
ئىككى تارماق پىلانلىق تۇغۇتنى يولغا قويغان ئائىلىلەرگە ئالاھىدە ياردەم بېرىش تۈزۈمى بويىچە ياردەم بېرىش ئۆلچىمىنى ئۆستۈردى
مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 5-ئاينىڭ 11-كۈنى بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: مالىيە مىنىستىرلىقى، دۆلەت سەھىيە-ساغلاملىق كومىتېتى يېقىندا بىرلەشمە ئۇقتۇرۇش چىقىرىپ، 2022-يىلى 7-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن باشلاپ، پىلانلىق تۇغۇتنى يولغا قويغان ئائىلىلەرگە ئالاھىدە ياردەم بېرىش تۈزۈمى بويىچە ياردەم بېرىش ئۆلچىمىنى ئۆستۈرىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
يالغۇز پەرزەنتى ئۆلۈپ كەتكەن ئائىلىلەرنىڭ ئالاھىدە ياردەم پۇلى ئۆلچىمى ھەر بىر ئادەمگە ھەر ئايدا 450 يۈەندىن 590 يۈەنگە ئۆستۈرۈلدى؛ يالغۇز پەرزەنتى مېيىپ بولغان ئائىلىلەرگە بېرىلىدىغان ئالاھىدە ياردەم پۇلى ئۆلچىمى كىشى بېشىغا ئېيىغا 350 يۈەندىن 460 يۈەنگە ئۆستۈرۈلدى.
1-دەرىجىلىك پىلانلىق تۇغۇت ئوپېراتسىيەسى ئەگەشمە كېسەللىكلىرىگە گىرىپتار بولغانلارغا بېرىلىدىغان ئالاھىدە ياردەم پۇلىنىڭ ئۆلچىمى ھەر بىر ئادەمگە ھەر ئايدا بېرىلىدىغان 400 يۈەندىن 520 يۈەنگە ئۆستۈرۈلدى؛ 2-دەرىجىلىك پىلانلىق تۇغۇت ئوپېراتسىيەسى ئەگەشمە كېسەللىكلىرىگە گىرىپتار بولغانلارغا بېرىلىدىغان ئالاھىدە ياردەم پۇلىنىڭ ئۆلچىمى ھەر بىر ئادەمگە ئايدا بېرىلىدىغان 300 يۈەندىن 390 يۈەنگە ئۆستۈرۈلدى؛ 3-دەرىجىلىك پىلانلىق تۇغۇت ئوپېراتسىيەسىدە ئەگەشمە كېسەللىكلەرگە گىرىپتار بولغانلارغا بېرىلىدىغان ئالاھىدە ياردەم پۇلىنىڭ ئۆلچىمى ھەر بىر ئادەمگە ئايدا بېرىلىدىغان 200 يۈەندىن 260 يۈەنگە ئۆستۈرۈلدى.
ئۆلچەمنى تەڭشەشكە كېتىدىغان مەبلەغنى مەركەز مالىيەسى بىلەن يەرلىك مالىيە ئورتاق ئۈستىگە ئالىدۇ ھەمدە بەلگىلىمە بويىچە يىللىق مالىيە خامچوتىغا كىرگۈزىدۇ، مەركەز مالىيەسى ئىش ھوقۇقى بىلەن چىقىم مەسئۇلىيىتىنى ئايرىش ئىسلاھات لايىھەسى بويىچە ياردەم مەبلىغىنى دەرىجىگە ئايرىپ ئورۇنلاشتۇرىدۇ. جايلار خىراجەتكە كاپالەتلىك قىلىش مەسئۇلىيىتىنى ھەقىقىي ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، مەبلەغ باشقۇرۇشنى كۈچەيتىپ، تەڭشەلگەندىن كېيىنكى ئۆلچەم بويىچە ئالاھىدە ياردەم پۇلى تارقىتىشقا ۋاقتىدا، تولۇق كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر
مەنبە: خەلق تورى

