1. بۇ يەرنى بېسىپ ھادىسە تۈسىنى ئالغان نادىر كىتاب «ئىقتىساد تەپەككۇرى»نى ئوقۇڭ!
2. بۇ يەرنى بېسىپ ئىگىلىك تىكلەش دەستۇرى دەپ ئاتالغان نادىر كىتاب «0 دىن 1 گە» نى ئوقۇڭ!
---
يېقىندا، تورداشلارنىڭ پاش قىلىشى ئاساسىدا تەكشۈرۈپ ئېنىقلاش ئارقىلىق، ئۈندىدار دوستلار چەمبىرىكى ۋە توپىدا تارقىتىلغان «جاۋ لىيىڭنىڭ شاڭخەيگە ياردەم بېرىش ئۈچۈن ئەۋەتكەن ماددىي ئەشيالىرى پۈتۈن ساندۇق بىلەنلا ئەخلەت ئاپتوموبىلغا تاشلىۋېتىلدى»، «نەنخۇي شۈيدى كۆلى بويىغا ۋاقىتلىق چېدىر تىكىلىپ، ئۈستى ئوچۇق ئايرىش نۇقتىسى قىلىندى»، «پۇدۇڭ يېڭى رايونى چاڭداۋ يولىدىكى بىر ئولتۇراق رايوندا ئوت ئاپىتى يۈز بەردى، كارىدوردىكى ئوت يالقۇنى پەلەككە يەتتى»، «فۇدەن داشۆسىدە تور ئۈزۈلۈپ قالدى، جاڭ X تاياق يېدى»، «بېيسەي بازىرى پارتكومىنىڭ شۇجىسى سەي X بىنادىن سەكرەپ ئۆلۈۋالدى» دېگەندەك ئۇچۇرلارنىڭ ھەممىسى ساختا ئۇچۇر ئىكەنلىكى ئېنىقلاندى، بۇ رەزىل مەقسەتتە تارقىتىلغان ئۇچۇرلار بولۇپ، شاڭخەي شەھىرىدىكى ئالاقىدار تارماقلار ئاشكارا رەددىيە بېرىپ ھەقىقىي ئەھۋالنى ئايدىڭلاشتۇردى.
شاڭخەي تور بىخەتەرلىكى ۋە ئۇچۇرلاشتۇرۇش ئىشخانىسى بىلەن ج خ تارماقلىرى بىرلىشىپ ئۇچۇر مەنبەسىنى تەكشۈرۈپ، ئالاقە تورىغا ئالاقىدار قانۇن-نىزاملارغا ئاساسەن، ئالاقىدار تارماقلار بىلەن ماسلىشىپ «ۋاڭ مۇئەللىم yyds»، «قېرىنداشلىق مېھرى چوڭقۇر، ئاچا-سىڭىللىق رىشتى ئۈزۈلمەس»، «شاڭخەي كۆڭۈل ئېچىش توپى» قاتارلىق ساختا ئۇچۇر تارقاتقان 13 تور توپى پېچەتلىدى ھەمدە بۇ يالغان ئۇچۇرلارنى تۇنجى تارقاتقان 13 نەپەر ئۈندىدار ئابۇنتىنى جازالىدى.
بۇنىڭدىن ئىلگىرى، شاڭخەي تور بىخەتەرلىكى ۋە ئۇچۇرلاشتۇرۇش ئىشخانىسى «توردىكى چەمبىرەك - توپلاردا پىتنە-ئىغۋا تارقىتىش قىلمىشىنى يەنىمۇ تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىش توغرىسىدىكى ئۇقتۇرۇش»نى ئېلان قىلىپ، ئالاقىدار تارماقلار بىلەن بىرلىكتە «شۈخۇي مېيلۇڭ 7-كەنتىدىكى بىر ھامىلىدار ئايال تۇغۇتتا ئۆلدى»، «لەنجۇ شاڭخەيگە ياردەم قىلغان 10 ئاپتوموبىل كالا-قوي گۆشىنى ھېچكىم قوبۇل قىلمىدى» دېگەندەك يالغان ئۇچۇرلارنى تارقاتقان 30 ئۈندىدار توپى-گۇرۇپپىسىنى پېچەتلەپ توختىتىپ، بۇ ئۇچۇرلارنى تۇنجى تارقاتقان 23 نەپەر ئۈندىدار ئابۇنتىغا جازا بەردى.
شاڭخەي شەھىرى يۇقۇمغا چېتىشلىق يالغان ئۇچۇرلارغا قاتتىق زەربە بەرگەندىن بۇيان، تور چەمبىرىكىنىڭ ئېكولوگىيەلىك مۇھىتى ساپلاشتى، تور ئەھلىمۇ پىتنە-ئىغۋانى تەشەببۇسكارلىق بىلەن پەرقلەندۈرۈش، پىتنە-ئىغۋاغا قارشى تۇرۇش ئاڭلىقلىقىنى كۈچەيتتى، لېكىن ئىنتايىن ئاز ساندىكى كىشىلەر ئوخشىمىغان مەقسەتلەر بىلەن پىتنە-ئىغۋا تارقاتتى، قەستەن پىتنە-ئىغۋا توقىدى، كېيىنكى قەدەمدە شاڭخەي تور بىخەتەرلىكى ۋە ئۇچۇرلاشتۇرۇش ئىشخانىسى ج خ تارماقلىرى بىلەن بىرلىشىپ جازالاش سالمىقىنى ئاشۇرۇپ، قانۇن-بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلغان توپ-گۇرۇپپا ۋە شەخسلەرنى قانۇن بويىچە ئېغىر، قاتتىق جازالايدۇ.
نۆۋەتتە، پۈتۈن شەھەردە يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش ئەڭ كۈچەيدىغان، ئەڭ مۇھىم پەيتتە تۇرماقتا. شەھەر ئاھالىلىرى پىتنە-ئىغۋاغا بولغان «ئىممۇنىتېت كۈچى»نى كۈچەيتىپ، پىتنە-ئىغۋاغا قارىتا «مۇداپىئە سېپىلى»نى ياساپ، پىتنە-ئىغۋا توقۇماي، پىتنە-ئىغۋاغا ئىشەنمەي، پىتنە-ئىغۋا تارقاتماي، يۇرت ـ ماكانىنى ئورتاق قوغدىشى كېرەك. شاڭخەي تور بىخەتەرلىكى ۋە ئۇچۇرلاشتۇرۇش ئىشخانىسى تەۋەلىك بويىچە باشقۇرۇش مەسئۇلىيىتىنى ھەقىقىي ئادا قىلىپ، ئالاقە تورىدا پىتنە-ئىغۋا تارقىتىش ئەھۋاللىرىنى تۈزەش سالمىقىنى داۋاملىق زورايتىپ، پۈتۈن شەھەرنىڭ بىر نىيەتتە يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇشى ئۈچۈن ئىستىل دۇرۇس، كەيپىيات توغرا بولغان تور بوشلۇقى بەرپا قىلىدۇ.
مەنبە: جۇڭگو رادىيو تورى ئۇيغۇرچە سالونىدىن ئېلىندى.
----
تەۋسىيە كىتاب: شۆ جاۋفېڭ «ئىقتىساد تەپەككۇرى»


