大数跨境

پۇل خەجلەشتە ئەرلەر راستىنلا ئاياللاردىن پىسخسىقمۇ؟

پۇل خەجلەشتە ئەرلەر راستىنلا ئاياللاردىن پىسخسىقمۇ؟ NepKan
2022-05-13
2
导读:«ئەرلەر ئىستېمالدا ئاياللارغا قارىغاندا تېخىمۇ پىخسىق، بۇ زادى بىزنىڭ ئۆلۈك!» تەسىراتىمىزمۇ؟

ئالاھىدە تەۋسىيە: 

بۇ يەرنى بېسىپ ھادىسە تۈسىنى ئالغان نادىر كىتاب «ئىقتىساد تەپەككۇرى»نى ئوقۇڭ!
بۇ يەرنى بېسىپ ئىگىلىك تىكلەش دەستۇرى دەپ ئاتالغان نادىر كىتاب «0 دىن 1 گە» نى ئوقۇڭ!
بۇ يەرنى بېسىپ «ئۆزۈڭ ياخشى كۆرگەنگە ئۆزۈڭنى قەدىرلەت! (ئەڭ يېڭى كىتاب)» دېگەن كىتابنى كۆرۈڭ!
بۇ يەرنى بېسىپ «بىر يىلىڭىزدىن 8760 سائەت» ناملىق كىتابنى ئوقۇڭ!
بۇ يەرنى بېسىپ «ھاياتلىقتىكى 84000 خىل ئېھتىماللىق» دېگەن كىتابنى ئوقۇڭ!
بۇ يەرنى بېسىپ «كەلگۈسى ئۈچۈن يېزىلغان خەتلەر» ناملىق كىتابنى ئوقۇڭ!
بۇ يەرنى بېسىپ «باي دادام: مالىيە ئىدراكىڭىزنى ئۆستۈرۈڭ!» ناملىق كىتابنى ئوقۇڭ!
---
تېمىغا كىرىش
يېقىندا، دۆلەت ئىچىدىكى ئۈچىنچى تەرەپ سانلىق مەلۇمات ئاپپاراتى QuestMobile ئەڭ يېڭى «2022-يىللىق ئەرلەر ئىستېمالىنى كۆزىتىش دوكلاتى»نى ئېلان قىلدى. بىزگە مەلۇمكى، ئىستېمال ساھەسىدە ئاياللار يېرىم دۇنياغا تەڭ كېلەلەيدۇ، كۆپچىلىك دائىم چاقچاق قىلىپ «ئۈچىتىن ئىككى قىسىم GDP نى ئاياللار يارىتىدۇ.» دەيدۇ. نۇرغۇن سودىگەرلەرنىڭ نەزىرىدە، ئەر ئىستېمالچىلارنىڭ مۇھىملىقى ئۇزۇن مەزگىل ئەڭ تۆۋەن ئورۇندا تۇرۇپ كەلگەن بولۇپ، ئاياللار، بالىلار، ياشانغانلار، ھەتتا ئەرمەك ھايۋانلارنىڭ كەينىدە تۇرىدۇ.
بىراق، بۇ دوكلاتقا ئاساسلانغاندا، جۇڭگو ئەر ئىستېمالچىلىرىنىڭ ئىستېمال ئېڭى ئويغانماقتا. بولۇپمۇ 3C رەقەملىك مەھسۇلات، ھاراق، ئائىلە ئېلېكتىر سايمانلىرى قاتارلىق يۇقىرى يەككە باھادىكى تاۋارلارنى سېتىۋالغاندا، ئەرلەر كۆزىنى قىلچە مىت قىلىپ قىلمايدۇ. 30 ياشتىن تۆۋەن ياش ئەرلەر ئويۇن ئويناش، كۆڭۈل ئېچىش، تەنھەرىكەتكە پۇل خەجلەشنى تېخىمۇ خالايدۇ. ئومۇمىي جەھەتتىن قارىغاندا، ئەرلەرنىڭ مال سېتىۋېلىش قېتىم سانى ئاياللارنىڭكىگە يەتمەيدۇ، لېكىن ئىستېمالدىكى يەككە باھا نىسبىتى خېلى يۇقىرى.
بەزى تاراتقۇلار: «ئەر ئىستېمالچىلارنىڭ قىممىتى زور دەرىجىدە تۆۋەن مۆلچەرلىنىپ قالغان بولۇشى مۇمكىن.» دەپ قارايدۇ. ھازىر ئاياللارنىڭ ئىستېمالىنى قوغلىشىشتىكى مۇسابىقە يولى قىزىل دېڭىزغا ئايلانغان ئەھۋالدا، ئەرلەرنىڭ ئىستېمال قىلىشىغا قارىتىلغان «ئەرلەر ئىقتىسادى»، بەلكىم يېڭى بىر كۆك دېڭىز بولۇشى مۇمكىن.
تېما مانا مۇشۇنداق، ئەمدى بۇنىڭدىن قانداق بىلىم ئۆگەنگىلى بولىدىغانلىقىنى كۆرۈپ باقايلى:

«ئەرلەر ئىستېمالدا ئاياللارغا قارىغاندا تېخىمۇ پىخسىق، بۇ زادى بىزنىڭ ئۆلۈك!» تەسىراتىمىزمۇ ياكى راستىنلا ئىلمىي ئاساسى بارمۇ؟
تەتقىقاتچىلار بۇ مەسىلىنى مەخسۇس تەتقىق قىلغان. ئامېرىكىدىكى بىر ئېلېكترونلۇق سودا تور بېكىتى 2013-يىلى «خالىغانچە تۆلەش» دەپ ئاتىلىدىغان سېتىشنى ئىلگىرى سۈرۈش پائالىيىتى قىلغان. يەنى، ئىستېمالچىلار خالىغان سوممىدىكى پۇلنى تۆلىسىلا، مەيلى بىر دوللار ياكى 500 دوللار بولسۇن، بۇ خىل بازىرى ئىتتىك ئېلىكترونلۇق مەھسۇلاتنى ئالالايدۇ. بۇ خىل سېتىشنى تېزلىتىش ئۇسۇلى «ئىستېمالچىلار ئىنئامى»غا ئوخشاش بولۇپ، سىز ئەھۋالىڭىزغا قاراپ پۇل بەرسىڭىزلا بولىدۇ.
سېتىشنى ئىلگىرى سۈرۈش نەتىجىسىدە كۆرسىتىلىشىچە، ئەرلەرنىڭ ئوتتۇرىچە چىقىم سوممىسى 221 ئامېرىكا دوللىرى، ئاياللارنىڭ ئوتتۇرىچە چىقىم سوممىسى 287 ئامېرىكا دوللىرى بولۇپ، ئەرلەرنىڭكىدىن %30 يۇقىرى بولغان. كېيىن تەتقىقاتچىلار يەنە پىدائىي قوبۇل قىلىپ، بۇ تەجرىبىنى كۆپ قېتىم تەكرارلىغان، نەتىجىدە ئوخشاش بولغان: ھەر قېتىملىق ئاياللارنىڭ ئوتتۇرىچە چىقىم سوممىسى ئەرلەرنىڭكىدىن يۇقىرى بولغان. سانلىق مەلۇماتلاردىن قارىغاندا، ھەقىقەتەن «ئەرلەر ئاياللارغا قارىغاندا پىخسىق!» دېگەن يەكۈن كۈچكە ئىگە بولغان.
ئەمما تەتقىقاتچىلار يەنە ئەرلەرنىڭ نېمە ئۈچۈن ئاياللارغا قارىغاندا تېخىمۇ پىخسىق ئىكەنلىكىنى بىلمەكچى بولغان. يەنىمۇ ئىلگىرىلەپ تەتقىق قىلىش ئارقىلىق، چىقىم قىلىنغان سوممىدىكى پەرقنىڭ ئاساسلىقى ئەرلەر بىلەن ئاياللارنىڭ تۆۋەن قاتلامدىكى قىممەت يۆنىلىشىنىڭ ئوخشاش بولماسلىقىدىن كېلىپ چىقىدىغانلىقى بايقالغان.
ئومۇمەن ئېيتقاندا، ئەرلەر شەخسنىڭ يۆنىلىشىگە بەكرەك ئەھمىيەت بېرىدۇ، كۈچلۈك رىقابەت ئېڭىغا ئىگە بولىدۇ، ھوقۇق، ئىقتىدار، ئورۇنغا ئەھمىيەت بېرىدۇ؛ ئاياللار بولسا كوللېكتىپنىڭ يۆنىلىشىگە بەكرەك ئەھمىيەت بېرىدۇ، ئۆزىنى باشقىلار بىلەن باغلىنىشلىق دەپ قارايدۇ، ئىناقلىق، ئىشەنچ، ھېسداشلىققا ئەھمىيەت بېرىدۇ.
پۇل تۆلەش جەريانىدا، ئەر ئىستېمالچىلار ئۆزىنىڭ قارارىنى ساتقۇچىدىن مۇستەقىل دەپ قاراپ، پەقەت ئىقتىسادىي نۇقتىدىن تەدبىر بەلگىلەيدۇ، ئايال ئىستېمالچىلار بولسا ساتقۇچىنىڭ تەسىراتىغا تېخىمۇ كۆڭۈل بۆلىدۇ، تەدبىر بەلگىلىگەندە ئىقتىسادىي ئامىلدىن باشقا، يەنە ئىجتىمائىي ئامىلنى ئويلىشىدۇ. بۇ پەرق چىقىم سوممىسىنىڭ ئوخشىماسلىقىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان.
ئۇنداقتا، ئەر ئىستېمالچىلارنى «ئىختىيارىي تۆلەش»تە كۆپرەك پۇل تۆلەتكىلى بولىدىغان بىرەر ئامال بارمۇ؟
جاۋابى: بار. ساتقۇچى تەرەپ سېتىش جەريانىدا ئەرلەرنىڭ ئىجتىمائىي مۇددىئاسىنى ئويغاتسىلا بولىدۇ. مەسىلەن، تېخىمۇ كۆپ ئائىلە كۆرۈنۈشىنى نامايان قىلىپ، قارشى تەرەپنى «سىز بىر ياخشى دادا، ياخشى ئەر.» دەپ ئەسكەرتسە بولىدۇ، بۇنداق قىلغاندا ئەرلەرنىڭ پۇل تۆلەش ئىستىكىنى كۈچەيتكىلى بولىدۇ.
تېخىمۇ قىزىقارلىقى شۇكى، يەنە بىر تۈرلۈك تەتقىقاتتا بايقىلىشىچە، ئەگەر ئەرلەرنىڭ رىقابەت ئېڭىنى تېخىمۇ قوزغاتقىلى بولسا، ئەرلەر تېخىمۇ كۆپ پۇل چىقىرىشى مۇمكىن ئىكەن. تەتقىقاتچىلار بىر چوڭ تىپتىكى ئۆي جاھازلىرىنى پارچە سېتىش دۇكىنىدا مۇنداق بىر تەجرىبە ئىشلىگەن: تەبىئىي شارائىتتا ئەر ئىستېمالچىلار بىلەن ئايال ئىستېمالچىلارنىڭ كىشى بېشىغا توغرا كېلىدىغان ئوتتۇرىچە ئىستېمال سوممىسى بىلەن يەككە مەھسۇلاتنىڭ ئوتتۇرىچە باھاسى ئاساسەن ئوخشاش بولغان. ئاندىن ئۇلار بەدىنى ساغلام «مۇسكۇللۇق ئەر»لەرنى مۇلازىمەتچى سۈپىتىدە خېرىدارلارنى كۈتۈۋېلىشقا ئەۋەتكەن.
نەتىجىنىڭ قانداق بولىدىغانلىقىنى پەرەز قىلىپ بېقىڭ؟
بۇ بىر تۈركۈم خېرىدارلار ئىچىدە، ئەر ئىستېمالچىلارنىڭ كىشى بېشىغا توغرا كېلىدىغان ئومۇمىي ئىستېمال سوممىسى ۋە يەككە تاۋارلارنىڭ ئوتتۇرىچە باھاسى ئايال ئىستېمالچىلارنىڭ ئىككى ھەسسىسىگە تەڭ كەلگەن.
زادى نېمە ئىش يۈز بەردى؟ تەتقىقاتچىلار مۇنداق پەرەز قىلغان: «مۇسكۇللۇق ئەر» مۇلازىمەتچىلەرنىڭ پەيدا بولۇشى بەدەن قۇرۇلۇشى ئەۋزەللىكىنى ھازىرلىمىغان ئەر ئىستېمالچىلارغا رىقابەت بېسىمى ئېلىپ كەلگەن. شۇڭا بۇ ئەرلەر (ئىستېمالچى) قايتۇرما زەربە بېرىش سۈپىتىدە «پەقەت قىممەتلىرىنى سېتىۋالىدۇ، ھەرگىزمۇ توغرىسىنى تاللىمايدۇ.»دە، يۇقىرى ئىستېمال ئارقىلىق ئۆزىنىڭ مەرتىۋىسىنى نامايان قىلىپ، قارشى تەرەپنى يېڭىشكە ئۇرۇنىدۇ.
شۇنى ئەسكەرتىپ قويۇش كېرەككى: بۇ يەردە سودىگەرلەرگە ئەر ئىستېمالچىلارنى قانداق بابلاش ئۆگىتىلمەيدۇ. ئەگەر سىز ئەر كىشى بولسىڭىز، سودىگەرلەرنىڭ بۇ خىل پىسخىكا ئۇرۇشىغا دۇچ كەلگەندە، ھوشيارلىقىڭىزنى ئۆستۈرۈپ، ھەميانىڭىزنى ياخشى ساقلىشىڭىزنى بەكرەك ئۈمىد قىلىمىز.

---

تۆۋەندىكى يازمىلار سىزگە زور نەپ بېرىشى مۇمكىن:

1. 2022-يىللىق ئەڭ قاتتىق نازارەتلىك باشقۇرۇش: 2022-يىلى باج تۈزۈلمىسىدە قانداق ئۆزگىرىش بولىدۇ؟

2. 1997-يىللىق ئاسىيا پۇل-مۇئامىلە كىرىزىسى ئېسىڭىزدىمۇ؟ بۇ قېتىملىق كىرىزىس قانداق كېلىپ چىققان؟

3. دوللارغا ئۆسۈم قوشۇلسا قانداق ئاقىۋەت كېلىپ چىقىدۇ؟ دۆلىتىمىز قانداق تاقابىل تۇرىدۇ؟ شەخسكە قانداق تەسىرى بار؟

4. «مەملىكەت بويىچە بىرلىككە كەلگەن چوڭ بازار» سىياسىتىنى قانداق چۈشىنىمىز؟

5. «مەملىكەت بويىچە بىرلىككە كەلگەن چوڭ بازار» ۋە شەخسنىڭ پۇرسىتى

6. «ئورتاق بېيىش» زادى قانداق گەپ؟ «ئورتاق بېيىش»نىڭ ئادەتتىكى خەلققە قانداق تەسىرى بار؟

7. سىياسىي بىيرونىڭ ئىقتىساد خىزمىتى يىغىنى ۋە 2022-يىللىق ئىقتىساد يۈزلىنىشى

8. دۇنياغا تەسىر كۆرسەتكەن داڭلىق شەخسلەرنىڭ نادىر نوتۇقلىرى

9. ئۆتكەن 5000 كۈندىكى ئۆزگىرىشلەر ۋە كەلگۈسى 5000 كۈندىكى ئۆزگىرىش قىياسى

10. ياپونىيە نېمىشقا ئۆزىنىڭ ئىقتىسادىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشقا جۈرئەت قىلالمايدۇ؟

11. ھەر قانداق ئادەم بىلىشكە تېگىشلىك ئىنتېرنېت تارىخى: ياخۇنىڭ 100 مىليارد دوللارلىق قىممىتىدىن ۋەيران بولغۇچە!

12. تىليونېر: ئېلون ماسكنىڭ شۇنچە زور ئۇتۇق قازىنىشىدىكى سىرى نېمە؟

13. سۈنئىي ھەمراھ زەنجىرى پىلانى ۋە يەر شارىغا يېقىن ئوربېتا بايلىقىنى تالىشىش جېڭى

14. ئىقتىساد ۋە بىز: سىياسىي بىيرونىڭ 2022-يىللىق ئىقتىساد يىغىنى تەھلىلى

15. ئىقتىساد ۋە بىز: مەركەزنىڭ 2022-يىللىق ئىقتىساد يىغىنى--يۈزلىنىش ۋە پۇرسەتلەر

【声明】内容源于网络
0
0
NepKan
竭尽为您解忧,关注我们,解您的忧!
内容 296
粉丝 0
NepKan 竭尽为您解忧,关注我们,解您的忧!
总阅读206
粉丝0
内容296