大数跨境

كەلگۈسىدىكى خىزمەتلەر قانداق بولىدۇ؟

كەلگۈسىدىكى خىزمەتلەر قانداق بولىدۇ؟ Nepkar
2022-07-03
1
导读:چۈنكى بۇلارنىڭ ھەممىسى كىشىلەرگە مۇلازىمەت قىلىدىغان ئىش.

پاي چېكى سودىسىغا قىزىققۇچىلارغا ئالاھىدە خوش خەۋەر،

پاي چېكى سودىسىنى 0 سەۋىيەدىن باشلاپ چۈشىنىشتىكى ياخشى ياردەمچى «پاي چېكى سودىسى--0 سەۋىيەلىكلەر ئۈچۈن!» ناملىق كىتابنىڭ تەرجىمىسى ئېلان قىلىنىدى (بۇ يەرنى بېسىپ ئېرىشىڭ!)

ئىككىلىك كودنى سىكاننېرلاڭ!


نۇرغۇن كىشىلەر ياسىمىچىلىق بىلەن شۇغۇللىنىپ، بىرەر تېخنىكا ئۆگەنسە، بىر ئۆمۈر ئۆزىنى باقالايدۇ، دەپ ئويلايدۇ. بۇنىڭغا قارىتا مەن چوقۇم كۆپچىلىككە ھەقىقىي ئەھۋالنى ئېيتىپ بېرىشىم كېرەك. بۇنىڭدىن كېيىن، نۇرغۇن تۆۋەن تېخنىكىلىق ئىش تۈرلىرى يوقىلىدۇ. 
بۇ دەۋر ئەمدى بۇرۇنقى دەۋر ئەمەس. بىر ھۈنەرنىڭ نېنىنى بىر ئۆمۈر يېيىشكە تايىنىش، بۇ ئوي بەك خەتەرلىك. كەلگۈسىدىكى دەۋردە، ئەڭ ئېھتىياجلىق بولغىنى مۇلازىمەت تىپىدىكى ئىختىساسلىقلار، ھەرگىزمۇ تۆۋەن دەرىجىلىك تېخنىكا تىپىدىكى ئىختىساسلىقلار ئەمەس. 

نۇرغۇن كىشىلەر سۈنئىي ئەقلىي ئىقتىدار (AI) تېخنىكىسىغا نىسبەتەن تېخى يېتەرلىك سەگەك تونۇشقا ئىگە ئەمەس، تېخى سۈنئىي ئەقلىي ئىقتىدارنىڭ ئەنئەنىۋى ئادەتتىكى تېخنىكا ئىش ئورۇنلىرىنىڭ ئورنىنى ئېلىش ئىقتىدارىنىڭ قانچىلىك كۈچلۈكلۈكىنى بىلمەيدۇ. 

ئاقما لىنىيەدىكى مېخانىكىلىق يەلكە 

مەن تۇرۇشلۇق ئاخبارات ئورنىدا بارلىق تېز خەۋەر، قىسقا خەۋەر تۈرىدىكى خەۋەرلەرنىڭ ھەممىسىنى ئەقلىي ئىقتىدارلىق تۇتۇش، يوللاش ئىشقا ئاشۇرۇلدى، ھەرقانداق ئادەمنىڭ ئارىلىشىشى ھاجەتسىز. ئەسلى ئىجادىيەت ئىش ئورنىدىن باشقا، ئەسلى ئىجادىيەت بولمىغان ئىش ئورۇنلىرىنىڭ ھەممىسى تۈگىدى. 

ئايالىم ئىلگىرى ئېلان شىركىتى ئاچقان، ئىلگىرى يەنە ئېلان ئەلالاشتۇرغۇچى بولۇشى كېرەك ئىدى. بۇ ئىككى يىلدا، ئېلان ئەلالاشتۇرغۇچىنىڭمۇ ھاجىتى قالمىدى، سەۋەبى ناھايىتى ئاددىي، بايتلىق سەكرەش دۇنيادىكى ئەڭ ئىلغار ئەقلىي ئىقتىدارلىق ئېلان ئەلالاشتۇرۇش سىستېمىسىنى تەتقىق قىلىپ چىقىپ، ھېچقانچە بوسۇغا بولمىغان تارقىتىشنى ئەمەلگە ئاشۇردى. 

دوۋيىن ئىشلىتىدىغانلارنىڭ ھەممىسى دوۋيىننىڭ ئىچىدە «Dou +» دەپ ئاتىلىدىغان بىر ئىقتىدارنىڭ بارلىقىنى بىلىدۇ، ھەرقانداق ئادەم ئىشلەتسە بولىدۇ، پەقەت پۇل قاچىلىسىلا، بىر كۇنۇپكا بىلەن ئېلان بېرىشكە بولىدۇ.


بۇلارنىڭ ھەممىسى پەقەت ناھايىتى تېيىز قاتلامدىكى سۈنئىي ئەقلىي ئىقتىدار تېخنىكىسى. لېكىن ئىككى ھەپتە ئىلگىرى، مەن بىگۈييۈەننىڭ باش شىتابىغا بېرىپ، دۇنيادىكى ئەڭ ئىلغار «قۇرۇلۇش ماشىنا ئادىمى» كەسىپ بازىسىنى كۆردۈم. ئاشۇ قۇرۇلۇش ماشىنا ئادەملىرىنى ئېكسكۇرسىيە قىلىپ بولغاندىن كېيىن، مېنىڭ دۈمبەمدىن قاتمۇ قات سوغۇق تەر چىقىپ، تېرىلىرىم بىر پەس ئۇيۇشۇپ قالدى. 
نۇرغۇن كىشىلەرنىڭ يەنە بىر ساددا خىيالى بار «ئەگەر ئەمگەك كۈچى ئازىيىپ كەتسە، ئىشچىلارنىڭ ئىش ھەققى ئاشىدۇ.» سۈنئىي ئەقلىي ئىقتىدار دەۋرىدە، بۇ خىيال ساددا بولۇپلا قالماي، بەلكى ئەخمەقلىق! 
مەن بىگۈييۈەننىڭ باش شىتابىدا ئىچكى تامنى ئالدىن ياساش تاختىسىنىڭ بىۋاسىتە زاۋۇتتا ياسالغانلىقىنى، ئاندىن ئەقلىي ئىقتىدارلىق ماشىنا ئادەمنىڭ ئاپتوماتىك توشۇپ، ئاپتوماتىك قۇراشتۇرغانلىقىنى ئۆز كۆزۈم بىلەن كۆردۈم. ئەگەر سىز بىر تام قوپۇرغۇچى بولسىڭىز، كېيىن سىزگە قوپۇرىدىغانغا تام يوق، تام بىۋاسىتە زاۋۇتتا زاكاس قىلىنىدۇ.
ئاز مىقداردا تام قوپۇرۇش خىزمىتى بولغان تەقدىردىمۇ، ئىشچىلارغا نۆۋەت تەگمەيدۇ. ئۇلار مەخسۇس تام قوپۇرغۇچى ماشىنا ئادەم تەتقىق قىلىپ ياساپ چىقتى، بۇ ماشىنا ئادەم بىلەن ئاپتوماتىك ھالدا بېتون، خىش قوپۇرغىلى بولىدۇ. 
ئۇنىڭدىن باشقا يەنە سىرتقى تامنى سۇۋاش ماشىنا ئادىمى، پول چاقچۇق چاپلاش ماشىنا ئادىمى، سىرلاش ماشىنا ئادىمى، بېتوننى تۈزلەش ماشىنا ئادىمى، قۇرۇلۇش ئورنىنى تازىلاش ماشىنا ئادىمى، ئۆلچەش ماشىنا ئادىمى قاتارلىق 18 خىل ئەقلىي ئىقتىدارلىق قۇرۇلۇش ماشىنا ئادىمى مەھسۇلاتلىرى بار. 

بىگۈييۈەن قۇرۇلۇش ماشىنا ئادىمى 

بىر ھاجەتخانا تۆت ئادەمگە ئېھتىياجلىق بولۇپ، ئۈچ سائەتتىلا پۈتىدۇ. 
بۇنىڭ ئىچىدە، مەن نەق مەيداندا ئۇلارنىڭ ئۆلچەش ماشىنا ئادىمىنى سىناپ باقتىم، پەقەت ئۈچ مىنۇتتىلا بىر ئېغىز ئۆيدىكى بارلىق سانلىق مەلۇماتلارنى ئۈچ ئۆلچەملىك دوكلات قىلىش رەسىمى ھاسىل قىلغىلى بولىدىكەن. ئادەم كۈچى بىلەن ئۆلچەش ئەقلىي ئىقتىدارلىق ئۆلچەشكە قانداق قارشى تۇرالايدۇ؟ 

بۇ بىر يۈرۈش سىستېمىلاشقان قۇرۇلۇش ماشىنا ئادىمى. ئۇنىڭ ئۈستىگە بىگۈييۈەندىكى قۇرۇلۇش ماشىنا ئادىمى تېخنىكىسى ئەمەلىيەتتىن ئۆتكۈزۈش باسقۇچىغا كىردى، بىگۈييۈەندىكى قۇرۇلۇش ئورنىدا جەمئىي 4 مىليون 500 مىڭ كۇۋادىرات مېتىر قۇرۇلۇش قىلىندى. بۇ قۇرۇلۇش تېخنىكا ئىنقىلابى ھەقىقىي يۈز بەردى! 

ئەمما، بىزدە قانچىلىغان كىشىلەر بۇ تېخنىكا ئىنقىلابىدىن بىخەۋەر؟
ئەگەر سىز بىر سىرتقى تامنى چوتكىلاش ئىشچىسى بولسىڭىز، رەقىبىڭىزنىمۇ سىرتقى تامنى چوتكىلاش ئىشچىسى دەپ ئويلامسىز؟ لېكىن بۇ چوڭ خاتالىق! سىزنىڭ رەقىبىڭىز چىڭخۇا داشۆسى، بېيجىڭ داشۆسى، جېجياڭ داشۆسى، شياڭگاڭ داشۆسى ۋە جۇڭگو پەنلەر ئاكادېمىيەسىدىكى داڭلىق ئەقلىي ئىقتىدارلىق مۇتەخەسسىسلەردۇر. ئۇلار دەل بىگۈييۈەن قۇرۇلۇش ماشىنا ئادىمىنىڭ يادرولۇق تەتقىقات ئەترىتى. 

بۇ خىل كۈچلۈك ئەقلىي ئىقتىدارنىڭ زەربىسىدە، نۇرغۇن ئادەتتىكى ئىش تۈرلىرى بىۋاسىتە يوقاپ كېتىدۇ. خوش، بىر تېخنىكىنى ئۆگىنىپ ئۆمۈرلۈك تۇرمۇشقا قانداق كاپالەتلىك قىلىش كېرەك؟ 

نېمە ئۈچۈن بىگۈييۈەن ئەقلىي ئىقتىدارلىق قۇرۇلۇش ماشىنا ئادىمىنى تەتقىق قىلىدۇ؟ سەۋەبى ناھايىتى ئاددىي: يېڭى بىر ئەۋلاد ياشلار ئىش ئورنىغا بېرىشنى خالىمىدى، پېشقەدەم ئىشچىلار پېنسىيەگە چىقىشقا ئاز قالدى. جۇڭگو قۇرۇلۇش ئىشچىلىرىنىڭ ئوتتۇرىچە يېشى 40 ياشتىن ئېشىپ كەتتى. بۇ بىر تۈركۈم ئىشچىلار قېرىغاندىن كېيىن، بىناكارلىق كەسپى قىلغىلى بولىدىغان ئىش بولماسلىق ھالىتىگە دۇچ كېلىدۇ. 


ئەگەر قىلغىلى بولىدىغان ئىش بولمىسا، قانداق قىلىش كېرەك؟ كاپىتالنىڭ ئويى ئەمگەك كۈچىنى تېخىمۇ كۆپ پۇل بىلەن ياللاش بولماستىن، بەلكى ئەقلىي ئىقتىدارلىق ماشىنا ئادەمنى ئىشلىتىش، بىۋاسىتە ئەقلىي كۈچنى جىسمانىي كۈچنىڭ ئورنىغا دەسسىتىشتىن ئىبارەت. كەلگۈسىدىكى قۇرۇلۇش تەننەرخى تېخىمۇ تۆۋەن، سۈپىتى تېخىمۇ يۇقىرى، ئۈنۈمى تېخىمۇ تېز بولىدۇ. 

مانا بۇ سۈنئىي ئەقلىي ئىقتىدار تېخنىكىسى بولۇپ، ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرىنىڭ تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈشنىڭ ماھىيىتى. 

سىز «سۈنئىي ئەقلىي ئىقتىدار دولقۇنىدا، قانچىلىك تېخنىكىلىق ئىش تۈرلىرىنىڭ ئورنى ئېلىنىدۇ؟» دەپ سورىشىڭىز مۇمكىن. 
توردا بىر خاتا قاراش ناھايىتى كەڭ تارقالغان. ئۇ بولسىمۇ، ھازىرقى ياشلار بۇيرۇتما يەتكۈزۈشكە رازىكى، ياساش كەسپى بىلەن شۇغۇللىنىشنى خالىمايدۇ. 

لېكىن، سىز ئويلاپ باقتىڭىزمۇ، جۇڭگودىكى بۇيرۇتما يەتكۈزۈش خادىملىرى 10 مىليوندىن ئاشىدۇ، لېكىن جۇڭگونىڭ ياسىمىچىلىق كەسپى كىچىكلىمەيلا قالماستىن، ئەكسىچە بارغانسېرى كۈچەيدى! 


بۇنىڭ مەنبەسى شۇكى، ياسىمىچىلىقنىڭ تەرەققىي قىلىشى بارغانسېرى ئادەم كۈچىگە تايانمايدىغان بولۇپ قالدى. ئاپتوماتلاشقان، ئەقلىي ئىقتىدارلاشتۇرۇلغاندىلا، ئاندىن ياسىمىچىلىقنىڭ يۇقىرى سۈرئەتتە تەرەققىي قىلىشىدىكى ئەڭ چوڭ تۈرتكىلىك كۈچنى ئىلگىرى سۈرگىلى بولىدۇ، ئەمگەك كۈچى كۆجۈملەشكەن كەسىپ ئەمەس. بۇيرۇتما يەتكۈزۈش يېڭى دەۋردىكى ئەمگەك كۈچى كۆجۈملەشكەن كەسىپ. 
كەلگۈسىگە نىسبەتەن، ئىستىقباللىق كەسىپ چوقۇم ئادەمگە مۇلازىمەت قىلىدىغان كەسىپ، ماشىنىغا مۇلازىمەت قىلىدىغان كەسىپ ئەمەس. چۈنكى سۈنئىي ئەقلىي ئىقتىدار سانائەت ئىنقىلابى ئادەمنى ماشىنىلاردىن ئازاد قىلىدۇ. بۇ خۇددى ئامېرىكىنىڭ نېگىر قۇللارنى ئازاد قىلىپ، سانائەت ئىنقىلابى ئارقىلىق قۇللارنى ئېكىنزارلىقتىن ئازاد قىلغانلىقىغا ئوخشايدۇ. 
نېمە ئۈچۈن ئېلېكتىرونلۇق ئويۇن ئوينىغۇچىلار، ئېقىم چولىپىنى (ۋاڭخۇڭ)لارنىڭ كىرىمى بارغانسېرى يۇقىرىلايدۇ؟ چۈنكى ئۇلار ئادەم ئۈچۈن مۇلازىمەت قىلىدىغان كەسىپ بىلەن شۇغۇللىنىدۇ. ئۇلارنىڭ مۇلازىمەت قىلىدىغان ئادىمى قانچە كۆپ بولسا، كىرىمى شۇنچە يۇقىرى بولىدۇ. ئەكسىچە، بىر ئادەم قانچە ماشىنىدا مەشغۇلات قىلالايدۇ؟ ئەگەر بىر ئادەم بىر ماشىنىدا مەشغۇلات قىلسا، كىرىم جەھەتتە قانداقمۇ نەچچە ئون مىليون مەستانە ئۈچۈن مۇلازىمەت قىلىدىغان ئېقىم چولپىنى بىلەن سېلىشتۇرغىلى بولىدۇ؟ 
بىر مەيدان ئېلېكتىرونلۇق ئويۇن مۇسابىقىسىدە ئاران 10 ماھىر مەيدانغا چىققان بولسىمۇ، ئەمما تور سىرتىدا دۇنيا بويىچە 200 مىليوندىن ئارتۇق تاماشىبىن بار، ئۇلارنىڭ كىرىمى يۇقىرى بولمامدۇ؟ 


نېمە ئۈچۈن 10 مىليون ئادەم بۇيرۇتما يەتكۈزۈپ بېرىشكە رازىكى، ئىش ئورنىغا بېرىشنى خالىمايدۇ، زاۋۇتقا بېرىشنى خالىمايدۇ؟ چۈنكى قۇرۇلۇش ئورنىغا ياكى زاۋۇتقا بارسا، كىرىمى ھەقىقەتەن يۇقىرى بولمايدۇ، كەلگۈسىدە يەنە تېخنىكىلىق ئىش تۈرى تۇيۇقسىز يوقىلىش خەۋپىگە دۇچ كېلىدۇ. 

نېمە ئۈچۈن پىروگراممېرلارنىڭ كىرىمى يۇقىرى بولىدۇ؟ چۈنكى، پىروگراممېرلار سۈنئىي ئەقلىي ئىقتىدار ئىنقىلابىنىڭ يادرولۇق ئىلگىرى سۈرگۈچىسى، ئىشچىلارنى ماشىنا ئارقىلىق ئازاد قىلىشنىڭ ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچى. ئەمما، پىروگراممېرلار بۈگۈن باشقىلارنىڭ قاچىسىغا تۇپا چاچقان بىلەن، كەلگۈسىدە ئۆزىنىڭ تاماق قاچىسىدىنمۇ ئايرىلىپ قالىدۇ. نۇرغۇنلىغان ئېچىش تۈرلىرى تاماملانغاندا، بىر تۈركۈم پىروگراممېرلار ئىشتىن بوشىتىلىپ، پەقەت ئىنتايىن ئاز ساندىكى قوغداش-يۈرۈشتۈرۈش خادىملىرى قېلىپ قالىدۇ. 
پىروگراممېرلار باشقىلارنى شاللىۋېتىش بىلەن بىر ۋاقىتتا، ئۆزىنىمۇ شاللىۋېتىدۇ. 
نېمە ئۈچۈن بارغانسېرى كۆپ كىشى مەمۇرلۇققا، ئوقۇتقۇچىلىققا ئىمتىھان بېرىدۇ؟ 
چۈنكى بۇلارنىڭ ھەممىسى كىشىلەرگە مۇلازىمەت قىلىدىغان ئىش. پەقەت ئادەمگە مۇلازىمەت قىلىدىغان ئىش ئورنىدىلا، ئاندىن سۈنئىي ئەقلىي ئىقتىدار دولقۇنىدا، مەۋجۇتلۇقىنى ساقلاپ قالغىلى بولىدۇ.


بۈگۈن بىر ئوقۇتقۇچى 40 ئوقۇغۇچىغا دەرس بېرىدۇ؛
كەلگۈسىدە بىر ئوقۇتقۇچى پەقەت 10 ئوقۇغۇچىنىلا تەربىيەلىشى مۇمكىن؛ 
بۈگۈن بىر دوختۇر 40 بىمارنى كۆردى؛ 
كەلگۈسىدە بىر دوختۇر پەقەت 10 بىمارنىلا كۆرۈشى مۇمكىن؛ 
بۈگۈن، بىزنىڭ بىر ئادۋوكاتىمىز 10 دېلونى ئىشلىشى مۇمكىن؛
كەلگۈسىدە، بىر ئادۋوكات پەقەت بەش دېلونى بىر تەرەپ قىلىشى مۇمكىن. 

كەلگۈسىدىكى جۇڭگو تېخىمۇ كۆپ سانائەت ئىشچىلىرىغا ئېھتىياجلىق ئەمەس، لېكىن چوقۇم تېخىمۇ كۆپ ئوقۇتقۇچى، دوختۇر، سېسترا، ئادۋوكات، ساقچى، بالا باققۇچىغا ئېھتىياجلىق. 
چۈنكى، ئادەم ماشىنىدىن ئازاد بولغاندىن كېيىن خاراكتېرى تېخىمۇ زور جارى قىلدۇرۇلىدۇ، ماھارىتى تېخىمۇ زور تەرەققىياتقا ئېرىشىدۇ، مەدەنىي كۆڭۈل ئېچىش روھى دۇنياسى ناھايىتى زور دەرىجىدە بېيىيدۇ. 

ئىنسانلار ئەلۋەتتە تېخىمۇ يۇقىرى دەرىجىلىك يۇلتۇزلار ئارا مەدەنىيەت ئۈستىدە ئىزدىنىشكە موھتاج، ئەمما مۇتلەق كۆپ ساندىكى ئاددىي كىشىلەر ئۈچۈن ئېيتقاندا، ئالدى بىلەن دۇچ كېلىدىغىنى يەنىلا يېتىپ كېلىش ئالدىدا تۇرغان سۈنئىي ئەقلىي ئىقتىدار دەۋرىدە قانداق قىلىپ ياخشى تۇرمۇش كەچۈرۈش. 

ئالاھىدە خوش خەۋەر:

ئەڭ يېڭى نادىر كىتاب «مالىيە تەپەككۇرى»نىڭ تەرجىمىسى ئېلان قىلىندى. بۇ يەرنى بېسىپ پايدىلىنىڭ!

---

تۆۋەندىكى يازمىلار سىزگە تېخىمۇ كۆپ نەپ بېرىشى مۇمكىن:

1. مالىيە مەلۇمات جەدۋىلى: مالىيە مەلۇمات جەدۋىلى شىركەتنىڭ ئەھۋالىنى تولۇق گەۋدىلەندۈرۈپ بېرەلەمدۇ؟
2. مۈلۈك چېگراسى: مۈلۈكنى قانداق قىلغان توغرا بېكىتكىلى بولىدۇ؟
3. ﻣﯜﻟﯜك سەپلەش: ﺳﺎن-سىفىر ئارقىسىدىكى ﺋﯩﺸﻠﻪﭘﭽﯩﻘﯩﺮﯨﺶ ئىستراتېگىيەسى
4. قەرز تىجارىتى: يۇقىرى قەرز يۇقىرى خەۋپ-خەتەرگە باراۋەرمۇ؟
5. ﻗﻪرزنىڭ يوشۇرۇنۇشى: ﻣﻪﻟﯘﻣﺎت ﺟﻪدۋﯨﻠﻰ ﺳﯩﺮﺗﯩﺪﯨﻜﻰ ﻛﺮﯨﺰىس

6. پايدا ئىنقىلابى: تەخمىنىي توغرىلىق توغرا بولغان خاتالىقتىن ئەۋزەل!

7. پايدا سۈپىتى: سىجىل پايدا ئەڭ قىممەتلىك
8. نەق پۇل سەۋىيەسى: ئىلكىدىكى پۇل قانچە كۆپ بولسا شۇنچە ياخشى بولامدۇ؟
9. ﻧﻪق ﭘﯘل ﻗﯘرۇﻟﻤﯩﺴﻰ: ﻧﯧﻤﻪ ﺋﯜﭼﯜن ﻧﻪق ﭘﯘل ﺋﻮﺑﻮروﺗﯩﻨﻰ مەنپىي بولغان شىركەتمۇ پېيىنى بازارغا سالالايدۇ؟
10. مەلۇمات جەدۋىلىنىڭ قوشۇمچە ئىزاھاتى: خېتى قانچە كىچىك بولسا شۇنچە مۇھىم بولىدۇ
11. مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈش مۇناسىۋىتى: ھەقدار ۋە پايچىكلارنىڭ ئۆزئارا چەكلەش چارىسى
12. ﻣﻪﺑﻠﻪغ ﻳﯜرۈﺷﺘﯜرۈش ﭘﯩﺮﯨﻨﺴﯩﭙﻰ: ﻣﯘددﯨﺘﻰ ۋە ﺧﻪﺗﯩﺮﯨﻨﯩﯔ قوش ﺗﻪﯕﭙﯘﯕﻠﯩﺸﯩﺶ ﻧﯩﺴﺒﯩﺘﻰ
13. پاي ھوقۇقى قۇرۇلمىسى: AB پاينىڭ كۈچى
14. مونوپوللۇق يەككە پايچىك: سەل قاراشقا بولمايدىغان باغلىنىشلىق سودا
15. ﻣﻪﺑﻠﻪغ ﻳﯜرۈﺷﺘﯜرۈش ﺋﯧﻜﻮﻟﻮﮔﯩﻴﻪسى: قىسمەن ئەلالاشتۇرۇش ۋە ﺋﻮﻣﯘﻣﻴﯜزﻟﯜك ئەلالاشتۇرۇش

16. ئۈنۈم باشقۇرۇش: ساپ مۈلۈك پايدا نىسبىتىنى يۇقىرى كۆتۈرۈشتىكى ئەڭگۈشتەر

17. تىجارەت تەدبىرى: ئۈنۈملۈك مالىيە ئۇچۇرلىرىنى قانداق تاسقاش كېرەك؟
18. تەننەرخنى پەرقلەندۈرۈش: تىجارەت تەدبىرىنىڭ ھەل قىلغۇچ ئامىلى
19. بايلىق باشقۇرۇش: ۋاپاغا جاپا ئېففېكتىدىن ھوشيار بولۇش
20. باشقۇرۇش ئىسلاھاتى: ھەممە ئادەم بىر پارچە پايدا جەدۋىلىدۇر
21. مۇقىم مۈلۈك: سېتىۋېلىش، ئىجارىگە ئېلىش كېرەكمۇ ياكى قەرز ئېلىش كېرەكمۇ؟
22. قىممەتكە مەبلەغ سېلىش: باشقىلارنىڭ سەۋەنلىكىدىن پايدىلىنىپ پۇل تېپىش
23. كاپىتال خام چوتى: تۈر ئارىسىدا قانداق PK قىلىش كېرەك؟

24. خەۋپ-خەتەرنى مىقدارلاشتۇرۇش: قانداق قىلغاندا مەبلەغ سېلىشتا كۆڭۈلدە سان بولۇشنى ئىشقا ئاشۇرغىلى بولىدۇ؟

25. ناتۇرال قەرەللىك ھوقۇقى: مەبلەغ سېلىشنىڭ ئېنىقسىزلىقىغا تاقابىل تۇرۇش
26. خەۋپ-خەتەرنى يۆتكىۋېتىش: سۇغۇرتا ۋە جاۋابكارلىقنى ئورتاق ئۈستىگە ئېلىش
27. قوشۇۋېلىش تاكتىكىسى: كىچىكىنىڭ چوڭىنى يېيىش پاراسىتى
28. قوشۇۋېلىشنىڭ يوشۇرۇن خەۋپ-خەتىرى: سودا ئىناۋىتىدىن ئىبارەت «كۈل رەڭ كەركىدان»

29: قىممىتىنى تۆۋەنلىتىش پەيتى: زىياننى تۈگىتىشتىن ئۈمىد بولمىغاندا «چوڭ يۇيۇنۇش»قا يەتمەيدۇ

30. پايدا بۆلۈشۈش سىياسىتى: پايدىنى تەقسىملىگەن شىركەت ياخشى شىركەتمۇ؟

【声明】内容源于网络
0
0
Nepkar
在这里你只能获取对你最有用的。 别忘了关注哦!
内容 408
粉丝 0
Nepkar 在这里你只能获取对你最有用的。 别忘了关注哦!
总阅读311
粉丝0
内容408