大数跨境

«مۈلۈك»نىڭ تۆت خىل تىپى

«مۈلۈك»نىڭ تۆت خىل تىپى Nepkar
2022-07-02
2
导读:ئەگەر شىركەت OPE غا مۇناسىۋەتلىك بولسا، ئۇ ھالدا كۆچمەس مۈلۈك OPM غا مۇناسىۋەتلىك باشقىلارنىڭ پۇلى ب

پاي چېكى سودىسىغا قىزىققۇچىلارغا ئالاھىدە خوش خەۋەر،

پاي چېكى سودىسىنى 0 سەۋىيەدىن باشلاپ چۈشىنىشتىكى ياخشى ياردەمچى «پاي چېكى سودىسى--0 سەۋىيەلىكلەر ئۈچۈن!» ناملىق كىتابنىڭ تەرجىمىسى ئېلان قىلىنىدى (بۇ يەرنى بېسىپ ئېرىشىڭ!)

ئىككىلىك كودنى سىكاننېرلاڭ!

---

«باي دادام نامرات دادام (بۇ يەرنى چېكىپ تەرجىمىسىگە ئېرىشىڭ)» دېگەن كىتابنى ئوقۇغان بالىلارنىڭ ھەممىسى بېيىش ئۇسۇلىنىڭ ئەمەلىيەتتە ئىنتايىن ئاددىي ئىكەنلىكىنى، يەنى مۈلۈك بىلەن قەرزنىڭ پەرقىنى ئېنىق ئايرىپ، ئاندىن مۈلۈكنى سېتىۋېلىشنى ئىشقا ئاشۇرۇشتىن ئىبارەت ئىكەنلىكىنى بىلىدۇ.
ئۇنداقتا، مۈلۈكنىڭ قانداق تۈرلىرى بار؟
ئۇلارنىڭ يەنە قانداق ئالاھىدىلىكلىرى بار؟
بۈگۈنكى يازمىمىزدا كۆپچىلىككە كىرىم ھاسىل قىلالايدىغان تۆت خىل مۈلۈك تۈرى چۈشەندۈرۈلدى:
■ شىركەت
■ كۆچمەس مۈلۈك
■ كۆپ مىقدارلىق تاۋارلار
■ قەغەز مۈلۈك
ئوخشاش بولمىغان مۈلۈكنىڭ ئوخشاش بولمىغان ئارتۇقچىلىقى ۋە كەمچىلىكى بار. ئەڭ مۇھىم بىر نۇقتا شۇكى، سىز نىشانىڭىز ۋە ئەۋزەللىكىڭىزگە ئاساسەن مۇۋاپىق مۈلۈك بىرىكمىسى تېپىشىڭىز كېرەك.
بەلكىم سىزگە ئەڭ ماس كېلىدىغىنى مەلۇم بىر خىل مۈلۈككە كۆڭۈل بۆلۈش بولۇشى مۇمكىن، مەسىلەن پاي چېكى.
بەلكىم سىز مۇۋەپپەقىيەتلىك ھالدا شىركەت ئېچىشنىڭ زۆرۈر شەرتلىرىگە ئىگە بولۇشىڭىز مۇمكىن، بەلكىم سىز ئۆزىڭىزنىڭ كۆچمەس مۈلۈك ساھەسىگە قىزىقىدىغانلىقىڭىزنى بايقىشىڭىز، ياكى مۈلۈك بىرىكمىسى ئارقىلىق كۆپ قاتلاملىق نەق پۇل ئېقىمىغا ئېرىشىشنى ئۈمىد قىلىشىڭىز مۇمكىن.
بۇ يەردە توغرا ئۇسۇلمۇ يوق، ھەممىنى بىر تاياقتا ھەيدەيدىغان جاۋابمۇ يوق، «ئاجايىپ داۋا»مۇ يوق. سىزگە نىسبەتەن ئۈنۈملۈك ئۇسۇل قوشنىڭىزغا نىسبەتەن كۈچكە ئىگە بولماسلىقى مۇمكىن. لېكىن بىلىدىغانلىرىڭىز قانچە كۆپ بولسا، ئۆزىڭىزنى شۇنچە ياخشى قوراللاندۇرالايسىز، ئاندىن ئۈنۈملۈك پىلانلارنى تۈزۈپ چىقالايسىز.
نېمىنىڭ سىزگە ئەڭ ماس كېلىدىغانلىقىنى بىلىش ئۈچۈن، سىز ھېچ بولمىغاندا بارلىق مۈلۈك تۈرىگە نىسبەتەن بىر ئاساسىي تونۇشقا ئىگە بولۇشىڭىز كېرەك. پەقەت مۇشۇنداق قىلغاندىلا، ئاندىن سىز ئارزۇيىڭىزنى ئەمەلگە ئاشۇرىدىغان مۈلۈك گۇرۇپپىسىنى تاپالايسىز. سىز ئۇلارنى چۈشەنگەن ھامان، ئۇلارنى قانداق قىلىپ مۈلۈك قەرز جەدۋىلىڭىزدىكى مۇۋاپىق مۈلۈك كاتەكچىسىگە كىرگۈزۈشنى تەسەۋۋۇر قىلسىڭىز بولىدۇ.

بىرىنچى، شىركەت
«سودا» بىر كەڭ دائىرلىك تېما، لېكىن ھازىر بىز دائىرىنى پەقەت شىركەتكە مۇناسىۋەتلىك ئىككى تېمىغا يەنى باج ۋە رەھبەرلىك كۈچىگە قىسقارتىمىز.
شىركەتكە بىر خىل مۈلۈك سۈپىتىدە مۇئامىلە قىلغاندا، بۇ ئىككى تەرەپنىڭ ئۇنىڭغا بولغان تەسىرى بىر قەدەر چوڭ بولىدۇ.
ھەربىر ئادەم ئۈچۈن ئېيتقاندا، باج-سېلىق ئاز بولمىغان مالىيە چىقىمى ھېسابلىنىدۇ. بىز شىركەتنى بىر مۈلۈك سۈپىتىدە قۇرغىنىمىزدا، بۇ ئەستە تۇتۇشقا تېگىشلىك ئىنتايىن مۇھىم بىر نۇقتا. ئەگەر سىز ماڭا ئوخشاش ئۆزىڭىزنىڭ پۇلىنى يانچۇقىڭىزدا ئىمكانقەدەر كۆپرەك قالدۇرسىڭىز، ئۇنداقتا پائال ھەرىكەتكە كېلىپ بۇ نىشانغا يېتىڭ، باج يۈكىنى يېنىكلىتىش بىر ياخشى باشلىنىش. نۇرغۇن دۆلەتلەر باجدا ئېتىبار بېرىش ئارقىلىق كارخانا ئىگىلىرىنى جەلپ قىلىدۇ.
رەھبەرلىك كۈچى ئوخشاشلا بىر شىركەتكە تەسىر كۆرسىتىدۇ. ئەگەر سىز بىر ياخشى باشقۇرغۇچى بولسىڭىز، ئۇنداقتا سىزگە نىسبەتەن چوڭ شىركەتلەرگە بېرىپ يۇقىرى دەرىجىلىك باشقۇرغۇچى بولۇش ناھايىتى ياخشى خىزمەت بولۇشى مۇمكىن. ئەگەر سىز بىر كۈچلۈك رەھبەر بولسىڭىز، ئۇنداقتا بىر شىركەت سىزنى باشقىلارنىڭ تىرىشچانلىقى ئارقىلىق بالدۇرراق مۇۋەپپەقىيەت قازىنىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىدۇ.
ئويلاپ بېقىڭ: بىر ئادەتتىكى ئادەم ھەر كۈنى سەككىز سائەت، ھەر ھەپتىدە بەش كۈن، ھەر يىلى 50 ھەپتە، ھەر يىلى تەخمىنەن 2000 سائەت خىزمەت قىلىدۇ. بىر ياللىغۇچى بولۇش سۈپىتىڭىز بىلەن، سىز 100 ئادەم ياللاپ سىز ئۈچۈن خىزمەت قىلدۇردىسىز، تۇيۇقسىز، سىز ئۈچۈن خىزمەت قىلىدىغان 200000 سائەتلىك «تىرىشىش»قا ئىگە بولدىڭىز. سىز بۇ خىل ئۇسۇل ئارقىلىق تىرىشچانلىقىڭىزنى زورايتالايسىز، بۇ بىر يالغۇز كۈرەش قىلىدىغان ئادەم ئۈچۈن ئېيتقاندا تەسەۋۋۇر قىلغىلى بولمايدىغان ئىش.
بىر ياخشى رەھبەر بولۇش سۈپىتى بىلەن، OPE (تەرجىمىسى: باشقىلار ئىگە بولغان «نەرسە») دەپ ئاتىلىدىغان نەرسىدىن نەپ ئالالايدۇ:
باشقىلارنىڭ مائارىپلىنىشى (Other people's EDUCATION)
باشقىلارنىڭ تەجرىبىسى (Other people's EXPERIENCE)
باشقىلارنىڭ زېھنىي كۈچى (Other people's ENERGY)
باشقىلارنىڭ مۇۋەپپەقىيىتى (Other people's EFFORT)
باشقىلارنىڭ ئارتۇقچىلىقى (Other people's EXPERTISE)
باشقىلارنىڭ بارلىقى! (Other people's. EVERYTHING)
نەق پۇل ئېقىمى چارەك ئىچىدىكى S چارەك بىلەن B چارەكنى ئەسلەپ باقايلى. كىچىك كارخانا غوجايىنلىرى، ئەركىن كەسىپتىكىلەر ياكى كەسپىي خادىملارغا ۋەكىللىك قىلىدىغان S چارەكتىن چوڭ كارخانىچىلار (500 نەپەر ياكى ئۇنىڭدىنمۇ كۆپ خىزمەتچى بار)غا ۋەكىللىك قىلىدىغان B چارەككىچە بولغان جەرياندا، كىشىلەر قانداق ساپانى ھازىرلىشى كېرەك؟
مۇزىكا ئەترىتىنىڭ دىرىژورىنى ئويلاپ بېقىڭ، ئۇ ئەزەلدىن ئۆزى ئاۋاز چىقىرىپ باقمايدۇ. ئۇ بىر رەھبەر. بىراق، ئۇ سوناي ياكى سىمفونىيەلىك چالغۇلارنى قولىغا ئالغان پەيتتە، ئۇ ئەمدى بىر دىرىژورلۇق قىلالمايدۇ. سېلىشتۇرۇپ كۆرگەندە، S چارەكتە تۇرغان كىشىلەر ئۆزىنىڭ ئەڭ چوڭ ئىقتىدارىنى جارى قىلدۇرغان يالغۇز كىشىلىك مۇزىكا ئەترىتىگە باراۋەر كېلىدۇ. ئۇ ناھايىتى كۆپ شاۋقۇن چىقىرالايدۇ، لېكىن پۈتكۈل ئوركېستىر ئۈچۈن زۆرۈر بولغان ھەر خىل ئاۋازلارنى يالغۇز چالالمايدۇ.
شىركەتنىڭ يەنە بىر ياخشى تەرىپى شۇكى، ئۇ پەقەت بىر پىكىرگە تايىنىپ قۇرۇلىدۇ. ئەگەر كۈچلۈك رەھبەرلىك كۈچى، كۈچلۈك بۇرچ تۇيغۇسى ۋە كۈچلۈك كوللېكتىپقا ئىگە بىر ئادەم بىر سودا پىلانى تۈزگەن بولسا، ئۇنداقتا بۇ ئادەم ئالدى بىلەن بىر مۈلۈكنى بەرپا قىلغان بولىدۇ. بۇ سودا پىلانى ئارقىلىق شىركەت ئۈچۈن ئادەم كۈچى ۋە كاپىتال جەلپ قىلغىلى بولىدۇ، ئەگەر سىز بىر ياخشى رەھبەر بولسىڭىز، شۇنداقلا مەسىلىنى ھەل قىلىدىغان ئىجادىي تەپەككۇرغا ئىگە بولسىڭىز، ئۇنداقتا سىز كارخانا ئىگىسى بولۇشنىڭ زۆرۈر شەرتلىرىنى ھازىرلىغان بولىسىز.
ئەگەر سىز قەتئىي تەۋرەنمەيدىغان ئادەم بولسىڭىز، ئۇنىڭ ئۈستىگە مەبلەغ توپلاشقا خېلى ئېپىڭىز بولسا ھەمدە باشقىلارنىڭ كىشىلىك ھاياتىغا بەخت ئاتا قىلىشقا قىزىقسىڭىز، ئۇنداقتا سىز شىركەتنىڭ بۇ خىل مۈلۈك تۈرىنى ياخشى كۆرۈشىڭىز مۇمكىن، گەرچە ئۇ ھازىرغا قەدەر بارلىق مۈلۈك تۈرلىرى ئىچىدىكى قىيىنلىق دەرىجىسى ئەڭ چوڭ بىر تۈر بولسىمۇ، ئۇنىڭ ئۈستىگە ئەڭ تۆۋەن مۇۋەپپەقىيەتلىك بولۇش نىسبىتى بولىدۇ.

ئىككىنچى، كۆچمەس مۈلۈك
كۆچمەس مۈلۈكتە مۇنداق ئۈچ ئىشنى تەكىتلەشكە توغرا كېلىدۇ:
ھەمكارلىق ھەمراھى __ مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈش __ باشقۇرۇش
ئاددىي قىلىپ ئېيتقاندا، ئەگەر شىركەت OPE غا مۇناسىۋەتلىك بولسا، ئۇ ھالدا كۆچمەس مۈلۈك OPM غا مۇناسىۋەتلىك باشقىلارنىڭ پۇلى بولىدۇ. ئۇ مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈش، باشقۇرۇش، ھەمكارلىق ھەمراھى ۋە سېتىش قاتارلىق جەھەتلەرگە مۇناسىۋەتلىك.
كۆچمەس مۈلۈك نۇرغۇن مەبلەغ سالغۇچىلارغا نىسبەتەن جەلپ قىلىش كۈچىگە ئىگە، چۈنكى ئۇ قەرزنى پىشاڭ قىلىدۇ. بۇ خىل ئۇسۇل بەزى كىشىلەرنىڭ ياقتۇرۇشىغا ئېرىشكەن، چۈنكى بۇ ئارقىلىق بىۋاسىتە باشقىلارنىڭ پۇلىدىن پايدىلىنىپ، ئۆزىگە نەق پۇل ئېقىمى ۋە بايلىق يارىتىپ بەرگىلى بولىدۇ.
ئەگەر سىز بىر بانكىغا بېرىپ شىركەتكە قەرز ئىلتىماس قىلماقچى بولسىڭىز، بانكا تەسىس قىلغان قاتمۇقات ئۆتكەللەرنىڭ سىنىقىدىن ئۆتۈشىڭىز، يەنى بۇ قەرز پۇلنىڭ ئۇلارنىڭ خەتەرگە تەۋەككۈل قىلىشىغا ئەرزىيدىغان-ئەرزىمەيدىغانلىقىنى باھالىشىدىن ئۆتۈشىڭىز كېرەك. ئەگەر قەرز پۇل كۆچمەس مۈلۈككە مەبلەغ سېلىشقا ئىشلىتىلسە، ئەھۋال پۈتۈنلەي ئوخشىمايدۇ. بانكا ياكى شەخسىي مەبلەغ سالغۇچىلار سىزگە قەرز بېرىپ كۆچمەس مۈلۈككە مەبلەغ سېلىشنى خالايدۇ، چۈنكى كۆچمەس مۈلۈك ئۆزى رەنە بۇيۇمى بولالايدۇ. ئەگەر سىز قەرزنى قايتۇرۇشقا ئامالسىز قالسىڭىز، بانكا ئۆي-مۈلۈكىڭىزنى تارتىۋېلىپ ئاندىن ئۇنى ساتىدۇ. مانا بۇ نېمە ئۈچۈن پۇل قەرز ئېلىپ كۆچمەس مۈلۈككە مەبلەغ سېلىش خەۋپىنىڭ كۆپ كىچىك بولۇشىدىكى سەۋەب.
مۇقىم مۈلۈك ئارقىلىق، مەبلەغ سالغۇچىلار كونترول قىلىش ھوقۇقىغا ئىگە بولۇپلا قالماي، يەنە ئۆي-مۈلۈك قىممىتىنى ئاشۇرىدۇ. بۇ كۆچمەس مۈلۈككە مەبلەغ سېلىشنىڭ ئەڭ چوڭ ئەۋزەللىكى، بولۇپمۇ سىز ئۇنى پاي چېكى قاتارلىق مۈلۈك بىلەن سېلىشتۇرغاندا. مەسىلەن، ئەگەر سىز بىر ياتاق بىناسى سېتىۋالغان بولسىڭىز، سىز بىنانى رېمونت قىلسىڭىز، ئائىلە ئېلېكتىر سايمانلىرىنى يېڭىلىسىڭىز، ئىجارە ھەققىنى ئۆستۈرسىڭىز بولىدۇ. بۇ باھانىڭ ئۆسۈشىنى ئىلگىرى سۈرۈش دەپ ئاتىلىدۇ. ئۇنىڭ ئۈستىگە بۇ مەقسەتكە يېتىش ئۈچۈن، يول چەكسىز.

ئۈچىنچى، كۆپ مىقدارلىق تاۋار
كۆپ مىقدارلىق تاۋارلار ئۇدۇللاش (对冲) بىلەن مۇناسىۋەتلىك. پۇلنىڭ كۇرسى چۈشىدۇ، ئەمما كۆپ مىقدارلىق تاۋارلارنىڭ قىممىتى كاپالەتكە ئىگە بولىدۇ.
مەبلەغ سالغۇچىلار كۆپ خىل يوللار ئارقىلىق كۆپ مىقدارلىق تاۋارلاردىن ئىبارەت بۇ مۈلۈك تۈرىدىن پايدىلىنىدۇ. مەسىلەن، سىزنىڭ بىر نېفىت قۇدۇقىغا ئىگىدارلىق قىلىش ھوقۇقىڭىز بار، شۇڭا سىز ھەر ئايدا نەق پۇل ئېقىمىغا ئېرىشەلەيسىز. ياكى كۆممىقوناقنىڭ كەلگۈسىدىكى تەمىنلەش بىلەن ئېھتىياج يۈزلىنىشىنىڭ ئۆزگىرىشىنى توغرا مۆلچەرلەش ئارقىلىق پايدىغا ئېرىشىشىڭىز مۇمكىن. سىزمۇ بىر قىسىم قىممەتلىك مېتاللارنى سېتىۋېلىش ئارقىلىق چۈشۈپ كەتكەن مەلۇم بىر خىل پۇلنى سېتىۋالالايسىز.
تۈركۈملەپ ئىشلەپچىقىرىلىدىغان تاۋارلار ئادەتتە بىز ھايات كەچۈرۈشتە تايىنىدىغان تۇرمۇش لازىمەتلىكلىرى ياكى قىممىتىنى ساقلىيالايدىغان ئېنېرگىيە، خام ئەشيا-ماتېرىيال قاتارلىقلار. شۇڭا، بىر ئادەم كۆپ مىقدارلىق تاۋارغا ئىگە بولسا، ئۇمۇ سودىلىشىشقا بولىدىغان ئورۇنغا ئىگە بولىدۇ.
مەسىلەن، ئەگەر سىزدە كۆپ مىقداردىكى بېنزىن بولسا، كىشىلەر ئۇلارنىڭ ماشىنىسىنى ھەيدىمەكچى بولسا، سىز ئۇلارغا لازىملىق نەرسىلەرگە ئىگە بولىسىز. ئەمەلىي ئېھتىياجنى ھازىرلىغان تاۋار ئارقىلىق، سىز پايدىلىق ئورۇندا تۇرىسىز. ئەگەر مەندە تۆت دانە باكون، سىزدە تۆت دانە تۇخۇم بولسا، بىز ئۆزئارا ئالماشتۇرساق بولىدۇ، ئاندىن ھەممىمىزنىڭ ئەتىگەنلىك تامىقى بار بولىدۇ، ھەتتا ئادەتتىكى پۇل ئالماشتۇرۇش ھاجەتسىز. پۇل پەقەت سودىنى تېخىمۇ قولايلاشتۇرىدىغان بىر خىل ۋاسىتە. ھالبۇكى، بىر خىل پۇل ۋەيران بولغان چاغدا، بىز ئاساسىي بۇيۇمنى بۇيۇمغا ئالماشتۇرۇش دەۋرىگە قايتىشقا مەجبۇر بولىمىز.
بۇ خىل سودا زادى قانداق خىزمەت قىلىدۇ؟
ناھايىتى ئاددىي سىز بىر ئۇنسىيە ئالتۇننى بۇ دۇنيانىڭ ھەرقانداق يېرىدە ئۆزىڭىز ئېرىشمەكچى بولغان نەرسىگە ئالماشتۇرسىڭىز بولىدۇ. ئالتۇن ئەمەلىي قىممەتكە ئىگە بىر خىل ئېھتىياجلىق تاۋار. شۇڭا سىز ئۇ ئىگە بولغان قىممەت ئارقىلىق باشقا ئوخشاش قىممەتكە ئىگە نەرسىلەر بىلەن سودىلاشسىڭىز بولىدۇ.

تۆتىنچى، قەغەز مۈلۈك
بۇ يەر ئاساسلىقى پاي چېكى ۋە قەرەللىك ھوقۇق بازىرىغا كۆڭۈل بۆلۈش كۆزدە تۇتۇلىدۇ. ئەلۋەتتە، يەنە باشقا تۈردىكى قەغەز مۈلۈكلەرنى مەبلەغ سالغۇچىلارنىڭ تاللىشى ئۈچۈن تەمىنلەشكىمۇ بولىدۇ، بىز بۇ يەردە مۇزاكىرىمىزنى پەقەت پاي چېكى ۋە قەرەللىك ھوقۇق ئۈستىدە چەكلەيمىز.
پاي چېكى بىر پاي چېكى بازارغا سېلىنغان شىركەتنىڭ ئىگىدارلىق ھوقۇقىنىڭ بىر قىسمىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ. پاي چېكى بازارغا سېلىنغان شىركەتنىڭ ئىگىدارلىق ھوقۇقى مۇئەييەن ئۈلۈشكە بۆلۈنگەن بولۇپ، ھەر بىر شىركەتنىڭ پاي سانى ئوخشاش بولمايدۇ. شۇڭا سىز بىر پاي چېكى سېتىۋالغاندا، ماھىيەتتە سىز شۇ شىركەتنىڭ ئىگىدارلىق ھوقۇقىنىڭ بىر قىسمىنى سېتىۋالغان بولىسىز.
بىر پارچە قەرەللىك ھوقۇق بۇ پاي چېكى ئىگىسىنىڭ كەلگۈسى بىر مەزگىل ئىچىدە مەلۇم ساندىكى ئالاھىدە پاي چېكىنى سېتىۋالغانلىقى ياكى ساتقانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ.
پاي چېكى تۇراقسىز بولىدۇ
پاي چېكىگە مەبلەغ سالغاندا، بىز قانداق پايدا ئېلىشنى تاللىساق بولىدۇ. ئەڭ كۆپ ئۇچرايدىغان ئىككى خىل ئۇسۇل ئايرىم-ئايرىم ھالدا كاپىتال پايدىسىنى ئىزدەش (بىزنىڭ سېتىۋېلىش باھايىمىزغا سېلىشتۇرغاندا، تېخىمۇ يۇقىرى باھادا سېتىش) ۋە نەق پۇل ئېقىمى پەيدا قىلىش (يېڭى مەبلەغ يارىتىش)تىن ئىبارەت. نەق پۇل ئېقىمىنى بارلىققا كەلتۈرۈشنى ئۆزۈم بىر قەدەر ياخشى كۆرىمەن، چۈنكى پەقەت پاي چېكى ئېلىپ-سېتىشقا نىسبەتەن، بۇ خىل ئۇسۇل ئارقىلىق ۋەزىيەتنى تېخىمۇ ياخشى تىزگىنلىيەلەيمەن. مەيلى قايسى خىل ئۇسۇل بولسۇن، پاي چېكى بازىرى بىزنى ناھايىتى قولايلىق بولغان قەغەز مۈلۈك سېتىش سۇپىسى بىلەن تەمىنلەيدۇ.
نۆۋەتتە نۇرغۇن كىشىلەر كۆچمەس مۈلكىنى سېتىۋېتىشنى خالايدۇ، لېكىن مۇنداق بىر مەسىلىگە دۇچ كېلىۋاتىدۇ: كۆچمەس مۈلۈكنى سېتىۋېلىش ئۈچۈن مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈشكە ئېرىشىدىغانلار ناھايىتى ئاز. مەبلەغ سالغۇچى بولۇش سۈپىتىڭىز بىلەن، سىز مەلۇم مۈلۈكنى قولدىن چىقىرىش ناھايىتى تەس بولغان ئەھۋالغا دۇچ كەلگەندە، بۇ مۈلۈكنىڭ ھەرىكەتچانلىقىنىڭ كەمچىل ئىكەنلىكىنى چۈشەندۈرىدۇ. ھەرىكەتچانلىق بىر خىل مۈلۈكنى نەق پۇلغا ئايلاندۇرۇشنىڭ قىيىنلىق دەرىجىسىنى ئەكس ئەتتۈرۈپ بېرىدۇ. مۈلۈكنىڭ ھەرىكەتچانلىقى مەبلەغ سالغۇچىلارغا نىسبەتەن ئىنتايىن مۇھىم، چۈنكى ھەرىكەتچانلىق بىزنىڭ ھامان بىر پايدىلىق چېكىنىش تاكتىكىسىغا ئىگە بولۇشىمىزغا كاپالەتلىك قىلىدۇ. بۇ سىز ياخشى كۆرىدىغان پاي چېكى بازىرىنىڭ ئامىلىنىڭ بىرى، مەبلەغ سالغۇچى ئۇ يەردە ئادەتتە ياخشى ئېقىشچانلىققا ئىگە بولىدۇ.
ئەگەر سىزنىڭ مەلۇم بىر پاي چېكىڭىز تۆۋەنلەشكە باشلىسا، يۆتكىلىشچانلىق پاي چېكىڭىز سىزنى زور زىيانغا ئۇچرىتىشتىن بۇرۇن ئۇنى ناھايىتى تېزلا قولدىن چىقىرىۋېتىدۇ. ئۇ سىزنى كۆزنى يۇمۇپ ئاچقۇچە بولغان ۋاقىتتا بىر ياخشى مەبلەغ سېلىش پۇرسىتىدىن يەنە بىر تېخىمۇ ياخشى مەبلەغ سېلىش پۇرسىتىگە يۆتكىيەلەيدۇ.
ھەرىكەتچانلىقنىڭ يەنە بىر ياخشى تەرىپى شۇكى، كىشىلەر ناھايىتى ياخشى سېتىش ۋە سۆزلىشىش ماھارىتىگە موھتاج ئەمەس. بىر شىركەتنى باشقۇرۇشقا نىسبەتەن ئېيتقاندا، بۇ ماھارەتلەر ئىنتايىن مۇھىم. ھالبۇكى، بۇ سېتىش ماھارىتىنى يۇقىرى كۆتۈرۈش ئۈچۈن ۋاقىت سەرپ قىلىشقا ۋە نۇرغۇن ئەمەلىي تەجرىبىلەرنى توپلاشقا توغرا كېلىدۇ. غەلىتە يېرى شۇكى، پاي چېكى بازىرىدىكى ھەرىكەتچانلىقتىن ئىبارەت بۇ ئەۋزەللىكتىن پايدىلانغانلار ناھايىتى ئاز. نۇرغۇن مەبلەغ سالغۇچىلار يىلمۇيىل ئوخشاش پاي چېكى ۋە ئورتاق فوندىنى ئىلكىدە تۇتۇپ تۇرىدۇ، ئەمما بىر قېتىملىق پاي چېكىنى سېتىپ بولغاندىن كېيىن، ئۇنى يەنە بىر خىل تېخىمۇ ياخشىسىغا ئالماشتۇرۇشنى ياكى بىر قىسىم چېكىنىپ چىقىش تاكتىكىسىنى قوللىنىپ، ئۇلارنىڭ پايدىسىنى ئەڭ يۇقىرى چەككە يەتكۈزۈشنى ئەزەلدىن ئويلاپ باقمىغان.
سىزگە سېتىۋېلىشقا تىگىشلىك دەپ ئېيتىپ بەرگەن ۋە ئۇزۇن مۇددەت تۇتۇپ تۇرغان چوڭ تىپتىكى ئورگانلارغا نىسبەتەن ئېيتقاندا، بۇنداق قىلىشقا ئانچە مۇنچە ساختىلىق ئارىلاشقان بولىدۇ. پاي چېكى ساتىدىغانلار سېتىۋالغانلاردىن كۆپ بولغاچقا چۈشۈپ كېتىدۇ. لېكىن سىز پاي چېكىنى ئىلكىڭىزدە تۇتقان چاغدا، ئۇ چوڭ تىپتىكى ئورگانلار ئادەتتە ساتقۇچى تەرەپنىڭ بىرى بولىدۇ.
يەنە بىر ئويلىشىشقا تېگىشلىك ئىش شۇكى، بازارنىڭ ھەرىكەتچانلىقىمۇ داۋالغۇش خاراكتېرلىك زورىيىدۇ. تېز سودا تەمىنلەش بىلەن ئېھتىياج ئوتتۇرىسىدا چوڭ داۋالغۇش پەيدا قىلىشى مۇمكىن. شۇڭا ئېقىشچانلىق كەلتۈرۈپ چىقارغان پايدا-زىيان پۈتۈنلەي سىزنىڭ شەخسىي ئەھۋالىڭىز ۋە مەبلەغ سېلىش نىشانىڭىزغا باغلىق. بۇ يەردە ھەممىنى بىر تاياقتا ھەيدەيدىغان جاۋاب يوق.
پاي چېكى جانلىق بولىدۇ
كۆپ ساندىكى كىشىلەر پاي چېكى بازىرىنىڭ ئەھۋالىدىن پايدىغا ئېرىشمەكچى بولغاندا، ئۇلار پەقەت بىر خىل ئۆرلەشنىلا ئويلايدۇ. ئۇلار مۇنداق بىر ئۇقۇمنى چۈشەنمەيدۇ، يەنى پاي چېكى جانلىقلىققا ئىگە. بىز بىر پاي چېكىدىن قانداق قىلىپ پايدا ئېلىشنى ئۆگەنسەك بولىدۇ، ئۇ مەيلى ئۆرلەش، چۈشۈش ياكى سىلكىنىش بولسۇن.
شىركەتكە نىسبەتەن ئېيتقاندا، سىزنىڭ بۇ تاكتىكا ئارقىلىق پايدىغا ئېرىشىشىڭىز بەك تەس. لېكىن پاي چېكى بازىرىدا، ھەرقانداق بازار ئەھۋالىنىڭ كارايىتى چاغلىق، چۈنكى بىزنىڭ ھەرقانداق بازار ئەھۋالىدىن پايدا ئالىدىغان تاكتىكىمىز بار. بارلىق مۈلۈك تۈرلىرى ئىچىدە، پاي چېكى پايدا ئېلىش جەھەتتە قىيىنلىق دەرىجىسى ئەڭ تۆۋەن بىر تۈر بولۇشى مۇمكىن. ئەگەر بىز پاي چېكى بىلەن قەرەللىك ھوقۇقنى ئورگانىك بىرلەشتۈرەلىسەك، ئۇنداقتا نۇرغۇن كىرىم تەدبىرلىرى بىزنى نەق پۇل ئېقىمى بىلەن تەمىنلەيدۇ، گەرچە پاي چېكى بازىرى ياخشى بولمىسىمۇ، ھەتتا چۈشۈپ كەتسىمۇ.
پاي چېكى بىزگە مەبلەغ سېلىش كۆلىمىنى كونترول قىلغۇزىدۇ
كۆپ ساندىكى كىشىلەر ئومۇميۈزلۈك: بىز نۇرغۇن پۇل بولغاندىلا ئاندىن مەبلەغ سالالايمىز، دەپ قارايدۇ. ئەمەلىيەتتە، بۇ بىر خىل خاتا چۈشەنچە. بۇ ئېھتىمال نۇرغۇن كىشىلەرنىڭ ناھايىتى ئۇزۇن ساقلىغاندىن كېيىن تۇنجى قېتىملىق مەبلەغ سېلىش سىنىقى ئېلىپ بارغانلىقىنىڭ سەۋەبى بولسا كېرەك. بەزى كىشىلەرنىڭ ئەزەلدىن باشلاش پۇرسىتى يوق. ياخشى يېرى شۇكى، پاي چېكى ئارقىلىق مۇتلەق كۆپ ساندىكى كىشىلەر مەبلەغ سېلىشنى بالدۇرراق باشلىيالايدۇ. چۈنكى، پاي چېكى سېتىۋېلىش پەقەت بىر شىركەتنىڭ بىر بىرلىك ئۈلۈشىنى سېتىۋالغانلىق بولۇپ، ئادەتتىكى كىشىلەرگە نىسبەتەن ئېيتقاندا، پاي چېكى سېتىۋېلىش پۈتۈن بىر شىركەتنى سېتىۋېلىش ياكى يېڭى بىر شىركەت ئېچىشقا قارىغاندا تېخىمۇ ئاسان بولىدۇ. تېخىمۇ گۈزەل يېرى شۇكى، سىز داڭلىق مەبلەغ سالغۇچىلار (مەسىلەن، ۋاررېن باففېت) بىلەن ئوخشاش پاي چېكى سېتىۋالسىڭىز بولىدۇ. بۇنىڭدىكى پەرق شۇكى، بىر يېڭى مەبلەغ سالغۇچى بولۇش سۈپىتىڭىز بىلەن، سىز بەلكىم باففېتنىڭ سېتىۋالغان سانىدىن كۆپ كىچىك بولۇشىڭىز مۇمكىن.

بەشىنچى، ھەر قانداق بىر خىل مۈلۈك يەنە بىر تۈردىكى مۈلۈكتىن ياخشى بولمايدۇ
مەن دائىم كۆچمەس مۈلۈك جەھەتتە ئوقۇتقۇچىلارنىڭ پاي چېكى بازىرىنى ئەيىبلەيدىغانلىقىنى، پاي چېكى بازىرىدىكى ئوقۇتقۇچىلارنىڭ كۆچمەس مۈلۈكنى ئەيىبلەيدىغانلىقىنى ئاڭلايمەن. بىر شىركەتكە ئىگە بولۇش كۆچمەس مۈلۈككە ئىگە بولۇشتىن ياخشى ئەمەس. كۆچمەس مۈلۈككە مەبلەغ سېلىش پاي چېكىگە مەبلەغ سېلىشتىن ناچار ئەمەس. ئەقىللىق مەبلەغ سالغۇچىلار پەقەت مەبلەغ سېلىش ئارقىلىق قانداق نىشانغا يېتىشنى ئويلىشىدۇ، ئاندىن بۇنىڭغا ئاساسەن مەبلەغ سالىدۇ. مەن ئىشىنىمەنكى، مۇۋەپپەقىيەت قازانغان نۇرغۇن مەبلەغ سالغۇچىلار كۆپ خىللىشىش ئارقىلىق بارلىق تۈردىكى مۈلۈكتىن ھالقىپ ئۆتۈشنى خالايدۇ.
بىر پاي چېكىگە مەبلەغ سېلىشقا كۆڭۈل بۆلىدىغان ئادەم نۇرغۇن كارخانىچىلار بەھرىمەن بولىدىغان باج ئەۋزەللىكىنى قولدىن بېرىپ قويىدۇ. بىر كۆچمەس مۈلۈككە مەبلەغ سالغۇچى ئۆزىنىڭ بايلىقىنىڭ بىر قىسمىنى كۆچمە مۈلۈككە سېلىشنى ياخشى كۆرۈشى مۇمكىن. پاي چېكى بازىرىنىڭ كۆپۈكى سەۋەبىدىن چۈشۈپ كېتىدىغانلىقىغا ئىشەنگەن بىر مەبلەغ سالغۇچى بۇ خىل ئەھۋالدىن قانداق پايدىلىنىشقا قىزىقىپ قېلىشى مۇمكىن، ئۇنىڭ بۇنىڭدىن پايدىلىنىپ كاپىتالغا ئېرىشىش ئويىمۇ پاي چېكى بازىرىنىڭ جانلىقلىقى بىلەن ئەمەلگە ئاشىدۇ.
مۈلۈك تۈرى ياخشى-يامان دەپ ئايرىلمايدۇ، ئېقىشچانلىق سىزگە نىسبەتەن بەك ياخشى ھەم يامان. مۈلۈككە قارىتا كېلىشىم باھا قويۇش ئوخشاشلا ياخشى ھەم يامان. ھەر بىر ئىش نىسبەتەن ئېيتىلغاندا، مۇھىمى ھەر خىل مۈلۈكلەرنىڭ ئارتۇقچىلىق ۋە كەمچىلىكلىرىنى چۈشىنىش، ئاندىن ئۆز ئەھۋالىغا ئاساسەن ئاقىلانە يول تېپىپ ئۆزىنىڭ مەبلەغ سېلىش نىشانىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش كېرەك.

---

ئالاھىدە خوش خەۋەر:

ئەڭ يېڭى نادىر كىتاب «مالىيە تەپەككۇرى»نىڭ تەرجىمىسى ئېلان قىلىندى. بۇ يەرنى بېسىپ پايدىلىنىڭ!

تۆۋەندىكى يازمىلار سىزگە تېخىمۇ كۆپ نەپ بېرىشى مۇمكىن:

1. مالىيە مەلۇمات جەدۋىلى: مالىيە مەلۇمات جەدۋىلى شىركەتنىڭ ئەھۋالىنى تولۇق گەۋدىلەندۈرۈپ بېرەلەمدۇ؟
2. مۈلۈك چېگراسى: مۈلۈكنى قانداق قىلغان توغرا بېكىتكىلى بولىدۇ؟
3. ﻣﯜﻟﯜك سەپلەش: ﺳﺎن-سىفىر ئارقىسىدىكى ﺋﯩﺸﻠﻪﭘﭽﯩﻘﯩﺮﯨﺶ ئىستراتېگىيەسى
4. قەرز تىجارىتى: يۇقىرى قەرز يۇقىرى خەۋپ-خەتەرگە باراۋەرمۇ؟
5. ﻗﻪرزنىڭ يوشۇرۇنۇشى: ﻣﻪﻟﯘﻣﺎت ﺟﻪدۋﯨﻠﻰ ﺳﯩﺮﺗﯩﺪﯨﻜﻰ ﻛﺮﯨﺰىس

6. پايدا ئىنقىلابى: تەخمىنىي توغرىلىق توغرا بولغان خاتالىقتىن ئەۋزەل!

7. پايدا سۈپىتى: سىجىل پايدا ئەڭ قىممەتلىك
8. نەق پۇل سەۋىيەسى: ئىلكىدىكى پۇل قانچە كۆپ بولسا شۇنچە ياخشى بولامدۇ؟
9. ﻧﻪق ﭘﯘل ﻗﯘرۇﻟﻤﯩﺴﻰ: ﻧﯧﻤﻪ ﺋﯜﭼﯜن ﻧﻪق ﭘﯘل ﺋﻮﺑﻮروﺗﯩﻨﻰ مەنپىي بولغان شىركەتمۇ پېيىنى بازارغا سالالايدۇ؟
10. مەلۇمات جەدۋىلىنىڭ قوشۇمچە ئىزاھاتى: خېتى قانچە كىچىك بولسا شۇنچە مۇھىم بولىدۇ
11. مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈش مۇناسىۋىتى: ھەقدار ۋە پايچىكلارنىڭ ئۆزئارا چەكلەش چارىسى
12. ﻣﻪﺑﻠﻪغ ﻳﯜرۈﺷﺘﯜرۈش ﭘﯩﺮﯨﻨﺴﯩﭙﻰ: ﻣﯘددﯨﺘﻰ ۋە ﺧﻪﺗﯩﺮﯨﻨﯩﯔ قوش ﺗﻪﯕﭙﯘﯕﻠﯩﺸﯩﺶ ﻧﯩﺴﺒﯩﺘﻰ
13. پاي ھوقۇقى قۇرۇلمىسى: AB پاينىڭ كۈچى
14. مونوپوللۇق يەككە پايچىك: سەل قاراشقا بولمايدىغان باغلىنىشلىق سودا
15. ﻣﻪﺑﻠﻪغ ﻳﯜرۈﺷﺘﯜرۈش ﺋﯧﻜﻮﻟﻮﮔﯩﻴﻪسى: قىسمەن ئەلالاشتۇرۇش ۋە ﺋﻮﻣﯘﻣﻴﯜزﻟﯜك ئەلالاشتۇرۇش

16. ئۈنۈم باشقۇرۇش: ساپ مۈلۈك پايدا نىسبىتىنى يۇقىرى كۆتۈرۈشتىكى ئەڭگۈشتەر

17. تىجارەت تەدبىرى: ئۈنۈملۈك مالىيە ئۇچۇرلىرىنى قانداق تاسقاش كېرەك؟
18. تەننەرخنى پەرقلەندۈرۈش: تىجارەت تەدبىرىنىڭ ھەل قىلغۇچ ئامىلى
19. بايلىق باشقۇرۇش: ۋاپاغا جاپا ئېففېكتىدىن ھوشيار بولۇش
20. باشقۇرۇش ئىسلاھاتى: ھەممە ئادەم بىر پارچە پايدا جەدۋىلىدۇر
21. مۇقىم مۈلۈك: سېتىۋېلىش، ئىجارىگە ئېلىش كېرەكمۇ ياكى قەرز ئېلىش كېرەكمۇ؟
22. قىممەتكە مەبلەغ سېلىش: باشقىلارنىڭ سەۋەنلىكىدىن پايدىلىنىپ پۇل تېپىش
23. كاپىتال خام چوتى: تۈر ئارىسىدا قانداق PK قىلىش كېرەك؟

24. خەۋپ-خەتەرنى مىقدارلاشتۇرۇش: قانداق قىلغاندا مەبلەغ سېلىشتا كۆڭۈلدە سان بولۇشنى ئىشقا ئاشۇرغىلى بولىدۇ؟

25. ناتۇرال قەرەللىك ھوقۇقى: مەبلەغ سېلىشنىڭ ئېنىقسىزلىقىغا تاقابىل تۇرۇش
26. خەۋپ-خەتەرنى يۆتكىۋېتىش: سۇغۇرتا ۋە جاۋابكارلىقنى ئورتاق ئۈستىگە ئېلىش
27. قوشۇۋېلىش تاكتىكىسى: كىچىكىنىڭ چوڭىنى يېيىش پاراسىتى
28. قوشۇۋېلىشنىڭ يوشۇرۇن خەۋپ-خەتىرى: سودا ئىناۋىتىدىن ئىبارەت «كۈل رەڭ كەركىدان»

29: قىممىتىنى تۆۋەنلىتىش پەيتى: زىياننى تۈگىتىشتىن ئۈمىد بولمىغاندا «چوڭ يۇيۇنۇش»قا يەتمەيدۇ

30. پايدا بۆلۈشۈش سىياسىتى: پايدىنى تەقسىملىگەن شىركەت ياخشى شىركەتمۇ؟

【声明】内容源于网络
0
0
Nepkar
在这里你只能获取对你最有用的。 别忘了关注哦!
内容 408
粉丝 0
Nepkar 在这里你只能获取对你最有用的。 别忘了关注哦!
总阅读311
粉丝0
内容408