大数跨境

دىققەت! بۇ خىل ئوقۇش گۇۋاھنامىلىرىگە ۋاقتىنچە ئىسپات بېرىلمەيدۇ!

دىققەت! بۇ خىل ئوقۇش گۇۋاھنامىلىرىگە ۋاقتىنچە ئىسپات بېرىلمەيدۇ! NepKan
2022-03-29
1
导读:كۆپچىلىك ياخشىمۇسىلەر، يازما باشلىنىشتىن بۇرۇن كۆپچىلى

كۆپچىلىك ياخشىمۇسىلەر، يازما باشلىنىشتىن بۇرۇن كۆپچىلىككە بىر ئىشتا ئەسكەرتىش بەرمەكچىمەن: سالوننىڭ يوللاش قائىدىسى ئۆزگەرتىلگەن بولغاچقا، ئەگەر『在看』نى چېكىۋەتمىسىڭىز ياكى『星标』بەلگىسى قويۇلمىسا، يوللانغان سەرخىل يازمىلارنى كۆرەلمەسلىكىڭىز مۇمكىن! ئەگەر مەزكۇر سالوننىڭ سەرخىل مەزمۇنلىرىنى قولدىن بېرىپ قويۇشنى خالىمىسىڭىز، ئۈستى تەرەپتىكى «Nepkan» دېگەن كۆك خەتنى چېكىپ، ئاندىن ئوڭ تەرەپ ئۈستى بۇرجىكىدىكى «...» نى چەككەندىن كېيىن『设为星标』قىلىپ تاللاڭ. كۆپچىلىكنىڭ كۆڭۈل بۆلگىنىگە يەنە بىر قېتىم رەھمەت ئېيتىمەن!
---

24-مارت، مائارىپ مىنىستىرلىقىنىڭ چەت ئەلدە ئوقۇش مۇلازىمەت مەركىزى ئۇقتۇرۇش چىقىرىپ مۇنداق دېدى: يۇقۇم مەزگىلىدە چەت ئەلدىكى بەزى ئالىي مەكتەپلەر ئوخشاش بىر دەرسنى بىرلا ۋاقىتتا يۈزتۇرا ئوقۇتۇش (يۇقۇمنىڭ تەسىرىدە توردا دەرس ئۆتۈشكە تەڭشەش ئەھۋالىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ) ۋە يىراق مۇساپىلىك ئوقۇتۇش قاتارلىق دەرس ئۆتۈش ئەندىزىسىنى تەسىس قىلدى، بۇ يەردە چەت ئەلدە ئوقۇيدىغانلارغا مۇنداق ئالاھىدە ئەسكەرتىش بېرىمىز: «مائارىپ مىنىستىرلىقى چەت ئەلدە ئوقۇش مۇلازىمەت مەركىزىنىڭ دۆلەت (چېگرا) سىرتىدىكى ئوقۇش تارىخى، ئىلمىي ئۇنۋانىغا ئىسپات بېرىش ۋە ئۇنى باھالاش چارىسى»گە ئاساسەن، چېگرا ھالقىغان يىراق مۇساپىلىك ئوقۇتۇش ئارقىلىق ئېرىشكەن دۆلەت (چېگرا) سىرتى ئوقۇش تارىخى گۇۋاھنامىسى، ئىلمىي ئۇنۋان گۇۋاھنامىسى ۋە ئالىي مائارىپ ئوقۇش سالاھىيىتى ۋاقتىنچە مەركىزىمىزنىڭ ئىسپات بېرىش دائىرىسىگە كىرمەيدۇ، چەت ئەللەردە ئوقۇيدىغانلار دەرس ئەندىزىسىنى تاللىغاندا بۇنى پەرقلەندۈرۈشكە دىققەت قىلىشى كېرەك.


ئۇقتۇرۇشتا، «يېڭى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمى مەزگىلىدە چەت ئەلدە ئوقۇيدىغانلارنىڭ ئوقۇش تارىخى ۋە ئىلمىي ئۇنۋانىغا ئىسپات بېرىش خىزمىتى توغرىسىدىكى تولۇقلىما ئىزاھات (2)»قا دائىر سوئاللارغا تۆۋەندىكىدەك  جاۋاب بېرىلدى:


1. «يېڭى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمى مەزگىلىدە چەت ئەلدە ئوقۇيدىغانلارنىڭ ئوقۇش تارىخى ۋە ئىلمىي ئۇنۋانىغا ئىسپات بېرىش خىزمىتى توغرىسىدىكى تولۇقلىما ئىزاھات (2)» نېمە ئۈچۈن ئېلان قىلىنىدۇ؟ 

جاۋاب: 
يۇقۇم كۆرۈلگەندىن بۇيان، مەركىزىمىز چەت ئەلدە ئوقۇيدىغان ئوقۇغۇچىلارنىڭ ھاياتى بىخەتەرلىكى ۋە ساغلاملىقىنى بىرىنچى ئورۇنغا قويۇشتا چىڭ تۇردى، چېگرا سىرتىدىكى مەكتەپلەر يۈزتۇرا ئوقۇش ئۇسۇلى بويىچە قوبۇل قىلغان ئوقۇغۇچىلار يۇقۇمنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىغانلىقتىن قىسمەن دەرسلەرنى ياكى بارلىق دەرسلەرنى توردا ئوقۇشنى تاللاشقا مەجبۇر بولدى، ئۇلار چېگرا سىرتىدىكى مەكتەپلەر بەلگىلىگەن ئىلمىي ئۇنۋان بېرىش شارائىتىنى ھازىرلىغاندىن كېيىن ئېرىشكەن ئىلمىي ئۇنۋانلىرىغا مەركىزىمىز نورمال ئېتىراپ قىلىش ئىسپاتى بېرىدۇ. لېكىن، قىسمەن چېگرا سىرتىدىكى مەكتەپلەر ۋە ۋاسىتىچى ئاپپاراتلار پايدا ئېلىشنى مەقسەت قىلىپ، پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ مەخسۇس يىراق مۇساپىلىك دەرس تەسىس قىلىپ، قوبۇل قىلىش ئۆلچىمىنى تۆۋەنلىتىپ، ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش كۆلىمىنى كېڭەيتىپ، «ئوقۇشقا كىرىشكە ھۆددە قىلىش، ئوقۇش پۈتكۈزۈشكە ھۆددە قىلىش، ئىسپات ئېلىشقا ھۆددە قىلىش» قاتارلىق يالغان تەشۋىقاتلارنى تارقىتىپ، چەت ئەلدە ئوقۇيدىغان ئوقۇغۇچىلارنىڭ مەنپەئەتىگە زىيان يەتكۈزدى. 
بۇ خىل ئۇسۇل ئارقىلىق ئېرىشكەن دىپلوم گۇۋاھنامىسى «مائارىپ مىنىستىرلىقى چەت ئەلدە ئوقۇش مۇلازىمەت مەركىزىنىڭ دۆلەت (چېگرا) سىرتىدىكى ئوقۇش تارىخى، ئىلمىي ئۇنۋانىغا ئىسپات بېرىش ۋە ئۇنى باھالاش چارىسى» بويىچە مەركىزىمىزنىڭ ئىسپات بېرىش دائىرىسىدە ئەمەس. شۇنىڭ ئۈچۈن، چەت ئەلدە ئوقۇيدىغان ئوقۇغۇچىلارنىڭ ھوقۇق-مەنپەئەتىنى تېخىمۇ ياخشى قوغداش، چەت ئەلدە ئوقۇيدىغان ئوقۇغۇچىلارنىڭ مائارىپ سۈپىتىگە كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن، مەركىزىمىز «يېڭى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمى مەزگىلىدە چەت ئەلدە ئوقۇيدىغانلارنىڭ ئوقۇش تارىخى ۋە ئىلمىي ئۇنۋانىغا ئىسپات بېرىش خىزمىتى توغرىسىدىكى تولۇقلىما ئىزاھات (2)»نى ئېلان قىلىپ، ئوقۇغۇچىلار ۋە ئائىلە باشلىقلىرىغا يۈكسەك ھوشيارلىقنى ساقلاپ، ئالدىنىپ قېلىشتىن ئېھتىيات قىلىش، مەنپەئەتى زىيانغا ئۇچراشتىن ساقلىنىشنى يەنە بىر قېتىم ئەسكەرتتى. 


2. يۇقۇم مەزگىلىدە توردا ئۆگىنىش ئارقىلىق ئېرىشكەن گۇۋاھنامە ئېتىراپ قىلىنامدۇ؟ 

جاۋاب: 
ئەسلىدە يۈزتۇرا ئوقۇتۇش ئۇسۇلى بىلەن ئوقۇيدىغان ئوقۇغۇچىلار يۇقۇمنىڭ تەسىرىگە ئۇچراپ، ئالىي مەكتەپلەر رۇخسەت قىلغان ئەھۋال ئاستىدا قىسمەن ياكى بارلىق دەرسلەرنى توردا ئوقۇغان بولسا، ئېرىشكەن دۆلەت (چېگرا) سىرتىدىكى چەت ئەل تىلىدىكى گۇۋاھنامىسىگە ئىسپات ئېلىشى تەسىرگە ئۇچرىمايدۇ. 


3. چېگرا ھالقىغان يىراق مۇساپىلىك ئوقۇتۇش ئارقىلىق ئېرىشكەن دۆلەت (چېگرا) سىرتىدىكى ئوقۇش تارىخى گۇۋاھنامىسى ۋە ئىلمىي ئۇنۋان گۇۋاھنامىسىگە ئىسپات ئېلىشقا بولامدۇ؟ 

جاۋاب: 
مەركىزىمىز دۆلەت (چېگرا) سىرتىدىكى ئوقۇش تارىخى ۋە ئىلمىي ئۇنۋانغا ئىسپات بېرىشنى قانات يايدۇرغاندىن باشلاپلا، سىرتتىن ئوقۇتۇش، يىراق مۇساپىلىك ئوقۇتۇش ۋە تور مائارىپى قاتارلىق ئوقۇتۇش ئۇسۇلى ئارقىلىق ئېرىشكەن دۆلەت (چېگرا) سىرتىدىكى ئوقۇش تارىخى گۇۋاھنامىسى، ئىلمىي ئۇنۋان گۇۋاھنامىسى ياكى ئالىي مائارىپ دىپلومى مەركىزىمىزنىڭ ئىسپات بېرىش دائىرىسىگە كىرگۈزۈلمىدى. 2022-يىل 3-ئاينىڭ 24-كۈنى ئېلان قىلىنغان «يېڭى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمى مەزگىلىدە چەت ئەلدە ئوقۇيدىغانلارنىڭ ئوقۇش تارىخى ۋە ئىلمىي ئۇنۋانىغا ئىسپات بېرىش خىزمىتى توغرىسىدىكى تولۇقلىما ئىزاھات (2)»تىكى «چېگرا ھالقىغان يىراق مۇساپىلىك ئوقۇتۇش ئارقىلىق ئېرىشكەن دۆلەت (چېگرا) سىرتى ئوقۇش تارىخى گۇۋاھنامىسى، ئىلمىي ئۇنۋان گۇۋاھنامىسى ۋە ئالىي مائارىپ ئوقۇش سالاھىيىتى ۋاقتىنچە مەركىزىمىزنىڭ ئىسپات بېرىش دائىرىسىگە كىرمەيدۇ» دېگەن مەزمۇندا كۆزدە تۇتۇلغان ئوقۇتۇش ئۇسۇلى تەسىس قىلىنغان دەرسلەرنىڭ ئوقۇتۇش ئۇسۇلى ئەسلىدىنلا يىراق مۇساپىلىك ئوقۇتۇش ئۇسۇلى بولغان ئەھۋاللارغا قارىتىلغان بولۇپ، يۇقۇمنىڭ تەسىرىگە ئۇچراپ، يۈزتۇرا ئۆتۈلىدىغان دەرسلەر توردا ئۆتۈلگەن ئەھۋاللارنى كۆرسەتمەيدۇ.

مەنبە: جۇڭگو رادىيو تورى ئۇيغۇرچە سالونىدىن ئېلىندى.

بۇ يەرنى بېسىپ «دەۋر تەرەققىياتى، ئىقتىساد يۈزلىنىشى ۋە كەلگۈسىدىكى بىز!» دېگەن يازمىنى كۆرۈڭ!
بۇ يەرنى بېسىپ «خېڭدانىڭ كىرىزىس ۋەقەسى ۋە بۇنىڭدىن كېيىنكى ئىقتىساد يۈزلىنىشى!» دېگەن يازمىنى كۆرۈڭ!
-----
تەۋسىيە كىتاب: شۆ جاۋفېڭ «ئىقتىساد تەپەككۇرى»
ئەگەر مەزكۇر كىتابنىڭ تولۇق مەزمۇنىغا قىزىقسىڭىز تۆۋەندىكى ئىككىلىك كودنى سىكاننېرلاپ مەزكۇر كىتابنىڭ ئۇيغۇرچە ئېلېكىتىرونلۇق نۇسخىسىنى ئوقۇڭ!


【声明】内容源于网络
0
0
NepKan
竭尽为您解忧,关注我们,解您的忧!
内容 296
粉丝 0
NepKan 竭尽为您解忧,关注我们,解您的忧!
总阅读206
粉丝0
内容296