ئېنىق بولدى! بۇ پۇلنى سىزمۇ ئالالىشىڭىز مۇمكىن!
مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 6-ئاينىڭ 17-كۈنى بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: تومۇز ئىسسىق يېتىپ كېلىش ئالدىدا تۇرىدۇ. دائىملاشقان يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش ۋەزىيىتىدىكى يۇقىرى تېمپېراتۇرىلىق مەشغۇلات ۋە يۇقىرى تېمپېراتۇرىلىق ھاۋارايى مەشغۇلاتىدىكى ئەمگەكنى قوغداش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش، كەسپىي خاراكتېرلىك ئىسسىق ئۆتۈپ كېتىش ۋەقەسىنىڭ ئۈنۈملۈك ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تىزگىنلەش، يۇقىرى تېمپېراتۇرىلىق ھاۋارايى مەشغۇلاتىنىڭ ئەمگەكچىلەرنىڭ سالامەتلىكىگە بولغان زىيىنىنى تۆۋەنلىتىش، كەڭ ئىشچى-خىزمەتچىلەرنىڭ ئەمگەك ساغلاملىقى ھوقۇق-مەنپەئەتىنى ھەقىقىي قوغداش ئۈچۈن، مەملىكەتلىك باش ئىشچىلار ئۇيۇشمىسى يېقىندا «2022-يىللىق ئىشچى-خىزمەتچىلەرنىڭ ئىسسىقتىن مۇداپىئەلىنىش، تېمپېراتۇرىنى تۆۋەنلىتىش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش توغرىسىدىكى ئۇقتۇرۇش»نى بېسىپ تارقىتىپ، ئىشچى-خىزمەتچىلەرنىڭ ئىسسىقتىن مۇداپىئەلىنىش، تېمپېراتۇرىنى تۆۋەنلىتىش خىزمىتىنى ئورۇنلاشتۇردى.
«ئۇقتۇرۇش»تا مۇنۇلار تەلەپ قىلىندى: ھەر دەرىجىلىك ئىشچىلار ئۇيۇشمىلىرى قانۇندا ئىشچىلار ئۇيۇشمىسىغا بېرىلگەن ئاممىۋى نازارەتچىلىك مەسئۇلىيىتىنى ئەستايىدىل ئادا قىلىپ، ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇنلارنىڭ ئىسسىق ئۆتۈپ قېلىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش سۇبيېكتلىق مەسئۇلىيىتىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشىگە ھەيدەكچىلىك قىلىپ، كەسپىي خاراكتېرلىك ئىسسىق ئۆتۈپ كېتىش ۋەقەلىرىنىڭ يۈز بېرىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىشى كېرەك. ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇنلارنىڭ ئىسسىق ئۆتۈپ كېتىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش، تېمپېراتۇرىنى تۆۋەنلىتىش خىزمەت تۈزۈمىنى ئورنىتىپ ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئىسسىق ئۆتۈپ كېتىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش، تېمپېراتۇرىنى تۆۋەنلىتىش خىزمەت لايىھەسى ۋە ئىسسىق ئۆتۈپ كېتىشكە جىددىي تاقابىل تۇرۇش لايىھەسىنى تۈزۈشىگە ھەمكارلىشىشى ۋە ھەيدەكچىلىك قىلىشى كېرەك. ئەمگەكچىلەرگە ۋاكالىتەن يۇقىرى تېمپېراتۇرىدا مەشغۇلات قىلىش ۋە يۇقىرى تېمپېراتۇرىدا مەشغۇلات قىلىشتا ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇن بىلەن باراۋەر كېڭىشىپ، كوللېكتىپ توختام ياكى يۇقىرى تېمپېراتۇرىدا مەشغۇلات قىلىش ۋە يۇقىرى تېمپېراتۇرىدا مەشغۇلات قىلىشتا ئەمگەك مۇھاپىزىتى مەخسۇس كوللېكتىپ توختامى تۈزۈش كېرەك.
ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇنلارنىڭ ئىشلەپچىقىرىش ھۈنەر-سەنئىتى ۋە مەشغۇلات تەرتىپىنى ياخشىلاپ، ئەمگەك شارائىتى ۋە مەشغۇلات مۇھىتىنى ياخشىلاپ، مەشغۇلات ۋاقتىنى مۇۋاپىق ئورۇنلاشتۇرۇپ، ئەمگەك سىجىللىقىنى تۆۋەنلىتىپ، كەسپىي سالامەتلىك تەكشۈرۈشنى تەشكىللەپ، ئىشچى-خىزمەتچىلەرنى زۆرۈر بولغان يەككە مۇھاپىزەت بۇيۇملىرى ۋە يۇقىرى تېمپېراتۇرىلىق مەشغۇلات ئارام ئېلىش سورۇنى بىلەن تەمىنلەپ، بەلگىلىمە بويىچە يۇقىرى تېمپېراتۇرىلىق ياردەم پۇلى تارقىتىشىغا ھەيدەكچىلىك قىلىش كېرەك.
بۇنىڭدىن باشقا، ھەر دەرىجىلىك ئىشچىلار ئۇيۇشمىلىرى يەنە ئىش ئورنىغا، ئەمەلىيەتكە، ئىشچى-خىزمەتچىلەرگە يېقىن تور ۋە تور سىرتى بىرلەشتۈرۈلگەن كەسپىي ساغلاملىق بىلىملىرى تەشۋىق-تەربىيە پائالىيىتىنى چوڭقۇر قانات يايدۇرۇپ، ئىسسىق ئۆتۈپ قېلىشنىڭ ئالدىنى ئېلىشقا ئالاقىدار قانۇن-نىزاملارنى يەنىمۇ ئومۇملاشتۇرۇپ، ئىشچى-خىزمەتچىلەرنىڭ يۇقىرى تېمپېراتۇرىنىڭ زىيىنىنى چۈشىنىشىگە ياردەم بېرىپ، يۇقىرى تېمپېراتۇرىنىڭ زىيىنىدىن مۇداپىئەلىنىش تەدبىرى ۋە يەككە قوغدىنىش ئۇسۇلىنى ئىگىلەپ، ئىشچى-خىزمەتچىلەرنىڭ ئۆزىنى قوغداش ئېڭى ۋە ئىقتىدارىنى ھەقىقىي ئۆستۈرۈپ، ئىشچى-خىزمەتچىلەرنىڭ يازنى تىنچ-ئامان ئۆتكۈزۈشىگە كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر
مەنبە: خەلق تورى
---
تۆۋەندىكى يازمىلار سىزگە زور نەپ بېرىشى مۇمكىن:
1. 2022-يىللىق ئەڭ قاتتىق نازارەتلىك باشقۇرۇش: 2022-يىلى باج تۈزۈلمىسىدە قانداق ئۆزگىرىش بولىدۇ؟
2. 1997-يىللىق ئاسىيا پۇل-مۇئامىلە كىرىزىسى ئېسىڭىزدىمۇ؟ بۇ قېتىملىق كىرىزىس قانداق كېلىپ چىققان؟
4. «مەملىكەت بويىچە بىرلىككە كەلگەن چوڭ بازار» سىياسىتىنى قانداق چۈشىنىمىز؟
5. «مەملىكەت بويىچە بىرلىككە كەلگەن چوڭ بازار» ۋە شەخسنىڭ پۇرسىتى
6. «ئورتاق بېيىش» زادى قانداق گەپ؟ «ئورتاق بېيىش»نىڭ ئادەتتىكى خەلققە قانداق تەسىرى بار؟
7. سىياسىي بىيرونىڭ ئىقتىساد خىزمىتى يىغىنى ۋە 2022-يىللىق ئىقتىساد يۈزلىنىشى
8. دۇنياغا تەسىر كۆرسەتكەن داڭلىق شەخسلەرنىڭ نادىر نوتۇقلىرى
9. ئۆتكەن 5000 كۈندىكى ئۆزگىرىشلەر ۋە كەلگۈسى 5000 كۈندىكى ئۆزگىرىش قىياسى
10. ياپونىيە نېمىشقا ئۆزىنىڭ ئىقتىسادىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشقا جۈرئەت قىلالمايدۇ؟
12. تىليونېر: ئېلون ماسكنىڭ شۇنچە زور ئۇتۇق قازىنىشىدىكى سىرى نېمە؟
13. سۈنئىي ھەمراھ زەنجىرى پىلانى ۋە يەر شارىغا يېقىن ئوربېتا بايلىقىنى تالىشىش جېڭى
14. ئىقتىساد ۋە بىز: سىياسىي بىيرونىڭ 2022-يىللىق ئىقتىساد يىغىنى تەھلىلى
15. ئىقتىساد ۋە بىز: مەركەزنىڭ 2022-يىللىق ئىقتىساد يىغىنى--يۈزلىنىش ۋە پۇرسەتلەر


