

يېڭى تاجىسىمان ۋىرۇس ئانتىگېنىنى تەكشۈرۈش تەجرىبە دورىسى ۋە مۇناسىپ تەكشۈرۈش تۈرلىرى تەرتىپ بويىچە شۇ ئۆلكە (ئاپتونوم رايون، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەر)نىڭ ئاساسىي داۋالىنىش سۇغۇرتىسى داۋالاش مۇلازىمەت تۈرى مۇندەرىجىسىگە ۋاقىتلىق كىرگۈزۈلىدۇ
سۇغۇرتىغا قاتناشقۇچىلارنىڭ بەلگىلەنگەن ئاساسىي قاتلام داۋالاش ئاپپاراتلىرىدا خىراجەت قىلغان مۇناسىۋەتلىك خىراجىتى بىرتۇتاش غەملىگۈچى رايوننىڭ ھازىرقى بەلگىلىمىسى بويىچە چىقىم قىلىنىدۇ، بەلگىلەنگەن دورا پارچە سېتىش دۇكانلىرىدىن تەكشۈرۈش تەجرىبە دورىسىنى سېتىۋالغان خىراجىتىنى شەخسىي ھېسابات ئارقىلىق چىقىم قىلىشقا بولىدۇ. ھەر قايسى ئۆلكە دەرىجىلىك داۋالىنىش كاپالىتى تارماقلىرى «دۆلەت داۋالىنىش كاپالىتى ئىدارىسى ئىشخانىسى تارقاتقان يەرلىكنىڭ يېڭى تاجسىمان ۋىرۇس ئانتىگېنىنى تەكشۈرۈش تۈرلىرىنى ۋاقىتلىق يېڭىدىن قوشۇش ۋە بۇنىڭغا ئالاقىدار ئىشلار ھەققىدىكى پىكرى توغرىسىدىكى خەت» (داۋالىنىش كاپالىتى ئىشخانىسى خېتى [2022] 11-نومۇرلۇق)دىن پايدىلىنىپ، ھۆكۈمەت داۋالاش ئاپپاراتلىرىنىڭ يېڭى تاجسىمان ۋىرۇس ئانتىگېنىنى تەكشۈرۈش مۇلازىمىتى بىلەن تەمىنلەشكە دائىر باھا سىياسىتىنى سىجىل قېلىپلاشتۇرۇش ۋە ئەلالاشتۇرۇش كېرەك. جايلاردىكى تېببىي دورىلارنى مەركەزلىك سېتىۋېلىش ئاپپاراتلىرى يېڭى تاجسىمان ۋىرۇس ئانتىگېنىنى تەكشۈرۈش تەجرىبە دورىسىنى تورغا چىقىرىش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەپ، توردا سېتىۋېلىشنى پائال ئىلگىرى سۈرۈشى ھەم مەملىكەت بويىچە بىرلىككە كەلگەن داۋالىنىش سۇغۇرتىسى ئۇچۇر سۇپىسىغا تايىنىپ ئۇچۇردىن ئورتاق بەھرىلىنىشى كېرەك. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا ھېسابلاش ۋە تەكشۈرۈشنى كۈچەيتىپ، باھا، سېتىۋېلىش، چىقىم قىلىش ۋە ئۇچۇر سىستېمىسىنى ئۆزگەرتىشكە دائىر تۈرلۈك خىزمەتلەرنى ماس ئالغا سىلجىتىش كېرەك.
داۋالىنىش سۇغۇرتىسى چىقىم قىلىش دائىرىسىگە كىرگۈزۈلگەن يېڭى تاجسىمان ۋىرۇس داۋالاش دورىلىرىنى ۋاقتىدا تەڭشەش كېرەك
«دىياگنوز قويۇش ۋە داۋالاش لايىھەسى (سىناق تەرىقىسىدە يولغا قويۇلغان 9-نۇسخا)»گە يېڭىدىن كىرگۈزۈلگەن دورىلارغا قارىتا، ھەر قايسى ئۆلكە دەرىجىلىك داۋالىنىش كاپالىتى تارماقلىرى «دۆلەت داۋالىنىش كاپالىتى ئىدارىسى ۋە مالىيە مىنىستىرلىقىنىڭ يېڭى تاجسىمان ۋىرۇس بىلەن يۇقۇملانغان ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمى داۋالىنىش كاپالىتى خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش توغرىسىدىكى ئۇقتۇرۇشى» (دۆلەت داۋالىنىش كاپالىتى ئىدارىسى تېلېگراممىسى [2020] 5-نومۇرلۇق)دىكى ئالاقىدار تەلەپلەردىن پايدىلىنىپ، ئۇنى شۇ ئۆلكىنىڭ داۋالىنىش سۇغۇرتىسى فوندىدىن چىقىم قىلىش دائىرىسىگە ۋاقىتلىق كىرگۈزۈشى كېرەك؛ «دىياگنوز قويۇش ۋە داۋالاش لايىھەسى (سىناق تەرىقىسىدە يولغا قويۇلغان 9-نۇسخا)»دىن چىقىرىۋېتىلگەن ۋە ئاساسىي داۋالىنىش سۇغۇرتىسى مۇندەرىجىسىگە كىرگۈزۈلمىگەن دورىلارغا قارىتا، ھەر قايسى ئۆلكە دەرىجىلىك داۋالىنىش كاپالىتى تارماقلىرى «دىياگنوز قويۇش ۋە داۋالاش لايىھەسى (سىناق تەرىقىسىدە يولغا قويۇلغان 9-نۇسخا)» ئېلان قىلىنغان كۈندىن باشلاپ داۋالىنىش سۇغۇرتىسىدىن چىقىم قىلىشنى توختىتىشى كېرەك. ھەر قايسى ئۆلكە دەرىجىلىك داۋالىنىش كاپالىتى تارماقلىرى يېڭىدىن قوشۇلغان دورىلارنى تورغا چىقىرىش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلىشى، تېخى تورغا چىقىرىلمىغان دورىلارنى داۋالاش ئاپپاراتلىرىنىڭ ئالدى بىلەن تور سىرتىدا سېتىۋېلىپ جىددىي ئىشلىتىشىگە رۇخسەت قىلىشى كېرەك. «دىياگنوز قويۇش ۋە داۋالاش لايىھەسى (سىناق تەرىقىسىدە يولغا قويۇلغان 9-نۇسخا)»گە يېڭىدىن قوشۇلغان نەيماتېۋېي تابلېتكىسى / لىتوناۋېي تابلېتكىسىنى داۋالاش ئاپپاراتلىرى كارخانا بىلەن ئالاقىدار تارماقلار مەسلىھەتلىشىش ئارقىلىق بىرلىككە كەلگەن باھا بويىچە سېتىۋالىدۇ، داۋالىنىش سۇغۇرتىسى تارماقلىرى بەلگىلىمە بويىچە چىقىم قىلىپ بېرىدۇ.
مەنبە: جۇڭگو رادىيو تورى ئۇيغۇرچە سالونىدىن ئېلىندى.



