بۇ يىل كىرگەندىن بۇيان، ئاپتونوم رايونىمىز ئىشسىزلىق سۇغۇرتىسى ھەققى نىسبىتىنى باسقۇچ خاراكتېرلىك تۆۋەنلىتىش قاتارلىق بىر قاتار «بىرىكمە مۇشت» تەدبىرىنى ئۇزارتىپ يولغا قويۇش ئارقىلىق، ئىشچى - خىزمەتچىلەرنىڭ ئىش ئورنىنى مۇقىملاشتۇرۇشى، كارخانىلارنىڭ ئادەمنى ئېلىپ قېلىشىنى قوغدىدى. ھازىرغا قەدەر، ئاپتونوم رايونىمىز سۇغۇرتىغا قاتناشقان 100 مىڭ 900 ئورۇنغا ئىش ئورنىنى مۇقىملاشتۇرۇش بويىچە قايتۇرۇش مەبلىغىدىن 825 مىليون يۈەن تارقاتتى.
ئاپتونوم رايونىمىز يەنە ئىشسىزلىق سۇغۇرتىسى ھەققى نىسبىتىنى باسقۇچلۇق تۆۋەنلىتىش سىياسىتىنى بىر يىل ئۇزارتىپ يولغا قويىدىغان بولۇپ، ئىجرا قىلىش مۇددىتى 2023 - يىلى 4 - ئاينىڭ 30 - كۈنىگىچە بولىدۇ. 1 - ئايدىن 4 - ئايغىچە، ئىشسىزلىق سۇغۇرتىسى پۈتۈن ئاپتونوم رايوندىكى كارخانىلارنىڭ 778 مىليون يۈەن يۈكىنى يېنىكلەتتى.
شىنجاڭدىكى ئەڭ چوڭ كۆمۈر تىجارەت سودىگىرى ۋە ئېنېرگىيە كاپالىتىدىكى ئاساسلىق كۈچ بولۇش سۈپىتى بىلەن، نۆۋەتتە، دۆلەت ئېنېرگىيە گۇرۇھى شىنجاڭ ئېنېرگىيە چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتى خىزمەتچى خادىملارغا قارىتا ماھارەت جەھەتتىن تەربىيەلەش ئېلىپ بېرىۋاتىدۇ. «بۇ يىل شىركىتىمىز 3 مىليون يۈەن ئىش ئورنىنى مۇقىملاشتۇرۇش بويىچە قايتۇرما مەبلەغ تاپشۇرۇۋالدى. بىز ئىختىساسلىقلارنى كىرگۈزۈش ياردەم تولۇقلىمىسىنى كۆپەيتىپ تەسىس قىلىپ، خىزمەتچى خادىملارنىڭ غىزالىنىش ۋە سالامەتلىك تەكشۈرۈش ئۆلچىمىنى ئۆستۈردۇق، خىزمەتچى خادىملارنىڭ ماھارىتىنى ئۆستۈرۈش بويىچە جەمئىي 60 قارار تەربىيەلەشنى قانات يايدۇرۇپ، كارخانىنىڭ تەرەققىياتىنى كۈچلۈك كاپالەت بىلەن تەمىنلىدۇق» دېدى بۇ شىركەت تەشكىلات كادىرلار بۆلۈمىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى ۋېن تاۋ تونۇشتۇرۇپ.
بۇ يىل، ئاپتونوم رايونىمىز يېڭى بىر نۆۋەتلىك ئىش ئورنىنى مۇقىملاشتۇرۇش بويىچە مەبلەغ قايتۇرۇش سىياسىتىنى يولغا قويۇپ، ئىشسىزلىق سۇغۇرتىسىنىڭ كاپالەت دائىرىسىنى كېڭەيتىپ، خادىم قىسقارتمىغان ياكى ئاز قىسقارتقان كارخانىلارغا ئىش ئورنىنى مۇقىملاشتۇرۇش بويىچە قايتۇرما مەبلىغى تارقىتىپ بېرىدۇ، شۇنىڭ بىلەن بىللە، ئوتتۇرا، كىچىك، ئۇششاق كارخانىلارغا بولغان قايتۇرۇش مەدىتى سالمىقىنى زورايتىدۇ، قايتۇرۇش نىسبىتى بۇلتۇرقى %60تىن %90كە ئۆستۈرۈلىدۇ.
«بۇ قېتىم ئىجتىمائىي كاپالەت سۇغۇرتىسىدىن بىزگە 31 مىڭ 352 يۈەن قايتۇرۇلدى، بۇ پۇلنى ئاساسلىقى خىزمەتچى خادىملارنى تەربىيەلەشكە ئىشلىتىپ، خىزمەتچى خادىملارنىڭ ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈشكە ياردەم بەردۇق» دېدى تېكەس ناھىيەسى باگۇاچېڭ گۇرۇھى ئەنجۈ مۈلۈك مۇلازىمەت چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتىنىڭ مۇئاۋىن دىرېكتورى ۋاڭ زېڭمىڭ.
تېكەس ناھىيەلىك ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت ئىدارىسىنىڭ مۇئاۋىن ئىدارە باشلىقى چېن چياڭ مۇنداق تونۇشتۇردى: بۇ قېتىمقى ئىش ئورنىنى مۇقىملاشتۇرۇش ياردەم تولۇقلىمىسىدا «ئىلتىماس قىلمايلا بەھرىمەن بولۇش»تىن ئىبارەت بېجىرىش ئەندىزىسى قوللىنىلىپ، 123 كارخانىغا ئىش ئورنىنى مۇقىملاشتۇرۇش ياردەم تولۇقلىمىسى بېرىش تاماملاندى، جەمئىي 869 مىڭ 899 يۈەن ئىش ئورنىنى مۇقىملاشتۇرۇش ياردەم تولۇقلىمىسى تارقىتىلىپ، كارخانىلاردىكى 2761 ئىشچى - خىزمەتچىگە نەپ يەتكۈزۈلدى.
6- ئاينىڭ ئاخىرىدىن بۇرۇن، ئاپتونوم رايونىمىز شەرتكە ئۇيغۇن كېلىدىغان سۇغۇرتىغا قاتناشقان كارخانىلارغا قايتۇرما مەبلەغنىڭ ھەممىسىنى دەل جايىدا تارقىتىشقا تىرىشىدۇ، كارخانىلارنى خادىم قىسقارتماسلىققا ياكى ئاز قىسقارتىشقا رىغبەتلەندۈرۈپ، كارخانىلارنىڭ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرىدىغان ئىش ئورنىنى مۇقىملاشتۇرۇشىغا كۈچ قوشىدۇ.
---
تۆۋەندىكى يازمىلار سىزگە زور نەپ بېرىشى مۇمكىن:
1. 2022-يىللىق ئەڭ قاتتىق نازارەتلىك باشقۇرۇش: 2022-يىلى باج تۈزۈلمىسىدە قانداق ئۆزگىرىش بولىدۇ؟
2. 1997-يىللىق ئاسىيا پۇل-مۇئامىلە كىرىزىسى ئېسىڭىزدىمۇ؟ بۇ قېتىملىق كىرىزىس قانداق كېلىپ چىققان؟
4. «مەملىكەت بويىچە بىرلىككە كەلگەن چوڭ بازار» سىياسىتىنى قانداق چۈشىنىمىز؟
5. «مەملىكەت بويىچە بىرلىككە كەلگەن چوڭ بازار» ۋە شەخسنىڭ پۇرسىتى
6. «ئورتاق بېيىش» زادى قانداق گەپ؟ «ئورتاق بېيىش»نىڭ ئادەتتىكى خەلققە قانداق تەسىرى بار؟
7. سىياسىي بىيرونىڭ ئىقتىساد خىزمىتى يىغىنى ۋە 2022-يىللىق ئىقتىساد يۈزلىنىشى
8. دۇنياغا تەسىر كۆرسەتكەن داڭلىق شەخسلەرنىڭ نادىر نوتۇقلىرى
9. ئۆتكەن 5000 كۈندىكى ئۆزگىرىشلەر ۋە كەلگۈسى 5000 كۈندىكى ئۆزگىرىش قىياسى
10. ياپونىيە نېمىشقا ئۆزىنىڭ ئىقتىسادىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشقا جۈرئەت قىلالمايدۇ؟
12. تىليونېر: ئېلون ماسكنىڭ شۇنچە زور ئۇتۇق قازىنىشىدىكى سىرى نېمە؟
13. سۈنئىي ھەمراھ زەنجىرى پىلانى ۋە يەر شارىغا يېقىن ئوربېتا بايلىقىنى تالىشىش جېڭى
14. ئىقتىساد ۋە بىز: سىياسىي بىيرونىڭ 2022-يىللىق ئىقتىساد يىغىنى تەھلىلى
15. ئىقتىساد ۋە بىز: مەركەزنىڭ 2022-يىللىق ئىقتىساد يىغىنى--يۈزلىنىش ۋە پۇرسەتلەر


