搜索
首页
大数快讯
大数活动
服务超市
文章专题
出海平台
流量密码
出海蓝图
产业赛道
物流仓储
跨境支付
选品策略
实操手册
报告
跨企查
百科
导航
知识体系
工具箱
产业园
更多
找货源
跨境招聘
DeepSeek
首页
>
يېڭى سىياسەت: مۇلازىمەت كەسپىنىڭ باھارىغا ئاز قالدى!
>
يېڭى سىياسەت: مۇلازىمەت كەسپىنىڭ باھارىغا ئاز قالدى!
NepKan
2022-02-25
1
导读:مالىيە پۇلىنى تېخىمۇ تۆۋەن قاتلامدىكى كىشىلەر توپىغا سەرپ قىلىپ، تېخىمۇ كۆپ كىشىلەرنى پاراۋانلىققا ئ
كۆپچىلىك ياخشىمۇسىلەر، يازما باشلىنىشتىن بۇرۇن كۆپچىلىككە بىر ئىشتا ئەسكەرتىش بەرمەكچىمەن: سالوننىڭ يوللاش قائىدىسى ئۆزگەرتىلگەن بولغاچقا، ئەگەر
『在看』
نى چېكىۋەتمىسىڭىز ياكى
『星标』
بەلگىسى قويۇلمىسا، يوللانغان سەرخىل يازمىلارنى كۆرەلمەسلىكىڭىز مۇمكىن! ئەگەر مەزكۇر سالوننىڭ سەرخىل مەزمۇنلىرىنى قولدىن بېرىپ قويۇشنى خالىمىسىڭىز، ئۈستى تەرەپتىكى «
Nepkan
» دېگەن كۆك خەتنى چېكىپ، ئاندىن ئوڭ تەرەپ ئۈستى بۇرجىكىدىكى «
...
» نى چەككەندىن كېيىن『
设为星标
』قىلىپ تاللاڭ. كۆپچىلىكنىڭ كۆڭۈل بۆلگىنىگە يەنە بىر قېتىم رەھمەت ئېيتىمەن!
---
يېقىندا، دۆلەت تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتى قاتارلىق نۇرغۇن تارماقلار بىرلىشىپ ئېلان قىلغان «مۇلازىمەت كەسپى ساھەسىدىكى قىيىنچىلىقى بار كەسىپلەرنىڭ ئەسلىگە كېلىپ تەرەققىي قىلىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش توغرىسىدىكى بىر قانچە سىياسەت» نۇرغۇن كەسىپ ئەھلىنىڭ دىققىتىنى تارتتى، پەيدا بولغان ئىجتىمائىي ئىنكاسمۇ ئويلىنىشقا ئەرزىيدۇ.
يېڭىدىن يولغا قويۇلغان بۇ سىياسەتلەردە مۇنداق بىر كىچىك ماددا ئوتتۇرىغا قويۇلدى: «بۇيرۇتما (外卖) سۇپىسى قاتارلىق ئالاقە تورى سۇپا كارخانىلىرىنى يېمەك-ئىچمەك ساھەسىدىكى سودىگەرلەرنىڭ مۇلازىمەت ھەققى ئۆلچىمىنى يەنىمۇ تۆۋەنلىتىشكە يېتەكلەپ، ئالاقىدار يېمەك-ئىچمەك كارخانىلىرىنىڭ تىجارەت تەننەرخىنى تۆۋەنلىتىش كېرەك. ئالاقە تورى سۇپىسى كارخانىلىرىنى يۇقۇم ئەھۋالى ئوتتۇرا، يۇقىرى خەتەرلىك رايون تۇرۇشلۇق ناھىيە دەرىجىلىك مەمۇرىي رايوندىكى يېمەك-ئىچمەك كارخانىلىرىغا باسقۇچلۇق سودىگەرلەر مۇلازىمەت ھەققى ئېتىبارى بېرىشكە يېتەكلەش كېرەك.»
ئېلان قىلىنىشى بىلەنلا، سېلىنما (资本) بازىرى ۋە كۆپچىلىكچىلىك ساراسىمىگە چۈشتى. نۇرغۇن ئالاقىدار كارخانىلارنىڭ پاي چېكى بەس-بەستە چۈشۈپ كەتتى.
بۇنىڭ ئىچىدە، تەسىرى بىر قەدەر چوڭ بولغانلىرى شياڭگاڭدا پاي چېكى بازارغا سېلىنغان شىركەتلەردىن مېيتۈەننى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. سىياسەت ئېلان قىلىنغان كۈنى مېيتۈەننىڭ پاي باھاسى %14.86 چۈشۈپ، ئۇدا ئىككى سودا كۈنى %19 تۆۋەنلىدى، پارلىنىپ كەتكەن بازار قىممىتى 200 مىليارد يۈەندىن ئاشتى. كېيىن، مەسىلەن، «تېڭشۈن ئېغىر بازغان يەيدۇ» قاتارلىق مۇناسىۋەتلىك يالغان-ياۋىداق خەۋەرلەرمۇ تازا ئەۋجىگە چىقىپ، بىر تۈركۈم ئوتتۇرا دەرىجىلىك پاي شىركەتلىرىنىڭ پېيى بىراقلا چۈشۈپ كەتتى.
سېلىنما بازىرى نۇقتىسىدىن ئېلىپ ئېيتقاندا، ئۇلار ئاساسلىقى بۇ خىل سىياسەتنىڭ ئالاقە تورى سۇپىسىغا بولغان تەسىرىدىن ئەنسىرىدى.
چۈنكى بۇنىڭدىن ئىلگىرىكى نۇرغۇن سىياسەتلەر ئالاقە تورى سۇپىسىغا قارىتا بەلگىلىمىگە ئۇيغۇن يېتەكلەش ئېلىپ بارغان، لېكىن بۇ قېتىم يېڭىدىن ئوتتۇرىغا قويۇلغان بۇ سىياسەت نۇرغۇن كىشىنى ئىلگىرىكى «يېتەكلەش» بازار باھاسىغا «ئارىلىشىش»، ھەتتا كەسىپنى باشقۇرۇش، تىزگىنلەشكە يۈزلىنىشى مۇمكىن، دەپ قاراشقا مەجبۇر قىلدى. ئەسلىدىكى سىياسەتتە تىلغا ئېلىنغان «بۇيرۇتما يەتكۈزۈش قاتارلىق ئالاقە تورى سۇپىسى»نىڭ كەسپى ئەسلىدىلا ئۇزاق مۇددەت ئاز پايدا ئېلىش ياكى زىيان تارتىش ھالىتىدە تۇران بولۇپ، ئەگەر كېيىنكى قەدەمدە مۇلازىمەت ھەققى نىسبىتىنى يەنىمۇ تۆۋەنلەتسە، بۇ سودا ئەندىزىسىنىڭ راۋان ماڭالمايدىغانلىقىنى چۈشەندۈرىدۇ.
لېكىن سىياسەتنى ئىنچىكە تەتقىق قىلغاندا شۇنى بايقايمىزكى، ئالدى بىلەن، باشقا ئېغىر دەرىجىدىكى سىياسەتلەرگە ئوخشىمايدىغىنى، بۇ سۇپىغا چېتىلىدىغان سىياسەتتە، مۇھىم نۇقتا «يېتەكلەش»، ھەرگىزمۇ «مەجبۇرىي ياكى تەلەپ» قىلىدىغان بۇيرۇتما سۇپىسى ئەمەس، چوقۇم ھەق نىسبىتى سىياسىتىنى تەڭشەش كېرەك. ئاخىرىدا يەنىلا يېمەك-ئىچمەك كەسپى، بۇيرۇتما سۇپىسى ھەمدە بۇيرۇتما يەتكۈزگۈچىلەر قاتارلىق ئەمگەك سۇبيېكتلىرىنىڭ ئوبيېكتىپ ئېھتىياجى ۋە بازار قانۇنىيىتىگە ھۆرمەت قىلىش كېرەك.
بازاردىكى ئاساسلىق ئەندىشە شۇكى، دۆلەت ئىچىدىكى باشقا ئالاقە تورى كارخانىلىرى ياكى چەت ئەللەردىكى بۇيرۇتما سۇپىلىرىغا سېلىشتۇرغاندا، دۆلەت ئىچىدىكى قورسىقىڭىز ئاچتىمۇ (饿了么) ۋە مېيتۈەننى ئۆز ئىچىگە ئالغان سۇپىلاردا، ئەمەلىي ئالغان شېرىنكانە نىسبىتى ئىنتايىن تۆۋەن. بازاردا شېرىنكانە يۇقىرى دەيدىغان خاتا چۈشەنچە پەيدا بولۇشى ئاساسلىقى يەتكۈزگۈچىلەرنىڭ ھەققى، سودىگەرلەرنىڭ خېرىدارلارغا بەرگەن باھاسى قاتارلىقلارنى بىر تۇتاش سۇپىدىكى شېرىنكانە دائىرىسىگە كىرگۈزگەنلىكىدە. ئالاقىدار سۇپىلارنىڭ مالىيە دوكلاتىغا ئاساسلانغاندا، بۇيرۇتما كەسپىدە شېرىنكانىنىڭ ئەمەلىيەتتە %83 تىن ئارتۇق قىسىمى يەتكۈزگۈچىلەرگە بىۋاسىتە بېرىلىدىكەن، سۇپىنىڭ ئەمەلىي شېرىنكانىسى پەقەت %6 تىن %8 كىچە بولىدىكەن. ھەتتا زاكاز يەككە باھاسى بىر قەدەر تۆۋەن بولغان زاكازلاردا، سودىگەرلەرنىڭ توردا تىجارەت قىلىشى ۋە ئىستېمالچىلارنىڭ ئىشلىتىش تۇيغۇسىغا كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن، دۆلەت ئىچىدە بۇيرۇتما سۇپىسى باشتىن-ئاخىر زىيان تارتىپ تىجارەت قىلىش ھالىتىدە تۇرماقتا. بۇنىڭغا سېلىشتۇرغاندا، خەلقئارا بۇيرۇتما سۇپىسى ئەڭ تۆۋەن بولغاندا %30 شېرىكانە ئالغاندىن سىرت، يەنە يەتكۈزۈش ھەققى ھېسابلىنىدىكەن، باشقا ئالاقە تورى ئەندىزىسىدە %15 تىن %50 كىچە شېرىنكانە نىسبىتى بار ئىكەن.
لېكىن سىياسىي تەدبىر ئېلان قىلىشنىڭ دەسلەپكى مەقسىتى ۋە تەپسىلىي نىزامىدىن قارىغاندا، بازارنىڭ ئىنكاسى زىيادە سەزگۈر بولۇپ كەتكەن بولۇپ، بۇنىڭدىن قورقۇپ كېتىشنىڭ قىلچە ھاجىتى يوق.
بىز سىياسەتنى چۈشەندۈرۈشتە بىرلا تەرەپكە قارىماستىن، بەلكى ماكرولۇق ئىگىلەپ، مۇھىم نۇقتىنى چىڭ تۇتۇشىمىز كېرەك.
ناھايىتى ئېنىقكى، بۇ قېتىمقى سىياسەت مەزمۇنىدىكى نۇرغۇن قاراتمىلىق تەدبىرلەر تېخىمۇ دىققەت قىلىشقا ئەرزىيدۇ.
بۇ قېتىملىق سىياسەت تەدبىرى ئۆز ئىچىگە ئالغان 6 چوڭ مەزمۇن ئىچىدە، بىرىنچى قىسمى ئاساسلىقى مۇلازىمەت كەسپىنىڭ ئومۇمىي مەنپەئەتدارلىق خاراكتېرىدىكى قىيىنچىلىقتىن قۇتقۇزۇش تەدبىرى بولۇپ، باجنى كېمەيتىش، ھەقنى تۆۋەنلىتىش، پۇل مۇئامىلە جەھەتتىن يۆلەش قاتارلىقلارنى چۆرىدەپ، يەنە بارلىق مۇلازىمەت خاراكتېرلىك كەسىپلەر ۋە ئوتتۇرا، كىچىك كارخانىلارغا ياردەم بېرىش ئەڭ چوڭ قىسمى ھېسابلىنىدۇ. كونكرېت قىلىپ ئېيتقاندا، مۇلازىمەتچىلىكنىڭ قوشۇلما قىممەت بېجىنى قوشۇپ ھېسابلاپ كېمەيتىش قاتارلىق مالىيە-باج سىياسىتى، ئىشسىزلىق سۇغۇرتىسىنىڭ ئىش ئورنىنى مۇقىملاشتۇرۇپ قايتۇرۇش نىسبىتىنى ئۆستۈرۈش قاتارلىق ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى يۆلەش سىياسىتى، ئۆي ئىجارىسىنى كېمەيتىش، كەچۈرۈم قىلىش سىياسىتى، پۇل مۇئامىلە جەھەتتىن قوللاش سىياسىتى، قالايمىقان ھەق ئېلىشنى چەكلەش، قالايمىقان جەرىمانە قويۇشنى چەكلەش قاتارلىق 10 تۈرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.
بۇنىڭ ئىچىدە، باجنى كېمەيتىش، ھەقنى تۆۋەنلىتىش سىياسىتى جەھەتتە، بۇ يىل 2021-يىلىنىڭ ئاخىرىدا قەرەلى توشقان كىچىك، مىكرو كارخانىلار ۋە يەككە سودا-سانائەتچىلەرنىڭ باجنى كېمەيتىش، ھەقنى تۆۋەنلىتىشىنى قوللاش تەدبىرى داۋاملىق يولغا قويۇلىدۇ ھەم سىياسەتتە ئېتىبار بېرىش سالمىقى ئاشۇرۇلۇپ، كىچىك، مىكرو كارخانىلار ۋە يەككە سودا-سانائەتچىلەرنىڭ تىجارەت بېسىمى يەنىمۇ يېنىكلىتىلىدۇ، مۇلازىمەت كەسپىدىكى كارخانىلار تولۇق نەپكە ئېرىشىدۇ؛ مۇلازىمەت كەسپىدىكى قوشۇلما قىممەت بېجىنى قوشۇپ ھېسابلاپ كېمەيتىش سىياسىتى داۋاملاشتۇرۇلۇپ، 2022-يىلى ئىشلەپچىقىرىش، تۇرمۇش خاراكتېرلىك مۇلازىمەت كەسپىدىكى باج تاپشۇرغۇچىلارنىڭ شۇ مەزگىلدە توغرىلاپ چىقىرىۋېتىشكە بولىدىغان باج سوممىسى ئايرىم-ئايرىم ھالدا %10 ۋە %15 بويىچە باج تاپشۇرۇش سوممىسى كېمەيتىلىدۇ.
بولۇپمۇ «باجنى كېمەيتىش، ھەقنى ئۆستۈرۈش» سىياسىتى ئايرىم ئوتتۇرىغا قويۇشقا ئەرزىيدۇ. كۆپچىلىككە مەلۇم، مۇلازىمەت كەسپى يېنىك مۈلۈك كەسپىگە تەۋە بولۇپ، بۇ جەھەتتە ياساش كەسپى بىلەن ئوخشىمايدۇ. بۇ مۇلازىمەت كەسپىدە تاپاۋەت بېجىنى توغرىلاپ چىقىرىۋېتىدىغان تۇراقلىق سېلىنما ئامورتىزاتسىيەسىنىڭ ئاز بولىدىغانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ.
شۇڭا بۇ سىياسەت يولغا قويۇلغاندىن كېيىن، مۇلازىمەت كەسپىنىڭ ئومۇمىي ئۈنۈمى ۋە ھاياتىي كۈچىنى قوزغاپلا قالماي، يەنە كارخانا ۋە يەككە سودا-سانائەتچىلەرنىڭ تىجارەت بېسىمىنى ئوخشىمىغان دەرىجىدە يەڭگىللەتكىلى بولىدۇ.
كېيىنكى بەش قىسىمدا يېمەك-ئىچمەك كەسپى، پارچە سېتىش كەسپى، ساياھەتچىلىك، تاشيول، سۇ يولى، تۆمۈريول ترانسپورتى، خەلق ئاۋىئاتسىيەسى قاتارلىق بەش مۇلازىمەت كەسپى ئاساس قىلىنغان. يېمەك-ئىچمەك كەسپىگە قارىتا، يېمەك-ئىچمەك كارخانىلىرىدىكى ئىشچى-خىزمەتچىلەر قەرەللىك ھالدا يادرو كىسلاتاسى تەكشۈرۈشى ئېلىپ بارسا ياردەم پۇلى بېرىپ قوللىشى، يېمەك-ئىچمەك كەسپىنىڭ سۇغۇرتا مۇلازىمىتى قاتارلىق يەتتە تۈرلۈك تەدبىرنى ئەلالاشتۇرۇشى كېرەكلىكى ئوتتۇرىغا قويۇلغان. پارچە سېتىش كەسپىگە قارىتا، مۇلازىمەت كەسپىنىڭ تەرەققىيات مەبلىغىدىن پايدىلىنىپ ناھىيە سودا سىستېمىسى قۇرۇلۇشىنى قانات يايدۇرۇشنى قوللاش، يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى ئوبۇرتى تايانچ تورىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش قاتارلىق ئالتە تۈرلۈك تەدبىر ئوتتۇرىغا قويۇلغان. ساياھەتچىلىككە قارىتا، ساياھەت مۇلازىمەت سۈپىتى كاپالەت پۇلىنى ۋاقتىنچە قايتۇرۇشنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، ساياھەت كوپىراتىپلىرىنىڭ بەلگىلىمىگە ئۇيغۇن كېلىدىغان ئورگان، كەسپىي ئورۇنلاردىكى ئىشچىلار ئۇيۇشمىسى پائالىيەتلىرىنى قوبۇل قىلىشىنى قوللاش قاتارلىق يەتتە تۈرلۈك تەدبىر ئوتتۇرىغا قويۇلدى. قاتناش-تىرانسپورت كەسپىگە قارىتا، ئاۋىياتسىيە تىرانسپورت كارخانىلىرىنى ۋاقتىنچە توختىتىش، تۆمۈريول تىرانسپورت كارخانىلىرى قوشۇلما قىممەت بېجىنى ئالدىن بىر يىل تاپشۇرۇش؛ نۆۋەتچى يولۇچىلار كېچىكى، ئاممىۋى قاتناش يولۇچى تىرانسپورتى قاتارلىق ئاممىۋى قاتناش-تىرانسپورت مۇلازىمىتىنىڭ قوشۇلما قىممەت بېجىنى كەچۈرۈم قىلىش قاتارلىق بىر قاتار تەدبىرلەر ئېنىق كۆرسىتىلدى.
شۇنى بىلىش كېرەككى، بۇلارنىڭ ھەممىسى يۇقۇم ئەھۋالىنىڭ تەسىرىگە بىر قەدەر ئېغىر ئۇچرايدىغان، يەنە زور مىقداردا ئىشقا ئورۇنلاشقۇچىلارنى باقىدىغان مۇلازىمەت خاراكتېرلىك كەسىپلەر. ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش ۋە بازارنى ساقلاپ قېلىش سۇبيېكتى بولۇش سۈپىتى بىلەن، دۆلەت چاغاندىن كېيىن دەرھال بۇ تەدبىرلەرنى ئوتتۇرىغا چىقاردى، يەنى ۋاقتىدا «قان بېرىپ»، بازار سۇبيېكتىنى سىياسەت پايدىسىدىن بالدۇرراق بەھرىمەن قىلىپ، بازار كۆزلىمىسىنى مۇقىملاشتۇرۇپ، ئۇنىڭ «قان ئىشلەش» ئىقتىدارىنى تېزدىن ئەسلىگە كەلتۈرۈشتىن ئىبارەت.
ئەمەلىيەتتە، بۇ نۆۋەتلىك سىياسەت پايدىسىنىڭ ئەمەلىيلىشىشىدە بۇرۇنلا مۆلچەر بار ئىدى. 2021-يىلى، دۆلەت ئالاقە تورى كارخانىلىرى، ئېلېكتىرونلۇق سودا، داۋالاش-سۆسىن تۈزەش، ئۆي-مۈلۈك قاتارلىق كەسىپلەرگە قارىتا باجنى قاتتىق تەكشۈرۈش، تولۇقلاپ تاپشۇرۇش ۋە باجنى كۆپەيتىشنى ئەڭ ئاخىرىدا يەنە بىر خىل شەكىلدە بازارغا سېلىش ۋە پۇقرالارنىڭ قولىغا يەتكۈزۈشنى مەقسەت قىلغان. بۇلتۇر كارخانىلار تەكشۈرۈپ يىغقان 100 مىليارد يۈەن تاپاۋەتنىڭ ھەممىسى كېيىنكى 100 مىليارد يۈەن دەرىجىلىك باج كەچۈرۈم قىلىشقا ئىشلىتىلىدۇ.
يۇقۇملۇق كېسەلگە تاقابىل تۇرۇش مەزگىلىدىكى نىسپىي ئالاھىدە سىياسەت بولۇش سۈپىتى بىلەن، 2021-يىلىدىكى ئومۇمىي لوگىكا بىلەن بىردەك بولۇپ، يۇقىرى پايدا ئالىدىغان ۋە تېز پۇل تاپىدىغان ساھەلەرنى چەكلەپ، يۇقۇم ئەھۋالى مەزگىلىدىكى قىيىنچىلىقى بار ئاممىغا نۇقتىلىق ياردەم بېرىدۇ.
ناھايىتى ئېنىقكى، يۇقۇمنىڭ داۋاملىشىشى پۈتكۈل مۇلازىمەت كەسپىدىكى توپلىنىشچانلىقى ئىنتايىن كۈچلۈك كەسىپكە نىسبەتەن ئېيتقاندا، زەربە ئىنتايىن زور. لېكىن ئۇزاقتىن بۇيان، بىز تەمىنلەشتىكى يانداش قۇرۇلما ئىسلاھاتى ئارقىلىق، بايلىقنى ئىسراپ قىلىدىغان نۇرغۇن كارخانىلارنى تەدرىجىي ئەمەلدىن قالدۇرۇپ، ئوشۇقچە ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارىغا ئىگە نۇرغۇن ئەمەلىي بايلىقنى، جۈملىدىن كىرېدىت ۋە بازار بوشلۇقىنى قويۇپ بەردۇق.
ئۇنىڭ ئۈستىگە تەرەققىيات، ئىسلاھات كومىتېتىنىڭ بۇ قېتىمقى يېڭى سىياسىتىنىڭ ئوتتۇرىغا قويۇلىشى بىلەن، كەلگۈسىدە مۇلازىمەت كەسپىدىن ئىبارەت بازار ئىگىلىكىنىڭ ئاساسىي كۈچى يۇقۇم ئەھۋالىدىن تەدرىجىي قۇتۇلۇپ، قايتىدىن ھاياتىي كۈچكە ئىگە بولىدۇ. چوڭ ساھە، كارخانا، كىچىك خوجايىنلار ئۈچۈن ئېيتقاندا، شۈبھىسىزكى، بۇ بىر مەيدان دەل ۋاقتىدا ياغقان يامغۇر بولۇپ، كەسىپ ئىچىدىكى قىيىنچىلىق يوللىرىنى راۋانلاشتۇرۇپلا قالماي، يەنە تاشقى مۇھىتنى ئەلالاشتۇرىدۇ.
كارخانا ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنىڭ ئاساسى، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش دۆلەت ئىگىلىكى ۋە خەلق تۇرمۇشىغا مۇناسىۋەتلىك چوڭ ئىش. شۇڭا، يۇقۇم ئەھۋالىنىڭ تەسىرىدە، دۆلەت چوقۇم ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشقا ئاساس سالىدۇ. ئۇنىڭ ئۈستىگە بۇ سىياسەتنىڭ مۇقىم ئەمەلىيلىشىشى ۋە يۇقىرى ئۈنۈملۈك ئەمەلىيلىشىشىگە كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن، كېيىنكى قەدەمدە يەنە كۆپ خىل تەدبىرنى تەڭ قوللىنىپ، كۆپ تەرەپ تەڭ تۇتۇش قىلىپ، «بىرىكمە مۇشت»نى ياخشى ئېتىش كېرەك.
شۇڭا، كارخانا نۇقتىسىدىن ئېلىپ ئېيتقاندا، گەرچە يۇقۇم ئەھۋالى قىسقا مۇددەت ئىچىدە يەنىلا داۋاملاشقان بولسىمۇ، لېكىن كەڭ كۆلەملىك، ئۇزاق مۇددەت ئىش توختىتىش، ئىشلەپچىقىرىشنى توختىتىش قاتارلىق تىجارەتكە تەسىر يەتكۈزىدىغان خەتەرلىك ۋەزىيەت، كىچىك داۋالغۇش گەرچە داۋاملاشسىمۇ، لېكىن ئومۇمىيەتكە تەسىر يەتكۈزمەيدۇ. بازار جانلانسا، كارخانىلارمۇ ئىشەنچكە تولىدۇ.
ھالبۇكى، شەخسىي نۇقتىدا تۇرۇپ، سىياسەتنىڭ يۈزلىنىشىگە دىققەت قىلىش، مۇھىم نۇقتىنى تۇتۇشنى ئۆگىنىۋېلىشمۇ ناھايىتى زۆرۈر. بولۇپمۇ يۇقۇمدىن كېيىنكى دەۋردە، بۇ خىل سىياسەتنىڭ ھەر قايسى چوڭ كەسىپلەرگە بولغان تەسىرى، كارخانا، يەككە سودىگەرلەر، ھەتتا شەخسىي تەرەققىياتنىڭ مۇھىم ئەھمىيىتىگە بارغانسېرى سەل قاراشقا بولمايدۇ.
بۇ قېتىمقى سىياسەتتە يەنە نۇرغۇن جايلاردىكى يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە تىزگىنلەشتە ساقلانغان مەسىلىلەر مەخسۇس تىلغا ئېلىندى، مەسىلەن: ئۆز رايونىدىكى يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە كونترول قىلىش تەدبىرلىرىنىڭ ئومۇمىي تەلىپىنى بىر تۇتاش پىلانلاپ، خەلق ئاممىسىنىڭ ئىنكاسى كۈچلۈك بولغان يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە كونترول قىلىشتا «قاتلاممۇقاتلام قىيىنلاشتۇرۇش» مەسىلىسىنى ئۈنۈملۈك ھەل قىلىپ، كارخانىلارنىڭ سىجىل تىجارەت مۇھىتىنى بەرپا قىلىش كېرەك، كونكرېت قىلىپ ئېيتقاندا «شەھەرنى خالىغانچە قامال قىلىشقا، ئاممىۋى قاتناشنى ئۈزۈپ قويۇشقا، مۇلازىمەت كەسپى سورۇنلىرىنى خالىغانچە تاقاشقا، مۇلازىمەت كەسپىگە ئۆز بېشىمچىلىق بىلەن يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە كونترول قىلىش قاتارلىق تەدبىرلەرنى قوللىنىشقا بولمايدۇ.»
ئومۇمىي جەھەتتىن قارىغاندا، بۇ يېڭى سىياسەت ھەممە تەرەپكە تەڭ ئېتىبار بەرگەن. چوڭ يۆنىلىش بېكىتىلگەندىن كېيىن، 2022-يىلىدىكى سىياسەت يۆنىلىشى ۋە ئىجرا قىلىش ئۇسۇلى بىر قەدەر ئېنىق بولىدۇ: ئۇ بولسىمۇ مالىيە پۇلىنى تېخىمۇ تۆۋەن قاتلامدىكى كىشىلەر توپىغا سەرپ قىلىپ، تېخىمۇ كۆپ كىشىلەرنى پاراۋانلىققا ئېرىشتۈرۈشتىن ئىبارەت.
مەنبە: جېڭشىتاڭ سالونىدىن تەرجىمە ئاساسىدا تەييارلاندى.
بۇ يەرنى بېسىپ «
دەۋر تەرەققىياتى، ئىقتىساد يۈزلىنىشى ۋە كەلگۈسىدىكى بىز!
» دېگەن يازمىنى كۆرۈڭ!
بۇ يەرنى بېسىپ «
خېڭدانىڭ كىرىزىس ۋەقەسى ۋە بۇنىڭدىن كېيىنكى ئىقتىساد يۈزلىنىشى!
» دېگەن يازمىنى كۆرۈڭ!
-----
تەۋسىيە كىتاب: شۆ جاۋفېڭ «ئىقتىساد تەپەككۇرى»
ئەگەر مەزكۇر كىتابنىڭ تولۇق مەزمۇنىغا قىزىقسىڭىز تۆۋەندىكى ئىككىلىك كودنى سىكاننېرلاپ مەزكۇر كىتابنىڭ ئۇيغۇرچە ئېلېكىتىرونلۇق نۇسخىسىنى ئوقۇڭ!
【声明】内容源于网络
0
0
NepKan
竭尽为您解忧,关注我们,解您的忧!
内容
0
粉丝
0
关注
在线咨询
NepKan
竭尽为您解忧,关注我们,解您的忧!
总阅读
0
粉丝
0
内容
0