大数跨境

تېزدىن ئۈندىداردىكى «ئېلېكترونلۇق كىملىك»ىڭىزنى ئېلىۋېلىڭ!

تېزدىن ئۈندىداردىكى «ئېلېكترونلۇق كىملىك»ىڭىزنى ئېلىۋېلىڭ! NepKan
2022-03-22
2
导读:ھازىر تۇرمۇشىمىزدىكى نۇرغۇن ئەزالىق كارتىسى، مال سېتىۋېلىش كارتىلىرى ئەسلىدىكى ئەمەلىي كارتىدىن ئېلې

كۆپچىلىك ياخشىمۇسىلەر، يازما باشلىنىشتىن بۇرۇن كۆپچىلىككە بىر ئىشتا ئەسكەرتىش بەرمەكچىمەن: سالوننىڭ يوللاش قائىدىسى ئۆزگەرتىلگەن بولغاچقا، ئەگەر『在看』نى چېكىۋەتمىسىڭىز ياكى『星标』بەلگىسى قويۇلمىسا، يوللانغان سەرخىل يازمىلارنى كۆرەلمەسلىكىڭىز مۇمكىن! ئەگەر مەزكۇر سالوننىڭ سەرخىل مەزمۇنلىرىنى قولدىن بېرىپ قويۇشنى خالىمىسىڭىز، ئۈستى تەرەپتىكى «Nepkan» دېگەن كۆك خەتنى چېكىپ، ئاندىن ئوڭ تەرەپ ئۈستى بۇرجىكىدىكى «...» نى چەككەندىن كېيىن『设为星标』قىلىپ تاللاڭ. كۆپچىلىكنىڭ كۆڭۈل بۆلگىنىگە يەنە بىر قېتىم رەھمەت ئېيتىمەن!
---
ھازىر تۇرمۇشىمىزدىكى نۇرغۇن ئەزالىق كارتىسى، مال سېتىۋېلىش كارتىلىرى ئەسلىدىكى ئەمەلىي كارتىدىن ئېلېكتىرونلۇق ئەزالىق كارتىسى شەكلىگە ئۆزگەردى، يانفوننى ئاچساقلا ئىشلەتكىلى بولىدىغان بولدى، بۇ ھەقىقەتەن كۆپ قولايلىقلاشتى، كارتا ئېلىۋېلىشنى ئۇنتۇپ قالمايدىغان بولدۇق.
نۇرغۇن كىنىشكىلەر، مەسىلەن پىراۋا، ئىجتىمائىي كاپالەت كارتىسى قاتارلىقلارمۇ ئېلېكترونلۇق ئىكەن. بىراق كىملىكنى ئېلىكتىرونلاشتۇرۇش تېخى كەڭ كۆلەمدە ئەمەلگە ئاشمىدى.


ئەمەلىيەتتە، ھازىر ئۈندىدار ۋە چىقىمداندا، بەزى رايونلاردا ئېلېكتىرونلۇق كىملىك ئالغىلى بولىدۇ، تۆۋەندە بىرلىكتە كۆرۈپ باقايلى!
1. ئۈندىداردا ئېلېكىترونلۇق كىملىككە ئېرىشىش ئۇسۇلى
1. ئۈندىدارنى ئېچىپ، ئەپچە «ئۈندىدار ساقچى ئىسپاتى (微警认证)»نى ئىزدەپ، ئاندىن «شەخسىي ئىككىلىك كود (个人二维码)»نى تاللاڭ.


2. تىزىملاتقاندىن كېيىن، ئەسكەرتمىگە ئاساسەن مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇرلارنى تولدۇرۇپ، «ئېلېكتىرونلۇق كىملىك (电子版身份证)»كە ئېرىشكىلى بولىدۇ.


2. چىقىمدان (جىفۇباۋ)دا ئېلېكىترونلۇق كىملىككە ئېرىشىش ئۇسۇلى
1. چىقىمداننى ئېچىپ، باش بەتتىكى «كارتا بوغچىىسى (卡包)»نى چېكىپ، كىرگەندىن كېيىن «گۇۋاھنامە (证件)»نى تاللايمىز.


2. «كىملىك (身份证)» دېگەننى چېكىپ، «دەرھال قوشۇش (立即添加)»نى چېكىمىز، ئەگەر سىز كىملىكىڭىزنى يوللاپ بولغان بولسىڭىز، بىر كۇنۇپكا بىلەن بۇ كىملىكنى قوشسىڭىزمۇ، «باشقا كىملىكلەرنى قوشۇش (添加其他身份证)»نى باسسىڭىزمۇ بولىدۇ.


ئىزاھات: بەزى رايونلار قوللىماسلىقى مۇمكىن.

بۇ يەرنى بېسىپ «دەۋر تەرەققىياتى، ئىقتىساد يۈزلىنىشى ۋە كەلگۈسىدىكى بىز!» دېگەن يازمىنى كۆرۈڭ!
بۇ يەرنى بېسىپ «خېڭدانىڭ كىرىزىس ۋەقەسى ۋە بۇنىڭدىن كېيىنكى ئىقتىساد يۈزلىنىشى!» دېگەن يازمىنى كۆرۈڭ!
-----
تەۋسىيە كىتاب: شۆ جاۋفېڭ «ئىقتىساد تەپەككۇرى»
ئەگەر مەزكۇر كىتابنىڭ تولۇق مەزمۇنىغا قىزىقسىڭىز تۆۋەندىكى ئىككىلىك كودنى سىكاننېرلاپ مەزكۇر كىتابنىڭ ئۇيغۇرچە ئېلېكىتىرونلۇق نۇسخىسىنى ئوقۇڭ!


【声明】内容源于网络
0
0
NepKan
竭尽为您解忧,关注我们,解您的忧!
内容 296
粉丝 0
NepKan 竭尽为您解忧,关注我们,解您的忧!
总阅读206
粉丝0
内容296