大数跨境

دىققەت: بۇنداق ئالدامچىلىققا پۇرسەت يارىتىپ بەرمەڭ!

دىققەت: بۇنداق ئالدامچىلىققا پۇرسەت يارىتىپ بەرمەڭ! NepKan
2022-06-12
1
导读:ئالدامچىلار يېڭى ھىيلىلەرنى ئىشقا سالماقتا! نۇرغۇن كىشىلەر ئالدامچىلىق ئۇچۇرلىرىنى تاپشۇرۇۋالدى...

مەملىكىتىمىزنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانى يېڭىلا ئاياغلاشتى. بۈگۈن بىز ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىغا قاتناشقان ئوقۇغۇچىلارغا مۇنداق ئەسكەرتىش بېرىمىز: بۇ بىر نەچچە خىل نەرسىنى دوستلار چەمبىرىكىگە يوللاشقا ھەرگىز بولمايدۇ! 
(1) ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىغا قاتنىشىش كىنىشكىسى؛ 
(2) كىملىك؛ 
(3) ئىمتىھان بەرگۈچىلەر نومۇرى ۋە مەخپىي نومۇرى؛ 
(4) ئارزۇ تولدۇرۇش جەدۋىلى؛ 
(5) نەتىجە كۆرسەتكۈچى؛ 
(6) نەتىجە تەكشۈرۈش بېتى كەسمە سۈرىتى؛ 
(7) مەكتەپكە قوبۇل قىلىش ئۇقتۇرۇشى. 
ئەگەر يۇقىرىقىدەك شەخسىي ئۇچۇرلىرىڭىزنى يامان غەرەزلىك كىشىلەر دوستلار چەمبىرىكىدىن ياكى باشقا ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىسىدىن ئىگىلىۋالسا، ئۇنىڭدىن پايدىلىنىپ قاراتمىلىق ھالدا ئالدامچىلىق قىلىشى مۇمكىن! 


7-ئىيۇن، ج خ مىنىستىرلىقى جىنايى ئىشلار رازۋېدكا ئىدارىسى مۇنۇلارنى ئەسكەرتتى: 
ئىمتىھان بەرگۈچىلەر ۋە ئاتا-ئانىلار بۇ خىلدىكى ئالدامچىلىققا دىققەت قىلىشى كېرەك: «ئىمتىھان نومۇرىنى مۇددەتتىن بۇرۇن تەكشۈرۈش» ئالدامچىلىقى؛ «تولۇقلاپ قوبۇل قىلىش، ئىچكى كۆرسەتكۈچ» ئالدامچىلىقى؛ «تولۇقلىما ياردەم پۇلى» ئالدامچىلىقى؛ «ئارزۇ تولدۇرۇش يېتەكچىلىكى» ئالدامچىلىقى؛ «مەكتەپكە قوبۇل قىلىش ئۇقتۇرۇشىنى ئويدۇرۇپ چىقىرىش» ئالدامچىلىقى. 


ئالدامچىلار يېڭى ھىيلىلەرنى ئىشقا سالماقتا! نۇرغۇن كىشىلەر ئالدامچىلىق ئۇچۇرلىرىنى تاپشۇرۇۋالدى 
9-ئىيۇن، جېجياڭ ئۆلكىسى تۇڭشياڭ شەھىرىدىكى ساقچى تارماقلىرى ئۇقتۇرۇش چىقىرىپ جىددىي سىگنال تارقاتتى 
ئۇقتۇرۇشتا مۇنداق دېيىلدى: يېقىندا، ئامما «ئۆلكىلىك مائارىپ نازارىتى ئادەتتىكى ئالىي مەكتەپلەرگە ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش ئىشخانىسى»دىن كەلگەن قىسقا ئۇچۇرنى تاپشۇرۇۋالغانلىقىنى ئىنكاس قىلدى. قىسقا ئۇچۇردا ئادەتتىكى ئالىي مەكتەپلەرگە ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش بىرتۇتاش ئىمتىھانى مەيدانىدا تارتىلغان سىن لېنتىسىدا سىزنىڭ «كۆچۈرۈش» قىلمىشى سادىر قىلغانلىقىڭىز كۆرسىتىلگەن، ئۆلكىلىك مائارىپ نازارىتى ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش ئىشخانىسىغا تېلېفون قىلىپ سۈرۈشتۈرۈڭ، دېيىلگەن. 


بۇنىڭغا قارىتا تۇڭشياڭ ساقچى تارماقلىرى مۇنداق ئەسكەرتتى: بۇ تىپىك قىسقا ئۇچۇر ئالدامچىلىقى! 

ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانى بەرگەن ئوقۇغۇچىلار ۋە ئاتا-ئانىلار دىققەت، ئومۇمەن ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش ئىشخانىسىنىڭ ئىمتىھان بەرگۈچىلەردە كۆچۈرمىچىلىك قىلىش قىلمىشى مەۋجۇتلۇقىغا ئائىت تېلېفون ياكى قىسقا ئۇچۇر تاپشۇرۇپ ئالغان بولسىڭىز، دەرھال ئۆز مەكتىپىڭلار بىلەن ئالاقىلىشىپ، ئۇچۇرنىڭ چىنلىقىنى جەزملەشتۈرۈڭلار! 
بۇ خىلدىكى ئۇچۇرلارغا قارىغۇلارچە ئىشەنمەڭلار، بولۇپمۇ ھەق تاپشۇرسىڭىز كۆچۈرمىچىلىك قىلىشقا دائىر سىننى ئۆچۈرۈۋېتىمىز دەيدىغان، كاپالەت پۇلى تاپشۇرۇش ياكى پۇلنى بىخەتەر ھېساباتقا يۆتكەشنى تەلەپ قىلىدىغان ئۇچۇرلارنىڭ ھەممىسى ئالدامچىلىقتۇر. 
ئۇنىڭدىن باشقا، ئۈندىداردىكى «شيامېن ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش ئىمتىھانى» سۇپىسىنىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، شەھەرلىك مائارىپ ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش ئىمتىھانى مەركىزى ئالىي مەكتەپكە ئىمتىھان بەرگەن ئوقۇغۇچىلار تاپشۇرۇۋالغان مۇشۇنىڭغا ئوخشاش ئۇچۇرلارغا قارىتا ئىنكاس قايتۇرۇپ مۇنداق دېگەن: 
ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىدا كۆچۈرمىچىلىك قىلىشتەك قائىدىگە خىلاپ قىلمىش بايقالغان بولسا، قىسقا ئۇچۇر، تېلېفون، ئۇلانما قاتارلىق غەيرىي رەسمىي يوللار بىلەن ئۇقتۇرۇش قىلىنمايدۇ. 
ئۇنىڭدىن باشقا، ئىمتىھان مەيدانىدا تارتىلغان سىننى قايتا قويۇپ تەكشۈرۈش خىزمىتى تېخى باشلانمىدى. ئەگەر ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىدا كۆچۈرمىچىلىك قىلىشتەك قائىدىگە خىلاپ قىلمىشلار بايقالسا، ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانى ئاخىرلاشقاندىن كېيىن، كۆپ تەرەپلىمە دەلىللەش ئارقىلىق ھۆججەت شەكلىدە ئۇقتۇرۇش تارقىتىلىدۇ. 
ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىدا نومۇر قوشۇپ بېرىش ئالدامچىلىقىغا ئىشىنىپ قالغان ئاتا-ئانا بىر مىليون يۈەندىن ئارتۇق زىيان تارتتى 
نەچچە كۈن ئىلگىرى، جېجياڭ ئۆلكىسى رۈيئەن شەھەرلىك خەلق سوت مەھكىمىسى ئاشكارىلىغان يەنە بىر ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانى ئالدامچىلىقى دېلوسىمۇ كىشىلەرنىڭ دىققىتىنى تارتتى. 
«مەكتەپكە پۇل ئىئانە قىلسا نومۇر قوشۇپ بېرىلىدۇ»، «سوۋغات سۈڭگۈتسە مەكتەپ بىلەن مۇناسىۋەتنى يېقىنلاشتۇرغىلى بولىدۇ» ... جاۋابكار جۇ ئەپەندى ئۈندىدار پاراڭلىشىش خاتىرىسى، مائارىپ مىنىستىرلىقىنىڭ ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش تەستىق جەدۋىلى قاتارلىق ھۆججەتلەرنى ئويدۇرۇپ چىقىش ئارقىلىق، ئالاقىدار ئوقۇغۇچىنىڭ جېجياڭ داشۆسىگە قوبۇل قىلىنغانلىق ساختا ئىسپاتىنى ياساپ، بۇ ئوقۇغۇچىنىڭ ئاتا-ئانىسىدىن 1 مىليون 300 مىڭ يۈەندىن ئارتۇق پۇلنى ئالداپ ئېلىۋالغان. 
رۇيئەن شەھەرلىك خەلق سوت مەھكىمىسى دېلوغا قاراپ چىققاندىن كېيىن، جاۋابكار جۇ X قانۇنسىز ئىگىلىۋېلىش مەقسىتىدە، پاكىتنى ئويدۇرۇپ چىقىش، ھەقىقىي ئەھۋالنى يوشۇرۇش ئۇسۇلىنى قوللىنىپ، باشقىلارنىڭ مال مۈلكىنى ئالداپ ئېلىۋالغان، سوممىسى ئىنتايىن زور بولۇپ، ئالدامچىلىق جىنايىتى شەكىللەندۈرگەن دەپ قاراپ، جاۋابكار جۇ X كە قانۇن بويىچە سەككىز يىل توققۇز ئاي مۇددەتلىك قاماق جازاسى بەرگەن ھەمدە 90 مىڭ يۈەن جەرىمانە قويغان.  


ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىدا ياخشى نەتىجىگە ئېرىشىشىڭىزگە تىلەكداشمىز
شۇنداقلا ھوشيارلىقىڭىزنى ئۆستۈرۈپ، 
يۇقىرىقىدەك ئالدامچىلىق قىلمىشلىرىغا ئالدىنىپ قېلىشتىن ئېھتىيات قىلىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز!
مەنبە: جۇڭگو رادىيو تورى ئۇيغۇرچە سالونىدىن ئېلىندى.

---

تۆۋەندىكى يازمىلار سىزگە زور نەپ بېرىشى مۇمكىن:

1. 2022-يىللىق ئەڭ قاتتىق نازارەتلىك باشقۇرۇش: 2022-يىلى باج تۈزۈلمىسىدە قانداق ئۆزگىرىش بولىدۇ؟

2. 1997-يىللىق ئاسىيا پۇل-مۇئامىلە كىرىزىسى ئېسىڭىزدىمۇ؟ بۇ قېتىملىق كىرىزىس قانداق كېلىپ چىققان؟

3. دوللارغا ئۆسۈم قوشۇلسا قانداق ئاقىۋەت كېلىپ چىقىدۇ؟ دۆلىتىمىز قانداق تاقابىل تۇرىدۇ؟ شەخسكە قانداق تەسىرى بار؟

4. «مەملىكەت بويىچە بىرلىككە كەلگەن چوڭ بازار» سىياسىتىنى قانداق چۈشىنىمىز؟

5. «مەملىكەت بويىچە بىرلىككە كەلگەن چوڭ بازار» ۋە شەخسنىڭ پۇرسىتى

6. «ئورتاق بېيىش» زادى قانداق گەپ؟ «ئورتاق بېيىش»نىڭ ئادەتتىكى خەلققە قانداق تەسىرى بار؟

7. سىياسىي بىيرونىڭ ئىقتىساد خىزمىتى يىغىنى ۋە 2022-يىللىق ئىقتىساد يۈزلىنىشى

8. دۇنياغا تەسىر كۆرسەتكەن داڭلىق شەخسلەرنىڭ نادىر نوتۇقلىرى

9. ئۆتكەن 5000 كۈندىكى ئۆزگىرىشلەر ۋە كەلگۈسى 5000 كۈندىكى ئۆزگىرىش قىياسى

10. ياپونىيە نېمىشقا ئۆزىنىڭ ئىقتىسادىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشقا جۈرئەت قىلالمايدۇ؟

11. ھەر قانداق ئادەم بىلىشكە تېگىشلىك ئىنتېرنېت تارىخى: ياخۇنىڭ 100 مىليارد دوللارلىق قىممىتىدىن ۋەيران بولغۇچە!

12. تىليونېر: ئېلون ماسكنىڭ شۇنچە زور ئۇتۇق قازىنىشىدىكى سىرى نېمە؟

13. سۈنئىي ھەمراھ زەنجىرى پىلانى ۋە يەر شارىغا يېقىن ئوربېتا بايلىقىنى تالىشىش جېڭى

14. ئىقتىساد ۋە بىز: سىياسىي بىيرونىڭ 2022-يىللىق ئىقتىساد يىغىنى تەھلىلى

15. ئىقتىساد ۋە بىز: مەركەزنىڭ 2022-يىللىق ئىقتىساد يىغىنى--يۈزلىنىش ۋە پۇرسەتلەر

【声明】内容源于网络
0
0
NepKan
竭尽为您解忧,关注我们,解您的忧!
内容 296
粉丝 0
NepKan 竭尽为您解忧,关注我们,解您的忧!
总阅读206
粉丝0
内容296