大数跨境

بۇ خىل ئۇچۇردىن ئېھتىيات قىلىڭ!!!

بۇ خىل ئۇچۇردىن ئېھتىيات قىلىڭ!!! NepKan
2022-06-26
0
导读:ئەگەر سىزمۇ مۇشۇنىڭغا ئوخشاش ئۇچۇرنى تاپشۇرۇۋالسىڭىز، چوقۇم ئېھتىيات قىلىڭ!

يېقىندا، بىر تورداش ئۆزىنىڭ «مۇلازىمەت ئۇقتۇرۇشى» نامىدا قىسقا ئۇچۇر تاپشۇرۇۋالغانلىقىنى، كۆپلىگەن جۇغلانما نومۇرىنىڭ ئالماشتۇرۇلمىغانلىقىدىن ئۆكۈنۈش ھېس قىلغانلىقىنى بىلدۈرگەن، ئەگەر سىزمۇ مۇشۇنىڭغا ئوخشاش ئۇچۇرنى تاپشۇرۇۋالسىڭىز، چوقۇم ئېھتىيات قىلىڭ!
يېقىندا، نۇرغۇن ئىستېمالچى تيەنجىن شەھەرلىك ئىستېمالچىلار جەمئىيىتىگە «جۇغلانما نومۇرنىڭ ۋاقتى ئۆتۈپ كېتىش ئەسكەرتىشى» قىسقا ئۇچۇرىنى تاپشۇرۇۋالغانلىقىنى، جۇغلانما نومۇرنى ئالماشتۇرۇۋېلىش ئۈچۈن تور بەتنى ئاچقاندا، مەسىلە بايقىغانلىقىنى ئىنكاس قىلدى. يەنى، «ئالماشتۇرۇۋېلىش ئورنى»دىكى ماللارنىڭ سۈپىتىدە مەسىلە كۆرۈلگەندىن باشقا، باھاسىمۇ مۇنتىزىم مال سېتىۋېلىش تور بېتىدىكى ماللارنىڭ باھاسىدىنمۇ قىممەت ئىدى.
ئىستېمالچىلار قىسقا ئۇچۇر ئۇلىنىشى ئارقىلىق «ئالماشتۇرۇۋېلىش ئورنى» سۇپىسىغا كىرىپ، «جۇغلانما نومۇر+نەق پۇل» شەكلىدە مالغا ئالماشتۇرغان، مالنى تاپشۇرۇۋالغاندىن كېيىن، سۈپىتىدە مەسىلە بارلىقىنى بايقاپ مەسىلە ئىنكاس قىلماقچى بولغاندا، قارشى تەرەپ بىلەن ئالاقىلىشالمىغان. بۇ خىل شەكىلدە ئالماشتۇرۇلغان مالنىڭ باھاسى مۇنتىزىم مال سېتىۋېلىش تور بېتىدىكى ماللارنىڭ باھاسىدىنمۇ يۇقىرى بولغان. ئۈچ تىجارەت ئورنى مەزكۇر ئۇچۇر ۋە «ئالماشتۇرۇۋېلىش ئورنى» قاتارلىقلارنىڭ ئۆزى بىلەن مۇناسىۋەتسىز ئىكەنلىكىنى ئىنكاس قىلغان.
تيەنجىن شەھەرلىك ئىستېمالچىلار جەمئىيىتى تەكشۈرۈش ئارقىلىق، «جۇغلانما نومۇرنىڭ ۋاقتى ئۆتۈپ كېتىش ئەسكەرتىشى» قىسقا ئۇچۇرىدىكى ئۇلانمىنىڭ تىجارەت ئورنىنىڭ ئورگان تەرەپ ئۇلىنىشى ئەمەسلىكىنى، «ئالماشتۇرۇۋېلىش ئورنى» دىنمۇ تىجارەتچىنىڭ ئالاقىلىشىش ئۇچۇرىنى تاپقىلى بولمايدىغانلىقىنى بايقىدى.
تيەنجىن شەھەرلىك ئىستېمالچىلار جەمئىيىتى جۇڭگو كۆچمە خەۋەرلىشىشى، جۇڭگو بىرلەشمە خەۋەرلىشىشى، جۇڭگو تېلېگرافى تيەنجىن تارماق شىركىتى بىلەن سۆھبەت ئۆتكۈزدى. ئۈچ تىجارەت ئورنى مەزكۇر ئۇچۇر ۋە «ئالماشتۇرۇۋېلىش ئورنى» قاتارلىقلارنىڭ ئۆزى بىلەن مۇناسىۋەتسىز ئىكەنلىكىنى ئىنكاس قىلدى.
مۇھىم ئەسكەرتىش:
بىرىنچى، كېلىش مەنبەسى ئېنىق بولمىغان جۇغلانما نومۇرنى ئالماشتۇرۇۋېلىش ئۇچۇرىغا ئىشەنمەسلىك، ناتونۇش ئۇلانمىنى چەكمەسلىك كېرەك.
ئىككىنچى، ئۈچ تىجارەت ئورنى يان تېلېفون تېرمىنالى، كومپيۇتېر تېرمىنالى، خېرىدارلار مۇلازىمەت قىزىق لىنىيەسى قاتارلىق ئۈچ خىل ئۇسۇلدا نومۇر سۈرۈشتۈرۈش، سوۋغات ئالماشتۇرۇش قاتارلىق مۇلازىمەتلەر بىلەن تەمىنلەيدۇ، ئىستېمالچىلار مۇنتىزىم يوللار بىلەن مەشغۇلات قىلىشى كېرەك.
ئۈچىنچى، راست-يالغانلىقىغا ھۆكۈم قىلغىلى بولمايدىغان قىسقا ئۇچۇرلارغا نىسبەتەن، تىجارەت مۇلازىمەت قىزىق لىنىيەسىگە تېلېفون ئۇرۇپ مەسلىھەت سوراش كېرەك.
مەنبە: جۇڭگو رادىيو تورى ئۇيغۇرچە سالونىدىن ئېلىندى.

ئالاھىدە خوش خەۋەر:

ئەڭ يېڭى نادىر كىتاب «مالىيە تەپەككۇرى»نىڭ تەرجىمىسى ئېلان قىلىندى. بۇ يەرنى بېسىپ پايدىلىنىڭ!

1. مالىيە مەلۇمات جەدۋىلى: مالىيە مەلۇمات جەدۋىلى شىركەتنىڭ ئەھۋالىنى تولۇق گەۋدىلەندۈرۈپ بېرەلەمدۇ؟
2. مۈلۈك چېگراسى: مۈلۈكنى قانداق قىلغان توغرا بېكىتكىلى بولىدۇ؟
3. ﻣﯜﻟﯜك سەپلەش: ﺳﺎن-سىفىر ئارقىسىدىكى ﺋﯩﺸﻠﻪﭘﭽﯩﻘﯩﺮﯨﺶ ئىستراتېگىيەسى
4. قەرز تىجارىتى: يۇقىرى قەرز يۇقىرى خەۋپ-خەتەرگە باراۋەرمۇ؟
5. ﻗﻪرزنىڭ يوشۇرۇنۇشى: ﻣﻪﻟﯘﻣﺎت ﺟﻪدۋﯨﻠﻰ ﺳﯩﺮﺗﯩﺪﯨﻜﻰ ﻛﺮﯨﺰىس

6. پايدا ئىنقىلابى: تەخمىنىي توغرىلىق توغرا بولغان خاتالىقتىن ئەۋزەل!

7. پايدا سۈپىتى: سىجىل پايدا ئەڭ قىممەتلىك
8. نەق پۇل سەۋىيەسى: ئىلكىدىكى پۇل قانچە كۆپ بولسا شۇنچە ياخشى بولامدۇ؟
9. ﻧﻪق ﭘﯘل ﻗﯘرۇﻟﻤﯩﺴﻰ: ﻧﯧﻤﻪ ﺋﯜﭼﯜن ﻧﻪق ﭘﯘل ﺋﻮﺑﻮروﺗﯩﻨﻰ مەنپىي بولغان شىركەتمۇ پېيىنى بازارغا سالالايدۇ؟
10. مەلۇمات جەدۋىلىنىڭ قوشۇمچە ئىزاھاتى: خېتى قانچە كىچىك بولسا شۇنچە مۇھىم بولىدۇ
11. مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈش مۇناسىۋىتى: ھەقدار ۋە پايچىكلارنىڭ ئۆزئارا چەكلەش چارىسى
12. ﻣﻪﺑﻠﻪغ ﻳﯜرۈﺷﺘﯜرۈش ﭘﯩﺮﯨﻨﺴﯩﭙﻰ: ﻣﯘددﯨﺘﻰ ۋە ﺧﻪﺗﯩﺮﯨﻨﯩﯔ قوش ﺗﻪﯕﭙﯘﯕﻠﯩﺸﯩﺶ ﻧﯩﺴﺒﯩﺘﻰ
13. پاي ھوقۇقى قۇرۇلمىسى: AB پاينىڭ كۈچى
14. مونوپوللۇق يەككە پايچىك: سەل قاراشقا بولمايدىغان باغلىنىشلىق سودا
15. ﻣﻪﺑﻠﻪغ ﻳﯜرۈﺷﺘﯜرۈش ﺋﯧﻜﻮﻟﻮﮔﯩﻴﻪسى: قىسمەن ئەلالاشتۇرۇش ۋە ﺋﻮﻣﯘﻣﻴﯜزﻟﯜك ئەلالاشتۇرۇش

16. ئۈنۈم باشقۇرۇش: ساپ مۈلۈك پايدا نىسبىتىنى يۇقىرى كۆتۈرۈشتىكى ئەڭگۈشتەر

17. تىجارەت تەدبىرى: ئۈنۈملۈك مالىيە ئۇچۇرلىرىنى قانداق تاسقاش كېرەك؟
18. تەننەرخنى پەرقلەندۈرۈش: تىجارەت تەدبىرىنىڭ ھەل قىلغۇچ ئامىلى
19. بايلىق باشقۇرۇش: ۋاپاغا جاپا ئېففېكتىدىن ھوشيار بولۇش
20. باشقۇرۇش ئىسلاھاتى: ھەممە ئادەم بىر پارچە پايدا جەدۋىلىدۇر
21. مۇقىم مۈلۈك: سېتىۋېلىش، ئىجارىگە ئېلىش كېرەكمۇ ياكى قەرز ئېلىش كېرەكمۇ؟
22. قىممەتكە مەبلەغ سېلىش: باشقىلارنىڭ سەۋەنلىكىدىن پايدىلىنىپ پۇل تېپىش
23. كاپىتال خام چوتى: تۈر ئارىسىدا قانداق PK قىلىش كېرەك؟

24. خەۋپ-خەتەرنى مىقدارلاشتۇرۇش: قانداق قىلغاندا مەبلەغ سېلىشتا كۆڭۈلدە سان بولۇشنى ئىشقا ئاشۇرغىلى بولىدۇ؟

25. ناتۇرال قەرەللىك ھوقۇقى: مەبلەغ سېلىشنىڭ ئېنىقسىزلىقىغا تاقابىل تۇرۇش
26. خەۋپ-خەتەرنى يۆتكىۋېتىش: سۇغۇرتا ۋە جاۋابكارلىقنى ئورتاق ئۈستىگە ئېلىش
27. قوشۇۋېلىش تاكتىكىسى: كىچىكىنىڭ چوڭىنى يېيىش پاراسىتى
28. قوشۇۋېلىشنىڭ يوشۇرۇن خەۋپ-خەتىرى: سودا ئىناۋىتىدىن ئىبارەت «كۈل رەڭ كەركىدان»

29: قىممىتىنى تۆۋەنلىتىش پەيتى: زىياننى تۈگىتىشتىن ئۈمىد بولمىغاندا «چوڭ يۇيۇنۇش»قا يەتمەيدۇ

30. پايدا بۆلۈشۈش سىياسىتى: پايدىنى تەقسىملىگەن شىركەت ياخشى شىركەتمۇ؟
【声明】内容源于网络
0
0
NepKan
竭尽为您解忧,关注我们,解您的忧!
内容 296
粉丝 0
NepKan 竭尽为您解忧,关注我们,解您的忧!
总阅读206
粉丝0
内容296