大数跨境

ئادەم نېمە ئۈچۈن پاي چېكى بىلىملىرىنى ئۆگىنىش كېرەك؟

ئادەم نېمە ئۈچۈن پاي چېكى بىلىملىرىنى ئۆگىنىش كېرەك؟ Nepkar
2022-07-01
1
导读:ئۇ ئۈزلۈكسىز كۆزىتىش، خۇلاسىلەش، قايتا ئويلىنىش، يەنە كۆزىتىش، خۇلاسىلەش، قايتا ئويلىنىش ئارقىلىق مە

ئالاھىدە تەۋسىيە: 

بۇ يەرنى بېسىپ ھادىسە تۈسىنى ئالغان نادىر كىتاب «ئىقتىساد تەپەككۇرى»نى ئوقۇڭ!
بۇ يەرنى بېسىپ ئىگىلىك تىكلەش دەستۇرى دەپ ئاتالغان نادىر كىتاب «0 دىن 1 گە» نى ئوقۇڭ!
بۇ يەرنى بېسىپ «ئۆزۈڭ ياخشى كۆرگەنگە ئۆزۈڭنى قەدىرلەت! (ئەڭ يېڭى كىتاب)» دېگەن كىتابنى كۆرۈڭ!
بۇ يەرنى بېسىپ «بىر يىلىڭىزدىن 8760 سائەت» ناملىق كىتابنى ئوقۇڭ!
بۇ يەرنى بېسىپ «ھاياتلىقتىكى 84000 خىل ئېھتىماللىق» دېگەن كىتابنى ئوقۇڭ!
بۇ يەرنى بېسىپ «كەلگۈسى ئۈچۈن يېزىلغان خەتلەر» ناملىق كىتابنى ئوقۇڭ!
بۇ يەرنى بېسىپ «باي دادام: مالىيە ئىدراكىڭىزنى ئۆستۈرۈڭ!» ناملىق كىتابنى ئوقۇڭ!
---
پاي چېكى بازىرى مەبلەغ سالىدىغان مۇھىم بازار، ئەتراپىمىزدىكى كىشىلەرنىڭ ھەممىسى پاي چېكى سودىسى قىلىۋاتىدۇ، كۆپىنچە كىشىلەردە پاي چېكى سودىسى قىلىش قىزغىنلىقى بار، لېكىن پاي چېكى سودىسى توغرىسىدا چۈشەنچىسى كەمچىل، پاي چېكى سودىسى بىلىملىرىنى نەدىن ئۆگىنىشنى قانداق ئۆگىنىش بىلەلمەي تىڭىرقاپ قالغان ئەھۋاللار بار، پاي چېكى سودىسى قىلشىتىكى مەقسەت ساۋات چىقىرىش ئۈچۈن ئەمەس، بەلكى پايدا ئېلىش ئۈچۈن. پايدا پاي چېكى سودىسى قىلىشتىكى بىردىنبىر مەقسەت. بۇنىڭدا مەسىلە يوق، ئۇنداقتا، ئەگەر سىز پاي چېكى بازىرىنى چۈشەنمىسىڭىز، پاي چېكى بازىرىدا قانداق مەشغۇلات قىلىشنى بىلمىسىڭىز، قانداق پايدا ئالالايسىز؟

پاي چېكى سودىسى قىلىش ئۈچۈن نېمە ئۈچۈن پاي چېكى بىلىملىرىنى ئۆگىنىش كېرەك؟
پاي چېكى بىلىملىرىنى ئۆگەنگەندە پاي باھاسىنىڭ كەلگۈسىدىكى ئۆزگىرىشىگە چوڭ ئېھتىماللىق بويىچە ئالدىن ھۆكۈم قىلغىلى ھەمدە كىچىك ئېھتىماللىق بويىچە خاتا ھۆكۈم قىلىدىغان پايدا ۋە زىياننى توختىتىش ئادىتىنى يېتىلدۈرگىلى بولىدۇ، بۇنداق قىلغاندا پايدا ئېلىش نىسبىتى بىر قەدەر يۇقىرى بولىدۇ. پاي باھاسىنىڭ كەلگۈسىدىكى ئۆزگىرىشىگە چوڭ ئېھتىماللىق بىلەن ئالدىن ھۆكۈم قىلغىلى بولىدىغان بىلىم تېخنىكىلىق تەھلىل ۋە فىشكا تەھلىلى دەپ ئاتىلىدۇ. تېخنىكىلىق تەھلىل ئاساسىي كۈچنىڭ پاي چېكىنى كىرگۈزۈش-چىقىرىش ۋاقتىدىكى k سىزىقتىكى پۈتۈشۈش مىقدارىدىكى ئىپادىسىنى بايقاپ ۋە تەھلىل قىلىپ، كېيىنكى يۈزلىنىشىگە ھۆكۈم قىلىشنى كۆرسىتىدۇ. پەقەت سىز بۇنى تەھلىل قىلالىسىڭىزلا، تەبىئىي ھالدا پاي باھاسىنىڭ كەلگۈسى يۈزلىنىشىگە ئالدىن ھۆكۈم قىلالايسىز.

پاي چېكى سودىسى قىلىش بىر خىل پەلسەپىۋى مەسىلە، ئۇ بىر خىل ساپ تەپەككۇر پائالىيىتىدۇر. ئۇ ئۈزلۈكسىز كۆزىتىش، خۇلاسىلەش، قايتا ئويلىنىش، يەنە كۆزىتىش، خۇلاسىلەش، قايتا ئويلىنىش ئارقىلىق ئەڭ ئاخىرىدا بىر مەنزىلگە يېتىشى كېرەك. بۇ بىر ئۇزۇن جەريان.
سىزنىڭ چۈشىنىشىڭىز زۆرۈر بولغىنى، قانداقتۇر قول ئالماشتۇرۇش نىسبىتى، بازار پايدا نىسبىتى ئەمەس، قانداقتۇر بافېتنىڭكىدەك مەشغۇلات ماھارىتى ئەمەس، قانداقتۇر ئەڭ يېڭى ئىچكى خەۋەر ئەمەس. بەلكى يەككە پاينىڭ ماھىيىتىنى ئېنىق كۆرۈش، يەككە پاينىڭ تۈپ نۇقتىسىنى چىڭ تۇتۇش، بۇ خىل ماھىيەتنىڭ A پاي چېكى بازىرىدا قانداق ئىپادىلىنىدىغانلىقىنى ئېنىق كۆرۈشتىن ئىبارەت.
ئۆگىنىشنىڭ چېكى يوق، سىستېمىلىق ئۆگىنىش ئۇسۇلىنى ئىگىلىگەندە، ئۈنۈمنى ئۆستۈرۈپ، ئاز كۈچ بىلەن كۆپ ئىش قىلىش ئۈنۈمىگە يەتكىلى بولىدۇ. مەبلەغ سېلىشنىڭ ھەممىسى خەتەرلىك، بىز يۈزدە يۈز پايدىنىلا قوغلاشساق بولمايدۇ، لېكىن مۇقىم پايدا ئېلىش، پايدىنى مۇقىم ئاشۇرۇش ئۈچۈن يەنىلا ئالغا ئىلگىرىلىمەك زۆرۈر، پاي چېكى بىلىملىرىنى ياخشى ئۆگىنىپ، ئۆزىمىزنىڭ پاي چېكى سودىسى قىلىش تەجرىبىمىزنى يەكۈنلەپ، ئۆزىمىزگە ماس كېلىدىغان پاي چېكى سودىسى قىلىش ئۇسۇلىنى تېپىپ چىقىپ، پاي چېكى بازىرىدىكى پۇرسەتلەرنى ياخشى ئىگىلىشىمىز كېرەك. شۇندىلا پۇل تاپىدىغان چاغدا پۇل تاپقىلى، خەتەرنى تۆۋەنلىتىدىغان چاغدا خەتەرنى تۆۋەنلەتكىلى بولىدۇ.

نېمە ئۈچۈن پاي چېكى بىلىملىرىنى سىستېمىلىق ئۆگىنىمىز؟
ئاساس پۇختا بولمىسا، تاغمۇ تەۋرەيدۇ، مەبلەغ سېلىش ئۆمۈرلۈك ئىش، ياخشى مەبلەغ سېلىش ئۈچۈن پۇختا ئاساس كەم بولسا بولمايدۇ، بىراق نۇرغۇن كىشىلەردە مالىيە ئىقتىساد خەۋەرلىرىنى كۆرۈشنىڭ ئۆزى ئۆگىنىش ھېسابلىنىدۇ، دەيدىغان خاتا قاراش بار. پاي چېكى سودىسى قىلىش قارىماققا تېخنىكىدا بەسلەشكەندەك كۆرۈنسىمۇ، ئەمەلىيەتتە بىلىشتە بەسلىشىدۇ.
مەبلەغ سېلىش تەس ئەمەس، تەپەككۇر قىلىش تەس. مەبلەغ سېلىشنىڭ سىرى يوق، سىز دىففېرېنسىئال ۋە ئىنتېگرالنى ئۆگەنمىسىڭىزمۇ مەبلەغ سالالايسىز. مەبلەغ سېلىشتا ئۆزى ئۈستىدە پىكىر يۈرگۈزۈش ئىقتىدارى بولۇشى، ئۇنىڭدىن خۇشاللىق تېپىشى كېرەك، ئەگەر خۇشاللىق بولمىسا مەبلەغ سېلىشتا مەغلۇپ بولۇشى مۇمكىن. مەبلەغ سېلىش ئارقىلىق مەسىلىلەرنى مۇلاھىزە قىلسىڭىز، سىز دۇنيانىڭ قانداق يۈرۈشىدىغانلىقىنى چۈشىنىسىز. مەبلەغ سېلىشنىڭ لەززىتى بار، خۇشاللىق تەپەككۇردىن كېلىدۇ. مەبلەغ سېلىشتىن باشلانغۇچ ساۋات چىقارغىلى بولمايدۇ، ھەمىشە پاي باھاسىغا تىكىلىپ، تېخنىكا تەرەپدارلىرى بىلەن ھەپىلىشىدۇ، بەك ھېرىپ كەتكەن كىشىلەردە كەم بولىدىغىنى مەبلەغ سېلىش ئۇسۇلى ئەمەس، بەلكى پىكىر يۈرگۈزۈش ئۇسۇلى. 

ئۆگىنىشكە مەبلەغ سېلىشنىڭ پايدىسى
ئۆگىنىشنىڭ مۇددىئاسى ھاياتلىقنىڭ ئېھتىياجى، ئادەم ئوتتۇرا ياشقا بارغاندا، بىر كەسپىي ماھارەتنى ئۆگەنگەندىن ئىقتىسادىي مەبلەغ سېلىشنى ئۆگەنگەنگە يەتمەيدۇ، شەخسنىڭ ئەمگەك ئۈنۈمدارلىقى تۆۋەنلىگەندىن كېيىن، پۇل پاخاللىقى ئاستىدا ئۆزىنىڭ مۈلكىنى قانداق ساقلاپ قېلىش كېرەك؟ ھېچ بولمىغاندا ئىقتىسادنىڭ ئايلىنىش قانۇنىيىتىنى بىلمىگەنلىكتىن بىھۇدە ئىسراپچىلىق قىلماسلىق كېرەك، شۇندىلا شەخسنىڭ ئىقتىسادىي ئەھۋالى زور دەرىجىدە ياخشىلىنىدۇ.

مەبلەغ سېلىش يولىنى تېپىش
جۇڭگودا نەچچە يۈز مىليون پايچىك بار، مەبلەغ سېلىش بىلىملىرىنى ئۆگەنگەنلەر ساناقلىقلا. بەلكىم كىشىلەر ھەر كۈنى ئىقتىساد خەۋەرلىرىنى كۆرۈپ تۇرغانلىقنىڭ ئۆزى ئۆگىنىش قىلغانلىق، ماكرولۇق ئىقتىساد ۋە بازار يۆنىلىشىنى چۈشەنگەنلىك ئۆگىنىش قىلغانلىق دەپ قارىشى مۇمكىن، ئەپسۇس، بۇلارنىڭ ھېچقايسىسى ئۇنداق ئەمەس. شۇڭا يادرولۇق مۇھىم نۇقتىنى ھەقىقىي چىڭ تۇتۇپ، پاي چېكىگە مەبلەغ سېلىش بىلىملىرىنى ئۆگىنىش ئىنتايىن جىددىي ئېھتىياج. بۇ مەبلەغ سالغۇچىلارنىڭ پۇل تېپىشى ئۈچۈنلا ئەمەس، تېخىمۇ چوڭ رولى مەبلەغ سالغۇچىلارنى زىيان تارتقۇزماسلىق ئۈچۈندۇر.
بىز دائىم بىلىم بولغاندىلا كەلگۈسىگە ئىگە بولغىلى بولىدۇ، دەيمىز، گەرچە بۇ كۆپىنچە ئوقۇغۇچىلىق دەۋرىدىكى ئۆگىنىشكە قارىتىلغان بولسىمۇ، لېكىن بۇ كۆز قاراشنى پاي چېكى بازىرىغا تەتبىقلىغاندا ئازراقمۇ ئاشۇرۇۋەتكەنلىك بولمايدۇ، بۇ گەپ دۇنيانىڭ ھەممە يېرىگە باب كېلىدۇ.
ئەمما پاي چېكى بىلىملىرىنىڭ مەزمۇنى ئىنتايىن كەڭ، شۇڭا بىز تاللىغاندا قەيەردىن قول سېلىشنى، قايسى مەزمۇنلارنى ئۆگىنىشنى بىلەلمەي قالىمىز.
پاي چېكى بازىرى بىلىملىرىنى ئۆگىنىشتە، بىز ئەڭ ئاساسىي بىلىملەردىن باشلاپ ئۆگىنىشىمىز كېرەك، چۈنكى ئاساسىي بىلىملەر پۇختا بولغاندىلا، مەبلەغ سالغۇچىلار تېخىمۇ چوڭقۇر قاتلاملىق بىلىملەرنى ئۆگەنگەندە ياكى مەبلەغ سالغاندا ئاندىن ئىشەنچى تېخىمۇ ئاشىدۇ.
ئەمدىلا بازارغا كىرگەن پايچىكلارغا نىسبەتەن ئېيتقاندا، پاي چېكى ئاساسىي ئۇقۇمىغا بولغان چۈشەنچىسى ئىنتايىن ئاز، ھەتتا پۈتۈنلەي بىلمەيدۇ. ئەگەر سىز پاي چېكى بازىرىدا ماھىرلىق بىلەن ئىشلىمەكچى بولسىڭىز، بۇ ئاساسىي بىلىملەرنى ئۆگىنىشىڭىز كېرەك.
پاي چېكى مەشغۇلات ماھارىتىنى ئىگىلىگەندە، جانلىق تەدبىر قوللىنىپ، ئۆزگىرىشچان پاي چېكى بازىرىغا تاقابىل تۇرۇپ، خەۋپ-خەتەرنى تۆۋەنلىتىپ، سېلىنغان مەبلەغنىڭ پايدا نىسبىتىنى ئۆستۈرگىلى بولىدۇ. 
تېخنىكىلىق تەھلىل قىلىش بىلىملىرىنى ئىگەللەپ، ئاساسىي جەھەتتىن تەھلىل قىلغاندا، مەبلەغ سالغۇچىنىڭ مەلۇم پاي چېكى مەشغۇلاتىدا «سېتىۋېلىش كېرەكمۇ ياكى سېتىش كېرەكمۇ؟» دېگەن مەسىلىنى، يەنى قايسى سودا تۈرىنى تاللاش مەسىلىسىنى ھەل قىلغىلى بولىدۇ؛ تېخنىكا جەھەتتىن تەھلىل قىلغاندا، «قاچان بازارغا كىرىش ياكى قاچان ئېلىپ-سېتىش» مەسىلىسىنى، يەنى سودا پەيتى مەسىلىسىنى ھەل قىلغىلى بولىدۇ.

پاي چېكى سودىسى قىلىش ئۈچۈن نېمە ئۈچۈن پاي چېكى بىلىملىرىنى ئۆگىنىش كېرەك؟ يېڭىياچىلارنىڭ پاي چېكى ساۋاتلىرىنى ئۆگىنىشى مۇھىممۇ؟
بىرىنچى، پۇل تېپىش
پاي چېكى سودىسى قىلىش ئەلۋەتتە پۇل تېپىش ئۈچۈن، پەقەت بۇنىڭ ئۈچۈن پاي چېكى بازىرىغا قارىتا سىستېمىلىق تونۇش بولۇشى، ئۆزىنىڭ زادى نېمە ئىش قىلىۋاتقانلىقىنى چۈشىنىشى ھەمدە ئۆزىنىڭ مەبلەغ سېلىش سىستېمىسىنى ئۈزلۈكسىز مۇكەممەللەشتۈرۈشى كېرەك.
ئىككىنچى، دۇنيانى تېخىمۇ ياخشى چۈشىنىش
دۇنيانىڭ ماھىيىتى سودا، ھەر بىر ئادەم ئوخشاش بولمىغان ئورۇندا پايدا-زىياننى دەڭسەپ كۆرىدۇ. پاي چېكىدىن ئىبارەت كاپىتال بازىرىنىڭ كۆزنىكى ئارقىلىق، بىز ھەر ساھە، ھەر كەسىپنىڭ تەننەرخ قۇرۇلمىسى، يادرولۇق رىقابەت كۈچى قاتارلىق ئاساسىي قاتلام لوگىكىسىنى ماكرو جەھەتتىن چۈشىنەلەيمىز. تۇرمۇشتا بىز ھەر بىر ساھەنىڭ پايدا سەۋىيەسىنى مۆلچەرلەپ چىقالايمىز.
ئۈچىنچى، ئىنسان تەبىئىتىنى چۈشىنىش
شۇنداق بىر گەپ باركى، تەجرىبىنى قوبۇل قىلغىلى بولمايدۇ، چۈنكى تارىخ ئۆزىنى توختىماي تەكرارلاپ تۇرىدۇ. ھەر قېتىملىق بازار داۋالغۇشىدا، ئالدىراپ-تېنەپ ئۆسۈشنى قوغلىشىۋاتقان ئۇششاق پايچىلار، ھەممىنى بىر يولىلا دوغا تىكىۋاتقان ئورگانغا مەبلەغ سالغۇچىلار، چوڭ پايچىكلار پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ نەق پۇل چىقىرىۋالىدۇ، يەنە بەزىلەر يەڭگىللىك بىلەن پىشاڭ قوشۇپ تەرەپ-تەرەپكە مەبلەغ سېلىپ، ئاخىرىدا ئۆزىنى غۇلىتىۋېتىدۇ. پاي چېكى بازىرى بىزنى ئۆزىمىزنى تېخىمۇ ئېنىق كۆرۈش، ئۆزىمىز چۈشىنەلەيدىغان پۇلنى تېخىمۇ خاتىرجەم تېپىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىدۇ.

بۇ يەرنى بېسىپ بۇ كىتابنىڭ تولۇق تەرجىمىسىنى كۆرۈڭ!

---

تۆۋەندىكى يازمىلار سىزگە زور نەپ بېرىشى مۇمكىن:

1. 2022-يىللىق ئەڭ قاتتىق نازارەتلىك باشقۇرۇش: 2022-يىلى باج تۈزۈلمىسىدە قانداق ئۆزگىرىش بولىدۇ؟

2. 1997-يىللىق ئاسىيا پۇل-مۇئامىلە كىرىزىسى ئېسىڭىزدىمۇ؟ بۇ قېتىملىق كىرىزىس قانداق كېلىپ چىققان؟

3. دوللارغا ئۆسۈم قوشۇلسا قانداق ئاقىۋەت كېلىپ چىقىدۇ؟ دۆلىتىمىز قانداق تاقابىل تۇرىدۇ؟ شەخسكە قانداق تەسىرى بار؟

4. «مەملىكەت بويىچە بىرلىككە كەلگەن چوڭ بازار» سىياسىتىنى قانداق چۈشىنىمىز؟

5. «مەملىكەت بويىچە بىرلىككە كەلگەن چوڭ بازار» ۋە شەخسنىڭ پۇرسىتى

6. «ئورتاق بېيىش» زادى قانداق گەپ؟ «ئورتاق بېيىش»نىڭ ئادەتتىكى خەلققە قانداق تەسىرى بار؟

7. سىياسىي بىيرونىڭ ئىقتىساد خىزمىتى يىغىنى ۋە 2022-يىللىق ئىقتىساد يۈزلىنىشى

8. دۇنياغا تەسىر كۆرسەتكەن داڭلىق شەخسلەرنىڭ نادىر نوتۇقلىرى

9. ئۆتكەن 5000 كۈندىكى ئۆزگىرىشلەر ۋە كەلگۈسى 5000 كۈندىكى ئۆزگىرىش قىياسى

10. ياپونىيە نېمىشقا ئۆزىنىڭ ئىقتىسادىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشقا جۈرئەت قىلالمايدۇ؟

11. ھەر قانداق ئادەم بىلىشكە تېگىشلىك ئىنتېرنېت تارىخى: ياخۇنىڭ 100 مىليارد دوللارلىق قىممىتىدىن ۋەيران بولغۇچە!

12. تىليونېر: ئېلون ماسكنىڭ شۇنچە زور ئۇتۇق قازىنىشىدىكى سىرى نېمە؟

13. سۈنئىي ھەمراھ زەنجىرى پىلانى ۋە يەر شارىغا يېقىن ئوربېتا بايلىقىنى تالىشىش جېڭى

14. ئىقتىساد ۋە بىز: سىياسىي بىيرونىڭ 2022-يىللىق ئىقتىساد يىغىنى تەھلىلى

15. ئىقتىساد ۋە بىز: مەركەزنىڭ 2022-يىللىق ئىقتىساد يىغىنى--يۈزلىنىش ۋە پۇرسەتلەر

【声明】内容源于网络
0
0
Nepkar
在这里你只能获取对你最有用的。 别忘了关注哦!
内容 408
粉丝 0
Nepkar 在这里你只能获取对你最有用的。 别忘了关注哦!
总阅读311
粉丝0
内容408