大数跨境

تەقلىد قىلىش ئىقتىدارى ۋە يېڭىلىق يارىتىش ئىقتىدارى ھەققىدە!

تەقلىد قىلىش ئىقتىدارى ۋە يېڭىلىق يارىتىش ئىقتىدارى ھەققىدە! NepKan
2022-05-04
2
导读:شۇڭا، تەشەببۇسكارلىق بىلەن نىشاننى ئايدىڭلاشتۇرۇپ، ئۆزىمىزگە تەۋە بولغان گۈزەل كەلگۈسىنى يارىتىشىمىز

ئالاھىدە تەۋسىيە: 

بۇ يەرنى بېسىپ ھادىسە تۈسىنى ئالغان نادىر كىتاب «ئىقتىساد تەپەككۇرى»نى ئوقۇڭ!
بۇ يەرنى بېسىپ ئىگىلىك تىكلەش دەستۇرى دەپ ئاتالغان نادىر كىتاب «0 دىن 1 گە» نى ئوقۇڭ!
بۇ يەرنى بېسىپ «ئۆزۈڭ ياخشى كۆرگەنگە ئۆزۈڭنى قەدىرلەت! (ئەڭ يېڭى كىتاب)» دېگەن كىتابنى كۆرۈڭ!
بۇ يەرنى بېسىپ «بىر يىلىڭىزدىن 8760 سائەت» ناملىق كىتابنى ئوقۇڭ!
بۇ يەرنى بېسىپ «ھاياتلىقتىكى 84000 خىل ئېھتىماللىق» دېگەن كىتابنى ئوقۇڭ!
بۇ يەرنى بېسىپ «كەلگۈسى ئۈچۈن يېزىلغان خەتلەر» ناملىق كىتابنى ئوقۇڭ!
---
«0 دىن 1 گە»نى ئوقۇغاندىن كېيىنكى تەسىرات

«0 دىن 1 گە» ناملىق بۇ كىتابنى سىلىتسىي جىلغىسىدىكى مەبلەغشۇناس، Paypal نىڭ قۇرغۇچىسى پېتېر زېئىل ئىجاد قىلغان بولۇپ، ستانفورد داشۆسىنىڭ «كەلگۈسىنى ئۆزگەرتىدىغان بىر سائەتلىك دەرسى ۋە دۇنياغا قىممەت يارىتىدىغان سودا پەلسەپىسى» دەپ تەرىپلىنىدۇ.

بۇ كىتابتا ئاساسلىقى ئىگىلىك تىكلەش ۋە مۇۋەپپەقىيەت قازىنىش توغرىسىدىكى بەزى ئىدىيەلەر بايان قىلىنغان، بىر ئىگىلىك تىكلەش يولىدا ئىزدەنگۈچى بولۇش سۈپىتىم بىلەن، بۇ كىتابنى ئوقۇپ بولغاندىن كېيىن، ئۇنى ئوقۇپ پۈتۈنلەي ھەزىم قىلىپ بولالمىغان بولساممۇ،  لېكىن ئۇنىڭدىن ئازدۇر-كۆپتۇر ئىلھامغا ئېرىشتىم، شۇنداقلا ھەر قېتىم ئوقۇسام يېڭى بىر ھاسىلاتقا ئېرىشىۋاتىمەن. بۇ كىتابنى ئاز دېگەندىمۇ 7 قېتىم ئوقۇپ بولدۇم دېسەم بولىدۇ، ئەمما يەنىلا بۇ كىتابنى ئوقۇپ زېرىكمىدىم، قىسقىسى ئوقۇغانسېرىم بۇ كىتابقا تېخىمۇ ھېرىسمەن بولۇپ قالدىم. چۈنكى بۇ قانداقتۇر ئەدەبىي ئەسەر بولمىغاچقا، قايتا-قايتا ئوقۇسىمۇ ئادەمگە ھەر قېتىم ئوقۇغاندا بىر يېڭىچە ئىدىيە ۋە ئىلھام بېرەتتى.

ئەڭ دەسلەپتە كىتاب ئىسمىنى كۆرگەندە، «0 دىن 1 گە» دېگەن زادى نېمە 0 دىن 1 گە بولىدىغاندۇ؟ دەپ ئويلىغان ئىدىم. كېيىن شۇنى بىلىمكى، «0 دىن 1 گە» بولغان جەريان پەن-تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىشقا تايىنىپ يوقلۇقتىن بارلىققا كېلىش جەريانى بولۇپ، بىر خىل ۋېرتىكال ئۆلچەم جەھەتتىكى ئىلگىرىلەش ھېسابلىنىدۇ. ھالبۇكى، بۇ ئىلگىرىلەش جەريانى كۆرۈنۈشتىكىدەك رەقەم 0 نى رەقەم 1 گە ئۆزگەرتكەنگە ئوخشاش ئاددىي بولمايدۇ، بىزنىڭ كۆپ ساندىكى كىشىلىرىمىز پەقەت «1 دىن n غىچە» بولغان جەرياننى بىلىدۇ.

بىر ئادەم تۇغۇلۇپ تىلى چىقىشتىن باشلاپ، كېيىنكى مۇئەللىملەر نېمىنى ئۆگەتسە، شۇنى ئۆگىنىدۇ، بۇلارنىڭ ھەممىسى «1 دىن n غىچە» جەريان بولۇپ، ھەرگىزمۇ «0 دىن 1 گە» بولغان جەريان ئەمەس. جۇڭگو ئۆتكەن 30 يىلدا، ھەرقايسى دۆلەتلەرنىڭ ئىلغار تېخنىكىسىنى ئۈزلۈكسىز ئۆگىنىپ، ئۇچقاندەك تەرەققىي قىلدى، بۇ پەقەت بىر خىل سەۋىيەدىكى ئىلگىرىلەش، سەۋىيەدىكى ئىلگىرىلەشتە بىز كەلگۈسىنىڭ قانداق بولىدىغانلىقىنى بىلگەچكە، تەسەۋۋۇر قىلىش ئاسان بولاتتى.

بۇ ئىككىسىنىڭ پەرقى شۇكى، كارخانىدىكى ئەڭ چوڭ ئىنكاس ئۇنىڭ مۇۋەپپەقىيەت قازىنىشى پەقەت ئۇنىڭ مەغلۇپ بولۇشىنى ياكى مۇۋەپپەقىيەت قازىنىشىدىكى ھەل قىلغۇچ ئامىل ھېسابلانغان مونوپولىيە بىلەن رىقابەتنى بەلگىلەيدۇ.

كىتابتا تولىستوينىڭ «ئاننا كارېنىنا»دىكى ئائىلە تەسۋىرى ئەكس يۆنىلىشلىك سېلىشتۇرما قىلىنغان، تولستوينىڭ «بەختلىك ئائىلە ھامان ئوخشىشىپ كېتىدۇ، بەختسىز ئائىلىنىڭ ھەرقايسىسىنىڭ ئۆز ئالدىغا بەختسىزلىكى بولىدۇ.» دەپ يازغان، پېتر بولسا: «سودىدا ئەھۋال دەل بۇنىڭ ئەكسىچە بولىدۇ.» دېگەن.

كارخانىنىڭ مۇۋەپپەقىيەت قازىنىش سەۋەبى ئوخشاش بولمايدۇ، ھەربىر مونوپول كارخانا بىردىنبىر مەسىلىنى ھەل قىلىش ئارقىلىق مونوپوللۇق ئورنىغا ئېرىشىدۇ، ئەمما كارخانىنىڭ مەغلۇپ بولۇش سەۋەبى ئوخشاش بولۇپ، ئۇلار رىقابەتتىن قېچىپ قۇتۇلالمايدۇ. «مونوپول كارخانىلارنىڭ مونوپوللۇقنى ئىشقا ئاشۇرالىشىدىكى سەۋەب شۇكى، ئۇلار 0 دىن 1 گە سەكرەشنى ئىشقا ئاشۇرالىغان، مونوپولسىز كارخانىلار 1 دىن 10 مىڭغىچە ياكى 100 مىڭغىچە ھاتتا مىليونغىچە كۆپەيتكەن تەقدىردىمۇ، مونوپول كارخانىلار ئېرىشكەن پايدا بىلەن تەڭلىشەلمەيلدۇ، ئۇلار پەقەت ئوخشاش تۈردىكى كارخانىلار ئارىسىدا كۆز بىلەن كۆرگىلى بولىدىغان، ساناقلىقلا پايدىنى قولغا كەلتۈرەلەيدۇ.»

رىقابەتنىڭ ئومۇمىيلىقىمۇ ئۇنىڭ ئاددىيلىقىنى بەلگىلىگەن. رىقابەت ئۈستىدە توختالغاندا، مېنىڭچە ھەممىمىزنىڭ پىكىر بايان قىلىش ھوقۇقى بار. بالىلار باغچىسىدىن باشلاپ سىنىپتىكى باشقا ساۋاقداشلار بىلەن رىقابەتلەشكەندە پىشانىمىزگە چاپلانغان كىچىك گۈل ۋە مۇئەللىمنىڭ بىر ئېغىز تاتلىق ماختىشى؛ باشلانغۇچ مەكتەپ مەزگىلىدىن باشلاپ سىنىپتىكى ۋەزىپىمىزدىمۇ نەتىجىنىڭ يۇقىرى-تۆۋەن بولۇش ئۇقۇمى بارلىققا كەلگەن؛ ئوتتۇرا مەكتەپ مەزگىلىمىزدە نەتىجە جەھەتتە بىر-بىرىمىزنى قوغلىشىپ، رىقابەتلىشىپ مەكتەپكە كىرىش سالاھىيىتىگە ئىگە بولغان؛ دەسلەپ جەمئىيەتكە قەدەم قويغىمىزدا، نەچچە ئون مىڭ ئوقۇش پۈتتۈرگەن ئوقۇغۇچىلارنىڭ خىزمەت ئىزدەش رىقابىتىگە دۇچ كەلگەن؛ كارخانىلارغا كىرگەندە يەنىلا كەسىپداشلىرىمىز بىلەن بولغان رىقابەت بار؛

رىقابەتكە نىسبەتەن ئېيتقاندا، بىزنىڭ ھېچقايسىسىمىز ئۇنىڭدىن مۇستەسنا ئەمەس. دەرۋەقە، رىقابەت شەخسنىڭ ياكى كوللېكتىپنىڭ ئاكتىپلىقىنى يۇقىرى كۆتۈرۈپ، جەمئىيەتنىڭ ئالغا بېسىشىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ، ئەمما پاسسىپ جەھەتتىمۇ ئىككى تەرەپنىڭ ئاكتىپلىقىنى مەغلۇپ قىلىدۇ، ئادەم رىقابەتتە تۇرغاندا ئاسانلا يېڭىلىق يارىتىشنى ئۇنتۇپ قالىدۇ، پەقەت كۆرگىلى بولىدىغان ساھەدە قارشى تەرەپ بىلەن تالاش-تارتىش قىلىپ، ئۆزىنىڭ رىقابەت كۈچىنى يۇقىرى كۆتۈرۈشكە ئۇرۇنىدۇ.


جۇڭگونىڭ ھازىرقى زامان ماتېماتىكى، ئالىمى ھەمدە تىلشۇناس جوۋ خەيجۇڭ مۇنداق دېگەن: «پەن-تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش دۆلەتنىڭ يادرولۇق رىقابەت كۈچىنى ئۆستۈرۈشنىڭ مۇقەررەر يولى. جۇڭگو ياپون باسقۇنچىلىرىغا قارشى ئۇرۇشتا باشقا دۆلەتلەردىن نەچچە ئون يىل ئارقىدا قالغانلىقى ئۈچۈن، قىسقا ۋاقىت ئىچىدە ھازىرقى نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈردى، بۇ ئاسان قولغا كەلمىدى. ئېنىقكى، دۆلىتىمىز ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشى جەھەتتە دۇنيادىكى باشقا دۆلەتلەرگە پۈتۈنلەي ئۇتتۇرۇپ قويمايدۇ، لېكىن پەن-تېخنىكا ساھەسىدە يەنىلا يۇقىرى، نازۇك تېخنىكا كەمچىل، نۇرغۇن تېخنىكىنى يەنىلا چەت ئەلدىن كىرگۈزۈش ئارقىلىقلا ئىشقا ئاشۇرغىلى بولىدۇ، بۇ بىزنىڭ قايتا ئويلىنىشىمىز ھەم ياخشىلىشىمىز ھېسابلىنىدۇ.»

دۆلەت شۇنداق، شەخسمۇ شۇنداق. دۆلەت سان-ساناقسىز كىشىلەرنىڭ چوڭ ئائىلىسى، دۆلەتنىڭ ھازىرقى پەن-تېخنىكا ئەھۋالى دۆلەتنىڭ ھەر بىر يەككە گەۋدىسىدە ئەكس ئېتىدۇ، ئامېرىكىدىكى خاسلاشقان مائارىپنى قوبۇل قىلغان بالىلارغا سېلىشتۇرغاندا، دۆلىتىمىزدىكى بالىلار كىچىكىدىن تارتىپلا ئىمتىھان تەربىيەسىنى قوبۇل قىلغان بولۇپ، خاسلاشقان مائارىپ بالىلارنىڭ يېڭىلىق يارىتىش ئېڭى ۋە يېڭىلىق يارىتىش ئەمەلىيەت ئىقتىدارىنى تېخىمۇ يېتىلدۈرەلەيدۇ، ئەمما ئىمتىھان تەربىيەسى بولسا ئەسلىدە بار بولغان بىلىم بىلەن ئىدىيەنى ئۆزگەرتىش ئۇسۇلىنى بالىلارغا سىڭدۈرىدۇ. خۇددى مۇئەللىم دەرس ۋاقتىدا چۆچۈرىنى قانداق تۈگۈشنى ئۆگەتكەن بولسا، دەرستىن كېيىنكى تاپشۇرۇقتا ئوقۇغۇچىلارغا مانتا ئېتىشنى ئورۇنلاشتۇرغىنىدەك، ئەمما ئىمتىھاندا بولسا قوتۇرماچ ئېتىشتىن ئىمتىھان بەرگىنىدەكلا ئىش. قارىماققا شەكىل جەھەتتە ھەقىقەتەن ئۆزگىرىش يۈز بەرگەن بولسىمۇ، لېكىن بۇ يەنىلا 1 دىن n غىچە بولغان كۆپەيتىش جەريانى بولىدۇ.

نېمىلا دېگەن بىلەن دۆلەتنىڭ ھازىرقى ھەر قانداق تۈزۈمى ھازىرقى دۆلەت ئەھۋالىغا ماس كېلىشى كېرەك، پەقەت بىز پەن-تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىشنىڭ مۇھىملىقىنى تونۇپ يەتكەن ئىكەنمىز، ئۇنداقتا ئۇنى كۆرۈپ تۇرۇپ كۆرمەسكە سالماسلىقىمىز كېرەك، ھەر ۋاقىت تىك ئۆلچەمدە ھالقىشنى ئىشقا ئاشۇرالمىساقمۇ، بىزدە يەنە سانسىزلىغان ۋارىسلار بار. مېنىڭچە، ھەقىقىي كەلگۈسى، ھازىر بار بولغان ھەممە نەرسىنى كۆچۈرۈپ، نامەلۇم ۋاقىتقا چاپلاش ئەمەس، بەلكى بىز ھەقىقىي مۆلچەرلىيەلمەيدىغان كەلگۈسى، خۇددى كىتابتا ئېيتىلغاندەك، مۇۋەپپەقىيەت لاتارىيە ئەمەس، ئېنىق بىر ئارزۇ ئادەمنىڭ ئەقىدىسىنى چىڭىتالايدۇ. ئېنىق بىر كېلەچەكتە، پۇل ئاخىرقى مەقسەتكە يېتىشنىڭ ۋاسىتىسى، ھەرگىزمۇ ئاخىرقى مەقسەت ئەمەس. يېڭى قان بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن، بىز يېڭىلىق يارىتىش ئېڭىمىز ۋە يېڭىلىق يارىتىش ئەمەلىي ئىقتىدارىمىزنى تەشەببۇسكارلىق بىلەن ئۆستۈرۈشىمىز، ھەرگىزمۇ تەقلىد قىلىش ئىقتىدارىمىزنى ئۆستۈرۈش ئەمەس. شۇڭا، تەشەببۇسكارلىق بىلەن نىشاننى ئايدىڭلاشتۇرۇپ، ئۆزىمىزگە تەۋە بولغان گۈزەل كەلگۈسىنى يارىتىشىمىز كېرەك.

----

تەۋسىيە كىتاب: شۆ جاۋفېڭ «ئىقتىساد تەپەككۇرى»

ئەگەر مەزكۇر كىتابنىڭ تولۇق مەزمۇنىغا قىزىقسىڭىز بۇ يەرنى بېسىپ مەزكۇر كىتابنىڭ تولۇق تەرجىمىسىنىڭ ئېلېكىتىرونلۇق نۇسخىسىنى ئوقۇڭ!


【声明】内容源于网络
0
0
NepKan
竭尽为您解忧,关注我们,解您的忧!
内容 0
粉丝 0
NepKan 竭尽为您解忧,关注我们,解您的忧!
总阅读0
粉丝0
内容0