大数跨境

بۇ ئىشقا قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنىڭ قاتنىشىشى مەنئى قىلىنىدۇ!

بۇ ئىشقا قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنىڭ قاتنىشىشى مەنئى قىلىنىدۇ! NepKan
2022-05-08
2
导读:تۆت تارماق 16 ياشقا توشمىغان قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنى تور دىكتورلۇق مۇلازىمىتى بىلەن تەمىنلىمەسلىكنى ت

تۆت تارماق 16 ياشقا توشمىغان قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنى تور دىكتورلۇق مۇلازىمىتى بىلەن تەمىنلىمەسلىكنى تەلەپ قىلدى

توردا بىۋاسىتە كۆرسىتىش كەسپىنى قېلىپلاشتۇرۇشنى ھەقىقىي كۈچەيتىپ، قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنىڭ ساغلام ئۆسۈپ يېتىلىشىگە ياخشى مۇھىت يارىتىش ئۈچۈن، مەركىزىي مەنىۋى مەدەنىيلىك ئىشخانىسى، مەدەنىيەت ۋە ساياھەت مىنىستىرلىقى، دۆلەت رادىيو-تېلېۋىزىيە باش ئىدارىسى، دۆلەت ئالاقە تورى ئۇچۇر ئىشخانىسى 7-ماي «توردا بىۋاسىتە كۆرسىتىشتىكى ھەدىيە بېرىشنى قېلىپلاشتۇرۇپ، قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنى قوغداشنى كۈچەيتىش توغرىسىدىكى پىكىر»نى ئېلان قىلىپ، مۇنۇلارنى ئوتتۇرىغا قويدى:

1. قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنىڭ بىۋاسىتە كۆرسىتىشتىكى ھەدىيە بېرىشكە قاتنىشىشى مەنئى قىلىنىدۇ.

2. قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنىڭ تور رىياسەتچىسى بولۇشىنى قاتتىق كونترول قىلىش، 16 ياشقا توشمىغان قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنى تور رىياسەتچىلىك مۇلازىمىتى بىلەن تەمىنلىمەسلىك كېرەك.

3. «ياش-ئۆسمۈرلەر ئەندىزىسى»نى ئەلالاشتۇرۇپ، دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈش كېرەك.

4. قۇرامىغا يەتمىگەنلەرگە مەخسۇس خېرىدارلار مۇلازىمىتى قىلىش ئەترىتى قۇرۇش كېرەك.

5. نۇقتىلىق ئىقتىدارلارنىڭ قوللىنىشىنى قېلىپلاشتۇرۇش، تور سۇپىلىرى پىكىر ئېلان قىلىنىپ بىر ئاي ئىچىدە ھەدىيە رەت تەرتىپ تىزىملىكىنى بىردەك ئەمەلدىن قالدۇرۇشى كېرەك.

6. بېسىق مەزگىلدىكى باشقۇرۇشنى كۈچەيتىش كېرەك.

7. تور ساپاسى تەربىيەسى قاتارلىق خىزمەت تەدبىرلىرىنى كۈچەيتىش كېرەك.

مەنبە: جۇڭگو رادىيو تورى ئۇيغۇرچە سالونىدىن ئېلىندى.

----

تەۋسىيە كىتاب: شۆ جاۋفېڭ «ئىقتىساد تەپەككۇرى»

ئەگەر مەزكۇر كىتابنىڭ تولۇق مەزمۇنىغا قىزىقسىڭىز بۇ يەرنى بېسىپ مەزكۇر كىتابنىڭ تولۇق تەرجىمىسىنىڭ ئېلېكىتىرونلۇق نۇسخىسىنى ئوقۇڭ!


【声明】内容源于网络
0
0
NepKan
竭尽为您解忧,关注我们,解您的忧!
内容 296
粉丝 0
NepKan 竭尽为您解忧,关注我们,解您的忧!
总阅读206
粉丝0
内容296