大数跨境

بۇ پۇل ئۆستۈرۈلدى! ھەر بىر ئادەمگە 5290 يۈەندىن تۆۋەن بولمايدۇ

بۇ پۇل ئۆستۈرۈلدى! ھەر بىر ئادەمگە 5290 يۈەندىن تۆۋەن بولمايدۇ NepKan
2022-05-09
2
导读:شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي پاناھلاندۇرۇش ئۆلچىمىنىڭ ئۆستۈرۈلۈش دەرىجىسى ئەڭ زور بولغان بىر قېتىملىقى بولۇپ

شىنجاڭدا شەھەر-يېزىلارنىڭ تۆۋەن تۇرمۇش كاپالىتى ئۆلچىمى داۋاملىق ئۆستۈرۈلدى

ئوتتۇرىچە %10تىن %15كىچە ئۆستۈرۈلدى

مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 5-ئاينىڭ 9-كۈنى بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ئىشلىرى نازارىتىدىن ئىگىلىنىشىچە، 2022-يىلى، شىنجاڭدا شەھەر-يېزىلارنىڭ ئەڭ تۆۋەن تۇرمۇش كاپالىتى ئۆلچىمى داۋاملىق ئۆستۈرۈلۈپ، شەھەر-يېزىلاردىكى قىيىنچىلىقى بار ئاممىنىڭ ئاساسىي تۇرمۇش سەۋىيەسىنىڭ ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىيات سەۋىيەسى بىلەن ماس قەدەمدە ئۆسۈشىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىنغان. ئاپتونوم رايون بويىچە شەھەرلەرنىڭ تۆۋەن تۇرمۇش كاپالىتى ئۆلچىمى ئوتتۇرا ھېساب بىلەن %10، يېزىلارنىڭ تۆۋەن تۇرمۇش كاپالىتى ئۆلچىمى ئوتتۇرا ھېساب بىلەن %15 ئۆستۈرۈلگەن. بۇ، شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي پاناھلاندۇرۇش ئۆلچىمىنىڭ ئۆستۈرۈلۈش دەرىجىسى ئەڭ زور بولغان بىر قېتىملىقى بولۇپ ھېسابلىنىدىكەن.

  ئاپتونوم رايون بويىچە شەھەر تۆۋەن تۇرمۇش كاپالىتى يېتەكچى ئۆلچىمى ھەر بىر ئادەمگە ئايدا 560 يۈەندىن 616 يۈەندىن تۆۋەن بولماسلىققا ئۆستۈرۈلگەن. يېزا تۆۋەن تۇرمۇش كاپالىتى يېتەكچى ئۆلچىمى ھەر بىر ئادەمگە يىلىغا 4600 يۈەندىن 5290 يۈەندىن تۆۋەن بولماسلىققا ئۆستۈرۈلگەن.

  ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ئىشلىرى نازارىتى ئىجتىمائىي پاناھلاندۇرۇش ئىدارىسىنىڭ ئالاقىدار مەسئۇلى تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: يېڭى ئۆلچەم 2022-يىلى 1-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن باشلاپ ئىجرا قىلىنىدۇ. بۇ يىل 1-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن كېيىن ئەسلىدىكى ئۆلچەم بويىچە ئىجتىمائىي قۇتقۇزۇش، ياردەم مەبلىغى ئالغانلار يېڭى ئۆلچەم بويىچە تولۇقلىما ئالسا بولىدۇ. جايلار، ئالاقىدار تارماقلار ئىجتىمائىي پاناھلاندۇرۇش ئۆلچىمىنى ئۆستۈرۈش خىزمىتىگە يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىپ، ۋاقتىدا، تولۇق تارقىتىشقا كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى

----

تەۋسىيە كىتاب: شۆ جاۋفېڭ «ئىقتىساد تەپەككۇرى»

ئەگەر مەزكۇر كىتابنىڭ تولۇق مەزمۇنىغا قىزىقسىڭىز بۇ يەرنى بېسىپ مەزكۇر كىتابنىڭ تولۇق تەرجىمىسىنىڭ ئېلېكىتىرونلۇق نۇسخىسىنى ئوقۇڭ!


【声明】内容源于网络
0
0
NepKan
竭尽为您解忧,关注我们,解您的忧!
内容 296
粉丝 0
NepKan 竭尽为您解忧,关注我们,解您的忧!
总阅读206
粉丝0
内容296