大数跨境

بۇ ۋەقەدە 53 ئادەم قازا قىلدى

بۇ ۋەقەدە 53 ئادەم قازا قىلدى NepKan
2022-05-06
0
导读:تەكشۈرۈپ چىقىلغان تۈرلۈك بىخەتەرلىك يوشۇرۇن خەۋپلىرى نۆۋەتتە تۈرگە ئايرىپ ئۆزگەرتىلىۋېتىپتۇ.

نەق مەيداندىكىلەر سۈكۈتتە تۇرۇپ، قازا قىلغانلارغا تەزىيە بىلدۈردى
6-ماي، مۇخبىرنىڭ خۇنەن ئۆلكىسى چاڭشا شەھىرىدىكى ئاھالىلەر ئۆزى سېلىۋالغان بىنا ئۆرۈلۈپ چۈشۈش ۋەقەسى توغرىسىدىكى ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدىن ئىگىلىشىچە، چاڭشا شەھىرىدىكى ئاھالىلەرنىڭ ئۆزى سېلىۋالغان بىنا ئۆرۈلۈپ چۈشۈش ۋەقەسى نەق مەيدانىدىكى قۇتقۇزۇش خىزمىتى ئاخىرلاشقان. بۇ ۋەقەدە 53 ئادەم قازا قىلغان، جەمئىي 10 ئادەم قۇتقۇزۇۋېلىنغان.

5-ماي سائەت نۆلدە، خۇنەن ئۆلكىسى چاڭشا شەھىرىدىكى ئاھالىلەر ئۆزى سېلىۋالغان بىنا ئۆرۈلۈپ چۈشۈش ۋەقەسىدە قاپسىلىپ قالغان 10-كىشى قۇتقۇزۇۋېلىندى. شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى چېن سىخەن فوتوسى
جەنۇب شەھەر گېزىتىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، 29-ئاپرېل سائەت 12 ئەتراپىدا، چاڭشا شەھىرى ۋاڭچېڭ رايونى جىنشەنچياۋ كوچا باشقارمىسى جىنپىڭ مەھەللىسى تەۋەسىدىكى ئاھالىلەر ئۆزى سېلىۋالغان بىر بىنا ئۆي ئۆرۈلۈپ چۈشكەن. نەق مەيداندا جىددىي قۇتقۇزۇش مۇتەخەسسىسلەر گۇرۇپپىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى چېن داچۈەن تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېگەن: بۇ قېتىمقى ۋەقەدە ئۆي گۈمۈرۈلۈپ چۈشكەن بولۇپ، قۇرۇلۇش ئەخلەتلىرىنىڭ ھەممىسى ئىچىگە دۆۋىلىنىپ قالغان، قاپسىلىپ قالغانلارنىڭ ياشاش بوشلۇقى ناھايىتى كىچىك، ھەمدە قۇرۇلۇش پارچىلىرى ناھايىتى كۆپ، شۇڭا قېزىش-كولاش جەريانىدا، سەللا دىققەت قىلمىسا يەنە گۈمۈرۈلۈپ زەخىملىنىش كېلىپ چىقىشى مۇمكىن.

3-ماي، خۇنەن ئۆلكىسى چاڭشا شەھەرلىك پارتكوم، شەھەرلىك ھۆكۈمەت ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئېچىپ، قۇتقۇزۇش خىزمىتى نەق مەيدانىدىكى ئەھۋالغا ئاساسەن، قۇتقۇزۇش لايىھەسىنى ۋاقتىدا تەڭشەپ، ئىككىلەمچى ئاپەت يۈز بېرىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش بىلەن بىر ۋاقىتتا، ئۆرۈلۈپ چۈشكەن ئىمارەتنىڭ قۇرۇلمىسىنى قاتلاممۇقاتلام ئايرىپ، ھەمدە ھاياتلىق ئالامەتلىرىنى تەكشۈرۈپ، «بىر قەۋەتنى ئاجرىتىپ چىققاندا بىر قېتىم تەكشۈرۈش»نى ئىشقا ئاشۇرۇپ، ھاياتلىقنى قۇتقۇزىدىغان ھەرقانداق پۇرسەتنى ھەرگىز قولدىن بەرمەسلىكنى ئورۇنلاشتۇردى.

3-ماي سائەت 4 تىن 15 مىنۇت ئۆتكەندە، ۋەقە يۈز بېرىپ 88 سائەتتىن كېيىن، قاپسىلىپ قالغان 9-كىشى قۇتقۇزۇۋېلىنغان. 4-ماي، جەنۇب شەھەر گېزىتى مۇخبىرىنىڭ خۇنەن ئوت ئۆچۈرۈش ئەترىتىدىن ئىگىلىشىچە، بۇ 21 ياشلىق قىز قاپسىلىپ قالغاندىن كېيىن، يېنىدا بار بولغان يېرىم چەينەك سۇ، يوتقان، يانفون قاتارلىق بۇيۇملارنى پىلانلىق ئىشلىتىپ، ھاياتىدىن ئۈمىد ئۈزمەي تىرىشچانلىق كۆرسەتكەن، ئاخىرىدا قۇتقۇزۇپ قېلىنغان.
5-ماي سەھەردە، 10-كىشى قۇتقۇزۇۋېلىنغان. شۇ كۈنى كەچتىكى ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا ئاشكارىلىنىشىچە، 5-ماي سائەت 16گىچە، قۇتقۇزۇۋېلىنغان 10 كىشى دوختۇرخانىغا ئاپىرىپ قۇتقۇزۇلغان. نۆۋەتتە، بۇ 10 كىشىنىڭ ئىچىدىكى بىرەيلەن تېخى خەتەرلىك مەزگىلدە تۇرۇۋاتىدۇ، باشقا 9 كىشىنىڭ كېسەللىك ئەھۋالى تۇراقلاشقان، تۈرلۈك كىلىنىكىلىق كۆرسەتكۈچلىرى ياخشىلىنىشقا قاراپ يۈزلەنگەن.
مەركىزىي تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىنىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا، چاڭشادا تۇرالغۇ ۋە شەھەر-يېزا قۇرۇلۇشى ساھەسىدىكى بىخەتەرلىك يوشۇرۇن خەۋپلىرىنى تەكشۈرۈش-تۈزەش ئومۇميۈزلۈك قانات يايدۇرۇلىدىكەن. 4-مايغىچە، تەكشۈرۈپ چىقىلغان ئاھالىلەر ئۆزلىرى سېلىۋالغان ئۆي 403 مىڭ 359 يۈرۈش بولۇپ، تەكشۈرۈپ چىقىلغان تۈرلۈك بىخەتەرلىك يوشۇرۇن خەۋپلىرى نۆۋەتتە تۈرگە ئايرىپ ئۆزگەرتىلىۋېتىپتۇ.

مەنبە: جۇڭگو رادىيو تورى ئۇيغۇرچە سالونىدىن ئېلىندى.

ئالاھىدە تەۋسىيە: 

بۇ يەرنى بېسىپ ھادىسە تۈسىنى ئالغان نادىر كىتاب «ئىقتىساد تەپەككۇرى»نى ئوقۇڭ!
بۇ يەرنى بېسىپ ئىگىلىك تىكلەش دەستۇرى دەپ ئاتالغان نادىر كىتاب «0 دىن 1 گە» نى ئوقۇڭ!
بۇ يەرنى بېسىپ «ئۆزۈڭ ياخشى كۆرگەنگە ئۆزۈڭنى قەدىرلەت! (ئەڭ يېڭى كىتاب)» دېگەن كىتابنى كۆرۈڭ!
بۇ يەرنى بېسىپ «بىر يىلىڭىزدىن 8760 سائەت» ناملىق كىتابنى ئوقۇڭ!
بۇ يەرنى بېسىپ «ھاياتلىقتىكى 84000 خىل ئېھتىماللىق» دېگەن كىتابنى ئوقۇڭ!
بۇ يەرنى بېسىپ «كەلگۈسى ئۈچۈن يېزىلغان خەتلەر» ناملىق كىتابنى ئوقۇڭ!
【声明】内容源于网络
0
0
NepKan
竭尽为您解忧,关注我们,解您的忧!
内容 296
粉丝 0
NepKan 竭尽为您解忧,关注我们,解您的忧!
总阅读206
粉丝0
内容296