

28-مارت، «گوۋۇيۈەننىڭ ئۈچ ياشتىن تۆۋەن بالىلارنى بېقىش خىراجىتىنى شەخسىي تاپاۋەت بېجى ئېلىش دائىرىسىدىن چىقىرىۋېتىلىدىغان قوشۇمچە تۈر قىلىپ تەسىس قىلىش توغرىسىدىكى ئۇقتۇرۇشى» (تۆۋەندە قىسقارتىپ «ئۇقتۇرۇش» دېيىلىدۇ) ئېلان قىلىندى. «ئۇقتۇرۇش»تا مۇنداق دەپ كۆرسىتىلدى: «ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەننىڭ تۇغۇت سىياسىتىنى ئەلالاشتۇرۇپ، نوپۇسنىڭ ئۇزاق مۇددەت تەكشى تەرەققىي قىلىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش توغرىسىدىكى قارارى»نى ئىزچىللاشتۇرۇش ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈش ئۈچۈن، «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ شەخسلەر تاپاۋەت بېجى قانۇنى»دىكى ئالاقىدار بەلگىلىمىلەرگە ئاساسەن، گوۋۇيۈەن ئۈچ ياشتىن تۆۋەن بالىلارنى بېقىش خىراجىتىنى شەخسىي تاپاۋەت بېجى ئېلىش دائىرىسىدىن چىقىرىۋېتىلىدىغان قوشۇمچە تۈر قىلىپ تەسىس قىلىشنى قارار قىلدى. ئالاقىدار ئىشلارنى تۆۋەندىكىچە ئۇقتۇرىمىز:
بىرىنچى، باج تاپشۇرغۇچىنىڭ ئۈچ ياشتىن تۆۋەن پەرزەنتلىرىنىڭ ئالاقىدار چىقىملىرى ھەربىر بالىنىڭ ھەر ئايلىقى 1000 يۈەن ئۆلچەم بويىچە باج تاپشۇرۇشقا تېگىشلىك كىرىمىدىن چىقىرىۋېتىلىدۇ.
ئىككىنچى، ئاتا-ئانىلاردىن خالىغان بىر تەرەپ %100 لىك تۇتۇپ قېلىش ئۆلچىمىنى تاللىسا بولىدۇ ياكى ئىككى تەرەپ ئايرىم-ئايرىم %50 لىك تۇتۇپ قېلىش ئۆلچىمىنى تاللىسىمۇ بولىدۇ، كونكرېت تۇتۇپ قېلىش ئۇسۇلىنى بىر باج تاپشۇرۇش يىلى ئىچىدە ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.
3. ئۈچ ياشتىن تۆۋەن بالىلارنى بېقىش خىراجىتىنى شەخسىي تاپاۋەت بېجى ئېلىش دائىرىسىدىن چىقىرىۋېتىشكە چېتىلىدىغان كاپالەت تەدبىرلىرى ۋە باشقا ئىشلار «شەخسىي تاپاۋەت بېجى دائىرىسىدىن چىقىرىۋېتىلىدىغان قوشۇمچە تۈر ۋاقىتلىق چارىسى»دىكى ئالاقىدار بەلگىلىمىلەردىن پايدىلىنىپ ئىجرا قىلىنىدۇ.
تۆتىنچى، ئۈچ ياشتىن تۆۋەن بالىلارنى بېقىش خىراجىتىنى شەخسىي تاپاۋەت بېجى ئېلىش دائىرىسىدىن چىقىرىۋېتىلىدىغان قوشۇمچە تۈر قىلىش 2022-يىل 1-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن باشلاپ يولغا قويۇلىدۇ.




