
كۆپ ساندىكى كىشىلەر بايلىق يارىتىش يولىنى ئەمەس، بەلكى ئىشلەمچىلىك قىلىش يولىنى دورايدۇ
ھازىرقى جەمئىيەتتە مۇنداق ئىككى نەرسە كېرەك: بىرىنچى، بايلار نامراتلارنىڭ قانداق تۇرمۇش كەچۈرىدىغانلىقىنى بىلىشى كېرەك؛ ئىككىنچى، كەمبەغەللەرمۇ بايلارنىڭ قانداق تۇرمۇش كەچۈرىدىغانلىقىنى بىلىشى كېرەك. جون فوستېر (John Foster)
مەن ئەڭ ياخشى كۆرىدىغان سودا ھېكايىلىرىنىڭ بىرى، ئوتتۇرا ياشلىق بىر دىرېكتور دائىم ھېسابات تالونىغا تاقابىل تۇرۇش بىلەن ئالدىراش بولۇپ، ھالىدىن كېتەي دەپ قالغاچقا، ئۇ بىر مالىيە مەسلىھەتچىسىدىن مەسلىھەت سوراشنى قارار قىلىپتۇ. بۇ دىرېكتور بىر ھۆرمەتكە سازاۋەر مالىيە مەسلىھەتچىسى بىلەن ئۇنى يوقلاپ كېلىشكە كېلىشىپ قويۇپتۇ. بۇ مەسلىھەتچىنىڭ ئىشخانىسى باغچىنىڭ چوڭ يولىدىكى بىر ھەشەمەتلىك بىناغا جايلاشقان ئىكەن. دىرېكتور مەسلىھەتچىنىڭ كۆڭۈل قويۇپ بېزەلگەن كۈتۈۋېلىش ئۆيىگە كىرىپتۇ. كىشىنى ھەيران قالدۇرىدىغىنى شۇكى، دىرېكتور كۈتكۈچى قىزنى كۆرمەستىن، بەلكى ئىككى ئىشىكنى كۆرۈپتۇ. ئىشىكنىڭ بىر قانىتىغا «ياللانغۇچى»، يەنە بىر قانىتىغا «ئۆزىگە خوجا (自雇人士)» دەپ يېزىلغان ئىكەن.
ئۇ «ياللانغۇچى» دېگەن ئىشىكتىن كىرىپتۇ، ئىچىدە يەنە ئىككى ئىشىك بولۇپ، ئۇنىڭ بىرىگە «40 مىڭ ئامېرىكا دوللىرىدىن ئارتۇق پۇل تاپقان ئادەم»، يەنە بىرىگە «40 مىڭ ئامېرىكا دوللىرىدىن ئاز پۇل تاپقان ئادەم» دەپ يېزىلغانىدى. بۇ دىرېكتورنىڭ كىرىمى 40 مىڭ ئامېرىكا دوللىرىدىن ئاز بولغاچقا، ئۇ مۇناسىپ ئىشىكتىن كىرىپ، يەنە باشقا ئىككى ئىشىكنى كۆرۈپتۇ. سول تەرەپتىكى بىر قاناتقا «ھەر يىلى 2000 دوللاردىن ئارتۇق ئامانەت قويىدىغانلار» دەپ يېزىلغانىدى، ئوڭ تەرەپتىكىسىگە «ھەر يىلى 2000 دوللاردىن تۆۋەن ئامانەت قويىدىغانلار» دەپ يېزىلغان ئىدى. دىرېكتور بانكىدا پەقەت 1000 ئامېرىكا دوللىرىلا ئامانەت قويغان بولغاچقا، ئۇ ئوڭ تەرەپتىكى ئىشىكتىن كىرگەن ئىكەن، ئۇ ھەيرانلىق بىلەن ئۆزىنىڭ يەنە باغچا چوڭ يولىغا قايتىپ كەلگەنلىكىنى بايقاپتۇ.
بۇ بىر ئازاب، ئەمما ناھايىتى روشەن بولغان رېئاللىق: ھېكايىدىكى دىرېكتور مەڭگۈ مۈشكۈل ئەھۋالدىن قۇتۇلالمايدۇ، پەقەت ئۇ باشقا بىر ئىشىكنى ئېچىشنى تاللىمىسىلا. ھېكايىنىڭ مەنىسى شۇكى، ئەمەلىيەتتە كۆپ ساندىكى كىشىلەر دىرېكتورغا ئوخشاش، ئۆزىنى باشلىنىش نۇقتىسىغا ئېلىپ كېلىدىغان ئىشىكنى ئېچىشنى تاللايدۇ.
كىشىلەرنىڭ ئوخشاش بولمىغان نەتىجىگە ئېرىشىشتىكى بىردىنبىر يولى ئوخشاش بولمىغان ئىشىكنى ئېچىش، توغرىمۇ؟ خۇددى مېنىڭ بىر ئۇستازىم دائىم ئېيتقاندەك: «ئەگەر سىز ئىزچىل تۈردە ئىلگىرى قىلغانلىرىڭىزنىلا قىلسىڭىز، ئىزچىل ئىلگىرى ئېرىشكەنلىرىڭىزگىلا ئېرىشىسىز.»
بىرىنچى، سىز %95 كە تەۋە ئادەممۇ ياكى %5 كىمۇ؟
خۇددى ھېكايىدىكى دىرېكتوردەك، كۆپ ساندىكى كىشىلەر مۈشكۈل ئەھۋالدا قالىدۇ، چۈنكى ئۇلار ئىقتىساد مۈشكۈللۈكىنىڭ پۈتمەس-تۈگىمەس دەۋرىيلىكىگە پېتىپ قالغان بولىدۇ.
ھېكايىدىكى دىرېكتورغا ئوخشاش، سانائەتلەشكەن دۆلەتلەردىكى %95 ئىشچىنىڭ ھەممىسى ياللانغان. ئۇلارنىڭ يىللىق كىرىمى 40 مىڭ ئامېرىكا دوللىرىدىن ئاز، ئامانەت پۇلى 2000 ئامېرىكا دوللىرىغا يەتمەيدۇ.
قارىماققا، بۇ سانلار كىشىدە چوڭقۇر تەسىر قالدۇرىدۇ، بولۇپمۇ يىللىق كىرىمى 40 مىڭ ئامېرىكا دوللىرىغا يەتمەيدىغان كىشىلەر. لېكىن، ئەمەلىيەت شۇكى، بۇ دۇنيادىكى %95 ئادەم ئالغا ئىلگىرىلىمەيدۇ، ئۇلار پەقەت جان بېقىشنىڭ رەپتارى بولىۋالىدۇ، خالاس. بىز 65 ياشلىق ئادەتتىكى ئامېرىكا پۇقرالىرىنىڭ مالىيە ئەھۋالىنى كۆرۈپ باقايلى.

سىزنىڭ ئەھۋالىڭىز قانداقراق؟
كۆپ ساندىكى كىشىلەر %95 كە تەۋە، چۈنكى ئۇلار كىچىكىدىن تارتىپ ئاشۇ مۇقىم مائاشقا تۇتىشىدىغان، ئىستىقبالى يوق خىزمەت ۋە ئىقتىسادقا تايىنىدىغان ئادەملەردىن بولۇپ چىقىش تەربىيەسىنى ئالىدۇ. قىسقىچە قىلىپ ئېيتقاندا، كۆپ ساندىكى كىشىلەر نۇسخىلىغان سىستېما ۋاقىتلىق كىرىم يارىتىش ئۈچۈن لايىھەلەنگەن بولۇپ، ھەقىقىي بايلىق ئەمەس، چۈنكى ئۇ ۋاقىت ئارقىلىق پۇل ئالماشتۇرىدىغان سىزىقلىق ئېشىشنى ئاساس قىلغان.
ھەقىقىي بايلىقنىڭ ئاچقۇچى پىشاڭدا، يەنى ئاشۇ %5 بايلار تەرىپىدىن نەچچە ئەسىر نۇسخىلىنىپ، ھاياتىي كۈچكە تولغان پىشاڭ شەكلى--ھەسسىلىك بويىچە ئېشىشتۇر.
ئىككىنچى، ھەممە ئادەم بىر ئىشنى دوراشقا ماھىر
بىز ھەممىمىز تۇغما تالانت ۋە ساپاغا ئىگە، شۇنداق بولغاچقا بىز خاسلىققا ئىگە ئادەم بولۇپ چىقالايمىز. بەزى كىشىلەر ئۇسسۇلچى بولۇپ چىقىدۇ، يەنە بەزى كىشىلەرنىڭ پۇتى رىتىمغا يېتىشەلمەيدۇ؛ بەزى كىشىلەرنىڭ سەنئەت تالانتى بار، يەنە بەزى كىشىلەر بولسا بىر تال كالتەكنىمۇ سىزالمايدۇ؛ بەزى كىشىلەر ئۇلۇغ تەنھەرىكەتچى بولۇپ يېتىشىپ چىقسا، يەنە بەزى كىشىلەر بولسا دەلدەڭشىپ يۈرۈپ، تۈز يولدىمۇ ئاران ماڭالايدۇ.
ھالبۇكى، بىز ھەممىمىز مۇستەسنا بولالمايدىغىنىمىز شۇكى، بىز تەقلىد قىلىش (دوراش)قا ئەڭ ئۇستا.
سىز ئۆزىمىزنىڭ قانچىلىك ياخشى دورايدىغانلىقىمىزنى ئويلاپ باقتىڭىزمۇ؟ دوراش جەھەتتە، ھەممىمىزنىڭ تالانتى بار. بىز تۇغۇلغاندىن باشلاپلا دوراشقا باشلىغان، تىل، يېمەك-ئىچمەك ئادىتى، چاچ پاسونى، يول مېڭىش قىياپىتى، كىيىم-كېچەكلەرنى قانداق كىيىشكىچە دوراشقا باشلىغان...، مەكتەپكە كىرگەندىن كېيىن، بىز دوراش ئارقىلىق ئوقۇش ۋە يېزىقچىلىقنى ئۆگەندۇق.
بىز «نۇسخىلاش» تالانت ئىگىسى! دوراش بىزنىڭ مۇنەۋۋەر ئورتاق ئالاھىدىلىكىمىز، مەيلى قەيەردە تۇرايلى، خاراكتېرىمىز قانداق بولسۇن، مەيلى بىز قانچىلىك نامرات ياكى باي بولايلى، قارا تەنلىك ياكى ئاق تەنلىك، ئەر ياكى ئايال بولايلى، ھەممىمىز دوراشقا ماھىر.
بىز ھەتتا پۇل تېپىش ئۇسۇلىنى دورىدۇق. نەچچە مىڭ يىلدىن بۇيان، دېھقاننىڭ بالىلىرى ئاتا-ئانىسىنى دوراپ دېھقان بولدى، موزدۇزنىڭ بالىلىرىمۇ ئوخشاشلا موزدۇز بولدى. شۇڭا نۇرغۇن كىشىلەرنىڭ فامىلىسى كەسىپ نامىدىن كەلگەن، مەسىلەن Farmer (دېھقان)، Smith (تۆمۈرچى)، Carpenter (ياغاچچى)، Tailor (تىككۈچى) دېگەندەك.
سانائەت ئىنقىلابىدىن كېيىن، مىڭلىغان-تۈمەنلىگەن دېھقان ۋە موزدوزنىڭ بالىلىرى جەمەتىدىن ئايرىلىپ، شەھەرگە كىرىپ، يېڭى بىر خىزمەت ئۇقۇمىنى تەقلىد قىلىپ ئىشلەمچىلىك قىلدى.
نەچچە ئەۋلاد كىشىلەر ئارىسىدا دوراشنىڭ ياخشى ئۈنۈمى بولدى، بولۇپمۇ ئامېرىكىدا. 20-ئەسىرنىڭ ئالدىنقى يېرىمىدا ئىككى قېتىملىق دۇنيا ئۇرۇشى ۋە بىر قېتىملىق ئىقتىسادىي چوڭ كاساتچىلىق يۈز بېرىپ، كۆپ ساندىكى كىشىلەر ئىشلەمچىلىكنى دورىدى ھەمدە «ئەتىگەن سائەت 9:00 ئىشقا چىقىش ۋە كەچتە سائەت 5:00 تە ئىشتىن چۈشۈش»تەك خىزمەتكە ئېرىشكەنلىكىدىن خۇشال بولۇشتى. كىشىلەر ئارزۇ قىلغان كىرىم ئەمەلىي تۇرمۇش سەۋىيەسىدىن ئېشىپ كەتمىسىلا، ئىشلەمچىلىكنى دوراپ ئىشلەيدىغانلار ئىگە بولغان نەرسىلەردىن رازى بولىدۇ.
ئۈچىنچى، دوراشتىن ئىلگىرى قايتا-قايتا تەپەككۇر قىلىش كېرەك
تۇرمۇشتىكى كۆپ قىسىم ئىشلارغا ئوخشاش، دوراشنىڭ يېتەرسىزلىكىمۇ بار. بەزى نەرسىلەرنى نوقۇل ھالدا دورىغاندا، ئۇلارنى تېخىمۇ ياخشى، تېخىمۇ ئۈنۈملۈك ياكى تېخىمۇ ئىشلەپچىقىرىش كۈچىگە ئىگە قىلغىلى بولمايدۇ. دوراپ ئىشلەش دەل شۇنداق.
بەختكە قارشى، نۇرغۇن كىشىلەر دوراشنى تەپەككۇرىنىڭ ھورۇنلۇقىغا سەۋەب قىلىدۇ.
ئۇ ماڭا بىر كونا دۇكان خوجايىنىنىڭ ھېكايىسىنى ئەسلەتتى. ئۇ دۇكان ئالدىدىكى دېرىزە تەكچىسىگە ئۇلۇغ بوۋىسىدىن قالغان بىر ئاسما سائەتنى قويۇپ قويغان بولۇپ، بىر قانچە يىلدىن بۇيان ئۇ ئېسىل كىيىنگەن بىر ئەرنىڭ ھەر كۈنى چۈشتە سائەتنىڭ ئالدىدا توختاپ، يانچۇق سائىتىنى چىقىرىپ، ئېھتىيات بىلەن ۋاقىتنى توغرىلايدىغانلىقىغا دىققەت قىلغان.
بىر كۈنى، دۇكان ئىگىسى ھەيرانلىقىنى باسالماي، ھېلىقى ئەردىن نېمىشقا بۇنداق قىلىدىغانلىقىنى سورىغاندا.
ئەر كۈلۈپ تۇرۇپ: ـــ مەن بىر زاۋۇت باشلىقى، ھەر كۈنى سائەت بەشتە ئىشتىن چۈشۈش پۈشتىكى چالىمەن. شۇڭا مەن پۈشتەكنىڭ دەل ۋاقتىدا چېلىنىشىغا تىرىشىشىم كېرەك. دەپتۇ
دۇكان خوجايىنى ھەيرانلىق بىلەن ئۇنىڭغا قاراپتۇ-دە، ئاندىن قاقاقلاپ كۈلۈپ كېتىپتۇ. ئەر كەينىگە بىر قەدەم داجىپ: «كۈلگۈدەك نېمىسى بار؟» دەپ سوراپتۇ.
ـــ كەچۈرۈڭ، ـــ دەپتۇ دۇكان ئىگىسى، ـــ مەن سىزنى قەستەن مازاق قىلمىدىم، لېكىن سىزگە دەيدىغان بىر ئىش بار، مەن كۆپ يىللاردىن بۇيان سىزنىڭ پۈشتىكىڭىزگە ئاساسەن ۋاقىتنى توغرىلاپ كەلدىم.» دەپتۇ.
قاراڭ، بىز باشقىلارنى دورىساق باشقىلارمۇ بىزنى دورايدۇ. كۆپچىلىكنىڭ ھەممىسى دورىغان ئوبيېكتنىڭ توغرا جاۋابى بار دەپ پەرەز قىلىدۇ. مەن يەنە بىر قېتىم تەكرارلايمەن، بىز دائىم دورىغان ئوبيېكتنى توغرا دەپ قارىۋالىمىز.
كۆپ ساندىكى كىشىلەر ئىشلەمچىلىك قىلىش بايلىق يارىتىشنىڭ ئەڭ ياخشى يولى دەپ قارايدۇ. ئەمەلىيەتتە، ئىشلەمچىلىك قىلىش ھەقىقىي بايلىق ياراتقانلىق ئەمەس. ئىشلەمچىلىك قىلىپ ياراتقان كىرىم ۋاقىتلىق كىرىم بولۇپ، ئىككىسى ئوتتۇرىسىدا زور پەرق بار.
تۆتىنچى، ئىشلەمچىلىككە قايتا قاراپ چىقىش
خۇددى مەن يۇقىرىدا ئېيتىپ ئۆتكەندەك، دوراش بىز ئىنسانلار بىلىدىغان ئەڭ قۇدرەتلىك قورال. ئەمما، بىز پات-پات توختاپ، دوراش ئوبيېكتىغا بولغان تەسەۋۋۇرىمىزغا تەپسىلىي قاراپ چىقىپ، دوراشنىڭ ھەقىقەتەن بىزگە ئۈمىد ئېلىپ كېلىدىغان نەتىجە ئىكەنلىكىنى جەزملەشتۈرۈشىمىز كېرەك.
بۇ يەردە مەن مۇنداق بىر سوئال سوراپ باقماقچى: بىز نېمە ئۈچۈن تۇرمۇشتىكى بارلىق نەرسىلەرنى نۇسخىلايمىز، بىراق پەقەت ھەقىقىي بايلىقنى نۇسخىلاشنى ئۆگىنەلمەيمىز؟ مۇنداقچە ئېيتقاندا، بىز نېمە ئۈچۈن دوراپ بايلىق يارىتىدىغان يولنى تاپالمىدۇق؟
يەكۈن ئادەمنى ئازابلايدۇ، كۆپ ساندىكى كىشىلەر بايلىق يارىتىش يولىنى ئەمەس، بەلكى ئىشلەمچىلىك قىلىش يولىنى دورايدۇ.
چۈنكى كۆپ ساندىكى كىشىلەر بىر خىزمەتنى ئۆزىنىڭ ئىقتىسادىي ئارزۇسىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشنىڭ بىردىنبىر يولى دەپ قارايدۇ. بەلكىم ئۇلار ئىشلەشتىن باشقا تاللاشنىڭمۇ مەۋجۇت ئىكەنلىكىنى بىلمەسلىكى، بايلىقنىڭ باشقا مەنبەسى بارلىقىغا ئىشەنمەسلىكى، ئۆزىنىڭ ئىشلەمچىلىك قىلىشتىن باشقا ئۇسۇل ئارقىلىق ھەقىقىي بايلىق يارىتالايدىغانلىقىغا ئىشەنمەسلىكى مۇمكىن.
مەيلى قانداق سەۋەب بولسۇن، نەتىجىسى ئوخشاش. كۆپ ساندىكى كىشىلەر %95 ئادەم بولۇپ، %5 ئادەم ئەمەس، چۈنكى ئۇلار ئىشلەمچىلىك قىلىش يولىنى دوراپ، ھەقىقىي بايلىق ئەمەس، ۋاقىتلىق كىرىم ياراتقان.
بەشىنچى، پەرەز رامكىڭىزدىن ھالقىپ چىقىڭ
بىر دانىشمەن ئىلگىرى مۇنداق دېگەن: «سېنىڭ ئىدىيەرىڭ خۇددى بىر پاراشوتقا ئوخشايدۇ، پەقەت ئاچقاندا ئاندىن خىزمەت قىلالايدۇ.»
بۈگۈنكى كۈندە، بىز ئىشلەمچىلىك قىلىشنىڭ بايلىق يارىتىش بولماستىن، بەلكى پەقەت كىرىم يارىتىشنىڭ بىر خىل ئۇسۇلى ئىكەنلىكىنى بىلىشىمىز كېرەك.
مەن شۇنىڭغا ئىشىنىمەنكى، كىشىلەر ئەگەر ئەستايىدىل ھالدا ئۆزىنىڭ تۇرمۇشتا ئالغا ئىلگىرىلىشىنى ئۈمىد قىلسا، ھەرگىزمۇ ئالدى بىلەن جان بېقىشنىڭ رەپتارى بولۇۋالماسلىقى، ئۇلار ئۆزىنىڭ پەرەز رامكىسىدىن ھالقىپ چىقىپ، بايلىق يارىتىش يولى ئۈچۈن تەپەككۇر ئىشىكىنى ئېچىشى كېرەك.
مەن ئىشىنىمەنكى، ئاشۇ %95 ئادەم، يەنى «ئىشلەمچىلىك قىلغۇچى» دەپ يېزىلغان ئىشىكتىن ئۈزلۈكسىز كىرىپ تۇرىدىغانلار، ئۆزلىرى يولغا چىققان چاغدىكى چوڭ كوچىغا ئۈزلۈكسىز قايتىپ كېلىدۇ. لېكىن، مەن شۇنىڭغا ئىشىنىمەنكى، ئەگەر بىز ھەقىقەتەن ئوخشاش بولمىغان نەتىجىگە ئېرىشمەكچى بولساق، %5 ئادەم بولماقچى بولساق، بىز بايلىق يارىتىش بوسۇغىسىدىن ھالقىپ ئۆتۈشىمىز كېرەك.
---
تۆۋەندىكى يازمىلار سىزگە تېخىمۇ كۆپ نەپ بېرىشى مۇمكىن:
6. پايدا ئىنقىلابى: تەخمىنىي توغرىلىق توغرا بولغان خاتالىقتىن ئەۋزەل!
16. ئۈنۈم باشقۇرۇش: ساپ مۈلۈك پايدا نىسبىتىنى يۇقىرى كۆتۈرۈشتىكى ئەڭگۈشتەر
24. خەۋپ-خەتەرنى مىقدارلاشتۇرۇش: قانداق قىلغاندا مەبلەغ سېلىشتا كۆڭۈلدە سان بولۇشنى ئىشقا ئاشۇرغىلى بولىدۇ؟
29: قىممىتىنى تۆۋەنلىتىش پەيتى: زىياننى تۈگىتىشتىن ئۈمىد بولمىغاندا «چوڭ يۇيۇنۇش»قا يەتمەيدۇ
