大数跨境

بۇ چەكلىمە ئەمەلدىن قالدۇرۇلدى

بۇ چەكلىمە ئەمەلدىن قالدۇرۇلدى NepKan
2022-05-09
0
导读:ناھىيە بازىرىدا نوپۇسقا ئېلىشقا چەكلىمە قويۇشنى بىكار قىلىش سىياسىتى ئومۇميۈزلۈك ئەمەلىيلەشتۈرۈلىدۇ.


مەركىزىي كومىتېت بەنگۇڭتىڭى، گوۋۇيۈەن بەنگۇڭتىڭى ھۆججەت تارقاتتى!

ناھىيە بازىرىدا نوپۇسقا ئېلىشقا چەكلىمە قويۇشنى بىكار قىلىش سىياسىتى ئومۇميۈزلۈك ئەمەلىيلەشتۈرۈلىدۇ

مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 5-ئاينىڭ 9-كۈنى بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: يېقىندا مەركىزىي كومىتېت بەنگۇڭتىڭى، گوۋۇيۈەن بەنگۇڭتىڭى «ناھىيە بازىرىنى مۇھىم ۋاسىتە قىلغان شەھەر-بازارلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈش توغرىسىدىكى پىكىر»نى بېسىپ تارقاتتى. بۇنىڭدا ناھىيە بازىرىنىڭ تەرەققىياتى توغرىسىدا مۇھىم يېڭى تەلەپلەر بار.


  ناھىيە بازىرىدا نوپۇسقا ئېلىشقا چەكلىمە قويۇشنى بىكار قىلىش سىياسىتى ئومۇميۈزلۈك ئەمەلىيلەشتۈرۈلىدۇ

«پىكىر»دە مۇنۇلار تەلەپ قىلىندى: يېزا ئىگىلىك يۆتكەلمە ئاھالىسىنىڭ شەھەر ئاھالىسىگە ئايلىنىش مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش لازىم. ناھىيە بازىرىدا نوپۇسقا ئېلىشقا چەكلىمە قويۇش سىياسىتىنى ئەمەلدىن قالدۇرۇشنى ئومۇميۈزلۈك ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، مۇقىم ئىشقا ئورۇنلاشقان، تۇرمۇش كەچۈرۈۋاتقان سىرتتىن كەلگەن نوپۇس بىلەن شۇ جايدىكى يېزا ئىگىلىك يۆتكەلمە نوپۇسقا ئوخشاش مۇئامىلە قىلىشقا كاپالەتلىك قىلىش لازىم. يېڭىدىن نوپۇسقا ئېلىنغان نوپۇس بىلەن ناھىيە بازىرىدىكى ئاھالىلەرنىڭ باراۋەر ئاممىۋى مۇلازىمەتتىن بەھرىمەن بولۇشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىپ، دېھقان ئىشلەمچىلەر قاتارلىق شۇ جاينىڭ نوپۇسىدا بولمىغان دائىملىق تۇرۇشلۇق ئاھالىنىڭ مائارىپ، داۋالاش، تۇرالغۇ كاپالىتى قاتارلىق ئاساسىي ئاممىۋى مۇلازىمەتتىن باراۋەر بەھرىمەن بولۇشىغا كاپالەتلىك قىلىش كېرەك.

  كارخانىلار دېھقان ئىشلەمچىلەرنى ئىشچى-خىزمەتچىلەرنىڭ كۈتۈنۈش سۇغۇرتىسى، داۋالىنىش سۇغۇرتىسى، ئىشتا يارىلىنىش سۇغۇرتىسى، ئىشسىزلىق سۇغۇرتىسى، تۇغۇت سۇغۇرتىسى قاتارلىق ئىجتىمائىي سۇغۇرتا ھەققىنى تاپشۇرۇش دائىرىسىگە كىرگۈزۈش مەسئۇلىيىتىنى ئومۇميۈزلۈك ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، دېھقان ئىشلەمچىلەرنى بەلگىلىمە بويىچە ئىشچى-خىزمەتچىلەرنىڭ ئاساسىي داۋالىنىش سۇغۇرتىسى ۋە شەھەر-بازارلاردىكى ئىشچى-خىزمەتچىلەرنىڭ ئاساسىي كۈتۈنۈش سۇغۇرتىسىغا قاتنىشىشقا مۇۋاپىق يېتەكلەش كېرەك. شەھەرگە كىرىپ نوپۇسقا ئېلىنغان دېھقانلارنىڭ يېزا يەر ھۆددىگەرلىك ھوقۇقى، ئۆيلۈك يەرنى ئىشلىتىش ھوقۇقى، كوللېكتىپ پايدىنى تەقسىملەش ھوقۇقىنى قانۇن بويىچە كاپالەتلەندۈرۈپ، ئۇلارنىڭ يۇقىرىقى ھوقۇق-مەنپەئەتىنى قانۇن بويىچە ئۆز ئىختىيارلىقى بىلەن ھەقلىق ئۆتۈنۈپ بېرىشىنى قوللاش كېرەك.


چوڭ شەھەرلەرنىڭ ئەتراپىدىكى ناھىيەلەرنىڭ تەرەققىياتىنى تېزلىتىش كېرەك

«پىكىر»دە مۇنۇلار ئوتتۇرىغا قويۇلدى: شەھەرلەر توپى ۋە مەركىزىي شەھەر چەمبىرىكى دائىرىسىگە جايلاشقان ناھىيە بازارلىرىنىڭ قوشنا چوڭ شەھەر قۇرۇلۇشىغا سىڭىشىپ تەرەققىي قىلىشىنى قوللاپ، نوپۇس، كەسىپ، ئىقتىدار، بولۇپمۇ ئادەتتىكى ياسىمىچىلىق، رايون خاراكتېرلىك ئەشيا ئوبوروتى بازىسى، كەسپىي بازار، زىيادە مەركەزلەشكەن ئاممىۋى مۇلازىمەت بايلىقىنى تارقاقلاشتۇرۇش، يۆتكەشنى تەشەببۇسكارلىق بىلەن قوبۇل قىلىپ، تېز سۈرئەتلىك قاتناشنى تۇتاشتۇرۇشنى كۈچەيتىپ، قوشنا چوڭ شەھەرلەر بىلەن راۋان، قولاي، فۇنكسىيەسى بىر-بىرىنى تولۇقلايدىغان، كەسىپلەر يۈرۈشلەشكەن ھەمراھ ناھىيە بازىرىغا ئايلاندۇرۇش كېرەك.


  نوپۇسى كېمىيىپ كەتكەن ناھىيە بازىرىنى تىپىنى ئۆزگەرتىپ تەرەققىي قىلدۇرۇشقا يېتەكلەش كېرەك

  «پىكىر»دە يەنە مۇنۇلار ئايدىڭلاشتۇرۇلدى: شەھەر-بازارلارنىڭ تەرەققىيات ئۆزگىرىش ۋەزىيىتىگە بىرلەشتۈرۈپ، نوپۇسى كېمىيىپ كەتكەن ناھىيە بازارلىرىدا شەھەر-بازار قۇرۇلۇش يېرىنىڭ كۆپىيىشىنى قاتتىق كونترول قىلىپ، ساقلانما مىقدارنى جانلاندۇرۇپ، نوپۇس ۋە ئاممىۋى مۇلازىمەت بايلىقىنىڭ مۇۋاپىق مەركەزلىشىشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، خەلق تۇرمۇشىنى كاپالەتلەندۈرۈش ۋە پاناھلاندۇرۇش-يۆلەشنى كۈچەيتىپ، نوپۇسنى قوشنا ئىقتىسادىي تەرەققىيات ئەۋزەل رايونلارغا يۆتكىلىشكە تەرتىپلىك يېتەكلەپ، شارائىتى بار، بايلىقى تۈگىگەن ناھىيە بازارلىرىنىڭ سەپلىمە كەسىپلەرنى يېتىلدۈرۈشىگە مەدەت بېرىش كېرەك.


  ناھىيە بازىرى قۇرۇلۇشىنىڭ نورمال يەر ئىشلىتىش ئېھتىياجىغا كاپالەتلىك قىلىش لازىم


  «پىكىر»دە مۇنۇلار ئوتتۇرىغا قويۇلدى: تۈجۈپىلىك، يۇقىرى ئۈنۈملۈك قۇرۇلۇش يېرىدىن پايدىلىنىش مېخانىزمى ئورنىتىش كېرەك. ساقلانما، تۆۋەن ئۈنۈملۈك قۇرۇلۇش يېرىنى قايتا ئېچىشنى كۈچەيتىپ، يېڭىدىن كۆپەيتىلگەن قۇرۇلۇش يېرى پىلان كۆرسەتكۈچىنى مۇۋاپىق ئورۇنلاشتۇرۇپ، ناھىيە بازىرى قۇرۇلۇشىنىڭ نورمال يەر ئىشلىتىش ئېھتىياجىغا كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. يەر تېجەش تىپىدىكى ئىخچام، يۇقىرى ئۈنۈملۈك ئېچىش ئەندىزىسىنى كېڭەيتىپ، قۇرۇلۇش يېرى 2-دەرىجىلىك بازىرىنى قېلىپلاشتۇرۇش كېرەك. ئۇزاق مۇددەتلىك ئىجارە بېرىش، ئاۋۋال ئىجارە بېرىش، كېيىن ئۆتۈنۈپ بېرىش، ئېلاستىك يىللىق تەمىنلەش قاتارلىق ئۇسۇللار بىلەن سانائەت يېرىنى تەمىنلەشكە ئىلھام بېرىپ، ھازىرقى سانائەت يېرىنىڭ ھەجىم نىسبىتى ۋە بىرلىك يەر كۆلىمىنىڭ ھاسىلات نىسبىتىنى ئۆستۈرۈش كېرەك.

بۇنىڭدىن باشقا، دۆلەتنىڭ بىر تۇتاش ئورۇنلاشتۇرۇشى بويىچە، يېزا كوللېكتىپ تىجارەتلىك قۇرۇلۇش يېرىنى بازارغا سېلىشنى پۇختا، تەرتىپلىك ئالغا سىلجىتىش كېرەك.

كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

مەنبە: خەلق تورى

----

تەۋسىيە كىتاب: شۆ جاۋفېڭ «ئىقتىساد تەپەككۇرى»

ئەگەر مەزكۇر كىتابنىڭ تولۇق مەزمۇنىغا قىزىقسىڭىز بۇ يەرنى بېسىپ مەزكۇر كىتابنىڭ تولۇق تەرجىمىسىنىڭ ئېلېكىتىرونلۇق نۇسخىسىنى ئوقۇڭ!


【声明】内容源于网络
0
0
NepKan
竭尽为您解忧,关注我们,解您的忧!
内容 296
粉丝 0
NepKan 竭尽为您解忧,关注我们,解您的忧!
总阅读206
粉丝0
内容296