大数跨境

دىققەت: بۇ خىل «گۇۋاھنامە» بېرىش قىلمىشلىرى قاتتىق تەكشۈرۈلىدۇ!

دىققەت: بۇ خىل «گۇۋاھنامە» بېرىش قىلمىشلىرى قاتتىق تەكشۈرۈلىدۇ! NepKan
2022-05-10
1
导读:«جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى»، «جۇڭگو»، «جۇڭخۇا»، «دۆلەت»، «مەملىكەت» قاتارلىق سۆزلەرنى بەلگىلىمىگە خىلا

ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت مىنىستىرلىقى، مەركەز تور بىخەتەرلىكى ۋە ئۇچۇرلاشتۇرۇش ئىشخانىسى يېقىندا ئۇقتۇرۇش تارقىتىپ، جەمئىيەتتە قانات يايدۇرۇلۇۋاتقان تېخنىك خادىملار ۋە كەسپىي تېخنىكا خادىملىرىنى تەربىيەلەش، گۇۋاھنامە بېرىش ھەرىكىتىگە قارىتا، ساختا تەشۋىقات ئېلىپ بېرىش، كۆپتۈرۈپ تەشۋىق قىلىش، ئۇقۇمنى قەستەن ئارىلاشتۇرۇۋېتىش، جەمئىيەتنى خاتا يېتەكلەش مەسىلىلىرىنى، شۇنداقلا تاراتقۇلاردا خەۋەر قىلىنغان، ئاممىنىڭ ئىنكاسى كۈچلۈك بولغان مەسىلىلەرنى چۆرىدىگەن ھالدا توردىكى «ساختا گۇۋاھنامە»لەرنى تۈزەش خىزمىتىنى قانات يايدۇرۇشنى ئورۇنلاشتۇردى. 

ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت مىنىستىرلىقىنىڭ ئالاقىدار مەسئۇلى مۇنۇلارنى بىلدۈردى: «بىز قانۇن-بەلگىلىمىگە خىلاپ بىر تۈركۈم ھېسابات نومۇرى ۋە سۇپىلارنى قەتئىي تاقاپ، قانۇن-بەلگىلىمىگە خىلاپ بىر تۈركۈم تور بېكەتلىرى ۋە ئۇچۇرلارنى تازىلاپ، كەڭ خەلق ئاممىسىغا تەربىيەلىنىش، گۇۋاھنامە ئېلىشقا دائىر سەمىمىي، ئادىل ئاممىۋى پىكىر مۇھىتى يارىتىپ بېرىمىز». 
تونۇشتۇرۇلۇشىچە، بۇ قېتىمقى تۈزەش خىزمىتىدە تۆۋەندىكى ئەھۋاللارنى تەكشۈرۈش، كۆزىتىش ۋە بىر تەرەپ قىلىش مۇھىم نۇقتا قىلىنىدىكەن: 

«جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى»، «جۇڭگو»، «جۇڭخۇا»، «دۆلەت»، «مەملىكەت» قاتارلىق سۆزلەرنى بەلگىلىمىگە خىلاپ ئىشلىتىش؛ 

«كەسپىي سالاھىيەت»، «كەسىپ بىلەن شۇغۇللىنىش سالاھىيىتى»، «خىزمەتچى سالاھىيىتى»، «ئىش ئورنى لاياقىتى»، «كەسپىي تېخنىكا ۋەزىپىسى»، «كەسپىي ماھارەتنى باھالاش»، «كەسپىي ماھارەت دەرىجىسى» قاتارلىق سۆزلەرنى بەلگىلىمىگە خىلاپ ئىشلىتىش؛ 

«ھۆكۈمەت ئاساسلىق تەۋسىيە قىلغان»، «XX مىنىستىرلىقى»، «ئەسلىدىكى XX مىنىستىرلىقى»، «ۋاكالىتەن ئىمتىھان بېرىمىز»، «ئىمتىھاندىن ئۆتۈشكە ھۆددە قىلىمىز»، «ئىمتىھاندىن ئۆتەلمىسىڭىز ھەقنى قايتۇرىمىز»، «تېز تەربىيەلەش»، «ئىشقا ئورۇنلىشىشقا ھۆددە قىلىمىز»، «XX كۈندە گۇۋاھنامە ئېلىشقا ھۆددە قىلىمىز» «ھېچقانداق كەسپىي ئاساسىڭىز بولمىسىمۇ گۇۋاھنامە ئېلىشقا ھۆددە قىلىمىز»، «ئايلىق مائاشىڭىز 10 مىڭ يۈەندىن ئاشىدۇ»، «يۇقىرى مائاشلىق ئىشقا ئورۇنلىشالايسىز»، «كۇرسنى پۈتتۈرسىڭىز يۇقىرى مائاشلىق ئىش ئورنىغا تونۇشتۇرىمىز»، «ئىچكى قىسىمدا خىزمەتكە تونۇشتۇرىمىز» دېگەندەك سۆزلەرنى ئىشلىتىش؛ 

جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ دۆلەت گېربى بەلگىسىنى قانۇنغا خىلاپ ھالدا ئىشلىتىش، شۇنىڭدەك ئۇقۇمنى قەستەن ئارىلاشتۇرۇۋېتىپ، خىزمەت ئىزدەش ئەندىشىسىنى ئۇلغايتىپ، كىشىلەرنى قايمۇقتۇرۇپ كۆپتۈرمىچىلىك قىلىش قاتارلىق باشقا ئەھۋاللار.

ئۇقتۇرۇشقا ئاساسەن، جايلاردىكى تور بىخەتەرلىكى ۋە ئۇچۇرلاشتۇرۇش تارماقلىرى ۋە ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت تارماقلىرى نۇقتىلىق تور بېكەت-سۇپىلارنىڭ خەۋپ-خەتەر نۇقتىلىرىنى ئالدىن رەتلىشىگە ھەيدەكچىلىك قىلىپ، مەسىلە، يوچۇقلارنى تەكشۈرۈپ، مەزمۇننى تەكشۈرۈپ باشقۇرۇشنى كۈچەيتىپ، قانۇن-بەلگىلىمىگە خىلاپ ئۇچۇرلارنى ۋاقتىدا ئېنىقلاپ، تور بېكەت-سۇپا ۋە ھېسابات نومۇرلىرىدىكى تەربىيەلەش، گۇۋاھنامە بېرىشكە ئالاقىدار تەشۋىقات ھەرىكىتىنى تەكشۈرۈپ نازارەت قىلىشنى كۈچەيتىش، قانۇن-بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلغان تور بېكەت-سۇپا ۋە ھېسابات نومۇرلىرىنى ۋاقتىدا بىر تەرەپ قىلىپ، تىپىك دېلولارنى تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىپ، مۇۋاپىق پەيتتە ئاشكارىلىشى كېرەك.

مەنبە: جۇڭگو رادىيو تورى ئۇيغۇرچە سالونىدىن ئېلىندى.

يۇقىرىدىكى ئىككىلىك كودنى سىكاننېرلاپ بۇ يىلقى ئارزۇ تولدۇرۇش ئىشلىرىنى چۈشىنىپ بېقىڭ، پەرزەنتىڭىزنىڭ كۆڭۈلدىكىدەك ئارزۇسى ئېقىندا روياپقا چىققۇسى!

مۇناسىۋەتلىك داشۆلەرنىڭ تونۇشتۇرۇلۇشى، كەسىپلەرنىڭ چۈشەندۈرۈلۈشى، ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىدىن ئىلگىرىكى دىققەت قىلىشقا تېگىشلىك ئىشلار، ئىمتىھاننىڭ ئالدى-كەينىدىكى پىسخىكىلىق كەيپىياتنى قانداق تەڭشەش قاتارلىق جەھەتلەردە ئېقىندىن ياخشى جاۋابقا ئېرىشەلەيسىز!


【声明】内容源于网络
0
0
NepKan
竭尽为您解忧,关注我们,解您的忧!
内容 296
粉丝 0
NepKan 竭尽为您解忧,关注我们,解您的忧!
总阅读206
粉丝0
内容296