكى لىفىت ئىشىكى، ئولتۇراق رايوندىكى ئېلان ئورنى قاتارلىقلارنى ئۆي-مۈلۈك خوجىلىقى ئۆي ئىگىلىرىنىڭ ماقۇللۇقىنى ئالمىغان ئەھۋالدا ئۆز بېشىمچىلىق بىلەن ئىجارىگە بېرىپ پايدا ئالغان.
ئۇنىڭ ئۈستىگە بۇ بىر قىسىم مەنپەئەتتىن ئىگىدارلار بەھرىمەن بولالمىغان، بۇنداق بولغاندا ئەمەلىيەتتە خوجىلىق شىركىتى مەلۇم دەرىجىدە ئولتۇراق رايوندىكى ئىگىدارلارنىڭ ئاممىۋى رايونىدىن پايدىلىنىپ پايدا ئالىدۇ. ئولتۇراق رايوندىكى بۇ بايلىقلارنى ھەقىقەتەن ئۆي ئىگىلىرى پۇل خەجلەپ سېتىۋالغان، بۇنداق قىلىش ناھايىتى مۇۋاپىق ئەمەس.
بۇ، نېمە ئۈچۈن نۇرغۇن غوجايىنلارنىڭ خوجىلىق شىركەتلىرىگە بۇنداق يېپىشىۋالىدىغانلىقى ئەجەبلىنەرلىك ئەمەس، چۈنكى خوجىلىق شىركىتىنىڭ قالايمىقان ھەق ئېلىشىدەك قالايمىقانچىلىقلار ھەقىقەتەن ئىگىدارلارنىڭ ھوقۇق-مەنپەئىتىگە باشقىچە يول بىلەن زىيان يەتكۈزىدۇ. گەرچە خوجىلىق شىركىتىنىڭ مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇش زۆرۈرىيىتى بولسىمۇ، لېكىن بۇ ئىگىدارلارنىڭ مەنپەئەتىگە زىيان يەتكۈزىدىغان سەۋەب ئەمەس، شۇڭا بۇ خىل قالايمىقانچىلىق ناھايىتى تېزلا تەرتىپكە سېلىنىشقا باشلايدۇ.
3. ئۈچ خىل تۈردىكى خىراجەتنى قايتا تاپشۇرمىسىمۇ بولىدۇ
خوجىلىق شىركەتلىرىدىكى قالايمىقانچىلىقلارنىڭ مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇشى بىلەن بىر ۋاقىتتا، ئالاقىدار تارماقلار نۆۋەتتىكى خوجىلىق شىركەتلىرىدىكى قالايمىقانچىلىقنى تۈزەش ئۈچۈن، تۆۋەندىكى ئۈچ يېڭى بەلگىلىمىنى ئېلان قىلىپ، ئېلىمىزدىكى كەڭ ئىگىدارلارنىڭ مەنپەئەتىنى ۋاقتىدا قوغدىدى.
تۆۋەندىكى ئۈچ تۈرلۈك خىراجەتنى بۇنىڭدىن كېيىن ئۆي سېتىۋېلىش جەريانىدا خوجىلىق شىركىتىگە تاپشۇرمىسىمۇ بولىدۇ.
بىرىنچى، ئەگەر ئۆي ئىگىسى سېتىۋالغان ئۆي تاپشۇرۇش مۇددىتى ئۆتۈپ كەتكەن بولسا، ئۆي ئىگىدارنىڭ قولىغا تەگمىگەن مەزگىلدە، ئۆي ئىگىسى ھېچقانداق خوجىلىق ھەققىنى ئۈستىگە ئالمايدۇ. چۈنكى ئۆي ئىگىسى ئۆي ئېلىشتىن بۇرۇن ئەمەلىيەتتە خوجىلىق شىركىتىنىڭ ئالاقىدار مۇلازىمىتىدىن بەھرىمەن بولالمىغان، شۇڭا بۇ تۈردىكى خوجىلىق ھەققى ئېلىشنىڭ ھېچقانداق ئاساسى يوق.
ئىككىنچى، خوجىلىق شىركىتى ئالغان خوجىلىق ھەققىگە قارىتا، ئىگىدار شۇ خىراجەتنىڭ ئىشلىتىلىش ئورنى ۋە كونكرېت سانىنى ئايدىڭلاشتۇرۇشقا ھوقۇقلۇق. ئەگەر خوجىلىق شىركىتى ئىگىدارغا مەزكۇر خىراجەتنىڭ كونكرېت ئىشلىتىلىش ئورنىنى ئۇقتۇرمىغان ۋە مۇناسىۋەتلىك ئىسپاتلارنى كۆرسەتمىگەن بولسا، ئىگىدارنىڭ خوجىلىق شىركىتىگە ھەق تاپشۇرماسلىق ھوقۇقى بولىدۇ. بۇ سىياسەتنىڭ خوجىلىق شىركىتىنىڭ قالايمىقان ھەق ئېلىشىغا قارىتا قاراتمىلىق رولى بولۇپ، ئەگەر بۇ قائىدە يولغا قويۇلسا، خوجىلىق شىركىتىنىڭ نامۇۋاپىق ھەق ئېلىش قالايمىقان ئەھۋالى زور دەرىجىدە ئازلايدۇ.
ئەلۋەتتە بۇ خىل ئەھۋاللارنى تۈزەشتە يېڭى قائىدىلەرگە تايىنىشلا كۇپايە قىلمايدۇ، تېخىمۇ كۆپ ئەھۋالدا يەنىلا ئىگىدارلارنىڭ نازارەت قىلىشى ۋە پاش قىلىشىغا تايىنىشقا توغرا كېلىدۇ. ھازىر قىسمەن مەھەللىلەردە ئىگىدارلار كومىتېتىغا ئوخشاش تەشكىلاتلار بارلىققا كېلىپ، خوجىلىق شىركەتلىرىنىڭ نامۇۋاپىق ھەق ئېلىشىغا قارىتا بەلگىلىك نازارەت قىلىش رولىنى ئوينىدى. شۇنىڭغا ئىشىنىمىزكى، يېڭى بەلگىلىمە ئېلان قىلىنغاندىن كېيىن، يەنە ھەرقايسى ئۆي ئىگىلىرىنىڭ ئولتۇراق رايوندىكى خوجىلىق شىركەتلىرىگە بولغان نازارەتچىلىكى قوشۇلۇپ، خوجىلىق شىركىتىنىڭ قالايمىقان ھەق ئېلىشىدىن ئىبارەت بۇ قالايمىقانچىلىق زور دەرىجىدە پەسىيىدۇ.
ئۈچىنچى، كۆپچىلىك بايلىقىنىڭ سەرپىيات ھەققىنى قايتا تاپشۇرمىسىمۇ بولىدۇ. ھازىر نۇرغۇن مەھەللىلەر ئىگىدارلاردىن مۇۋاپىق، قانۇنلۇق ھەق ئالغاندىن سىرت، يەنە نورمىدىن سىرت، ئاممىۋى بايلىق سەرپىيات ھەققى ئېلىپ، مەھەللىنىڭ يول چىرىغى، تاشيول قاتارلىق ئاممىۋى ئەسلىھەلىرىنى ئاسراشقا ئىشلىتىۋاتىدۇ.
لېكىن ئەمەلىيەتتە بۇ پۇل مۇۋاپىق ئەمەس، مۇناسىۋەتلىك بەلگىلىمىلەردە كۆرسىتىلىشىچە، سۈنئىي بۇزۇلغان ئاممىۋى ئەسلىھەلەرنى شەخسىي ئۈستىگە ئالغاندىن سىرت، قالغان تەبىئىي بۇزۇلۇشنى ئولتۇراق رايوندىكى ئاممىۋى فوند رېمونت ھەققى ئۈستىگە ئالىدىكەن. شۇڭا ئۆي-مۈلۈك خوجىلىقىنىڭ ئۆي ئىگىلىرىدىن ئارتۇقچە كۆپچىلىك بايلىقىنى رېمونت قىلىش ھەققى ئېلىشى مۇۋاپىق ئەمەس، يېڭى بەلگىلىمىنىڭ چىقىرىلىشىغا ئەگىشىپ بۇ ھەقمۇ ئەمەلدىن قالدۇرۇلىدۇ.
يۇقىرىقى ئۈچ تۈرلۈك قايتا تاپشۇرمىسىمۇ بولىدىغان خىراجەتتىن باشقا، يېڭى بەلگىلىمىنىڭ تۈرتكىسىدە ئۆي ئىگىلىرى يەنە قوشۇمچە كىرىمگە ئىگە بولىدۇ، بۇ كىرىم ئولتۇراق رايوندىكى ئېلان ئورنىنىڭ كىرىمىدۇر. بىر ئولتۇراق رايوننىڭ ئېلان ئورنىنىڭ بىر يىللىق كىرىمى تۆۋەن ئەمەس. ئۆي ئىگىسى تەڭ چېچىش شەكلىدە پۇل چىقىرىپ سېتىۋالغان ئېلان ھەققىنىمۇ ئۆي ئىگىسى ئېلىشى كېرەك. نۇرغۇن نامۇۋاپىق خوجىلىق شىركەتلىرى يېڭى بەلگىلىمىنىڭ تارقىتىلىشىغا ئەگىشىپ، بۇ بىر قىسىم پايدىنى ئۆي ئىگىلىرىگە قايتۇرۇپ بېرىدۇ، بۇ ئۆي ئىگىلىرى ئۈچۈن خۇشاللىق ئىش ھېسابلىنىدۇ.
خۇلاسە:
ھازىر ئۆي-مۈلۈك خوجىلىقى شىركەتلىرى قالايمىقان بولۇپ كەتتى، ئۆي-مۈلۈك خوجىلىقى بىلەن ئۆي ئىگىلىرى ئوتتۇرىسىدىكى توقۇنۇشمۇ ئارقا-ئارقىدىن يۈز بەرمەكتە. ئەمما خوجىلىق شىركىتىنى ئومۇميۈزلۈك ئەمەلدىن قالدۇرۇش ئەمەلىيەتكە ئۇيغۇن ئەمەس، چۈنكى خوجىلىق شىركىتى ئۆي ئىگىلىرىنىڭ جىسمانىي بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىش قاتارلىق جەھەتلەردە يەنىلا باشقىلار ئورنىنى باسالمايدىغان رولغا ئىگە. لېكىن خوجىلىق شىركىتىنىڭ قالايمىقانچىلىقىغا نىسبەتەن، بىز ھەم دەردىمىزنى ئىچىمىزگە يۇتۇپ پەرۋا قىلماي يۈرەلمەيمىز.
ئالاقىدار تارماقلار ئېلان قىلغان ئۈچ تۈرلۈك يېڭى بەلگىلىمىگە ئەگىشىپ، خوجىلىق شىركەتلىرىنىڭ كۆپ خىل ھەق ئېلىش، قالايمىقان ھەق ئېلىش ئەھۋالى ھەل قىلىنىدۇ، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، قىسمەن خوجىلىق شىركەتلىرى ئىگىلىۋالغان ئۆي ئىگىلىرىنىڭ ھوقۇقىمۇ ئۆي ئىگىلىرىگە قايتۇرۇپ بېرىلىدۇ. لېكىن بۇلارنىڭ ھەممىسى كەڭ ئىگىدارلارنىڭ ئورتاق تىرىشىشىغا موھتاج، خوجىلىق شىركەتلىرىنى ئۆز مەيلىگە قويۇۋېتىشكە بولمايدۇ.
بۇ يازمىنى ئوقۇۋاتقان سىز خوجىلىق شىركىتىنىڭ قالايمىقان ھەق ئېلىش ئەھۋالىنى باشتىن كەچۈرۈپ باققانمۇ؟ ئىنكاس رايونىدا سۆز قالدۇرۇپ بىز بىلەن پىكىر ئالماشتۇرۇشنى قارشى ئالىمىز.
مەنبە: بەيدۇ تورىدىن تەرجىمە ئاساسىدا تەييارلاندى.
بۇ يەرنى بېسىپ «
دەۋر تەرەققىياتى، ئىقتىساد يۈزلىنىشى ۋە كەلگۈسىدىكى بىز!
» دېگەن يازمىنى كۆرۈڭ!
بۇ يەرنى بېسىپ «
خېڭدانىڭ كىرىزىس ۋەقەسى ۋە بۇنىڭدىن كېيىنكى ئىقتىساد يۈزلىنىشى!
» دېگەن يازمىنى كۆرۈڭ!
-----
تەۋسىيە كىتاب: شۆ جاۋفېڭ «ئىقتىساد تەپەككۇرى»
ئەگەر مەزكۇر كىتابنىڭ تولۇق مەزمۇنىغا قىزىقسىڭىز تۆۋەندىكى ئىككىلىك كودنى سىكاننېرلاپ مەزكۇر كىتابنىڭ ئۇيغۇرچە ئېلېكىتىرونلۇق نۇسخىسىنى ئوقۇڭ!
【声明】内容源于网络
0
0
NepKan
竭尽为您解忧,关注我们,解您的忧!
内容
296
粉丝
0
关注
在线咨询
NepKan
竭尽为您解忧,关注我们,解您的忧!
总阅读
206
粉丝
0
内容
296