ئالاھىدە خوش خەۋەر:
ئەڭ يېڭى نادىر كىتاب «مالىيە تەپەككۇرى»نىڭ تەرجىمىسى ئېلان قىلىندى. بۇ يەرنى بېسىپ پايدىلىنىڭ!

چەكلەنگەن بۇيۇملار ۋە ساختا بۇيۇملار ئۇچۇرىنى ئېلان قىلغان شەخسىي ئۈندىدار نومۇرلىرىغا زەربە بېرىلىدۇ
خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 6-ئاينىڭ 19-كۈنى بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ئۈندىدار بىخەتەرلىك مەركىزى سالونىنىڭ 16-چېسلادىكى خەۋىرىدە قەيت قىلىنىشىچە، شەخسىي ئۈندىدار نومۇرىدا ئۇچۇر ئېلان قىلىش ھەرىكىتىنى قېلىپلاشتۇرۇش ئۈچۈن، چەكلەنگەن بۇيۇملار ۋە ساختا بۇيۇملارنىڭ ئۇچۇرىنى ئېلان قىلغان شەخسىي نومۇرلارغا زەربە بېرىش كۈچەيتىلىدىكەن.
ئۈندىدار كوللېكتىپىنىڭ ئىستاتىستىكىسىغا قارىغاندا، 2022-يىل 1-ئايدىن 6-ئايغىچە، ئىشلەتكۈچىلەرنىڭ ئەرز قىلىش ئىسپاتى ئارقىلىق تەكشۈرۈپ بېكىتكەندىن كېيىن «قانۇنغا خىلاپ، مەنئى قىلىنغان بۇيۇم» ئۇچۇرى ئېلان قىلغان 8790 شەخسىي ئۈندىدار نومۇرى بىر تەرەپ قىلىنغان.
شەخسى ئۈندىدار نومۇرى ئارقىلىق تەقلىدىي ساختا ئۇچۇرلارنى تارقىتىش قاتارلىق قىلمىشلار «تېڭشۈن ئۈندىدار يۇمشاق دېتال ئىجازىتى ۋە مۇلازىمەت كېلىشىمى»، «ئۈندىدار شەخسىي نومۇرىنى ئىشلىتىش قائىدىسى» قاتارلىق ئالاقىدار قائىدە، كېلىشىملەرگە خىلاپ قىلمىش بولۇپ، باشقىلارنىڭ بىلىم مۈلۈك ھوقۇقىغا دەخلى-تەرۇز يەتكۈزگەنلىك، يۇقارقى قىلمىشلارغا ئۈندىدار سۇپىسى يول قويمايدۇ. 2022-يىل 1-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن 6-ئاينىڭ 1-كۈنىگىچە، قىسمەن ئابونتلارنىڭ دوستلار چەمبىرىكىدىن پايدىلىنىپ ساختا، سۈپەتسىز بۇيۇملارنى ئېلان قىلىش قىلمىشىغا قارىتا، ئەسلىدىكى ماركا تەرەپنىڭ ئۈنۈملۈك باھالىشىدىن ئۆتكەن ھەم ئۈندىدارنىڭ تەكشۈرۈشىدىن ئۆتكەندىن كېيىن، ئۈندىداردا بەلگىلىمىلىرىگە خىلاپلىق قىلغان 26 مىڭ ئۈندىدار شەخسىي نومۇرىغا قارىتا تەقلىدىي، ساختا، سۈپەتسىز بۇيۇملار ئۇچۇرىنى ئۆچۈرۈش ياكى توسۇش ئاگاھلاندۇرۇشى، دوستلار چەمبىرىكى ئىقتىدارىنى ئىشلىتىشنى چەكلەش ياكى ئېتىش، شەخسىي نومۇرنى قامال قىلىش قاتارلىق بىر تەرەپ قىلىش تەدبىرلىرى قوللىنىلغان.
ئۈندىدار كوللېكتىپى مۇنۇلارنى بىلدۈردى: دەل ۋاقتىدا ئالاقىلىشىش قورالى ۋە ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىسى بولۇش سۈپىتىدە ئۈندىدار ئىزچىل ئابونتلارنى ساغلام ئالاقە مۇھىتى بىلەن تەمىنلەش ئۈچۈن كۈچ چىقىرىپ كەلدى. كەڭ تورداشلارنىڭ ئورتاق نازارەت قىلىپ، ئالاقىدار قانۇن-بەلگىلىمىگە خىلاپ قىلمىشلارنى بايقىغان ھامان ئابونتلار تېرمىنالى ئارقىلىق ئەرز قىلىپ، بىرلىكتە بىخەتەر، يېشىل سۇپا مۇھىتى بەرپا قىلىشىنى ئۈمىد قىلىمىز.
---
تۆۋەندىكى يازمىلار سىزگە زور نەپ بېرىشى مۇمكىن:
1. 2022-يىللىق ئەڭ قاتتىق نازارەتلىك باشقۇرۇش: 2022-يىلى باج تۈزۈلمىسىدە قانداق ئۆزگىرىش بولىدۇ؟
2. 1997-يىللىق ئاسىيا پۇل-مۇئامىلە كىرىزىسى ئېسىڭىزدىمۇ؟ بۇ قېتىملىق كىرىزىس قانداق كېلىپ چىققان؟
4. «مەملىكەت بويىچە بىرلىككە كەلگەن چوڭ بازار» سىياسىتىنى قانداق چۈشىنىمىز؟
5. «مەملىكەت بويىچە بىرلىككە كەلگەن چوڭ بازار» ۋە شەخسنىڭ پۇرسىتى
6. «ئورتاق بېيىش» زادى قانداق گەپ؟ «ئورتاق بېيىش»نىڭ ئادەتتىكى خەلققە قانداق تەسىرى بار؟
7. سىياسىي بىيرونىڭ ئىقتىساد خىزمىتى يىغىنى ۋە 2022-يىللىق ئىقتىساد يۈزلىنىشى
8. دۇنياغا تەسىر كۆرسەتكەن داڭلىق شەخسلەرنىڭ نادىر نوتۇقلىرى
9. ئۆتكەن 5000 كۈندىكى ئۆزگىرىشلەر ۋە كەلگۈسى 5000 كۈندىكى ئۆزگىرىش قىياسى
10. ياپونىيە نېمىشقا ئۆزىنىڭ ئىقتىسادىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشقا جۈرئەت قىلالمايدۇ؟
12. تىليونېر: ئېلون ماسكنىڭ شۇنچە زور ئۇتۇق قازىنىشىدىكى سىرى نېمە؟
13. سۈنئىي ھەمراھ زەنجىرى پىلانى ۋە يەر شارىغا يېقىن ئوربېتا بايلىقىنى تالىشىش جېڭى
14. ئىقتىساد ۋە بىز: سىياسىي بىيرونىڭ 2022-يىللىق ئىقتىساد يىغىنى تەھلىلى
15. ئىقتىساد ۋە بىز: مەركەزنىڭ 2022-يىللىق ئىقتىساد يىغىنى--يۈزلىنىش ۋە پۇرسەتلەر


