大数跨境

ھەسەل تەركىبىگە باشقا ھەر قانداق نەرسىلەرنى قوشۇشقا بولمايدۇ!

ھەسەل تەركىبىگە باشقا ھەر قانداق  نەرسىلەرنى قوشۇشقا بولمايدۇ! NepKan
2022-05-07
1
导读:ھەسەل مەنبەسىنى باشقۇرۇشنى نۇقتىلىق كۈچەيتىپ، خام ئەشيا سۈپىتىنى يەنىمۇ ئۆستۈرۈش كېرەك.
ئالاھىدە تەۋسىيە: 
بۇ يەرنى بېسىپ ھادىسە تۈسىنى ئالغان نادىر كىتاب «ئىقتىساد تەپەككۇرى»نى ئوقۇڭ!
بۇ يەرنى بېسىپ ئىگىلىك تىكلەش دەستۇرى دەپ ئاتالغان نادىر كىتاب «0 دىن 1 گە» نى ئوقۇڭ!
بۇ يەرنى بېسىپ «ئۆزۈڭ ياخشى كۆرگەنگە ئۆزۈڭنى قەدىرلەت! (ئەڭ يېڭى كىتاب)» دېگەن كىتابنى كۆرۈڭ!
بۇ يەرنى بېسىپ «بىر يىلىڭىزدىن 8760 سائەت» ناملىق كىتابنى ئوقۇڭ!
بۇ يەرنى بېسىپ «ھاياتلىقتىكى 84000 خىل ئېھتىماللىق» دېگەن كىتابنى ئوقۇڭ!
بۇ يەرنى بېسىپ «كەلگۈسى ئۈچۈن يېزىلغان خەتلەر» ناملىق كىتابنى ئوقۇڭ!
بۇ يەرنى بېسىپ «باي دادام: مالىيە ئىدراكىڭىزنى ئۆستۈرۈڭ!» ناملىق كىتابنى ئوقۇڭ!
---

يېقىندا، بازارنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش باش ئىدارىسى تۈزىتىش كىرگۈزۈلگەندىن كېيىنكى «ھەسەل مەھسۇلاتلىرىنى ئىشلەپچىقىرىش ئىجازىتىنى تەكشۈرۈش تەپسىلىي قائىدىسى (2022 ـ يىللىق نۇسخىسى)» (تۆۋەندە قىسقارتىلىپ « تەپسىلىي قائىدە» دېيىلىدۇ) نى ئېلان قىلىپ، ھەسەل مەھسۇلاتلىرىنى ئىشلەپچىقىرىش، پىششىقلاپ ئىشلەشنى يەنىمۇ قېلىپلاشتۇرۇپ، ساختىلىق قىلىش، باشقا نەرسىلەرنى ئارىلاشتۇرۇشتەك قانۇنغا خىلاپ مەسىلىلەرنى نۇقتىلىق تۈزەپ، ھەسەل مەھسۇلاتلىرىنىڭ سۈپەت بىخەتەرلىكىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىپ، ھەسەل مەھسۇلاتلىرى كەسپىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈردى.


«تەپسىلىي قائىدە» دە مۇنداق كۆرسىتىلدى: ھەسەل مەنبەسىنى باشقۇرۇشنى نۇقتىلىق كۈچەيتىپ، خام ئەشيا سۈپىتىنى يەنىمۇ ئۆستۈرۈش كېرەك. كارخانىلارنىڭ خام ئەشيا ھەسىلى، ئانا ھەرە شىرنىسى (ئانا ھەرە شىرنىسىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان توڭلىتىلغان مەھسۇلاتلار)، ھەرە گۈل چېڭى بىلەن تەمىنلىگۈچى سودىگەرلەرنىڭ نىسپىي مۇقىم بولۇشىنى تەلەپ قىلدى؛ كارخانىلارنى ئۆزى ھەسەل مەنبەسى بازىسى قۇرۇشقا ياكى ھەسەل مەنبەسى بازىسى بىلەن سېتىۋېلىش كېلىشىمى تۈزۈشىگە ئىلھام بەردى؛ كارخانىلارنىڭ ھەسەلنى خام ئەشيا قىلىپ ھەسەل ئىشلەپچىقىرىشىغا ئىلھام بەردى.


«تەپسىلىي قائىدە» دە مۇنۇلار تەلەپ قىلىندى: مەھسۇلات ئىشلەپچىقىرىشنى باشقۇرۇشنى كۈچەيتىپ، ساختىلىق قىلىش ۋە باشقا نەرسىلەرنى ئارىلاشتۇرۇشتىن ساقلىنىش كېرەك. كارخانا ھەسەل، ئانا ھەرە  شىرنىسى (ئانا ھەرە شىرنىسىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان توڭلىتىلغان مەھسۇلاتلار)، ھەرە گۈل چېڭىغا باشقا ھېچقانداق نەرسە قوشۇشقا بولمايدۇ؛ ھەسەل مەھسۇلاتلىرىدىن ھەسەل، ئانا ھەرە شىرنىسى (ئانا ھەرە شىرنىسىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان توڭلىتىلغان مەھسۇلاتلار)، ھەرە گۈل چېڭى ياكى ئۇنىڭ ئارىلاشمىسىنىڭ مەھسۇلات تەركىبىدىكى مىقدارى % 50 تىن يۇقىرى بولۇش، ھەسەل خام ئەشيا قىلىنغان ھەسەل  مەھسۇلاتلىرىغا كراخمال شېكىرى، شېكەر قىيامى، شېكەر قوشماسلىق بەلگىلەندى.


«تەپسىلىي قائىدە»دە مۇنۇلار تەلەپ قىلىندى: مەھسۇلات چۈشەندۈرۈلىشى مەزمۇنىنى ئايدىڭلاشتۇرۇش كېرەك، ساختا تەشۋىقات مەنئى قىلىنىدۇ. ھەسەل مەھسۇلاتلىرىنىڭ نامىدا مەھسۇلاتنىڭ ھەقىقىي خۇسۇسىيىتىنى ئەكس ئەتتۈرۈش، ساختىلىق قىلماسلىق  كېرەك؛ ھەسەل مەھسۇلاتلىرىنىڭ نامى ھەسەل مەنبەسى ئۆسۈملۈكلىرىنىڭ نامىغا ئاساسەن قويۇلسا بولىدۇ؛ ھەسەل مەھسۇلاتىنىڭ چۈشەندۈرۈلگەن جايىغا «ھەسەل مەھسۇلاتى» دەپ ئېنىق كۆرسىتىش كېرەك ۋە  خەتنىڭ چوڭ-كىچىكلىكى باشقا خەتلەردىن كىچىك بولماسلىقى، «ھەسەل» ، «xx ھەسىلى»، «ھەسەل گۆھىرى» قاتارلىق ناملارنى ئىشلەتمەسلىكى كېرەك؛ ھەسەل مەھسۇلاتىنىڭ  تەركىبى جەدۋىلىگە ھەسەل، ئانا ھەرە شىرنىسى (تەركىبىدە ئانا ھەرە شىرنىسى بولغان توڭلىتىلغان مەھسۇلاتلار)، ھەرە گۈل چېڭى ياكى ئۇنىڭ ئارىلاشما ماددىسىنىڭ مەھسۇلات مىقدارى ياكى تەركىبىدىكى مەھسۇلات مىقدارىنى ئەينەن يېزىش كېرەك.


«تەپسىلىي قائىدە» ئېلان قىلىنغان كۈندىن باشلاپ يولغا قويۇلىدۇ. ھەسەل مەھسۇلاتى ئىشلەپچىقىرىش ئىجازىتىگە ئېرىشكەن، لېكىن ئالاقىدار تەلەپلەرگە ئۇيغۇن كەلمەيدىغان كارخانىلار  2022-يىلى 12-ئاينىڭ 31-كۈنىدىن بۇرۇن ئۆزگەرتىشنى تاماملاپ، ھەسەل مەھسۇلاتى ئىشلەپچىقىرىشقا ئىلتىماس قىلىپ ئىجازەتكە ئېرىشكەندىن كېيىن ئىشلەپچىقىرىش بىلەن شۇغۇللانسا بولىدۇ. بازارنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش باش ئىدارىسى جايلاردىكى بازارنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش تارماقلىرىنىڭ «تەپسىلىي قائىدە» نى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ھەسەل مەھسۇلاتلىرىنىڭ سۈپەت بىخەتەرلىكىنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇشىنى كۈچەيتىشنى تەلەپ قىلدى.


كۆرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز

 مەنبە: خەلق تورى

----

تەۋسىيە كىتاب: شۆ جاۋفېڭ «ئىقتىساد تەپەككۇرى»

ئەگەر مەزكۇر كىتابنىڭ تولۇق مەزمۇنىغا قىزىقسىڭىز بۇ يەرنى بېسىپ مەزكۇر كىتابنىڭ تولۇق تەرجىمىسىنىڭ ئېلېكىتىرونلۇق نۇسخىسىنى ئوقۇڭ!


【声明】内容源于网络
0
0
NepKan
竭尽为您解忧,关注我们,解您的忧!
内容 296
粉丝 0
NepKan 竭尽为您解忧,关注我们,解您的忧!
总阅读206
粉丝0
内容296