大数跨境

ئۆلۈم تۆلەم پۇلىغا 2مىليون 340مىڭ يۈەن بېرىلىدۇ

ئۆلۈم تۆلەم پۇلىغا 2مىليون 340مىڭ يۈەن بېرىلىدۇ NepKan
2022-05-01
2
导读:شەھەر ـ يېزىلارنىڭ جىسمانىي زىيان تۆلىمى ئۆلچىمى 5 ـ ئاينىڭ 1 ـ كۈنىدىن باشلاپ بىر تۇتاش بولىدۇ...

شەھەر ـ يېزىلارنىڭ جىسمانىي زىيان تۆلىمى ئۆلچىمى 5 ـ ئاينىڭ 1 ـ كۈنىدىن باشلاپ بىر تۇتاش بولىدۇ


مۇخبىرنىڭ ئالىي خەلق سوت مەھكىمىسىدىن ئىگىلىشىچە، «ئالىي خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ ‹ئالىي خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ جىسمانىي زىيان تۆلىمى دېلولىرىغا قاراپ چىقىشتا قانۇننى تەتبىقلاشتىكى بىر قانچە مەسىلە توغرىسىدىكى ئىزاھاتى› غا تۈزىتىش كىرگۈزۈش توغرىسىدىكى قارارى» 2022-يىلى 5-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن باشلاپ يولغا قويۇلىدىكەن،  قاراردىكى جىسمانىي زىيان تۆلىمى ئۆلچىمى ئەسلىدىكى شەھەر-يېزىلارغا ئايرىپ ئۆلچەم بېكىتىشتىن شەھەر-بازار ئاھالىسىنى بىر تۇتاش ئۆلچەم بويىچە ھېسابلاشقا ئۆزگەرتىلىدىكەن.


ئالىي خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ ئىلگىرىكى ئەدلىيەلىك ئىزاھاتىدا مۇنداق بەلگىلەنگە: مېيىپلىق تۆلەم پۇلى، ئۆلۈم تۆلەم پۇلى شەھەر-بازار ئاھالىلىرىنىڭ كىشى بېشىغا توغرا كېلىدىغان كىرىمى ياكى يېزا ئاھالىلىرىنىڭ كىشى بېشىغا توغرا كېلىدىغان ساپ كىرىمى ئۆلچىمى بويىچە ھېسابلىنىدۇ، بېقىلغۇچىلارنىڭ تۇرمۇش خىراجىتى شەھەر-بازار ئاھالىلىرىنىڭ كىشى بېشىغا توغرا كېلىدىغان يىللىق ئىستېمال چىقىمى ۋە يېزا ئاھالىلىرىنىڭ كىشى بېشىغا توغرا كېلىدىغان يىللىق تۇرمۇش ئىستېمال چىقىمى ئۆلچىمى بويىچە ھېسابلىنىدۇ. بۇ قېتىمقى تۈزىتىشتە، مېيىپلىك تۆلەم پۇلى، ئۆلۈم تۆلەم پۇلىنى شەھەر - بازار ئاھالىلىرىنىڭ كىشى بېشىغا توغرا كىلىدىغان كىرىم ئۆلچىمى بويىچە ھېسابلاشقا، بېقىلغۇچىنىڭ تۇرمۇش خىراجىتى شەھەر -بازار ئاھالىلىرىنىڭ كىشى بېشى ئىستېمال چىقىمى ئۆلچىمى بويىچە ھېسابلاش بەلگىلەندى.


ئالىي خەلق سوت مەھكىمىسى ھەق تەلەپ 1-سوت كوللېگىيەسىنىڭ مەسئۇلى مۇنداق دېدى: شەھەر-بازار ئاھالىسىنىڭ تۆلەم  ئۆلچىمىنى بىر تۇتاش بېكىتىش ئىلگىرىكى شەھەر-يېزىلاردىكى ئوخشاش بولمىغان نوپۇستىكى ئاھالىلەرنىڭ تۆلەم سوممىسىدىكى پەرقنىڭ بىر قەدەر چوڭ بولۇشتەك ئەھۋالنى ئۆزگەرتتى. مەسىلەن، ئەرزنى قوبۇل قىلغان سوت مەھكىمىسىنىڭ بېيجىڭدىكى يېزا ئاھالىسى زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچى  ئۆلۈپ كەتكەن بولسا، ئەگەر ئىستاستىكا تارماقلىرى ئېلان قىلغان 2020-يىللىق يېزا ئاھالىسى كۆرسەتكۈچى بويىچە ھېسابلىغاندا، ئەڭ يۇقىرى بولغاندا ئۆلۈم تۆلەم پۇلى (بېقىلغۇچىنىڭ تۇرمۇش خىراجىتى ئۆلۈم تۆلەم پۇلى دائىرىسىگە كېرىدۇ) تەخمىنەن 1 مىليون 20 مىڭ يۈەنگە ئېرىشەلەيدۇ. بۇ قېتىم تۈزىتىش كىرگۈزۈلگەندىن كېيىن، يېزىلاردا ئولتۇرۇشلۇق ئاھالىلەرمۇ شەھەر-بازار ئاھالىسى كۆرسەتكۈچى بويىچە ھېسابلىنىپ، ئەڭ يۇقىرى بولغاندا ئۆلۈم تۆلەم پۇلى (بېقىلغۇچىنىڭ تۇرمۇش خىراجىتى ئۆلۈم تۆلەم پۇلى دائىرىسىگە كېرىدۇ) تەخمىنەن 2 مىليون 340 مىڭ يۈەنگە ئېرىشەلەيدۇ.


ئۇ يەنە مۇنداق دېدى: جىسمانىي زىيان تۆلەم دېلوسىدا، مېيىپلىق تۆلەم پۇلى، ئۆلۈم تۆلەم پۇلى ۋە بېقىلغۇچىنىڭ تۇرمۇش پۇلى شەھەر - بازار ئاھالىسى ئۆلچىمى بويىچە بىر تۇتاش ھېسابلىنىپ، شەھەر - يېزىلارنىڭ يۇغۇرما تەرەققىياتى ئىلگىرى سۈرۈلۈپ، خەلق ئاممىسىنىڭ، بولۇپمۇ يېزا ئاھالىلىرىنىڭ بىخەتەرلىك تۇيغۇسى ۋە ئېرىشىش تۇيغۇسى ئۈزۈكسىز كۈچەيتىلىدۇ.


كۆرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز

 مەنبە: خەلق تورى

【声明】内容源于网络
0
0
NepKan
竭尽为您解忧,关注我们,解您的忧!
内容 296
粉丝 0
NepKan 竭尽为您解忧,关注我们,解您的忧!
总阅读206
粉丝0
内容296