搜索
首页
大数快讯
大数活动
服务超市
文章专题
出海平台
流量密码
出海蓝图
产业赛道
物流仓储
跨境支付
选品策略
实操手册
报告
跨企查
百科
导航
知识体系
工具箱
产业园
更多
找货源
跨境招聘
DeepSeek
首页
>
دىققەت! بۇ تولۇقلىمىلارنى ئىجتىمائىي كاپالەت كارتىسىدىن ئېلىڭ!
>
دىققەت! بۇ تولۇقلىمىلارنى ئىجتىمائىي كاپالەت كارتىسىدىن ئېلىڭ!
NepKan
2022-03-04
1
导读:باشقا خەلق تۇرمۇشىغا كاپالەتلىك قىلىش ياردەم پۇلىنى ئىجتىمائىي سۇغۇرتا كارتىسىدىن ئالغىلى بولىدۇ...
كۆپچىلىك ياخشىمۇسىلەر، يازما باشلىنىشتىن بۇرۇن كۆپچىلىككە بىر ئىشتا ئەسكەرتىش بەرمەكچىمەن: سالوننىڭ يوللاش قائىدىسى ئۆزگەرتىلگەن بولغاچقا، ئەگەر
『在看』
نى چېكىۋەتمىسىڭىز ياكى
『星标』
بەلگىسى قويۇلمىسا، يوللانغان سەرخىل يازمىلارنى كۆرەلمەسلىكىڭىز مۇمكىن! ئەگەر مەزكۇر سالوننىڭ سەرخىل مەزمۇنلىرىنى قولدىن بېرىپ قويۇشنى خالىمىسىڭىز، ئۈستى تەرەپتىكى «
Nepkan
» دېگەن كۆك خەتنى چېكىپ، ئاندىن ئوڭ تەرەپ ئۈستى بۇرجىكىدىكى «
...
» نى چەككەندىن كېيىن『
设为星标
』قىلىپ تاللاڭ. كۆپچىلىكنىڭ كۆڭۈل بۆلگىنىگە يەنە بىر قېتىم رەھمەت ئېيتىمەن!
---
يېقىنقى ئىككى يىلدىن بۇيان، ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت مىنىستىرلىقى «ھەممىباب كارتا» خىزمىتىنى تېز ئىلگىرى سۈردى.
كىچىككىنە بىر ئىجتىمائىي كاپالەت كارتىسى بىلەن كېسەل كۆرسىتىش، دورا سېتىۋېلىش، تەمىناتقا ئېرىشىپلا قالماي، يەنە كارتا بىلەن ئاممىۋى ئاپتوبۇسقا ئولتۇرۇپ، باغچىلارنى ئايلانغىلى بولىدۇ. ئاھالىلەرگە مۇلازىمەت قىلىدىغان «ھەممىباب كارتا» رولىنى ئىشقا ئاشۇرغىلى بولىدۇ.
بىرىنچى، ئىشقا ئورۇنلىشىش، ئىگىلىك تىكلەش
1. جامائەت پاراۋانلىقى ئىش ئورنى ياردەم پۇلىنى ئېلىش
جامائەت پاراۋانلىقى ئىش ئورنىغا ئورۇنلاشتۇرۇلغان ئىشقا ئورۇنلىشىشى قىيىن بولغانلار، ئارخىپ تۇرغۇزۇلۇپ كارتا بېجىرىلگەن نامرات ئەمگەك كۈچلىرى ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت تارماقلىرىنىڭ تەكشۈرۈشىدىن ئۆتكەندىن كېيىن، بىۋاسىتە شەخسلەرگە تارقىتىلغان جامائەت پاراۋانلىقى ئىش ئورنى ياردەم مەبلىغى جامائەت پاراۋانلىقى ئىش ئورنىغا ئورۇنلاشتۇرۇلغان خادىملارنىڭ ئىجتىمائىي كاپالەت كارتىسى بانكا ھېساباتىغا تارقىتىپ بېرىلىدۇ، شەخسلەر ئىجتىمائىي كاپالەت كارتىسىنى كۆتۈرۈپ بېرىپ بانكا يولى ئارقىلىق ئېلىۋالسا بولىدۇ.
2. كەسپىي تەربىيەلەش ياردەم پۇلى ياكى تۇرمۇش پۇلى ياردەم پۇلى ئېلىش
شەخسلەر ئىلتىماس قىلغان كەسپىي تەربىيەلەش تولۇقلىمىسى ياكى تۇرمۇش راسخوتى تولۇقلىمىسى ئىلتىماس قىلغۇچىنىڭ ئىجتىمائىي سۇغۇرتا كارتىسى بانكا ھېساباتىغا تارقىتىپ بېرىلىدۇ، شەخسلەر ئىجتىمائىي سۇغۇرتا كارتىسىنى كۆتۈرۈپ بېرىپ ببانكا يولى ئارقىلىق ئېلىۋالسا بولىدۇ.
3. كەسپىي ماھارەت باھالاش ياردەم پۇلىنى ئېلىش
شەخسلەر ئىلتىماس قىلغان كەسپىي ماھارەت باھالاش ياردەم پۇلى ئىلتىماس قىلغۇچىنىڭ ئىجتىمائىي سۇغۇرتا كارتىسى بانكا ھېساباتىغا تارقىتىپ بېرىلىدۇ، شەخسلەر ئىجتىمائىي سۇغۇرتا كارتىسىنى كۆتۈرۈپ بېرىپ بانكا يولى ئارقىلىق ئېلىۋالسا بولىدۇ.
4. ئىجتىمائىي سۇغۇرتا ياردەم پۇلىنى ئېلىش (جانلىق ئىشقا ئورۇنلاشقۇچىلار)
ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت تارماقلىرى تەكشۈرگەندىن كېيىن، ئىجتىمائىي سۇغۇرتا تولۇقلىما مەبلىغى جانلىق ئىشقا ئورۇنلاشقانلارنىڭ ئىجتىمائىي سۇغۇرتا كارتىسى بانكا ھېساباتىغا تارقىتىپ بېرىلىدۇ، شەخسلەر ئىجتىمائىي سۇغۇرتا كارتىسىنى كۆتۈرۈپ بېرىپ بانكا يولى ئارقىلىق ئېلىۋالسا بولىدۇ.
5. بىر قېتىملىق ئىش ئىزدەش، ئىگىلىك تىكلەش ياردەم پۇلىنى ئېلىش
ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت تارماقلىرى تەكشۈرۈپ بېكىتكەندىن كېيىن، بىر قېتىملىق ئىش ئىزدەش، ئىگىلىك تىكلەش تولۇقلىما مەبلىغى ئىلتىماس قىلغۇچىنىڭ ئىجتىمائىي كاپالەت كارتىسى بانكا ھېساباتىغا تارقىتىپ بېرىلىدۇ، شەخسلەر ئىجتىمائىي كاپالەت كارتىسىنى كۆتۈرۈپ بېرىپ بانكا يولى ئارقىلىق ئېلىۋالسا بولىدۇ.
6. بىر قېتىملىق ئىگىلىك تىكلەش ياردەم پۇلىنى ئېلىش
ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت تارماقلىرى تەكشۈرگەندىن كېيىن، بىر قېتىملىق ئىگىلىك تىكلەش تولۇقلىما مەبلىغى ئىلتىماس قىلغۇچىنىڭ ئىجتىمائىي كاپالەت كارتىسى بانكا ھېساباتىغا تارقىتىپ بېرىلىدۇ، شەخسلەر ئىجتىمائىي كاپالەت كارتىسىنى كۆتۈرۈپ بېرىپ بانكا يولى ئارقىلىق ئېلىۋالسا بولىدۇ.
7. ئىگىلىك تىكلەش كېپىللىك قەرز پۇلى
شەخسلەر ئىلتىماس قىلغان ئىگىلىك تىكلەش كېپىللىك قەرز پۇلى ئەگەر قەرز ئالغۇچى بانكا بىلەن ئىجتىمائىي سۇغۇرتا كارتىسى تارقاتقۇچى بانكا بىردەك بولسا، تەكشۈرۈپ بېكىتكەندىن كېيىن، ئىلتىماس قىلغۇچىنىڭ ئىجتىمائىي سۇغۇرتا كارتىسى بانكا ھېساباتىغا تارقىتىپ بېرىلىدۇ، شەخسلەر ئىجتىمائىي سۇغۇرتا كارتىسىنى كۆتۈرۈپ بېرىپ بانكا يولى ئارقىلىق ئېلىۋالسا بولىدۇ.
ئىككىنچى، ئىشسىزلىق سۇغۇرتىسى تەمىناتى
1. ئىشسىزلىق سۇغۇرتىسى پۇلى ئېلىش
ئىشسىزلىق سۇغۇرتىسى پۇلى ۋە باشقا ئىشسىزلىق سۇغۇرتىسى تەمىناتى (مەسىلەن: باھا ۋاقىتلىق ياردەم پۇلى قاتارلىقلار) ئىجتىمائىي سۇغۇرتا كارتىسى بانكا ھېساباتىغا تارقىتىپ بېرىلىدۇ، شەخسلەر ئىجتىمائىي سۇغۇرتا كارتىسىنى كۆتۈرۈپ بېرىپ بانكا يولى ئارقىلىق ئېلىۋالسا بولىدۇ.
2. كەسپىي ماھارەتنى ئۆستۈرۈش ياردەم پۇلىنى ئېلىش
شەخسلەر ئىلتىماس قىلغان كەسپىي ماھارەتنى ئۆستۈرۈش ياردەم پۇلى ئىجتىمائىي سۇغۇرتا كارتىسى بانكا ھېساباتىغا تارقىتىپ بېرىلىدۇ، شەخسلەر ئىجتىمائىي سۇغۇرتا كارتىسىنى كۆتۈرۈپ بېرىپ بانكا يولى ئارقىلىق ئېلىۋالسا بولىدۇ.
3. دېھقان توختاملىق ئىشچىلار بىر قېتىملىق تۇرمۇش ياردەم پۇلى ئېلىش
دېھقان توختاملىق ئىشچىلار بىر قېتىملىق تۇرمۇش ياردەم پۇلى ئىجتىمائىي سۇغۇرتا كارتىسى بانكا ھېساباتىغا تارقىتىپ بېرىلىدۇ، شەخسلەر ئىجتىمائىي سۇغۇرتا كارتىسىنى كۆتۈرۈپ بېرىپ بانكا يولى ئارقىلىق ئېلىۋالسا بولىدۇ.
4. ئىشسىزلىق ياردەم پۇلى، دېھقان توختاملىق ئىشچىلارنىڭ ۋاقىتلىق تۇرمۇش ياردەم پۇلىنى ئېلىش
ئىشسىزلىق ياردەم پۇلى، دېھقان توختاملىق ئىشچىلارنىڭ ۋاقىتلىق تۇرمۇش ياردەم پۇلى قاتارلىقلار ئىجتىمائىي سۇغۇرتا كارتىسى بانكا ھېساباتىغا تارقىتىپ بېرىلىدۇ، شەخسلەر ئىجتىمائىي سۇغۇرتا كارتىسىنى كۆتۈرۈپ بېرىپ بانكا يولى ئارقىلىق ئېلىۋالسا بولىدۇ.
ئۈچىنچى، ئىختىساسلىق خادىملار
1. كەسپىي ماھارەت ئۆستۈرۈش بويىچە تەربىيەلەش تۇرمۇش خىراجىتى (قاتناش ھەققىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ) ياردەم پۇلىنى ئېلىش
كەسپىي ماھارەت ئۆستۈرۈش تەربىيەسى شەخسلەرنىڭ تۇرمۇش خىراجىتى (قاتناش ھەققىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ) تولۇقلىمىسى قاتارلىقلارغا چېتىلىدىغان بولۇپ، ئىجتىمائىي سۇغۇرتا كارتىسى بانكا ھېساباتىغا تارقىتىپ بېرىلىدۇ، شەخسلەر ئىجتىمائىي سۇغۇرتا كارتىسىنى كۆتۈرۈپ بېرىپ بانكا يولى ئارقىلىق ئېلىۋالسا بولىدۇ.
2. باشقا خەلق تۇرمۇشىغا كاپالەتلىك قىلىش ساھەلىرىگە بېرىلىدىغان ياردەم پۇلىنى ئىجتىمائىي سۇغۇرتا كارتىسى ئارقىلىقمۇ ئالغىلى بولىدۇ
مەسىلەن، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، دېھقانلارغا نەپ يەتكۈزۈش مالىيە تولۇقلىما مەبلىغى، خەلق ئىشلىرى، يېزا ئىگىلىكى، مائارىپقا ئالاقىدار تولۇقلىما، ئارمىيەدىن چېكىنگەن ھەربىيلەرگە ئالاقىدار تولۇقلىما، ئالىي ئىختىساسلىقلار تولۇقلىمىسى قاتارلىق 20 گە يېقىن تولۇقلىما ئىلتىماس قىلغۇچىنىڭ ئىجتىمائىي سۇغۇرتا كارتىسى بانكا ھېساباتىغا تارقىتىپ بېرىلىدۇ، شەخسلەر ئىجتىمائىي كاپالەت كارتىسىنى بانكا يولى ئارقىلىق ئېلىۋالسا بولىدۇ.
مەنبە: جۇڭگو ھۆكۈمەت تورى سالونىدىن تەرجىمە قىلىندى.
بۇ يەرنى بېسىپ «
دەۋر تەرەققىياتى، ئىقتىساد يۈزلىنىشى ۋە كەلگۈسىدىكى بىز!
» دېگەن يازمىنى كۆرۈڭ!
بۇ يەرنى بېسىپ «
خېڭدانىڭ كىرىزىس ۋەقەسى ۋە بۇنىڭدىن كېيىنكى ئىقتىساد يۈزلىنىشى!
» دېگەن يازمىنى كۆرۈڭ!
-----
تەۋسىيە كىتاب: شۆ جاۋفېڭ «ئىقتىساد تەپەككۇرى»
ئەگەر مەزكۇر كىتابنىڭ تولۇق مەزمۇنىغا قىزىقسىڭىز تۆۋەندىكى ئىككىلىك كودنى سىكاننېرلاپ مەزكۇر كىتابنىڭ ئۇيغۇرچە ئېلېكىتىرونلۇق نۇسخىسىنى ئوقۇڭ!
【声明】内容源于网络
0
0
NepKan
竭尽为您解忧,关注我们,解您的忧!
内容
296
粉丝
0
关注
在线咨询
NepKan
竭尽为您解忧,关注我们,解您的忧!
总阅读
206
粉丝
0
内容
296