大数跨境

بۇ خىل قىلمىشقا ئەڭ كۆپ بولغاندا 100 مىڭ يۈەن جەرىمانە قويۇلىدۇ

بۇ خىل قىلمىشقا ئەڭ كۆپ بولغاندا 100 مىڭ يۈەن جەرىمانە قويۇلىدۇ NepKan
2022-03-31
2
导读:مۇخبىرنىڭ 29-مارت ج خ مىنىستىرلىقىدىن ئىگىلىشىچە، ج خ



مۇخبىرنىڭ 29-مارت ج خ مىنىستىرلىقىدىن ئىگىلىشىچە، ج خ مىنىستىرلىقى يېڭىدىن تۈزگەن «يول قاتناش بىخەتەرلىكىگە دائىر قانۇنغا خىلاپ قىلمىشلارغا نومۇر خاتىرىلەشنى باشقۇرۇش چارىسى»دا نومۇر ئېلىش-سېتىش ھەمدە باشقىلارنى نومۇر ئېلىش-سېتىشقا تەشكىللەش ئارقىلىق، ئىقتىسادىي مەنپەئەتكە ئېرىشىش قىلمىشىغا قارىتا مۇناسىپ مەسئۇلىيەت بەلگىلىگەن. بۇ چارە 1-ئاپرېلدىن باشلاپ يولغا قويۇلىدىكەن. 

يېڭىدىن تۈزۈلگەن «يول قاتناش بىخەتەرلىكىگە دائىر قانۇنغا خىلاپ قىلمىشلارغا نومۇر خاتىرىلەشنى باشقۇرۇش چارىسى»دا مۇنداق بەلگىلەنگەن:

موتورلۇق قاتناش ۋاسىتىسى ھەيدىگۈچى باشقىلارنى قاتناش قائىدىسىگە خىلاپلىق قىلىش قىلمىشىغا جازا بېرىش ۋە نومۇر خاتىرىلەشنى قوبۇل قىلىشقا تەكلىپ قىلغان ھەمدە ئىقتىسادىي مەنپەئەت بەرگەن بولسا، جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنىنىڭ قاتناش باشقۇرۇش تارمىقى ئىقتىسادىي مەنپەئەتنىڭ ئۈچ ھەسسىسىدىن تۆۋەن جەرىمانە قويىدۇ، لېكىن ئەڭ يۇقىرى بولغاندا 50 مىڭ يۈەندىن ئېشىپ كەتمەيدۇ، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، ئەسلىدىكى قاتناش قائىدىسىگە خىلاپلىق قىلىش قىلمىشىغا قانۇن بويىچە جازا بېرىدۇ. 

موتورلۇق قاتناش ۋاسىتىسى ھەيدىگۈچىگە ۋاكالىتەن قاتناش قائىدىسىگە خىلاپلىق قىلىش جازاسى ۋە نومۇر خاتىرىلەشنى قوبۇل قىلىپ ئىقتىسادىي پايدا ئالغانلارغا جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنىنىڭ قاتناش باشقۇرۇش تارمىقى قانۇنغا خىلاپ تاپاۋىتىنىڭ ئۈچ ھەسسىسىدىن تۆۋەن جەرىمانە قويىدۇ، لېكىن ئەڭ يۇقىرى بولغاندا 50 مىڭ يۈەندىن ئېشىپ كەتمەيدۇ، ئۇنىڭغا بىر قېتىمدا 12 نومۇر خاتىرىلەيدۇ؛ شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، ئەسلىدىكى مەمۇرىي جازا قارارى قانۇن بويىچە بىكار قىلىنىدۇ. 

باشقىلارنى نومۇر ئېلىش-سېتىشقا تەشكىللەپ ئىقتىسادىي پايدا ئالغانلارغا جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنىنىڭ قاتناش باشقۇرۇش تارمىقى قانۇنغا خىلاپ تاپاۋىتىنىڭ بەش ھەسسىسىدىن تۆۋەن جەرىمانە قويىدۇ، لېكىن ئەڭ يۇقىرى بولغاندا 100 مىڭ يۈەندىن ئېشىپ كەتمەيدۇ؛ باشقۇرۇش ئورۇنلىرىنىڭ تەرتىپىنى قالايمىقانلاشتۇرۇش قاتارلىق قىلمىشلارنى سادىر قىلىپ، ئامانلىق باشقۇرۇشقا خىلاپ قىلمىش شەكىللەندۈرگەنلەرگە قانۇن بويىچە ئامانلىق باشقۇرۇش جازاسى بېرىدۇ. 

■ يېقىنقى ئۈچ قېتىملىق نومۇر خاتىرىلەش دەۋرىدە، موتورلۇق قاتناش ۋاسىتىسى ھەيدىگۈچى نومۇر ئېلىش-سېتىش سەۋەبىدىن جازالانغان بولسا، جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنىنىڭ قاتناش باشقۇرۇش تارمىقى ئۇ كىشىنىڭ قاتناش قائىدىسىگە خىلاپلىق قىلىش قىلمىشىغا نومۇر خاتىرىلەش ئىلتىماسىنى قوبۇل قىلمايدۇ.

مەنبە: جۇڭگو رادىيو تورى ئۇيغۇرچە سالونىدىن ئېلىندى.


【声明】内容源于网络
0
0
NepKan
竭尽为您解忧,关注我们,解您的忧!
内容 296
粉丝 0
NepKan 竭尽为您解忧,关注我们,解您的忧!
总阅读206
粉丝0
内容296