大数跨境

ئايلىق مائاشى 30 مىڭ يۈەنلىك خىزمەتلەر بارلىققا كەلمەكتە!

ئايلىق مائاشى 30 مىڭ يۈەنلىك خىزمەتلەر بارلىققا كەلمەكتە! NepKan
2022-06-19
1
导读:ئوقۇش پۈتكۈزىدىغان ئوقۇغۇچىلارنى مۇددەتتىن بۇرۇن نىشانلىغان.

ئالاھىدە خوش خەۋەر:

ئەڭ يېڭى نادىر كىتاب «مالىيە تەپەككۇرى»نىڭ تەرجىمىسى ئېلان قىلىندى. بۇ يەرنى بېسىپ پايدىلىنىڭ!


ئادەتتىكى تازىلىق ئىشچىسى، بالا باققۇچى، تۇغۇت پەرۋىشچىسى قاتارلىق ئائىلە مۇلازىمەتچىلىك ئىش ئورۇنلىرىدىن باشقا، يۇقىرى دەرىجىلىك ئائىلە مۇلازىمەتچىلىرىگە بولغان ئېھتىياجمۇ شىددەت بىلەن ئاشماقتا. قىسمەن يۇقىرى دەرىجىلىك ئائىلە مۇلازىمەتچىلىك شىركەتلىرى ئىختىساسلىقلار كەمچىل بولۇش مەسىلىسىنى ھەل قىلىش ئۈچۈن، بەس-بەستە ئائىلە مۇلازىمەتچىلىك كەسپىنى پۈتكۈزىدىغان ئوقۇغۇچىلارنى ئالدىن نىشانلىماقتا.

بېيجىڭدىكى بىر ئائىلە مۇلازىمەتچىلىك شىركىتىنىڭ خىزمەتچى قوبۇل قىلىشقا مەسئۇل خىزمەتچىسى مۇخبىرغا مۇنداق دېدى: بۇ يىلنىڭ ئالدىنقى يېرىمىدا، شىركەتنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك ئائىلە مۇلازىمەتچىلىرىنى نەق مەيداندا تەربىيەلەش كۇرسى يۇقۇم سەۋەبىدىن بەلگىلىك تەسىرگە ئۇچرىغاچقا، ئەسلىدە 6-ئايدا ئوقۇش پۈتكۈزىدىغان تەربىيەلەنگۈچىلەر ۋاقتىدا دەرسنى تاماملاپ بولالمىدى، بۇ سەۋەبلىك يۇقىرى دەرىجىلىك ئائىلە مۇلازىمەتچىلىرى قىسقا مۇددەت كەمچىل بولۇش مەسىلىسى كېلىپ چىقتى.

خىزمەت تەجرىبىسى ۋە ماھارىتىنىڭ ئوخشىماسلىقىغا ئاساسەن، نۆۋەتتە دۆلەت ئىچىدىكى يۇقىرى دەرىجىلىك ئائىلە مۇلازىمەتچىلىرىنىڭ ئايلىق مائاشى 10 مىڭ يۈەندىن 35 مىڭ يۈەنگىچە بولۇۋاتىدۇ، خىزمىتى ئاساسلىقى ئائىلە باشقۇرۇش، ئائىلە تەربىيەسى ياكى ئائىلە پائالىيىتى تەشكىللەش قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. رېن جيې بېيجىڭدىكى بىر كەسپىي شۆيۈەننىڭ ئائىلە مۇلازىمەتچىلىك كەسپى ئەمەلىيەت دەرسىنىڭ ئوقۇتقۇچىسى، ئۇ مۇخبىرغا مۇنداق دېدى: گەرچە ھازىر نۇرغۇن دەرسلەر پەقەت توردا ئۆتۈلىدىغان بولسىمۇ، لېكىن ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئۆگىنىش قىزغىنلىقى يەنىلا ئىنتايىن يۇقىرى، ئۇلارنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىش نىشانىمۇ ناھايىتى ئېنىق.

مۇخبىرنىڭ ئىگىلىشىچە، ئالاقىدار ئائىلە مۇلازىمەتچىلىك كارخانىلىرى خادىم قىس بولۇشتىن ئىبارەت بوشلۇقنى ۋاقتىدا تولدۇرۇش ئۈچۈن، ئائىلە مۇلازىمەتچىلىك كەسپى تەسىس قىلغان ئالىي مەكتەپلەر بىلەن چوڭقۇر ھەمكارلىق ئورنىتىپ، ئوقۇش پۈتكۈزىدىغان ئوقۇغۇچىلارنى مۇددەتتىن بۇرۇن نىشانلىغان.

مەنبە: جۇڭگو رادىيو تورى ئۇيغۇرچە سالونىدىن ئېلىندى.

---

تۆۋەندىكى يازمىلار سىزگە زور نەپ بېرىشى مۇمكىن:

1. 2022-يىللىق ئەڭ قاتتىق نازارەتلىك باشقۇرۇش: 2022-يىلى باج تۈزۈلمىسىدە قانداق ئۆزگىرىش بولىدۇ؟

2. 1997-يىللىق ئاسىيا پۇل-مۇئامىلە كىرىزىسى ئېسىڭىزدىمۇ؟ بۇ قېتىملىق كىرىزىس قانداق كېلىپ چىققان؟

3. دوللارغا ئۆسۈم قوشۇلسا قانداق ئاقىۋەت كېلىپ چىقىدۇ؟ دۆلىتىمىز قانداق تاقابىل تۇرىدۇ؟ شەخسكە قانداق تەسىرى بار؟

4. «مەملىكەت بويىچە بىرلىككە كەلگەن چوڭ بازار» سىياسىتىنى قانداق چۈشىنىمىز؟

5. «مەملىكەت بويىچە بىرلىككە كەلگەن چوڭ بازار» ۋە شەخسنىڭ پۇرسىتى

6. «ئورتاق بېيىش» زادى قانداق گەپ؟ «ئورتاق بېيىش»نىڭ ئادەتتىكى خەلققە قانداق تەسىرى بار؟

7. سىياسىي بىيرونىڭ ئىقتىساد خىزمىتى يىغىنى ۋە 2022-يىللىق ئىقتىساد يۈزلىنىشى

8. دۇنياغا تەسىر كۆرسەتكەن داڭلىق شەخسلەرنىڭ نادىر نوتۇقلىرى

9. ئۆتكەن 5000 كۈندىكى ئۆزگىرىشلەر ۋە كەلگۈسى 5000 كۈندىكى ئۆزگىرىش قىياسى

10. ياپونىيە نېمىشقا ئۆزىنىڭ ئىقتىسادىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشقا جۈرئەت قىلالمايدۇ؟

11. ھەر قانداق ئادەم بىلىشكە تېگىشلىك ئىنتېرنېت تارىخى: ياخۇنىڭ 100 مىليارد دوللارلىق قىممىتىدىن ۋەيران بولغۇچە!

12. تىليونېر: ئېلون ماسكنىڭ شۇنچە زور ئۇتۇق قازىنىشىدىكى سىرى نېمە؟

13. سۈنئىي ھەمراھ زەنجىرى پىلانى ۋە يەر شارىغا يېقىن ئوربېتا بايلىقىنى تالىشىش جېڭى

14. ئىقتىساد ۋە بىز: سىياسىي بىيرونىڭ 2022-يىللىق ئىقتىساد يىغىنى تەھلىلى

15. ئىقتىساد ۋە بىز: مەركەزنىڭ 2022-يىللىق ئىقتىساد يىغىنى--يۈزلىنىش ۋە پۇرسەتلەر

【声明】内容源于网络
0
0
NepKan
竭尽为您解忧,关注我们,解您的忧!
内容 296
粉丝 0
NepKan 竭尽为您解忧,关注我们,解您的忧!
总阅读206
粉丝0
内容296