大数跨境

ئەڭ يۇقىرى بولغاندا 100 مىڭ يۈەن مۇكاپات بېرىلىدۇ

ئەڭ يۇقىرى بولغاندا 100 مىڭ يۈەن مۇكاپات بېرىلىدۇ NepKan
2022-06-08
2
导读:国安部:最高奖励10万元以上
ئالاھىدە تەۋسىيە: 
بۇ يەرنى بېسىپ ھادىسە تۈسىنى ئالغان نادىر كىتاب «ئىقتىساد تەپەككۇرى»نى ئوقۇڭ!
بۇ يەرنى بېسىپ ئىگىلىك تىكلەش دەستۇرى دەپ ئاتالغان نادىر كىتاب «0 دىن 1 گە» نى ئوقۇڭ!
بۇ يەرنى بېسىپ «ئۆزۈڭ ياخشى كۆرگەنگە ئۆزۈڭنى قەدىرلەت! (ئەڭ يېڭى كىتاب)» دېگەن كىتابنى كۆرۈڭ!
بۇ يەرنى بېسىپ «بىر يىلىڭىزدىن 8760 سائەت» ناملىق كىتابنى ئوقۇڭ!
بۇ يەرنى بېسىپ «ھاياتلىقتىكى 84000 خىل ئېھتىماللىق» دېگەن كىتابنى ئوقۇڭ!
بۇ يەرنى بېسىپ «كەلگۈسى ئۈچۈن يېزىلغان خەتلەر» ناملىق كىتابنى ئوقۇڭ!
بۇ يەرنى بېسىپ «باي دادام: مالىيە ئىدراكىڭىزنى ئۆستۈرۈڭ!» ناملىق كىتابنى ئوقۇڭ!
---

6-ئىيۇن، دۆلەت خەۋپسىزلىكى مىنىستىرلىقى تارماقلار قائىدىسى «پۇقرالارنىڭ دۆلەت خەۋپسىزلىكىگە خەۋپ يەتكۈزىدىغان قىلمىشلارنى پاش قىلىشىنى مۇكاپاتلاش چارىسى» (تۆۋەندە قىسقارتىپ «چارە» دېيىلىدۇ)نى ئېلان قىلدى، بۇ «چارە» ئېلان قىلىنغان كۈندىن باشلاپ يولغا قويۇلدى.
«چارە»دە پۇقرالارنىڭ دۆلەت خەۋپسىزلىكىگە خەۋپ يەتكۈزىدىغان قىلمىشلارنى پاش قىلىشىغا ئىلھام بېرىش مەۋقە قىلىنىپ، قانۇن-نىزاملاردىكى بەلگىلىمىگە ئاساسەن، دۆلەت خەۋپسىزلىكى ئورگانلىرىنىڭ پاش قىلغانلارنى مۇكاپاتلاش شەرتى، ئۇسۇلى، ئۆلچىمى ۋە تەرتىپى ئىنچىكىلەشتۈرۈلدى ۋە ئايدىڭلاشتۇرۇلدى.
بۇنىڭ ئىچىدە، پاش قىلغۇچىنىڭ پاش قىلىش مۇكاپاتىغا ئېرىشىشى ئۈچۈن بىرلا ۋاقىتتا مۇنداق ئۈچ شەرتكە ئۇيغۇن بولۇشى كېرەكلىكى بەلگىلەندى:
◆ئېنىق پاش قىلىش ئوبيېكتى بولۇش ياكى دۆلەت خەۋپسىزلىكىگە خەۋپ يەتكۈزىدىغان قىلمىشنىڭ كونكرېت يىپ ئۇچى ياكى ئەھۋالى بولۇش؛
پاش قىلىنغان ئىشنى دۆلەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنى ئالدىن ئىگىلىمىگەن بولۇش ياكى دۆلەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنى ئاز-تولا ئىگىلىگەن بولسىمۇ، لېكىن پاش قىلغۇچى تەمىنلىگەن ئەھۋال تېخىمۇ كونكرېت ۋە تەپسىلىي بولۇش؛
پاش قىلغان مەزمۇنى دۆلەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنى تەرىپىدىن تەكشۈرۈپ راستلىقى ئىسپاتلىنىپ، دۆلەت خەۋپسىزلىكىگە خەۋپ يەتكۈزىدىغان قىلمىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش، ئۇنى توسۇش ۋە جازالاشتا رولىنى جارى قىلدۇرۇپ، تۆھپە ياراتقان بولۇش.

پۇقرالار تۆۋەندىكى ئۇسۇللار ئارقىلىق دۆلەت خەۋپسىزلىكى ئورگانلىرىغا پاش قىلسا بولىدۇ:
دۆلەت خەۋپسىزلىكى ئورگانلىرىنىڭ 12339 پاش قىلىش ئۇچۇرىنى قوبۇل قىلىش تېلېفونىغا تېلېفون قىلىپ پاش قىلىش؛
دۆلەت خەۋپسىزلىكى ئورگانلىرىنىڭ ئالاقە تورىدا پاش قىلىش ئۇچۇرىنى قوبۇل قىلىش سۇپا تور بېكىتى  www.12339.gov.cn غا چىقىپ پاش قىلىش؛
دۆلەت خەۋپسىزلىكى ئورگانلىرىغا خەت ئەۋەتىپ پاش قىلىش؛ 
دۆلەت خەۋپسىزلىكى ئورگانلىرىغا بېرىپ يۈز تۇرانە پاش قىلىش؛ 
باشقا دۆلەت ئورگانلىرى ياكى پاش قىلغۇچىنىڭ خىزمەت ئورنى ئارقىلىق دۆلەت خەۋپسىزلىكى ئورگانلىرىغا دوكلات قىلىش؛ 
باشقا پاش قىلىش ئۇسۇللىرى ئارقىلىق پاش قىلىش؛

«چارە»دە دۆلەت خەۋپسىزلىكى ئورگانلىرىنىڭ پاش قىلغانلارنى مۇكاپاتلاش ئەمەلىيىتىگە بىرلەشتۈرۈپ، مۇكاپاتلاشنى يولغا قويۇش ئۇسۇلىنىڭ مەنىۋى جەھەتتىن مۇكاپاتلاش ۋە ماددىي جەھەتتىن مۇكاپاتلاشنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىغانلىقى ئايدىڭلاشتۇرۇلدى ھەمدە پاش قىلىنغان مەلۇماتنىڭ رولىنى جارى قىلدۇرۇش دەرىجىسى، قوشقان تۆھپىسىنىڭ ئاز-كۆپلۈكىگە ئاساسەن، تۆت دەرىجە بويىچە مۇكاپاتلاش ئۆلچىمى بېكىتىلدى.
دۆلەت خەۋپسىزلىكىگە خەۋپ يەتكۈزىدىغان قىلمىشلارنىڭ ئالدىنى ئېلىش، ئۇنى توسۇش ۋە جازالاشتا بەلگىلىك رول ئوينىغان، بەلگىلىك تۆھپە قوشقانلارغا 10 مىڭ يۈەندىن تۆۋەن خەلق پۇلى مۇكاپات بېرىلىدۇ؛ 
دۆلەت خەۋپسىزلىكىگە خەۋپ يەتكۈزىدىغان قىلمىشلارنىڭ ئالدىنى ئېلىش، ئۇنى توسۇش ۋە جازالاشتا مۇھىم رول ئوينىغان، مۇھىم تۆھپە قوشقانلارغا 10 مىڭ يۈەندىن 30 مىڭ يۈەنگىچە خەلق پۇلى مۇكاپات بېرىلىدۇ؛
دۆلەت خەۋپسىزلىكىگە ئېغىر خەۋپ يەتكۈزىدىغان قىلمىشلارنىڭ ئالدىنى ئېلىش، ئۇنى توسۇش ۋە جازالاشتا زور رول ئوينىغان، زور تۆھپە قوشقانلارغا 30 مىڭ يۈەندىن 100 مىڭ يۈەنگىچە خەلق پۇلى مۇكاپات بېرىلىدۇ؛
دۆلەت خەۋپسىزلىكىگە ئېغىر خەۋپ يەتكۈزىدىغان قىلمىشلارنىڭ ئالدىنى ئېلىش، ئۇنى توسۇش ۋە جازالاشتا ئالاھىدە زور رول ئوينىغان، ئالاھىدە زور تۆھپە قوشقانلارغا 100 مىڭ يۈەندىن يۇقىرى خەلق پۇلى مۇكاپات بېرىلىدۇ.
قانۇنى جاۋابكارلىق توغرىسىدا، «چارە»دە پاش قىلغانلارنى مۇكاپاتلاشقا ئالاقىدار خىزمەتلەردە، دۆلەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنى خادىملىرىنىڭ جاۋابكارلىقىنى سۈرۈشتۈرۈشكە دائىر ئالتە خىل ئەھۋال، پاش قىلغۇچىنىڭ جاۋابكارلىقىنى سۈرۈشتۈرۈشكە دائىر تۆت خىل ئەھۋال ۋە پاش قىلغۇچى ئىشلەيدىغان ئورۇننىڭ جاۋابكارلىقىنى سۈرۈشتۈرۈشكە دائىر ئىككى خىل ئەھۋال ئايدىڭلاشتۇرۇلدى. «چارە»دە: پاش قىلغۇچىنىڭ پاش قىلىش نامى بىلەن قەستەن پاكىت ئويدۇرۇپ باشقىلارغا قارا چاپلىشىغا ۋە زىيانكەشلىك قىلىشىغا، ساختىپەزلىك قىلىپ مۇكاپات پۇلىنى ئالداپ ئېلىۋېلىشىغا، يامان نىيەتتە پاش قىلىشىغا ياكى پاش قىلىش نامى بىلەن ۋەقە تۇغدۇرۇپ، دۆلەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنىنىڭ خىزمىتىگە كاشىلا قىلىشىغا، پاش قىلىش جەريانىدا بىلىپ قالغان دۆلەت مەخپىيىتى ياكى خىزمەت مەخپىيىتىنى ئاشكارىلاپ قويۇشىغا يول قويۇلمايدۇ، دەپ ئېنىق بەلگىلەندى.

مەنبە: جۇڭگو رادىيو تورى ئۇيغۇرچە سالونىدىن ئېلىندى.

---

تۆۋەندىكى يازمىلار سىزگە زور نەپ بېرىشى مۇمكىن:

1. 2022-يىللىق ئەڭ قاتتىق نازارەتلىك باشقۇرۇش: 2022-يىلى باج تۈزۈلمىسىدە قانداق ئۆزگىرىش بولىدۇ؟

2. 1997-يىللىق ئاسىيا پۇل-مۇئامىلە كىرىزىسى ئېسىڭىزدىمۇ؟ بۇ قېتىملىق كىرىزىس قانداق كېلىپ چىققان؟

3. دوللارغا ئۆسۈم قوشۇلسا قانداق ئاقىۋەت كېلىپ چىقىدۇ؟ دۆلىتىمىز قانداق تاقابىل تۇرىدۇ؟ شەخسكە قانداق تەسىرى بار؟

4. «مەملىكەت بويىچە بىرلىككە كەلگەن چوڭ بازار» سىياسىتىنى قانداق چۈشىنىمىز؟

5. «مەملىكەت بويىچە بىرلىككە كەلگەن چوڭ بازار» ۋە شەخسنىڭ پۇرسىتى

6. «ئورتاق بېيىش» زادى قانداق گەپ؟ «ئورتاق بېيىش»نىڭ ئادەتتىكى خەلققە قانداق تەسىرى بار؟

7. سىياسىي بىيرونىڭ ئىقتىساد خىزمىتى يىغىنى ۋە 2022-يىللىق ئىقتىساد يۈزلىنىشى

8. دۇنياغا تەسىر كۆرسەتكەن داڭلىق شەخسلەرنىڭ نادىر نوتۇقلىرى

9. ئۆتكەن 5000 كۈندىكى ئۆزگىرىشلەر ۋە كەلگۈسى 5000 كۈندىكى ئۆزگىرىش قىياسى

10. ياپونىيە نېمىشقا ئۆزىنىڭ ئىقتىسادىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشقا جۈرئەت قىلالمايدۇ؟

11. ھەر قانداق ئادەم بىلىشكە تېگىشلىك ئىنتېرنېت تارىخى: ياخۇنىڭ 100 مىليارد دوللارلىق قىممىتىدىن ۋەيران بولغۇچە!

12. تىليونېر: ئېلون ماسكنىڭ شۇنچە زور ئۇتۇق قازىنىشىدىكى سىرى نېمە؟

13. سۈنئىي ھەمراھ زەنجىرى پىلانى ۋە يەر شارىغا يېقىن ئوربېتا بايلىقىنى تالىشىش جېڭى

14. ئىقتىساد ۋە بىز: سىياسىي بىيرونىڭ 2022-يىللىق ئىقتىساد يىغىنى تەھلىلى

15. ئىقتىساد ۋە بىز: مەركەزنىڭ 2022-يىللىق ئىقتىساد يىغىنى--يۈزلىنىش ۋە پۇرسەتلەر

【声明】内容源于网络
0
0
NepKan
竭尽为您解忧,关注我们,解您的忧!
内容 296
粉丝 0
NepKan 竭尽为您解忧,关注我们,解您的忧!
总阅读206
粉丝0
内容296