大数跨境

شىنجاڭدىكى كارخانىچىلار 50 مىڭ يۈەن ئىلتىماس قىلسا بولىدۇ

شىنجاڭدىكى كارخانىچىلار 50 مىڭ يۈەن ئىلتىماس قىلسا بولىدۇ NepKan
2022-03-30
1
导读:شىنجاڭدىكى ئوتتۇرا، كىچىك كارخانىلار ئەڭ يۇقىرى بولغان

شىنجاڭدىكى ئوتتۇرا، كىچىك كارخانىلار ئەڭ يۇقىرى بولغاندا 50 مىڭ يۈەن يېڭىلىق يارىتىش مۇلازىمىتى بېلىتىگە ئىلتىماس قىلسا بولىدۇ


     بۇ يىل شىنجاڭدا «ئوتتۇرا، كىچىك كارخانىلار يېڭىلىق يارىتىش مۇلازىمىتى بېلىتى»گە ئىلتىماس قىلىش خىزمىتى باشلانغان بولۇپ، مۇلازىمەت بېلىتىنىڭ پۇل قىممىتى 1000 يۈەندىن 50 مىڭ يۈەنگىچە ئوخشاش ئەمەس بولۇپ، 1000 يۈەن پۇل قىممىتى بويىچە دەرىجىمۇدەرىجە ئېشىپ بارىدىكەن.


   بۇ مۇلازىمەت بېلىتى ئاپتونوم رايوندىكى ئوتتۇرا، كىچىك كارخانىلارنىڭ تەرەققىيات مەخسۇس تۈر مەبلىغىدىن ئوتتۇرا، كىچىك كارخانىلارنىڭ مۇلازىمەت سېتىۋېلىشىغا ياردەم پۇلى بېرىشكە ئىشلىتىلىدىغان قىممىتى بار پۇل بېلىتى بولۇپ، شىنجاڭ ئوتتۇرا، كىچىك كارخانىلار ئاممىۋى مۇلازىمەت سۇپىسى مۇلازىمەت بېلىتى سىستېمىسىدا ئېلېكتىرونلۇق بېلەت شەكلىدە تارقىتىلىدۇ. شىنجاڭدىكى ئوتتۇرا، كىچىك كارخانىلار مۇلازىمەت ئاپپاراتلىرىدىن مۇلازىمەت بېلىتى تۈرىنىڭ ئىلتىماس قىلىش دائىرىسىدىكى مۇلازىمەت مەزمۇنىنى سېتىۋالغاندا، مۇلازىمەت بېلىتىنى ئىلتىماس قىلىپ ئېلىش ھەم ئىشلىتىش ئارقىلىق تاللاپ بېكىتكەن مۇلازىمەت ئاپپاراتىنىڭ مۇلازىمەت ھەققىنى ۋاكالىتەن تۆلىسە بولىدۇ. تاللاپ بېكىتىلگەن مۇلازىمەت ئاپپاراتى مۇلازىمەت بېلىتىنى تاپشۇرۇپ ئالغانلىقىنى مۇئەييەنلەشتۈرگەندىن كېيىن، كارخانا بىلەن مۇلازىمەت توختامى ئىمزالاپ، توختام مۇلازىمەت مەزمۇنىنى تاماملىغاندىن كېيىن مۇلازىمەت بېلىتى تۈرىنى ئىلتىماس قىلىدۇ، ئىلتىماس ماتېرىياللىرى تەكشۈرۈپ تەستىقلاشتىن ئۆتكەندىن كېيىن، ئاخىرىدا مۇلازىمەت بېلىتى نەقلەشتۈرۈلىدۇ.


    بۇ قېتىمقى مۇلازىمەت بېلىتىنى ئىلتىماس قىلىپ ئالىدىغان كارخانىلارنىڭ دائىرىسى ئاپتونوم رايون بېكىتكەن، كۈچكە ئىگە مۇددەت ئىچىدىكى «كەسپىي، تۈجۈپىلىك، ئۆزگىچە، يېڭىچە» ئوتتۇرا، كىچىك كارخانىلار ۋە باشقا ئوتتۇرا، كىچىك، ئۇششاق كارخانىلارغا ئايرىلىدۇ. بۇنىڭ ئىچىدە، باشقا ئوتتۇرا، كىچىك، ئۇششاق كارخانىلار تۆۋەندىكى بەش شەرتنى ھازىرلىشى كېرەك: كەسىپ سىياسىتىگە ئۇيغۇن بولۇش؛ 2021 - يىلى 1 - ئاينىڭ 1 - كۈنىدىن بۇرۇن شىنجاڭ ئىچىدە سودا - سانائەتنى مەمۇرىي باشقۇرۇش بويىچە تىزىملىتىپ رويخەتكە ئالدۇرۇش تاماملانغان بولۇش؛ مۇستەقىل قانۇنىي ئىگە سالاھىيىتىگە ئىگە بولۇش؛ تىجارەت پائالىيىتىدە قانۇنغا خىلاپ ئېغىر، زور خاتىرىسى بولماسلىق، چوقۇم «ئىناۋەتلىك جۇڭگو» تور بېكىتىدە قانۇن - بەلگىلىمىگە خىلاپ قىلمىشى يوقلۇقىنى تەكشۈرۈش خاتىرىسى بىلەن تەمىنلەش؛ «مەملىكەت بويىچە بىر گەۋدىلەشكەن تور مەمۇرىيەت مۇلازىمەت سۇپىسىنىڭ يۈرۈشۈشىنى كۆزىتىش - ئۆلچەش تىرەك مۇلازىمەت تارماق سۇپىسى»دا تىزىملاتقان بولۇش ھەم تەلەپ بويىچە ھەر ئايدا يۈرۈشۈشنى كۆزىتىش - ئۆلچەش سانلىق مەلۇماتىنى ۋاقتىدا يوللاش.


   مۇلازىمەت بېلىتىنى ئىلتىماس قىلىپ ئېلىشتا ئىلتىماس قىلىش ۋاقىت تەرتىپىگە ئاساسەن، ئاۋۋال بارغانلار ئاۋۋال ئېلىش، بېلەت تۈگىگەندە توختىتىش پىرىنسىپى قوللىنىلىدۇ، ئىلتىماس قىلىپ ئېلىش سوممىسى مۇلازىمەت توختامىدىكى سوممىنىڭ 50ى بويىچە بولىدۇ. 2022 - يىلى 1 - ئاينىڭ 1 - كۈنىدىن كېيىن مۇلازىمەت توختامى ئىمزالىغان كارخانىلار بۇ مۇلازىمەت بېلىتىنى ئىلتىماس قىلىشقا قاتناشسا بولىدۇ، مۇلازىمەت توختامىنىڭ مەزمۇنى 2022 - يىلى 6 - ئاينىڭ 15 - كۈنىدىن بۇرۇن تاماملىنىشى كېرەك. بۇ قېتىمقى مۇلازىمەت بېلىتى جەنۇبىي شىنجاڭدىكى ئۈچ ۋىلايەت، بىر ئوبلاستتا تىزىملىتىپ رويخەتكە ئالدۇرغان ئوتتۇرا، كىچىك، ئۇششاق كارخانىلارنى ئالدىن قوللايدۇ.


    ئىگىلىنىشىچە، ھەربىر ئىلتىماس قىلىپ ئېلىش ئوبيېكتى پەقەت بىرلا قېتىم مۇلازىمەت بېلىتىنى ئىلتىماس قىلىپ ئالسا بولىدىكەن، ئاپتونوم رايون بېكىتكەن، كۈچكە ئىگە مۇددەت ئىچىدىكى «كەسپىي، تۈجۈپىلىك، ئۆزگىچە، يېڭىچە» ئوتتۇرا، كىچىك كارخانىلارنىڭ يىللىق ئىشلىتىش سوممىسى 50 مىڭ يۈەندىن ئاشمايدىكەن؛ باشقا ئوتتۇرا، كىچىك، ئۇششاق كارخانىلارنىڭ يىللىق ئىشلىتىش سوممىسى 20 مىڭ يۈەندىن ئاشمايدىكەن. تاللاپ بېكىتىلگەن مۇلازىمەت ئاپپاراتلىرى توختامدىكى مۇلازىمەت ئاخىرلاشقاندىن كېيىن ئاجرىتىپ بېرىلىدىغان مەبلەغ بىلەن ئالماشتۇرسا بولىدىكەن، ھەربىر مۇلازىمەت ئاپپاراتى كۆپ كارخانىغا مۇلازىمەت قىلسا بولىدىكەن، ئىلتىماس قىلىپ ئالماشتۇرۇلىدىغان مۇلازىمەت بېلىتى ئومۇمىي سوممىسىنىڭ يۇقىرى چېكى 200 مىڭ يۈەندىن ئېشىپ كەتمەيدىكەن.

مەنبە: خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلى
【声明】内容源于网络
0
0
NepKan
竭尽为您解忧,关注我们,解您的忧!
内容 296
粉丝 0
NepKan 竭尽为您解忧,关注我们,解您的忧!
总阅读206
粉丝0
内容296