«تالوننى تاپشۇردۇم، قەرز پۇل ئۆسۈم نىسبىتىنى تۆۋەنلىتىشنى ئىلتىماس قىلىمەن».
يېقىندا، فۇجيەن ئۆلكىسى شيامېن شەھىرى ئاھالىسى ۋاڭ ئەپەندى ئۆزىنىڭ پۇل يۆتكىگەندىكى كەسمە سۈرىتىنى «جۇڭگو بانكا-سۇغۇرتا نازارەتچىلىكى كومىتېتى»نىڭ ئورگان تەرەپ ئۈندىدار سۇپىسىغا يوللاپ، ئۆزىنىڭ «تۆۋەن ئۆسۈملۈك» قەرز پۇلىنىڭ تەستىقلىنىشىنى كۈتكەن. لېكىن، ئۇ ئىلتىماس قىلغان قەرز پۇلنىڭ تەستىقلانغانلىق خەۋىرى كەلمەيلا قالماستىن، ئەكسىچە 150 مىڭ يۈەن زىيان تارتقان...
ئىگىلىنىشىچە، 8-ماي، ۋاڭ ئەپەندى ناتونۇش بىر تېلېفوننى تاپشۇرۇۋالغان، قارشى تەرەپ ئۆزىنى «XX پۇل مۇئامىلىچىلىكى»نىڭ خېرىدارلار مۇلازىمەتچىسى دەپ ئاتىۋالغان بولۇپ، ۋاڭ ئەپەندىگە مەزكۇر سۇپا يولغا قويغان قەرز مۇلازىمىتىنىڭ ئۆسۈم نىسبىتىنىڭ بەك يۇقىرىلىقىنى، دۆلەت ئۆسۈم نىسبىتى تەڭشىگەچكە، ۋاڭ ئەپەندىگە قەرز پۇل ئۆسۈم نىسبىتىنى تۆۋەنلىتىپ بېرىدىغانلىقىنى، ئەمما ھېسابات نومۇرىنى رويخەتتىن ئۆچۈرۈش كېرەكلىكىنى، بولمىسا شەخسىي ئىناۋەتكە تەسىر يېتىدىغانلىقىنى ئېيتقان.
ۋاڭ ئەپەندى بۇنىڭغا ئىشەنگەن، قارشى تەرەپ ئۇنىڭغا مەلۇم سىنلىق يىغىن ئەپ دېتالىنى چۈشۈرگۈزگەن ھەمدە ۋاڭ ئەپەندىنى «توردىكى يىغىن»غا ئەكىرگەن.
ئارقىدىن قارشى تەرەپ ۋاڭ ئەپەندىنىڭ ئېكراننى ھەمبەھرىلەش ئىقتىدارىنى ئېچىشىنى ئېيتىپ، ۋاڭ ئەپەندىگە كېيىنكى قەدەمدىكى مەشغۇلاتنى «ئۆگەتمەكچى» بولغان. قارشى تەرەپ ۋاڭ ئەپەندىنىڭ يانفونىدىن يەنە باشقا سۇپىلاردا ئىلتىماس قىلالايدىغان قەرز سوممىسى بارلىقىنى بايقىغاندىن كېيىن، ۋاڭ ئەپەندىگە باشقا قەرز ئېلىش سۇپىلىرىدىكى ئىلتىماس قىلالايدىغان قەرز سوممىسىنى «بىخەتەر ئىسچوت»قا «يۆتكىشى»نى، ھەمدە پۇل يۆتكىگەنلىك ئىسپاتىنى «جۇڭگو بانكا-سۇغۇرتا نازارەتچىلىكى كومىتېتى» ئۈندىدار سۇپىسىغا «ئەنگە ئالدۇرۇش» تەكلىپىنى بەرگەن، ھەمدە بۇنداق قىلغاندا قەرز پۇل ئۆسۈم نىسبىتىنى تۆۋەنلىتەلەيدىغانلىقىنى ئېيتقان.
قارشى تەرەپنىڭ «يېتەكلىشى» ئاستىدا، ۋاڭ ئەپەندى باشقا سۇپىلاردىكى ئىلتىماس قىلالايدىغان قەرز پۇل سوممىسىدىن جەمئىي 150 مىڭ يۈەننى «يۆتكەپ بەرگەن»، يەنە ھەر قېتىملىق پۇل يۆتكىگەن كەسمە سۈرەتكە ئىزاھاتنى قوشۇپ «جۇڭگو بانكا-سۇغۇرتا نازارەتچىلىكى كومىتېتى» ئۈندىدار سۇپىسىغا ئەۋەتىپ بەرگەن.

ۋاڭ ئەپەندى قانۇنسىز ئۇنسۇرلارنىڭ تەلىپى بويىچە پۇل يۆتكىگەنلىك خاتىرىسىنى «جۇڭگو بانكا-سۇغۇرتا نازارەتچىلىكى كومىتېتى» ئۈندىدار سالونىغا يوللاپ بەرگەن. (سۈرەتنى شيامېن ساقچى تەرەپ تەمىنلىگەن)
ۋاڭ ئەپەندى قارشى تەرەپنىڭ پۇلنى قايتۇرۇپ بېرىشىنى كۈتۈپ بولالماي، ئۆزىنىڭ ئالدانغانلىقىنى ھېس قىلىپ، ساقچىلارغا دېلو مەلۇم قىلغان.
شيامېن شەھەرلىك تېلېگراف تورىدىكى يېڭىچە قانۇنغا خىلاپ جىنايى قىلمىشلارغا زەربە بېرىش مەركىزىنىڭ ساقچىسى خوڭ خېڭلياڭ مۇنداق دېدى: بۇ دېلودا قانۇنسىز ئۇنسۇرلار «قەرز پۇل ئىسچوتىنى رويخەتتىن ئۆچۈرۈش»تىن ئىبارەت كونا ئالدامچىلىققا «پۇل مۇئامىلىنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش ئاپپاراتلىرىنىڭ ئورگان تەرەپ ئۈندىدار سۇپىسىغا پۇل يۆتكەش ئىسپاتىنى يوللاش» مەشغۇلاتىنى قوشۇپ قويغاچقا، كىشىلەر خاتا ھالدا بۇ ئىشنى «ئورگان تەرەپ ئورۇنلاشتۇرغان» دېگەن تۇيغۇغا كېلىپ قالغان.
ساقچىلار شۇنداق ئەسكەرتىدۇكى، ناتونۇش تېلېفوندا ئۇقتۇرۇلغان ھەرقانداق سەۋەب بىلەن پۇل يۆتكەش ياكى پۇل پېرېۋوت مەشغۇلاتىغا ھەرگىز ئىشەنمەسلىك، سالاھىيىتى ئېنىق بولمىغان تېلېفوننى بىۋاسىتە ئۈزۈۋېتىش ياكى 96110 ئالدامچىلىققا قارشى تۇرۇش مەخسۇس لىنىيەسىگە تېلېفون قىلىپ ئېنىقلاش كېرەك.
مەنبە: جۇڭگو رادىيو تورى ئۇيغۇرچە سالونىدىن ئېلىندى.
---
تۆۋەندىكى يازمىلار سىزگە زور نەپ بېرىشى مۇمكىن:
1. 2022-يىللىق ئەڭ قاتتىق نازارەتلىك باشقۇرۇش: 2022-يىلى باج تۈزۈلمىسىدە قانداق ئۆزگىرىش بولىدۇ؟
2. 1997-يىللىق ئاسىيا پۇل-مۇئامىلە كىرىزىسى ئېسىڭىزدىمۇ؟ بۇ قېتىملىق كىرىزىس قانداق كېلىپ چىققان؟
4. «مەملىكەت بويىچە بىرلىككە كەلگەن چوڭ بازار» سىياسىتىنى قانداق چۈشىنىمىز؟
5. «مەملىكەت بويىچە بىرلىككە كەلگەن چوڭ بازار» ۋە شەخسنىڭ پۇرسىتى
6. «ئورتاق بېيىش» زادى قانداق گەپ؟ «ئورتاق بېيىش»نىڭ ئادەتتىكى خەلققە قانداق تەسىرى بار؟
7. سىياسىي بىيرونىڭ ئىقتىساد خىزمىتى يىغىنى ۋە 2022-يىللىق ئىقتىساد يۈزلىنىشى
8. دۇنياغا تەسىر كۆرسەتكەن داڭلىق شەخسلەرنىڭ نادىر نوتۇقلىرى
9. ئۆتكەن 5000 كۈندىكى ئۆزگىرىشلەر ۋە كەلگۈسى 5000 كۈندىكى ئۆزگىرىش قىياسى
10. ياپونىيە نېمىشقا ئۆزىنىڭ ئىقتىسادىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشقا جۈرئەت قىلالمايدۇ؟
12. تىليونېر: ئېلون ماسكنىڭ شۇنچە زور ئۇتۇق قازىنىشىدىكى سىرى نېمە؟
13. سۈنئىي ھەمراھ زەنجىرى پىلانى ۋە يەر شارىغا يېقىن ئوربېتا بايلىقىنى تالىشىش جېڭى
14. ئىقتىساد ۋە بىز: سىياسىي بىيرونىڭ 2022-يىللىق ئىقتىساد يىغىنى تەھلىلى
15. ئىقتىساد ۋە بىز: مەركەزنىڭ 2022-يىللىق ئىقتىساد يىغىنى--يۈزلىنىش ۋە پۇرسەتلەر


