大数跨境

ئۇ نېمىشقا بىر ئاي ئىشلەپمۇ يەنە شىركەتكە قەرزدار بولۇپ قالىدۇ؟

ئۇ  نېمىشقا بىر ئاي ئىشلەپمۇ يەنە شىركەتكە قەرزدار بولۇپ قالىدۇ؟ NepKan
2022-05-11
1
导读:男子上班28天倒欠公司3280元!咋回事?

يېقىندا بىر تورداش ماقالە ئېلان قىلىپ، سىچۈەن ئۆلكىسى باجۇڭ شەھىرىدىكى بىر ئەرنىڭ ھاراق شىركىتىگە بېرىپ سېتىش خىزمەتچىسى بولغانلىقى، 20 نەچچە كۈن ئىشلىگەندىن كېيىن ئەكسىچە شىركەتكە 3000 يۈەندىن ئارتۇق قەرز بولۇپ قالغانلىقىنى ئېيتقان.
7-ماي، مۇخبىر ماقالىدە تىلغا ئېلىنغان ئەر جاۋ xx بىلەن ئالاقىلەشتى. جاۋ xx مۇخبىرغا ئۆزىنىڭ 3-ئاينىڭ ئاخىرلىرىدا باجۇڭ شەھىرىدىكى بىر ھاراق كارخانىسىدا مال ساتقۇچى بولۇپ ئىشلىگەنلىكىنى ئېيتىپ مۇنداق دېدى: «مەن ئۇ شىركەتكە بارسام ھاراق ساتقۇچى بولۇپ ئىشلەۋاتقان ئوندىن ئارتۇق ئادەم بار ئىكەن، شىركەت 7 كۈنلۈك كۆزىتىش مەزگىلى بارلىقىنى، ئەڭ تۆۋەن مائاشنىڭ 3000 يۈەن ئىكەنلىكىنى ئېيتتى. مەن كۆپچىلىك بىلەن بىرلىكتە ھاراق سېتىشقا مەسئۇل بولدۇم، بەزىدە ئارقا سەپ ئىشلىرىغا ياردەملىشىپ ماشىنا ھەيدەپ بەردىم».

جاۋ xx ئىشلىگەن شىركەت، جاڭ ياڭ فوتوسى

4-ئاينىڭ ئوتتۇرىلىرىدا، جاۋxx  ئۆيىدە ئىشى چىقىپ قالغانلىقتىن شىركەتكە كېلەلمىگەچكە شىركەت مەسئۇلى ئۇنى مال ساتقۇچىلىق خىزمىتىدىن ھەيدىدى. يېقىندا جاۋ xx ئۈندىدار ئارقىلىق شىركەتنىڭ مالىيەسىگە مەسئۇل لى xx بىلەن ئالاقىلىشىپ مائاش سانلىق مەلۇمات جەدۋىلىگە ئېرىشتى. ئەسلىدە مائاشىم چىقىدۇ دەپ ئويلىغان جاۋ xx بۇنى كۆرۈپ ئەرۋاھى ئۇچتى. چۈنكى سانلىق مەلۇماتتا كۆرسىتىلىشىچە، ئۇ شىركەتكە 3280 يۈەن قەرز بولۇپ قالغان ئىدى. بۇ ۋاقىتتا جاۋ xx ئۆزىنىڭ ئالدانغانلىقىنى ھېس قىلدى.
جاۋ xx تەمىنلىگەن شىركەتنىڭ باھالاش سانلىق مەلۇمات جەدۋىلىدە كۆرسىتىلىشىچە، ئۇ 2022-يىلى 3-ئاينىڭ 22-كۈنىدىن 4-ئاينىڭ 18-كۈنىگىچە جەمئىي 28 كۈن ئىشلىگەن.
جەدۋەلدە كۆرسىتىلىشىچە، شىركەت تىجارەت خادىملىرىغا تۆۋەندىكىدەك تەلەپلەرنى قويغان: ھەر ئايدا دوستلار چەمبىرىكىگە 50 تال ئۇچۇر يوللاش، بىرى كەم بولسا مائاشىدىن 50 يۈەن تۇتۇش؛ دوستلار چەمبىرىكىنى تاقىۋېتىشكە بولمايدۇ، ھەر كۈنى 10 دوست قوشۇش، بىرى ئاز بولۇپ قالسا مائاشىدىن 10 يۈەن تۇتۇش؛ خىزمەت ۋاقتى 26 كۈندىن كەم بولماسلىق، توپقا يوللىغان ئۇچۇرى ھەر كۈنى 10 پارچىدىن كەم بولماسلىق، بىرى كەم بولسا مائاشىدىن 10 يۈەن تۇتۇش؛ ھەر كۈنلۈك خىزمەت خۇلاسىسى 50 خەتتىن ئاز بولماسلىق، بىر كۈن يوللىمىسا مائاشىدىن 10 يۈەن تۇتۇش؛ مەزكۇر شىركەتنىڭ سېتىش ئۇچۇرلىرىدىن باشقا سېتىش ئۇچۇرلىرىنى يوللاش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ، بىر پارچە يوللىسا مائاشىدىن 100 يۈەن تۇتۇپ قېلىش.
شىركەتنىڭ باشقۇرۇش سانلىق مەلۇمات جەدۋىلىدىن قارىغاندا، جاۋ xx ھەقىقەتەن شىركەتكە 3280 يۈەن قەرز بولغان ئىدى.

جاۋ xxنىڭ سېتىشنى باھالاش سانلىق مەلۇماتى

8-ماي، مۇخبىر جاۋ xx ئىشلىگەن شىركەتكە بېرىپ بۇ ئىشنى ئىگىلىدى، مەزكۇر شىركەتنىڭ مەسئۇلى ۋاڭ xx مۇخبىرغا، جاۋ xxنىڭ ھەقىقەتەن باھالاشتا لاياقەتسىز بولغانلىقى ئۈچۈن شىركەت تەرىپىدىن ھەيدەلگەنلىكىنى، مۇناسىۋەتلىك سانلىق مەلۇمات جەدۋىلىنى جاۋ xxكە يوللاپ بەرگەنلىكىنى ئېيتتى.
ۋاڭ xx مۇنۇلارنى بىلدۈردى: شىركەت جاۋ xxكە قارىتا ۋاكالەتچىلىك تۈزۈمىنى يولغا قويغان بولۇپ، مۇقىم سوممىلىق ئاساسىي مائاش بېكىتمىگەن. ئەمما ئەڭ تۆۋەن بولغاندا 3000 يۈەن مائاش بېرىلىدىغانلىقى، بۇنىڭ ئۈچۈن چوقۇم شىركەتنىڭ باشقۇرۇشىغا بويسۇنۇشى بەلگىلەنگەن. سېتىلغان ھاراقنىڭ قىزىل باھا سىزىقى (ئاساسىي باھاسى) بار بولۇپ، قىزىل باھا سىزىقىدىن ئاشقان قىسمى سېتىش خادىملىرىغا تەۋە بولىدىكەن ھەمدە شۇ كۈنىلا بۇ پۇلنى ئالالايدىكەن.
ۋاڭ xx يەنە مۇنداق دېدى: ھاراق ساتقان پۇلنىڭ پىرسەنتىنى شۇ كۈنىلا ئالالايدىغانلىقىنى جاۋxx مۇ بىلىدۇ.
جاۋxx نىڭ شىركەتكە 3280 يۈەن قەرز بولۇپ قالغانلىقى توغرىسىدا ۋاڭ xx  مۇخبىرغا مۇنداق دېدى: ۋەزىپىنى ئورۇنداش ناھايىتى ئاسان، ئەمما جاۋ xx شىركەتنىڭ تەلىپى بويىچە دوستلار چەمبىرىكىگە ئۇچۇر يوللاش قاتارلىق خىزمەتلەرنى تاماملىمىغان.
جاۋ xxنىڭ خىزمەت جەريانىدىكى ئىپادىسىگە قارىتا ۋاڭ xx مۇنۇلارنى بىلدۈردى: ئەسلىدە 7 كۈنلۈك كۆزىتىش مەزگىلى بار ئىدى، ئەينى ۋاقىتتا ئۇ كۆزىتىش مەزگىلىدىكى باھالاشتىن ئۆتەلمىگەن. جاۋ xx توختام تۈزمەي 28 كۈن ئىشلىگەن، لېكىن باھالاشتىن يەنىلا ئۆتەلمىگەچكە خىزمەتتىن ھەيدەلگەن.
بۇ ئىشقا قارىتا ئادۋوكات مۇنداق دەپ قارىدى: ئەمگەك توختامى قانۇنىدىكى بەلگىلىمە بويىچە، ئەمگەكچى ئىشقا چۈشكەن كۈندىن باشلاپ ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇن بىلەن ئەمگەك مۇناسىۋىتى ئورنىتىلغان بولىدۇ، بىر ئاي ئىچىدە يازما ئەمگەك توختامى تۈزۈشى شەرت. تەلەپ بويىچە، ئەمگەكچى ئەمگەك مەجبۇرىيىتىنى نورمال ئادا قىلسىلا، ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇن شۇ جاينىڭ ئەڭ تۆۋەن مائاش ئۆلچىمىدىن تۆۋەن بولمىغان ھەق بېرىشى كېرەك.
مۇخبىرنىڭ ئىگىلىشىچە، جاۋ xx شىركەت بىلەن يۈزتۇرانە سۆزلىشىپ، بۇ ئىشنى كېڭىشىپ بىر تەرەپ قىلىدىكەن.
مەنبە: جۇڭگو رادىيو تورى ئۇيغۇرچە سالونىدىن ئېلىندى.
---
تۆۋەندىكى يازمىلار سىزگە زور نەپ بېرىشى مۇمكىن:
1. «مەملىكەت بويىچە بىرلىككە كەلگەن چوڭ بازار» سىياسىتىنى قانداق چۈشىنىمىز؟
2. «مەملىكەت بويىچە بىرلىككە كەلگەن چوڭ بازار» ۋە شەخسنىڭ پۇرسىتى
3. «ئورتاق بېيىش» زادى قانداق گەپ؟ «ئورتاق بېيىش»نىڭ ئادەتتىكى خەلققە قانداق تەسىرى بار؟
4. دۇنياغا تەسىر كۆرسەتكەن داڭلىق شەخسلەرنىڭ داڭلىق نوتۇقلىرى
5. ئۆتكەن 5000 كۈندىكى ئۆزگىرىشلەر ۋە كەلگۈسى 5000 كۈندىكى ئۆزگىرىش قىياسى
6. ياپونىيە نېمىشقا ئۆزىنىڭ ئىقتىسادىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشقا جۈرئەت قىلالمايدۇ؟
7. ھەر قانداق ئادەم بىلىشكە تېگىشلىك ئىنتېرنېت تارىخى: ياخۇنىڭ 100 مىليارد دوللارلىق قىممىتىدىن ۋەيران بولغۇچە!
8. ئېلون ماسكنىڭ شۇنچە زور ئۇتۇق قازىنىشىدىكى سىرى نېمە؟
【声明】内容源于网络
0
0
NepKan
竭尽为您解忧,关注我们,解您的忧!
内容 296
粉丝 0
NepKan 竭尽为您解忧,关注我们,解您的忧!
总阅读206
粉丝0
内容296