
يېقىندا چۇڭچىڭ شەھىرى ئاھالىسى يى ئەپەندى ئاۋارىچىلىككە يولۇقتى. يى ئەپەندىنىڭ ئوغلى ئاۋىياتسىيە شۆيۈەنىگە ئۆتكەن ئىدى، ئەمما يى ئەپەندىنىڭ ئىشەنچ دەرىجىسىدە مەسىلە كۆرۈلگەچكە ئوغلىنىڭ ئالىي مەكتەپتە ئوقۇشىغا تەسىر يەتتى.
يى ئەپەندى سوت مەھكىمىسىگە بېرىپ سۈرۈشتۈرگەندىن كېيىن، 2008-يىلى ئۆزىنىڭ قاتناش قائىدىسىگە خىلاپلىق قىلغان قىلمىشىنى بىر تەرەپ قىلمىغانلىقتىن، لەۋزىدە تۇرمىغانلار تىزىملىكىگە كىرگۈزۈلگەنلىكىنى بايقىدى.

يى ئەپەندىنىڭ ئېيتىشىچە، ئەينى چاغدا ئۇ بىر خوجايىننىڭ ماشىنىسىنى ھەيدەيدىكەن، جەرىمانىنى ئىزچىل غوجايىنى تۆلەيدىكەن. كېيىن ئۆزى سىرتقا چىقىپ ئىشلەمچىلىك قىلغان، ئايروپىلان ۋە پويىزغا ئولتۇرۇپ باقمىغاچقا، ھەم بانكىدىن قەرز ئېلىپ باقمىغاچقا يى ئەپەندى بۇ ئىشقا ئەھمىيەت بەرمىگەن.
يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيول قانۇن ئىجرا قىلىش تارماقلىرى كۆپ تەرەپتىن تەكشۈرۈپ ئىسپاتلىغاندىن كېيىن دېلونى بېكىتكەن. يى ئەپەندى جەرىمانە تۆلىگەن.

كېيىنكى قەدەمدە، بالىسىنىڭ ئوقۇشىغا تەسىر يەتكۈزمەسلىك ئۈچۈن، قانۇن ئىجرا قىلىش تارماقلىرى يەرلىك سوت مەھكىمىسى بىلەن ئالاقىلىشىپ، يى ئەپەندىنىڭ ئىشەنچ دەرىجىسىنى ئەسلىگە كەلتۈرىدۇ.
لەۋزىدە تۇرمىغانلارنىڭ پەرزەنتلىرى مەكتەپتە ئوقۇيالمامدۇ؟
«ئالىي خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ ئىجرا قىلدۇرۇلغۇچىلارنىڭ يۇقىرى ئىستېمالى ۋە ئالاقىدار ئىستېمالىغا چەك قويۇش توغرىسىدىكى بىرقانچە بەلگىلىمىسى»نىڭ 3-ماددا 7-تارمىقىدىكى بەلگىلىمىگە ئاساسەن، ئاتا-ئانىلار لەۋزىدە تۇرمىغان ئىجرا قىلدۇرۇلغۇچى بولسا، پەرزەنتلىرى يۇقىرى ھەق ئالىدىغان خۇسۇسىي مەكتەپتە ئوقۇسا بولمايدۇ.
بىر تەرەپتىن لەۋزىدە تۇرمىغان ئىجرا قىلدۇرۇلغۇچى قاتارىغا كىرگۈزۈلۈپ، يەنە بىر تەرەپتىن پەرزەنتلىرىگە يۇقىرى ھەق ئالىدىغان پۇقراۋى مەكتەپ مۇلازىمىتى سېتىۋالسا، بۇ ئېنىقلا شەكلى ئۆزگەرگەن يۇقىرى ئىستېمال ھېسابلىنىدۇ.
ئادەتتىكى ئالىي مەكتەپلەرگە كەلسەك، ئىمتىھان بەرگۈچى لەۋزىدە تۇرمىغان ئىجرا قىلدۇرۇلغۇچىنىڭ پەرزەنتى بولسا ئۇلارنىڭ مەكتەپكە كىرىپ ئوقۇشى رەت قىلىنمايدۇ. لېكىن، قىسمەن سىياسىي تەكشۈرۈشى قاتتىق بولغان مەكتەپلەرگە نىسبەتەن ئېيتقاندا، لەۋزىدە تۇرمىغان ئىجرا قىلدۇرۇلغۇچىنىڭ پەرزەنتلىرى سالاھىيەت تەكشۈرۈشتىن ئۆتەلمەسلىكى مۇمكىن.
لەۋزىدە تۇرمىغان ئىجرا قىلدۇرۇلغۇچىلارنىڭ پەرزەنتلىرىنىڭ مەكتەپكە كىرىپ يۇقىرى ئوقۇش پۇلى تۆلىشىنى مەنئى قىلىشنىڭ دەسلەپكى مەقسىتى، ئىجرا قىلدۇرۇلغۇچىنى كۈچكە ئىگە قانۇن ھۆججىتىدە بېكىتىلگەن مەجبۇرىيىتىنى تېزدىن ئادا قىلىشقا دەۋەت قىلىشتۇر، ھەرگىزمۇ بالىلارنىڭ تەربىيەلىنىشتىكى ھەققانىي ھوقۇقىنى چەكلەش ئەمەس.
لەۋزىدە تۇرمىغان ئىجرا قىلدۇرۇلغۇچىلار قاتارىغا كىرگۈزۈلگەن ، بالىلارنىڭ ئۆگىنىش ۋە تۇرمۇشىغا تەسىر يەتكۈزۈشىدىن ساقلىنىش ئۈچۈن قانۇندا بەلگىلەنگەن مەجبۇرىيىتىنى تەشەببۇسكارلىق بىلەن ئادا قىلىشى كېرەك.
ئالاھىدە ئەسكەرتىش
كۆپچىلىككە ئەسكەرتىشكە تېگىشلىكى شۇكى، لەۋزىدە تۇرمىغان ئىجرا قىلدۇرۇلغۇچى تىزىملىكتىن چىقىپ كېتەلەيدۇ، ئەگەر تۆۋەندىكى ئەھۋالغا ئۇيغۇن كەلسە، ئىجرا قىلغۇچى سوت مەھكىمىسىگە لەۋزىدە تۇرمىغان ئىجرا قىلدۇرۇلغۇچىلار تىزىملىكىدىن چىقىرىۋېتىشنى ئىلتىماس قىلسا بولىدۇ:
(1) كۈچكە ئىگە قانۇن ھۆججىتىدە بەلگىلەنگەن مەجبۇرىيەتنى تولۇق ئادا قىلغان بولسا؛
(2) ئىجرانى ئىلتىماس قىلغۇچى بىلەن ئىجرادا كېلىشىم ھاسىل قىلغان ھەمدە ئىجرانى ئىلتىماس قىلغۇچى ئادا قىلىپ بولغانلىقىنى ئېتىراپ قىلغان بولسا؛
(3) خەلق سوت مەھكىمىسى قانۇن بويىچە كېسىم چىقىرىپ ئىجرانى ئاياغلاشتۇرغان بولسا.
مەنبە: جۇڭگو رادىيو تورى ئۇيغۇرچە سالونىدىن ئېلىند
---
تۆۋەندىكى يازمىلار سىزگە زور نەپ بېرىشى مۇمكىن:
1. 2022-يىللىق ئەڭ قاتتىق نازارەتلىك باشقۇرۇش: 2022-يىلى باج تۈزۈلمىسىدە قانداق ئۆزگىرىش بولىدۇ؟
2. 1997-يىللىق ئاسىيا پۇل-مۇئامىلە كىرىزىسى ئېسىڭىزدىمۇ؟ بۇ قېتىملىق كىرىزىس قانداق كېلىپ چىققان؟
4. «مەملىكەت بويىچە بىرلىككە كەلگەن چوڭ بازار» سىياسىتىنى قانداق چۈشىنىمىز؟
5. «مەملىكەت بويىچە بىرلىككە كەلگەن چوڭ بازار» ۋە شەخسنىڭ پۇرسىتى
6. «ئورتاق بېيىش» زادى قانداق گەپ؟ «ئورتاق بېيىش»نىڭ ئادەتتىكى خەلققە قانداق تەسىرى بار؟
7. سىياسىي بىيرونىڭ ئىقتىساد خىزمىتى يىغىنى ۋە 2022-يىللىق ئىقتىساد يۈزلىنىشى
8. دۇنياغا تەسىر كۆرسەتكەن داڭلىق شەخسلەرنىڭ نادىر نوتۇقلىرى
9. ئۆتكەن 5000 كۈندىكى ئۆزگىرىشلەر ۋە كەلگۈسى 5000 كۈندىكى ئۆزگىرىش قىياسى
10. ياپونىيە نېمىشقا ئۆزىنىڭ ئىقتىسادىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشقا جۈرئەت قىلالمايدۇ؟
12. تىليونېر: ئېلون ماسكنىڭ شۇنچە زور ئۇتۇق قازىنىشىدىكى سىرى نېمە؟
13. سۈنئىي ھەمراھ زەنجىرى پىلانى ۋە يەر شارىغا يېقىن ئوربېتا بايلىقىنى تالىشىش جېڭى
14. ئىقتىساد ۋە بىز: سىياسىي بىيرونىڭ 2022-يىللىق ئىقتىساد يىغىنى تەھلىلى
15. ئىقتىساد ۋە بىز: مەركەزنىڭ 2022-يىللىق ئىقتىساد يىغىنى--يۈزلىنىش ۋە پۇرسەتلەر


