大数跨境

خەتەرلىك! بىر پارچە رەسىم قانچىلىك سىرنى ئاشكارىلاپ قويالايدۇ؟

خەتەرلىك! بىر پارچە رەسىم قانچىلىك سىرنى ئاشكارىلاپ قويالايدۇ؟ NepKan
2022-05-29
0
导读:يېقىندا، «بىر پارچە رەسىم قانچىلىك سىرنى ئاشكارىلاپ قويالايدۇ» دېگەن تېما قىزىق ئىزدەلگەن تېمىلار قا



شەخسىي سىرنى قوغداش ئېڭىنىڭ ئۆسۈشىگە ئەگىشىپ، كۆپچىلىك تېلېفون نومۇرى، ئادرېسى، كىملىك ئۇچۇرى قاتارلىق كۆرگىلى بولىدىغان شەخسىي سىرغا ئالاھىدە دىققەت قىلىدىغان بولدى. لېكىن پاراڭلىشىش جەريانىدا ئەسلى رەسىم يوللاش قاتارلىق كۆرگىلى بولمايدىغان شەخسىي سىرغا قارىتا تېخى ئۇنچە دىققەت قىلمايدۇ.

يېقىندا، «بىر پارچە رەسىم قانچىلىك سىرنى ئاشكارىلاپ قويالايدۇ» دېگەن تېما قىزىق ئىزدەلگەن تېمىلار قاتارىدىن ئورۇن ئالدى. بۇ، كىشىلەرنىڭ دىققىتىنى تارتتى ۋە قىزغىن مۇنازىرىسىنى قوزغىدى.



سىز توپتا پاراڭلىشىش جەريانىدا «ئەسلى رەسىم» يوللاپ باقتىڭىزمۇ؟


توپتا پاراڭلاشقاندا خالىغانچە ئەسلى رەسىمنى تاللاپ ئەۋەتسىڭىز، سىز ئەۋەتكەن بۇ ئەسلى رەسىم ئۆيىڭىزنىڭ ئادرېسى قاتارلىق ئۇچۇرلارنى ئاشكارىلاپ قويىدۇ!

ئەمەلىيەتتە توپتا پاراڭلىشىش جەريانىدا ئەسلى رەسىمنى يوللاشتىن باشقا، قىسقا ئۇچۇر، ئېلېكتىرونلۇق پوچتا يوللانمىسى ياكى باشقا ئۇچۇر يوللاش دېتاللىرىدا ئەسلى رەسىم يوللىغاندىمۇ قوشۇمچە ئۇچۇرلار تەڭ يوللىنىدۇ.

كۈندىلىك تۇرمۇشىمىزدا بىز يانفوننىڭ ئاپپاراتى ئارقىلىق تۇرمۇشىمىزنى خاتىرىلەيمىز، ئەمەلىيەتتە ھەربىر پارچە سۈرەتتە Exif تەپسىلىي ئۇچۇرلىرى بار (رەقەملىك سۈرەتنىڭ خاس ئۇچۇرلىرى ۋە تارتىلغان سانلىق مەلۇماتلىرى خاتىرىلىنىدۇ).

سىز ئەسلى رەسىمنى يوللىغاندىن كېيىن، سۈرەتتىكى Exif ئۇچۇرلىرىمۇ رەسىم بىلەن تەڭ يوللىنىدۇ. ھەرقانداق ئادەم بۇنىڭ ئىچىدىكى يانفون تىپى، كۆرۈنۈش پارامېتىرى، سۈرەتكە ئېلىنغان ۋاقتى ۋە جۇغراپىيەلىك ئورىنى قاتارلىق ئۇچۇرلارغا ئېرىشەلەيدۇ.

مەسىلەن، سىز ئۆز ئۆيىڭىزنىڭ بالكوندا تۇرۇپ بىر پارچە مەنزىرە رەسىم تارتىپ، بۇنى ئەسلى رەسىم بويىچە توپقا ئەۋەتسىڭىز، بۇ توپتىكى بارلىق ناتونۇش كىشىلەر ئۆيىڭىزنىڭ GPS ئورۇن سانلىق مەلۇماتىغا ئېرىشەلەيدۇ. ھەتتا سۈرەتكە ئېلىش ۋاقتى ۋە سۈرەتكە ئېلىش نۇقتىسىنى ئانالىز قىلىش ئارقىلىق ئۆيىڭىزنىڭ بىنا قەۋەت سانى ۋە ئىشىك نومۇرىغا توغرا ھۆكۈم قىلالايدۇ.

ئوخشاشلا، قىسقا ئۇچۇر ياكى ئېلېكتىرونلۇق پوچتا يوللانمىسى ئارقىلىق يوللانغان ئەسلى رەسىمدىنمۇ بۇ ئۇچۇرلار ئاشكارىلىنىدۇ


بۇ خىل مەسىلىلەردىن قانداق ساقلىنىش كېرەك؟


ئەسلى رەسىمنىڭ مەخپىيەتلىكنى ئاشكارىلاپ قويۇشىدىن قانداق ساقلىنىش كېرەك؟ بىرىنچىدىن، ناتونۇش كىشىلەر بىلەن توپتا پاراڭلاشقاندا شەخسىي سىرنى قوغداش ئېڭىنى تۇرغۇزۇش، ئامال بار ئەسلى رەسىم يوللىماسلىق، يوللىغاندىمۇ ئامال بار ئەسلى رەسىمنى تاللىماسلىق كېرەك. ئىككىنچىدىن، بۇ خىل ئەھۋالغا قارىتا، قىسمەن يان تېلېفون زاۋۇتلىرى شەخسىي سىر ئاشكارىلىنىپ كېتىش خەتىرىگە دىققەت قىلىپ، مەشغۇلات سىستېمىسى قاتلىمىدا شەخسىي سىر بىخەتەرلىكى بويىچە ئۆچۈرۈش ئىقتىدارى بىلەن تەمىنلىدى، ئىشلەتكۈچىلەرنىڭ ئالاقە تورىدا تېخىمۇ بىخەتەر ئىجتىمائىي ئالاقە ئېلىپ بېرىشىغا ياردەم بەردى.


ئۈندىدار گۇرۇپپىسى بۇنىڭدىن ئىلگىرى بۇ ھەقتە ئىنكاس قايتۇرغان ئىدى


بۈگۈنكى كۈندە، ھەرقانداق ئەقلىي ئىقتىدارلىق يانفوندا تارتىلغان رەسىمنىڭ ھەممىسىدە Exif پارامېتىرى بار،GPS  يەرشارى ئورۇن بەلگىلەش سىستېمىسىنىڭ سانلىق مەلۇماتى ئارقىلىق سۈرەتتىكى ئورۇن، ۋاقىت قاتارلىق ئۇچۇرلارنى خاتىرىلىگىلى بولىدۇ. سىز ئۈندىدار، قىسقا ئۇچۇر، ئېلېكتىرونلۇق پوچتا يوللانمىسى ياكى باشقا ھەرقانداق ئۇچۇر يوللاش دېتاللىرى ئارقىلىق ئەسلى رەسىمنى يوللىغىنىڭىزدا، رەسىمدىكى قوشۇمچە ئۇچۇرلار رەسىم بىلەن تەڭ يوللىنىدۇ. بىراق، دوستلار چەمبىرىكىگە يوللانغان رەسىملەرنىڭ ھەممىسى سىستېمىدا ئاپتوماتىك پىرېسلىنىدىغان بولغاچقا، دوستلار چەمبىرىكىدىكى رەسىمدە ئورۇن قاتارلىق ئۇچۇرلار بولمايدۇ.

ئەگەر بۇنىڭدىن ئەندىشە قىلسىڭىز، ئەسلى رەسىم يوللاشتىن ساقلانسىڭىز ياكى ئورۇن بەلگىلەش ئىقتىدارىنى تاقىۋەتسىڭىز بولىدۇ. بۇنىڭدىن ساقلىنىشتا يەنە بىر كارامەت ئۇسۇل بار، ئۇ بولسىمۇ رەسىمنى ئۆزگەرتىش.

قىسقىسى، بۇ مەسىلىنى ھەل قىلىشنىڭ ئۇسۇلى ناھايىتى ئاددىي:

1. ئەسلى رەسىم يوللاشتىن ساقلىنىش؛

2. ئەگەر يوللاش زۆرۈر بولسا، يانفوننىڭ ئورۇن بەلگىلەش ئىقتىدارىنى ئېتىۋېتىش؛

3. رەسىمنى ئۆزگەرتىش


گەرچە بىر قىسىم تورداشلار شەخسىي سىرىنىڭ ئاشكارىلىنىپ قېلىشىدىن ئەندىشە قىلغان بولسىمۇ، لېكىن خېلى كۆپ قىسىم تورداشلار بۇنىڭغا قارىتا يەنىلا ئۆزىنى تەمكىن تۇتتى.


مەندىن ئەسلى رەسىم يوللاشنى تەلەپ قىلغانلارنىڭ ھەممىسىنى تونۇيمەن

شەخسىي سىرنى قوغداشتا بىخەستەلىك قىلىشقا بولمايدۇ، 

بىز يەنىلا سىزنى ھوشيار بولۇشقا ئەسكەرتىمىز!


شەخسىي سىر ئاشكارىلىنىپ كېتىشنىڭ ئالدىنى ئېلىشتا بۇ تۆت نۇقتىنى ئەستە چىڭ تۇتۇش كېرەك:

1. پاراڭلاشقاندا شەخسىي سىرنى ساقلاشقا دىققەت قىلىش كېرەك

توردا پاراڭلىشىش دېتاللىرى ياش-ئۆسمۈرلەر ئارىسىدىكى ئالاقىدە ناھايىتى زور قولايلىقلارنى ئېلىپ كەلدى. ئۇلار دائىم پاراڭلىشىش خاتىرىسىنى تارقىتىپ، ئۆزىنىڭ شۇ ۋاقىتتىكى كەيپىياتىنى باشقىلار بىلەن ئورتاقلىشىدۇ. لېكىن ئىسىم، باش سۈرەت ۋە سەزگۈر ئۇچۇرلارغا موزايكا چاپلاشنى ئۇنتۇپ قېلىش سەۋەبلىك شەخسىي سىر ئاشكارىلىنىپ كېتىشى مۇمكىن. شۇڭا سەزگۈر ئۇچۇرلارغا چوقۇم موزايكا چاپلاپ يوشۇرۇش كېرەك.

2. سۈرەتلەرنى ھەمبەھىرلىگەندە سەزگۈر ئۇچۇرلارنى يوقىتىش بويىچە بىر تەرەپ قىلىش كېرەك.

ئۆزىمىزنىڭ كۈندىلىك تۇرمۇشىمىزنى باشقىلار بىلەن ئورتاقلاشساق بولىدۇ، لېكىن خۇشاللىقتىن ھەمبەھىرلىنىش بىلەن بىر ۋاقىتتا شەخسىي سىرىمىزنى ساقلاشنى ئۇنتۇپ قالماسلىقىمىز كېرەك. ناتونۇش كىشىلەرگە ئەسلى رەسىمنى يوللاپ بەرمەسلىكىمىز، بەك كۆپ ئۇچۇرلارنى ئاشكارىلىماسلىقىمىز كېرەك.

3. ئالبومنىڭ يوشۇرۇش ئىقتىدارىنى ئېچىش كېرەك

ھەر قېتىم ھېيت-بايراملار يېتىپ كەلگەندە، بىر قىسىم ئۈچىنچى تەرەپ ئەپ دېتاللىرى خاراكتېر سىناش، ئەخلاق-پەزىلەت تەكشۈرۈش قاتارلىق شەكىللەر ئارقىلىق، ئابۇنىتلارنىڭ ھوقۇق بېرىشى بىلەن ئالبوم ئۇچۇرلىرىغا ئېرىشىدۇ. كۆپ ھاللاردا ياش-ئۆسمۈرلەر بۇنىڭغا دىققەت قىلمايلا ئۇلارنىڭ ئۇچۇر توپلاش قىلتىقىغا چۈشۈپ قالىدۇ. بۇنداق مەسىلىلەرگە قارىتا، ئابۇنىتلار رەسىم ئامبىرىدىن ئالبومنى يوشۇرۇش ئىقتىدارىنى تېپىپ، بۇ ئىقتىدارنى ئېچىپ قويۇشى ھەمدە شەخسىي سىرغا چېتىلىدىغان رەسىملەرنى يوشۇرۇن ئالبومدا ساقلىشى كېرەك، بۇنداق قىلغاندا ئەپ دېتاللارنىڭ ئالبومنى ئوقۇغاندا شەخسىي سىر ئوغرىلىشىنىڭ ئالدىنى ئالغىلى بولىدۇ.

4. ئەپ دېتالى چۈشۈرگەندە پەرقلەندۈرۈشكە دىققەت قىلىش كېرەك

قانۇنسىز بېكەتلەرگە كىرىپ ئەپ دېتال چۈشۈرۈشتىن ساقلىنىش كېرەك. بۇ يامان غەرەزلىك ئەپ دېتاللار ئارقا سۇپىدا ئىشلەتكۈچىلەرنىڭ ئورۇن ئۇچۇرى، سۆزلىشىش خاتىرىسى، تېلېفون نومۇرى ۋە قىسقا ئۇچۇرلىرىنى توپلايدۇ ھەمدە بۇ ئۇچۇرلارنى بەلگىلەنگەن مۇلازىمىتېرغا يوللاش ئارقىلىق ئالدامچىلىق قىلىش قاتارلىق جىنايى ھەرىكەتلەرنى ئېلىپ بارىدۇ. 

شۇڭلاشقا ئەپ دېتال چۈشۈرۈش زۆرۈر بولغاندا، ئامال بار ئورگان ئەپ دېتال بازىرىدىن چۈشۈرۈش كېرەك.

مەنبە: جۇڭگو رادىيو تورى ئۇيغۇرچە سالونىدىن ئېلىندى.

---

تۆۋەندىكى يازمىلار سىزگە زور نەپ بېرىشى مۇمكىن:

1. 2022-يىللىق ئەڭ قاتتىق نازارەتلىك باشقۇرۇش: 2022-يىلى باج تۈزۈلمىسىدە قانداق ئۆزگىرىش بولىدۇ؟

2. 1997-يىللىق ئاسىيا پۇل-مۇئامىلە كىرىزىسى ئېسىڭىزدىمۇ؟ بۇ قېتىملىق كىرىزىس قانداق كېلىپ چىققان؟

3. دوللارغا ئۆسۈم قوشۇلسا قانداق ئاقىۋەت كېلىپ چىقىدۇ؟ دۆلىتىمىز قانداق تاقابىل تۇرىدۇ؟ شەخسكە قانداق تەسىرى بار؟

4. «مەملىكەت بويىچە بىرلىككە كەلگەن چوڭ بازار» سىياسىتىنى قانداق چۈشىنىمىز؟

5. «مەملىكەت بويىچە بىرلىككە كەلگەن چوڭ بازار» ۋە شەخسنىڭ پۇرسىتى

6. «ئورتاق بېيىش» زادى قانداق گەپ؟ «ئورتاق بېيىش»نىڭ ئادەتتىكى خەلققە قانداق تەسىرى بار؟

7. سىياسىي بىيرونىڭ ئىقتىساد خىزمىتى يىغىنى ۋە 2022-يىللىق ئىقتىساد يۈزلىنىشى

8. دۇنياغا تەسىر كۆرسەتكەن داڭلىق شەخسلەرنىڭ نادىر نوتۇقلىرى

9. ئۆتكەن 5000 كۈندىكى ئۆزگىرىشلەر ۋە كەلگۈسى 5000 كۈندىكى ئۆزگىرىش قىياسى

10. ياپونىيە نېمىشقا ئۆزىنىڭ ئىقتىسادىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشقا جۈرئەت قىلالمايدۇ؟

11. ھەر قانداق ئادەم بىلىشكە تېگىشلىك ئىنتېرنېت تارىخى: ياخۇنىڭ 100 مىليارد دوللارلىق قىممىتىدىن ۋەيران بولغۇچە!

12. تىليونېر: ئېلون ماسكنىڭ شۇنچە زور ئۇتۇق قازىنىشىدىكى سىرى نېمە؟

13. سۈنئىي ھەمراھ زەنجىرى پىلانى ۋە يەر شارىغا يېقىن ئوربېتا بايلىقىنى تالىشىش جېڭى

14. ئىقتىساد ۋە بىز: سىياسىي بىيرونىڭ 2022-يىللىق ئىقتىساد يىغىنى تەھلىلى

15. ئىقتىساد ۋە بىز: مەركەزنىڭ 2022-يىللىق ئىقتىساد يىغىنى--يۈزلىنىش ۋە پۇرسەتلەر

【声明】内容源于网络
0
0
NepKan
竭尽为您解忧,关注我们,解您的忧!
内容 296
粉丝 0
NepKan 竭尽为您解忧,关注我们,解您的忧!
总阅读206
粉丝0
内容296