大数跨境

25 مىليون: قالايمىقان ئەپ قاچىلىسىڭىز مۇنداق زىيان تارتىسىز!

25 مىليون: قالايمىقان ئەپ قاچىلىسىڭىز مۇنداق زىيان تارتىسىز! NepKan
2022-06-14
1
导读:تەربىيەلەش ئاپپاراتلىرىنىڭ پۇل قايتۇرۇش» ئالدامچىلىقىدىن ھوشيار بولۇش كېرەك...
ئالاھىدە تەۋسىيە: 
بۇ يەرنى بېسىپ ھادىسە تۈسىنى ئالغان نادىر كىتاب «ئىقتىساد تەپەككۇرى»نى ئوقۇڭ!
بۇ يەرنى بېسىپ ئىگىلىك تىكلەش دەستۇرى دەپ ئاتالغان نادىر كىتاب «0 دىن 1 گە» نى ئوقۇڭ!
بۇ يەرنى بېسىپ «ئۆزۈڭ ياخشى كۆرگەنگە ئۆزۈڭنى قەدىرلەت! (ئەڭ يېڭى كىتاب)» دېگەن كىتابنى كۆرۈڭ!
بۇ يەرنى بېسىپ «بىر يىلىڭىزدىن 8760 سائەت» ناملىق كىتابنى ئوقۇڭ!
بۇ يەرنى بېسىپ «ھاياتلىقتىكى 84000 خىل ئېھتىماللىق» دېگەن كىتابنى ئوقۇڭ!
بۇ يەرنى بېسىپ «كەلگۈسى ئۈچۈن يېزىلغان خەتلەر» ناملىق كىتابنى ئوقۇڭ!
بۇ يەرنى بېسىپ «باي دادام: مالىيە ئىدراكىڭىزنى ئۆستۈرۈڭ!» ناملىق كىتابنى ئوقۇڭ!
---
جېجياڭ ئۆلكىسى خاڭجۇ شەھىرىدىكى بىر ئايال تېلېفونىدىن بىر ئەپنى ئۆچۈرۈۋەتكەنلىكى، ئالدامچىنىڭ ئېيتقىنى بويىچە بىر نەچچە قەدەملىك مەشغۇلاتنى ئورۇنلىغانلىقى ئۈچۈن ھېساباتىدىكى 25 مىليون يۈەن قالدۇق سوممىنى يوقىتىپ قويغىلى تاس قالدى، بۇ زادى قانداق ئىش؟ 

يېقىندا، خاڭجۇ شەھەرلىك ج خ ئىدارىسى شياۋشەن شۆبە ئىدارىسى بېيگەن ساقچىخانىسى تەۋەلىكتىكى سۈن خانىم (ئۆزگەرتىلگەن ئىسىم) نىڭ تېلېگراف-تور ئالدامچىلىقىغا ئۇچرىغان بولۇشى مۇمكىنلىكى ھەققىدە مەلۇمات تاپشۇرۇۋالدى. ساقچىخانىدىكى خەلق ساقچىلىرى جىددىي ھەرىكەتكە كېلىپ، تور ۋە تور سىرتىدا نەسىھەت قىلىش خىزمىتىنى قانات يايدۇردى. «سۈن خانىم، بىز بېيگەن ساقچىخانىسىدىن، سىز ئالدامچىلىققا ئۇچراۋاتىسىز، بارلىق مەشغۇلاتلارنى دەرھال توختىتىڭ...» ئالدامچىلىققا قارشى تۇرۇش ئەترىتى دەرھال سۈن خانىمغا تېلېفون قىلىپ سالاھىيىتىنى بىلدۈرۈپ، ئۇنىڭ بانكا كارتىسى، كىملىك سۈرىتى قاتارلىقلارنى ئالدامچىغا يوللاپ بەرگەنلىكىنى بىلگەندىن كېيىن، ئەترەت ئەزالىرى دەرھال ئۇنى ئالاقىدار بانكا كارتىسىنىڭ يوقالغانلىقىنى مەلۇم قىلىپ توڭلىتىپ قويۇشقا يېتەكلىدى. تېلېفوندا نەسىھەت قىلىش ئارقىلىق، سۈن خانىم گەرچە داۋاملىق مەشغۇلات قىلىشنى توختاتقان بولسىمۇ، يەنىلا بىر ئىشىنىپ بىر ئىشەنمەي ئىككىلىنىپ قالدى. ساقچىلار ئۇنىڭ يېنىغا يېتىپ بارغۇچە تېلېفوننى قويۇۋەتمەي، سۈن خانىمنىڭ يەنە ئالدامچىغا ئالدىنىپ قېلىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىشنى ھەر ۋاقىت ئەسكەرتىپ تۇردى. 
بىر نەچچە مىنۇتتىن كېيىن، ساقچىلار سۈن خانىمنىڭ تۇرالغۇسىغا بېرىپ، ھەقىقىي ئەھۋالنى تەھلىل قىلىپ چۈشەندۈرگەندىن كېيىن سۈن خانىم سەگەكلەشتى ۋە ئالدامچىلار قۇرغان QQ توپىدا «بۇ بىر ئالدامچىلىق، كۆپچىلىك قىلتاققا چۈشمەڭلار» دەپ ئۇچۇر يوللىدى، نەتىجىدە ئالدامچىلار ئۇنى QQ توپىدىن تېپىپ چىقىرىۋەتتى. خەلق ساقچىلىرى سۈن خانىمغا ياردەملىشىپ ھېساباتىنى تەكشۈرۈپ، سۈن خانىمنىڭ ھېساباتىدىكى پۇلنىڭ زىيانغا ئۇچرىمىغانلىقىنى جەزملەشتۈرگەندىن كېيىن، ئۇنىڭ تېلېفونىغا دۆلەتلىك ئالدامچىلىققا قارشى تۇرۇش مەركىزىنىڭ APP سىنى چۈشۈرۈپ بەردى.

سۈرەت: سۈن خانىم 00 دىن باشلانغان ئالدامچىلىق تېلېفونىنى تاپشۇرۇپ ئالدى
 
سۈن خانىم مۇنداق دېدى: «مەن ئىلگىرى دۆلەتلىك ئالدامچىلىققا قارشى تۇرۇش مەركىزىنىڭ APP سىنى چۈشۈرۈپ ئىشلەتكەن، كېيىن ئىچكى ساقلىغۇچتا ئورۇن ئىگىلەپ كېتىدىكەن دەپ ئويلاپ يۇيۇۋەتكەنىدىم، ھېلىمۇ ياخشى سىلەر ۋاقتىدا بايقاپسىلەر. بۇ قېتىم ھوشيارلىقىم ئاشتى».
سۈن خانىمنىڭ ئۇچرىغىنى تىپىك «پۇل قايتۇرۇش» تۈرىدىكى ئالدامچىلىق بولۇپ، شۇ كۈنى چۈشتىن كېيىن ئۇ ئۆزىنى مەلۇم تەربىيەلەش ئاپپاراتىنىڭ خېرىدارلار مۇلازىمەتچىسى دەپ ئاتىۋالغان بىرەيلەننىڭ تېلېفونىنى تاپشۇرۇۋالدى. سۈن خانىمنىڭ بالىسى ئىلگىرى بۇ تەربىيەلەش ئاپپاراتىغا تىزىملاتقان بولۇپ، كېيىن بۇ ئاپپارات تىجارەت مەسىلىسى سەۋەبىدىن يوقىلىپ كەتكەنىدى.
قارشى تەرەپ تەشەببۇسكارلىق بىلەن ئالاقىلىشىپ «ھەق قايتۇرۇش»نى ئېيتتى ۋە سۈن خانىمنى ئالدامچىلىققا چېتىشلىق APP نى چۈشۈرۈشكە يېتەكلىدى، سۈن خانىم بۇنىڭغا ئىشىنىپ قالغانىدى. 

سۈرەت: ساختا خېرىدارلار مۇلازىمەتچىسى تەربىيەلەش ئاپپاراتىنىڭ پۇل قايتۇرىدىغانلىقىنى ئېيتىپ، سۈن خانىمنى ئالدامچىلىققا چېتىشلىق APP نى چۈشۈرۈشكە يېتەكلىدى 
كېيىن، ساختا خېرىدارلار مۇلازىمەتچىسى سۈن خانىمنى «ھەق قايتۇرۇش» QQ توپىغا باشلاپ كىرىپ، ئۇنى مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇرلىرىنى ئاشكارىلاشقا يېتەكلىدى. بەختكە يارىشا ساقچىخانىدىكى ئالدامچىلىققا قارشى تۇرۇش كۈچلىرىنىڭ ۋاقتىدا نەسىھەت قىلىپ توسۇشى بىلەن، ئۇنىڭ ھېساباتىدىكى 25 مىليون يۈەندىن ئارتۇق پۇل ساقلاپ قېلىندى. 
ساقچىلار مۇنۇلارنى ئەسكەرتتى: «تەربىيەلەش ئاپپاراتلىرىنىڭ پۇل قايتۇرۇش» ئالدامچىلىقىدىن ھوشيار بولۇش كېرەك، مۇشۇنداق ئەھۋالغا يولۇققاندا، ھۆكۈمەت تەرەپ تەمىنلىگەن مۇنتىزىم يوللار ئارقىلىق ۋاقتىدا تەكشۈرۈپ ئېنىقلاش كېرەك.
ئاۋۋال پۇل يۆتكىگەندىن كېيىن ئاندىن پۇل قايتۇرغىلى بولىدۇ دېگەنلەرنىڭ ھەممىسى ئالدامچى.

مەنبە: جۇڭگو رادىيو تورى ئۇيغۇرچە سالونىدىن ئېلىندى.

---

تۆۋەندىكى يازمىلار سىزگە زور نەپ بېرىشى مۇمكىن:

1. 2022-يىللىق ئەڭ قاتتىق نازارەتلىك باشقۇرۇش: 2022-يىلى باج تۈزۈلمىسىدە قانداق ئۆزگىرىش بولىدۇ؟

2. 1997-يىللىق ئاسىيا پۇل-مۇئامىلە كىرىزىسى ئېسىڭىزدىمۇ؟ بۇ قېتىملىق كىرىزىس قانداق كېلىپ چىققان؟

3. دوللارغا ئۆسۈم قوشۇلسا قانداق ئاقىۋەت كېلىپ چىقىدۇ؟ دۆلىتىمىز قانداق تاقابىل تۇرىدۇ؟ شەخسكە قانداق تەسىرى بار؟

4. «مەملىكەت بويىچە بىرلىككە كەلگەن چوڭ بازار» سىياسىتىنى قانداق چۈشىنىمىز؟

5. «مەملىكەت بويىچە بىرلىككە كەلگەن چوڭ بازار» ۋە شەخسنىڭ پۇرسىتى

6. «ئورتاق بېيىش» زادى قانداق گەپ؟ «ئورتاق بېيىش»نىڭ ئادەتتىكى خەلققە قانداق تەسىرى بار؟

7. سىياسىي بىيرونىڭ ئىقتىساد خىزمىتى يىغىنى ۋە 2022-يىللىق ئىقتىساد يۈزلىنىشى

8. دۇنياغا تەسىر كۆرسەتكەن داڭلىق شەخسلەرنىڭ نادىر نوتۇقلىرى

9. ئۆتكەن 5000 كۈندىكى ئۆزگىرىشلەر ۋە كەلگۈسى 5000 كۈندىكى ئۆزگىرىش قىياسى

10. ياپونىيە نېمىشقا ئۆزىنىڭ ئىقتىسادىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشقا جۈرئەت قىلالمايدۇ؟

11. ھەر قانداق ئادەم بىلىشكە تېگىشلىك ئىنتېرنېت تارىخى: ياخۇنىڭ 100 مىليارد دوللارلىق قىممىتىدىن ۋەيران بولغۇچە!

12. تىليونېر: ئېلون ماسكنىڭ شۇنچە زور ئۇتۇق قازىنىشىدىكى سىرى نېمە؟

13. سۈنئىي ھەمراھ زەنجىرى پىلانى ۋە يەر شارىغا يېقىن ئوربېتا بايلىقىنى تالىشىش جېڭى

14. ئىقتىساد ۋە بىز: سىياسىي بىيرونىڭ 2022-يىللىق ئىقتىساد يىغىنى تەھلىلى

15. ئىقتىساد ۋە بىز: مەركەزنىڭ 2022-يىللىق ئىقتىساد يىغىنى--يۈزلىنىش ۋە پۇرسەتلەر

【声明】内容源于网络
0
0
NepKan
竭尽为您解忧,关注我们,解您的忧!
内容 296
粉丝 0
NepKan 竭尽为您解忧,关注我们,解您的忧!
总阅读206
粉丝0
内容296