ئالاھىدە تەۋسىيە:
1. بۇ يەرنى بېسىپ ھادىسە تۈسىنى ئالغان نادىر كىتاب «ئىقتىساد تەپەككۇرى»نى ئوقۇڭ!
2. بۇ يەرنى بېسىپ ئىگىلىك تىكلەش دەستۇرى دەپ ئاتالغان نادىر كىتاب «0 دىن 1 گە» نى ئوقۇڭ!
---

ماسك تىۋىتتېر يازمىسى ئېلان قىلىپ «كوكا كولا سېتىۋالىمەن» دېدى
بېيجىڭ ۋاقتى 28-چېسلا سائەت 8 دىن 56 مىنۇت ئۆتكەندە، ماسك تىۋىتتېر يازمىسى ئېلان قىلىپ مۇنداق دېگەن: «ئەمدى مەن كوكا كولا شىركىتىنى سېتىۋېلىپ، كوكائىننى قايتىدىن قوشىمەن.» بۇ يازما ئېلان قىلىنىشى بىلەنلا تورداشلارنىڭ قىزغىن مۇنازىرىسىنى قوزغىدى. نۆۋەتتە، ماسكنىڭ تىۋىتتېردا 86 مىليوندىن ئارتۇق مەستانىسى بار.

دۆلەت زەھەر چەكلەش كومىتېتى ئىشخانىسىنىڭ ئۈندىدار سۇپىسىدا 2016-يىللىق پەننى ئومۇملاشتۇرۇش ماقالىسىدا كۆرسىتىلىشىچە، كوكا كولانىڭ ئەڭ دەسلەپكى مەھسۇلاتىدا كوكائىن بار ئىكەن.
1860-يىلى بەزى دوختۇرلار كوكا يۇپۇرمىقىدىن كوكايىن ئايرىۋالغان ھەم تېبابەتتە ئىشلىتىلىدىغان ناركوز دورىسى قىلغان؛ 1884-يىلى، فروئىد كوكائىننى ئىسپىرت بىلەن مورفىننى خۇمار قىلىدىغان دورا قىلىشنى تەۋسىيە قىلغان؛ 1886-يىلى، تەركىبىدە مىكرو مىقداردا كوكايىن بولغان كوكاكولا دۇنياغا كەلگەن، 1906-يىلى بۇ رېتسېپنى چىقىرىپ تاشلىغان؛ 1914-يىلى، ئامېرىكا كوكايىننىڭ چەكلەنگەن دورا ئىكەنلىكىنى جاكارلىغان.
دۆلەت زەھەر چەكلەش كومىتېتى ئىشخانىسىنىڭ تونۇشتۇرىشىچە، كوكا دەرىخى ئاساسلىقى جەنۇبىي ئامېرىكىدا ئۆسىدىغان بىر خىل ئۆسۈملۈك ئىكەن. 16-ئەسىردىلا، ئىسپانىيەلىك ئېكسپېدىتسىيەچىلەر جەنۇبىي ئامېرىكىدىكى يەرلىك كىشىلەرنىڭ كوكا ئۆسۈملۈكلىرىنىڭ يوپۇرمىقىنى چايناش ئارقىلىق روھىنى ئۇرغۇتقانلىقىغا دىققەت قىلغان. كوكايىن كوكا يوپۇرمىقىدىن ئايرىۋېلىنغان ئاق رەڭلىك پاراشوك بولۇپ، زەھەر چەككۈچىلەردە ھاياجانلىنىش تۇيغۇسى پەيدا قىلىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، كوكائىن ھەزىم قىلىش سىستېمىسى، ئىممۇنىتېت سىستېمىسى، يۈرەك قان تومۇر سىستېمىسى ۋە سۈيدۈك ئاجرىتىپ چىقىرىش، كۆپىيىش سىستېمىسىغا زىيان يەتكۈزىدۇ، بولۇپمۇ مىقدارغا تايىنىشچان جىگەر توكسىنى بولغاچقا، جىگەر ھۈجەيرىلىرىنىڭ نېكروزلىنىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.
كوكا كولا تىۋىتتېردىن كۆپ قىممەت
ماسك ئۈچۈن ئېيتقاندا، كوكا كولانى سېتىۋېلىشنىڭ قىيىنلىق دەرىجىسى تىۋىتتېرنى سېتىۋېلىشتىن كۆپ قىيىن.
بىرىنچىدىن، كوكا كولا تىۋىتتېردىن كۆپ قىممەت، شۇ يەر ۋاقتى 27-ئاپرېلغىچە بازار يېپىلغاندا، كوكا كولانىڭ پاي باھاسى 65.56 ئامېرىكا دوللىرى بولۇپ، ئۆرلەش نىسبىتى %0.78 بولغان، ئەڭ يېڭى بازار قىممىتى 283 مىليارد 940 مىليون ئامېرىكا دوللىرى بولغان، ماسكنىڭ بولسا ھازىر 260 مىليارد ئامېرىكا دوللىرى ئەتراپىدا پۇلى بار.

ئۇنىڭ ئۈستىگە، «پاي پىشۋاسى» ۋاررېن باففېتنىڭ كوكا كولا شىركىتىگە نىسبەتەن خېلى «مۇھەببىتى» بولۇپ، باففېت 1988-يىلى كوكا كولانىڭ پېيىنى سېتىۋالغاندىن كېيىن، ئىزچىل ئىلكىدە ساقلاپ كەلگەن. بۇلتۇر يىل ئاخىرىغىچە، ۋاررېن باففېت قارمىقىدىكى شىركەت بوكشىر خاساۋېي كوكا كولا شىركىتىنىڭ %9.23 پېيىنى ئىلكىدە تۇتقان.
ئۇنىڭ ئۈستىگە كوكا كولانىڭ ھازىرقى تىجارەت ئەھۋالى ياخشى، پاي باھاسى تەتۈر ئېقىمدا ئۆرلەپ، تارىختىكى يېڭى رېكورتنى ياراتتى، بۇ يىل كىرگەندىن بۇيان ئۆلچەملىك پور 500 كۆرسەتكۈچىدىن ئېشىپ كەتتى.
4-ئاينىڭ 26-كۈنى كوكا كولا شىركىتى 2022-يىللىق 1-پەسىللىك مالىيە دوكلاتىنى ئېلان قىلدى. دوكلات مەزگىلىدە، كوكا كولانىڭ ساپ تىجارەت كىرىمى 10 مىليارد 491 مىليون دوللارغا يېتىپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %16 ئاشقان؛ ساپ پايدىسى 2 مىليارد 793 مىليون دوللارغا يېتىپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %24 ئاشقان؛ ھەربىر پاينىڭ پايدىسى 0.64 دوللار بولۇپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %23 ئاشقان.
كوكا كولا شىركىتىنىڭ باش مالىيە ئەمەلدارى John Murphy (جون موفى) مۇنداق دېدى: بۇ بىر ياخشى باشلىنىش، لېكىن تەننەرخ ۋە ئەمگەك كۈچى خىراجىتى تېخىمۇ يۇقىرى بولغانلىقتىن، ئومۇمىي مۇھىت يەنىلا بەلگىلىك رىقابەتكە ئىگە. شىركەتنىڭ مۆلچەرلىشىچە، ئېتىراپ قىلىنمىغان بوغالتىرلىق پىرىنسىپى ئاستىدا، ھەر بىر پاينىڭ پايدىسىغا قارىغاندا %8 تىن %10 كىچە يۇقىرى بولىدىكەن.
كوكا كولانىڭ باش مۇدىرى قوشۇمچە باش ئىجرائىيە ئەمەلدارى James Quincey مۇنۇلارنى بىلدۈردى: «بىرىنچى پەسىللىك نەتىجىدىن رازى بولدۇم. شىركىتىمىز يۈكسەك ھەرىكەتچان ۋە ئېنىقسىز تىجارەت مۇھىتىدا ئۈنۈملۈك مېڭىۋاتىدۇ، بىزنىڭ پۈتۈن يىللىق يېتەكچىلىككە ئىشەنچىمىز كامىل. بىزنىڭ بارلىق مۇھىتتا غەلىبە قىلىش ئىقتىدارىمىز بار، چۈنكى كوكا كولا كۈچلۈك كىرىم ۋەزىيىتىگە ئىگە، ھەمدە بىزنىڭ مەنپەئەتدارلىرىمىز ئۈچۈن قىممەت ياراتتى.»
تونۇشتۇرۇلۇشچە، كوكا كولا شىركىتى بۇ يىل بىرىنچى پەسىلدىكى خىزمەت نەتىجىسى «باھا \ مەھسۇلات بىرىكمىسى %7 ئاشقان» ھەمدە «مەركەزلەشتۈرۈپ سېتىش نىسبىتى %11 ئاشقان». بۇنىڭدىن باشقا، دوكلات مەزگىلىدە كوكا كولا شىركىتىنىڭ پۈتۈن دۇنيادىكى يەككە يەشىكنىڭ سېتىلىش مىقدارى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %8 ئاشقان، ئاسىيا تىنچ ئوكيان رايونىدىكى يەككە يەشىكنىڭ سېتىلىش مىقدارى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %4 ئاشقان. بۇنىڭ ئىچىدە، ئوزۇقلۇق ئىچىملىكلىرى، مېۋە شىرنىسى، سۈت مەھسۇلاتلىرى ۋە ئۆسۈملۈك ئاساسىي ئىچىملىكلىرىنىڭ دۇنيادىكى يەككە ساندۇقلۇق سېتىلىش مىقدارى %12 ئاشقان، ئېشىش سەۋەبى ئاساسلىقى «جۇڭگو بازىرىدىكى مېيجىيۈەن ئاپېلسىن شەربىتى قاتارلىقلارنىڭ ئېشىشىنىڭ تۈرتكىسىدىن بولغان».
يەنە بەزى كەسىپ ئەھلىلىرى كۆز قارىشىنى ئىپادىلەپ، كوكا كولانىڭ كۈچلۈك سېتىش سوممىسىنىڭ زور بىر قىسمى باھانىڭ ئۆسكەنلىكىدىن بولغان، دېدى. 2022-يىلى 1-پەسىلدە كوكا كولانىڭ باھاسى يەر شارى ۋە شىمالىي ئامېرىكىدا ئايرىم-ئايرىم ھالدا %7 ۋە %11 ئۆسكەن. باھا ئۆستۈرۈش ئارقىلىق كوكا كولا كۆپەيگەن تەننەرخنى ئىستېمالچىلارغا ئارتىپ قويۇپ، پۇل پاخاللىقىنىڭ ئۆرلەش تەسىرىنى تۈگىتىدۇ، بۇلارنىڭ ھەممىسى پايدىنى ئاشۇرۇشقا پايدىلىق.
----
تەۋسىيە كىتاب: شۆ جاۋفېڭ «ئىقتىساد تەپەككۇرى»
ئەگەر مەزكۇر كىتابنىڭ تولۇق مەزمۇنىغا قىزىقسىڭىز بۇ يەرنى بېسىپ مەزكۇر كىتابنىڭ تولۇق تەرجىمىسىنىڭ ئېلېكىتىرونلۇق نۇسخىسىنى ئوقۇڭ!
