大数跨境

بۇ يىل بىر تۈركۈم ئوقۇغۇچىلار ئالىي مەكتەپتە ھەقسىز ئوقۇيالايدۇ!

بۇ يىل بىر تۈركۈم ئوقۇغۇچىلار ئالىي مەكتەپتە ھەقسىز ئوقۇيالايدۇ! NepKan
2022-05-10
0
导读:مائارىپ مىنىستىرلىقى: نىشانلىق، ھەقسىز تەربىيەلىنىدىغان تولۇق كۇرس تېببىي پەن ئوقۇغۇچىسىدىن 5918 ى ق

مەملىكەتلىك ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانى تەتۈر ساناق باسقۇچىغا كىرگەن پەيتتە، ئالىي مەكتەپكە ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىشتا يېڭىدىن كۆپەيتىلگەن كەسىپلەرگە ئالاقىدار خەۋەر كىشىلەرنىڭ دىققىتىنى قوزغىدى.

مەركىزىي تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى مالىيە-ئىقتىساد قانىلىنىڭ ئىستاتىستىكىسىغا ئاساسلانغاندا، بۇ يىل يېڭىدىن كۆپەيتىلگەن 31 تولۇق كۇرس كەسپى ئىقتىسادشۇناسلىق، قانۇنشۇناسلىق، مائارىپ ئىلىمى، تارىخشۇناسلىق، تەبىئىي پەن، سانائەت ئىلىمى، دېھقانچىلىق ئىلىمى، باشقۇرۇش ئىلىمى، سەنئەتشۇناسلىقتىن ئىبارەت توققۇز چوڭ پەن تۈرىگە تەۋە. جەمئىي 38 ئالىي مەكتەپ يېڭىدىن كۆپەيگەن كەسىپلەرنى تەكشۈرۈپ تەستىقلاشتىن ئۆتكەن بولۇپ، بۇنىڭ ئىچىدە، سانائەت پەنلىرى بويىچە 14 كەسىپ كۆپىيىپ، ئىگىلىگەن نىسبىتى ئەڭ يۇقىرى بولغان، ئۇنىڭدىن قالسا سەنئەتشۇناسلىق ۋە دېھقانچىلىق ئىلىمى كەسىپلىرى بولغان.

يېڭىدىن كۆپەيتىلگەن 31 تولۇق كۇرس كەسپى ئىچىدە، بېيجىڭ قاتناش داشۆسى ئەقلىي ئىقتىدارلىق تىرانسپورت قۇرۇلۇشى كەسپىنى، خاربىن قۇرۇلۇش داشۆسى ئەقلىي ئىقتىدارلىق دېڭىز-ئوكيان تېخنىكا كەسپىنى، غەربىي شىمال دېھقانچىلىق-ئورمانچىلىق پەن-تېخنىكا داشۆسى ئەقلىي ئىقتىدارلىق ئورمانچىلىق ۋە ئەقلىي ئىقتىدارلىق سۇچىلىق كەسپىنى يېڭىدىن كۆپەيتكەن، بۇ كەسىپلەر پۈتۈن مەملىكەتتىكى ئالىي مەكتەپلەردە تۇنجى قېتىم تەسىس قىلىندى.

مائارىپ مىنىستىرلىقى: نىشانلىق، ھەقسىز تەربىيەلىنىدىغان تولۇق كۇرس تېببىي پەن ئوقۇغۇچىسىدىن 5918 ى قوبۇل قىلىنىدۇ

7-ماي، مائارىپ مىنىستىرلىقى تور بېتىدە «مائارىپ مىنىستىرلىقى بەنگۇڭتىڭىنىڭ 2022-يىللىق مەركەز مالىيەسىدىن ئوتتۇرا، غەربىي رايونلاردىكى يېزىلارغا نىشانلىق ياردەم بېرىپ، تولۇق كۇرس تېببىي پەن ئوقۇغۇچىلىرىنى نىشانلىق ھەقسىز قوبۇل قىلىپ تەربىيەلەش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش توغرىسىدىكى ئۇقتۇرۇشى»نى ئېلان قىلدى.

ئۇقتۇرۇشتا مۇنۇلار ئوتتۇرىغا قويۇلدى: 2022-يىلى مەركەز مالىيەسى تېببىي ئالىي مەكتەپلەرنىڭ ئوتتۇرا، غەربىي رايونلاردىكى يېزا-بازارلىق شىپاخانىلارغا بەش يىللىق تۈزۈمدىكى تولۇق كۇرس تېببىي پەن ئوقۇغۇچىسىدىن جەمئىي 5918 ئوقۇغۇچىنى نىشانلىق، ھەقسىز تەربىيەلەشكە مەدەت بېرىدۇ. كەسىپلەر كىلىنىكىلىق مېدىتسىنا، جۇڭيى تېبابىتى ئىلىمى ۋە موڭغۇل تېبابىتى ئىلىمىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.

ئۇقتۇرۇشتا مۇنۇلار تەلەپ قىلىندى: تولۇق كۇرس تېببىي پەن ئوقۇغۇچىلىرىنى ھەقسىز نىشانلىق قوبۇل قىلغاندىن كېيىن، مەكتەپكە كىرىش ئۇقتۇرۇشىنى تاپشۇرۇۋېلىشتىن بۇرۇن، تەربىيەلەيدىغان ئالىي مەكتەپلەر ۋە نىشانلىق ئىشقا ئورۇنلاشتۇرىدىغان جايدىكى ناھىيە دەرىجىلىك سەھىيە-ساغلاملىق، ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت مەمۇرىي تارماقلىرى بىلەن نىشانلىق تەربىيەلەش ۋە ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش كېلىشىمى ئىمزالاش كېرەك. نىشانلىق ھەقسىز تەربىيەلىنىدىغان تولۇق كۇرس تېببىي پەن ئوقۇغۇچىلىرى تۈرىگە پەقەت يېزا ئوقۇغۇچىلىرىلا قوبۇل قىلىنىدۇ.

مەنبە: جۇڭگو رادىيو تورى ئۇيغۇرچە سالونىدىن ئېلىندى.

يۇقىرىدىكى ئىككىلىك كودنى سىكاننېرلاپ بۇ يىلقى ئارزۇ تولدۇرۇش ئىشلىرىنى چۈشىنىپ بېقىڭ، پەرزەنتىڭىزنىڭ كۆڭۈلدىكىدەك ئارزۇسى ئېقىندا روياپقا چىققۇسى!

مۇناسىۋەتلىك داشۆلەرنىڭ تونۇشتۇرۇلۇشى، كەسىپلەرنىڭ چۈشەندۈرۈلۈشى، ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىدىن ئىلگىرىكى دىققەت قىلىشقا تېگىشلىك ئىشلار، ئىمتىھاننىڭ ئالدى-كەينىدىكى پىسخىكىلىق كەيپىياتنى قانداق تەڭشەش قاتارلىق جەھەتلەردە ئېقىندىن ياخشى جاۋابقا ئېرىشەلەيسىز!

【声明】内容源于网络
0
0
NepKan
竭尽为您解忧,关注我们,解您的忧!
内容 296
粉丝 0
NepKan 竭尽为您解忧,关注我们,解您的忧!
总阅读206
粉丝0
内容296